ئابدۇشۈكۈر قاسىم
ئىگىسىگە قايىتقان تېلفۇن
ھېكايە
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، ئىدارە بىلەن ئائىلە ئوتتۇرسىدا قاتراپ كۈنلىرىنى بىر خىل رېتىمدا ئۆتكۈزگەن ئەخمەت خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كېلىشىگە بېكەتتە خېرىدار ساقلاپ تۇرۇشقان شوپۇرلار تەرەپ-تەرەپتىن بىر-بىرى بىلەن قىزغىنىشقاندەك، ئۇلارنى ماشىنىسىغا خېرىدارلىق قىلىشىتى.ئەخمەت نۆۋىتى كەلگەن كىچىك ماشىنىغا چىقىپ، شوپۇرلارنىڭ تالاش-تارتىشىنى بېسىقتۇردى.
ماشىنا شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئەخمەت ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى مەنزىرلەردىن ھوزۇرلانغاچ، ماشىىندىن ياڭرىغان لىرىك كۈيدىن سېھىرلىنىپ بىردەمدىلا كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى. ماشىنا ئالاھەزەل بىرەرسائەتتە شەھەرگە يېتىپ كېلىپ بېكەتكە كىردى. ئەخمەت بىرى نوقۇغاندەك بولۇپ كۆزىنى ئاچقاندا ئوغلى دىلشات ئۇنى ئويغۇنۇشقا دەۋەت قىلىپ دولىدىن يېنىك تۈرتكەن ئىدى. ئۇلار بېكەتتىن چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توسۇپ، يېڭىبازارغا يۈرۈپ كەتتى. دىلشاد ماشىنىدا ئولتۇرۇپ شەھەر مەنزىرىسىگە تويماي قاراپ، ئاتا-ئانىسىدىن توختىماي ھەرخىل سوئاللارنى سورايتى. تەخمىنەن ئون بەش مىنۇتلاردىن كېيىن يېڭىبازارغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېڭىبازارئىچىگە كىرگەندە يېڭىبازار ئىچى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. تەرەپ-تەرەپتە سودىگەرلەر ئۆز ماللىرىنى ماختاپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. خېرىدارلار ھەسەل ھەرىسى گۈل شىرنىسىگە ئولاشقاندەك سودىگەرلەرنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ ئۇلار بىلەن باھا تالىشاتتى. ئەخمەت خوتۇن-بالىلىرى بىلەن بازارنى خالىغىنىچە ئايلىنىپ ئۆزلىرىگە لازىملىق نەرسىلەردىن ئېلىپ، تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت ئولتۇرۇپ ھېيىتگارغا بارماقچى بولۇپ، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت توختايدىغان يەرگە كېلىشتى.
ھېيىتگارغا بارىدىغان يەردە ئۈچ-تۆت ھارۋىكەش ھەدەپ خېرىدار چاقىرىشىۋاتاتتى. قارامتۇل كەلگەن، ئوتتۇرا بوي، يېشى37-38 ياشلاردىكى بىرەيلەننىڭ توكسىكلىتىغا ئولتۇرۇپ ھېيتىگارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئارلىقتا ئەخمەتكە خزمەتدىشى تۇرسۇندىن تېلفۇن كەلدى. ئەخمەت تۇرسۇن بىلەن قىسقىلا كۆرۈشۈپ خوشلىشىپ تېلفۇنىنى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى. ئۇلار ئولتۇرغان ئۈچ چاقىلىق توكسىكلىت مەنزىلگە يەتكۈچە توكسىكلىتتىن نەچچە ئادەم چۈشۈپ، نەچچە ئادەم چىقىپ دېگۈدەك توكسىكلىت ئاخىرى مەنزىلگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار توكسىكلىتتىن چۈشۈپ كىرا پۇلىنى تۆلىۋەتكەندىن كېيىن ھېيتىگارغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. بۇ يەردىدىمۇ ئادەملەر مىغ-مىغ ئىدى. تۇيۇقسىز ئەخمەت يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ يۈرىكى خۇددى توك تېپىۋەتكەندەك جىغ قىلىپ،چىرايى بىر قىسما بولۇپ كەتتى. ئەخمەت ئالدىراپ ھەممە يانچۇقلىرىنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىقتى. بۇنىڭىدىن بىر كۆڭۈلسىزلىكىنى سەزگەن ئەخمەتنىڭ ئايالى دەرھال ئەخمەتتىن:
-ۋىييەي! ئەخمەت، چىرايىڭىز باشقىچىغۇ؟ بىرەر نەرسىڭىز يوقمۇ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئەخمەت ئايالىغا تېلفۇنىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىۋىدى، ئايالىنىڭ چىرايىمۇ بىردە باشقىچە بىر تۈسكە كىرىپ، نېمە قىلىشىنى، نېمە دېيىشنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇ دەقىقىدە ئەخمەت شەھەرگە كەلگىنىگە مىڭبىر پۇشايمان قىلماقتا ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ يۈتتۈرگىنى ئادەتتىكى تېلفۇن بولماستىن بەلكى نەچچە مىڭ يۈەنلىك «ئايفون» ماركىلىق تېلفۇن ئىدى. ئەخمەت ئۇنى تېخى ئالدىنقى ئايدا سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا خېلى كۆنۈپ قالغان ئىدى. ئەستاغپۇرۇللا، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەكمۇ؟ قايسى ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ؟ ئاۋۇ دوقمۇشتىكى ساقچى پونكىتىدىكىلەرگە دېسەم قانداق بولار؟ بوپتۇ ساقچىغا مەلۇم قىلغانمۇ بولاي، ئۇلار بۇ ئادەم دېڭىزىدىن ئۇ تېلفۇننى نەدىن، كىمدىن تاپىدۇ؟... ئەخمەت چاقماق تىزلىكىدە كاللىسىدىن يۇقارقىدەك سوئاللارنى بىر قۇر ئۆتكۈزدى. بىراق ھېچقايىسىسىنى خوپ كۆرمىدى. ئەخمەت نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئايالىنىڭ كۆزىگە قارىدى، ئايالى تېخىچە ھاڭۋېقىپ ماخمۇتقا قاراپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز ئايالىنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى-دە چىرايى سەل ئەسلىگە كېلىپ ئەخمەتكە:
-ئىنىمگە تېلفۇن قىلىپ باقايلى!، ئۇ تاختا كوچىسى ساقچىخانىدا ئىشلەيدۇ ئەمەسمۇ؟ دېدى. ئەخمەت ئايالىغا تېلفۇن قىلساڭ قىل دېگەندەك باش لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى.
تېلفۇن ئۇلاندى. قارشى تەرەپتىن ئەخمەتنىڭ قېينىئىنسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇلار بىردەم تېنىچلىق سوراشقاندىن كېيىن ئەخمەتنىڭ ئايالى ئاساسى مەخسەتكە ئۆتۈپ، ئىنىسىگە بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردى. ئىنىسى ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھازىر خىزمەت ئىشى بىلەن باشقا بىر ناھىيەگە كېتىپ قالغانلىقى، بىراق ئۇلارنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتىن چۈشكەن يەرگە بېرىپ، بايا ئۆزلىرى ئولتۇرغان توكسىكلىتچىنى تېپىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت توختايدىغان يەرگە كېلىشتى. ئەتراپقا سەپسېلىپ قاراپ، سەپنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغان بايىقى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتچىنى تونۇپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. توكسىكلىتچى دەرھال ئۇلارنى توكسىكلىتقا چىقارماقچى بولدى. بىراق، ئەخمەتنىڭ ئايالى تېلفۇننى ئىنىسىگە ئۇلاپ، تېلفۇننى توكسىكلىتچىغا تەڭلىدى. توكسىكلىتچى دەمالى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي ھەيرانلىقتا تېلفۇننى قۇلىقىغا تۇتتى. ئۇلار بىرھازا پاراڭلاشقاندىن كېيىن توكسىكلىتچى تېلفۇننى ئەخمەتنىڭ ئايالىغا قايتۇرۇپ بەردى. ئەخمەتنىڭ ئايالى ئىنىسى بىلەن تېلفۇندا بىر نېملەرنى دېيىشىپ خوشلاشتى. ئاڭىغىچە توكسىكلىتچى ئەخمەتتىن تېلفۇننىڭ تەخمىنەن قەيەردە يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى، ماركىسى، رەڭگى قاتارلىقلارنى سوراپ بىر نەچچەيلەن بىلەن تېلفۇندا ئۇزاق سۆزلەشتى. سۆزلىششىش جەريانىدا بىرسىگە:-ئاداش، بىزنى بۇ كوچىدا جان باققىلى قويۇپ، تېلفۇننى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىڭلار! بۇ قېتىم يامان ئادەمگە ئۇچراپ قاپسىلەر، كىمگە دەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ تەۋەلىكتىكى ئا ساقچىنىڭ تۇغقىنى ئىكەن. قولۇمدا يوق دەمسىلەر؟ نەدىن بولمىسۇن دەرھال تېپىپ قايتۇرۇپ كېلىڭلار! ئا ساقچى كېلىپ قالسا ھەر ئىككىمزگە ياخشى كۈن يوق. دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى. بىراق، شۇنداقتىمۇ ئۇنى تۈرلۈك سوئاللار قايمۇقتۇرۇپ تۇراتتى. ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە ئەخمەتنىڭ تېلفۇنى ئىگىسىگە قايىتتى. بۇ قېتىم بۇ تېلفۇن ئانچە-مۇنچە پەدازلىنىپ، چىرايلىق بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بىراق خۇرۇم چاپىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- w. J) l( a: z$ k) H5 X
ئىجادىيىتىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- O8 i9 H' Z! A" M
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-13 10:21 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# r6 l2 Q5 T+ z. v- P) J" [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. x+ b9 }3 L* L2 r5 i& H+ ^