مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3852|ئىنكاس: 15

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول چولپىنى دىلارە دىلشاتنى زىيارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98195
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 465 سائەت
تىزىم: 2013-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 10:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   1112171987_14085930963431n[1].jpg


  - شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى دىلارە دىلشاتنى زىيارەت
 نەنجىڭ ياشلار ئولىمپېك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقچىسى، ئاسىيا ياشلار، ئاياللار ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى U16, U18 گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى، WCBA (جۇڭگو ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى) چېمپىيونى... بۇ دەل شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى دىلارە دىلشات.
ئەمدىلا قۇرۇلغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى تېخى ياش قوشۇن بولۇپ، كوماندىدىكى 15 ئەزانىڭ ھەممىسى بېيجىڭدا مەشىق قىلماقتا. مەشىق ئارىلىقىدا مۇخبىرلىرىمىز جۇڭگو ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى يېڭى چولپاننى زىيارەت قىلدى.

  «مەن يۇرتۇمدىكى كوماندىدا يېتىلىمەن»
  «مەن يۇرتۇمدىكى كوماندىدا يېتىلىمەن». دىلارە دىلشاتنىڭ ئېگىزلىكى 193 سانتىمېتىر بولۇپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئەڭ ئېگىز توپچىلارنىڭ بىرى؛ ئۇ 1997- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا 18 ياش بولۇپ،كوماندىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك توپچى.
  يۇرتىغا قايتىپ توپ ئويناشنى باشلىغان دىلارە دىلشات ناھايىتى ھاياجانلاندى، تۇنجى كۈندىكى مەشىقتە ئۇ يارىلاندى. كوماندا 8-فېۋرالدىن باشلاپ، ئالدىنقى مۇسابىقە مەزگىلىدىكى CUBA (جۇڭگو ستودېنتلار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى)دىكى ئاياللار كوماندىسىنىڭ چېمپىيونى بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، دىلارە دىلشات مەيداننىڭ چېتىدە نومۇر ھېسابلىغاچ بۇ مۇسابىقىگە مەسئۇل بولدى.
  دىلارە دىلشات سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى مۇسابىقە مەزگىلىدىكى مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتىم، سەنشى كوماندىسىدا تۇرغىنىمدا، كۆپىنچە مەيدان سىرتىدا ئۆگىنىش قىلاتتىم؛ گۇاڭدوڭ كوماندىسىدا تۇرغىنىمدا مەيدانغا چىقىش پۇرسەتلىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ناھايىتى چەكلىك بولدى». ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇنىڭ ھەقىقىي يېتىلىشىدىكى سۇپا بولالايدىكەن.

   «مەن شىنجاڭ كوماندىسىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنى تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىتىمەن»
دىلارە دىلشات يەنە ناھايىتى كەمتەر بىلەن: «مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچۈمنىڭ يۇرتۇمدىكى توپ كوماندىسىغا ياردىمى بولماسلىقىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن»، دېدى. ئۇ ئون يېشىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ گۇاڭدوڭغا بېرىپ توپ ئوينىغان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە مەيدانىدا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
  داڭلىق ۋاسكېتبولچى دۇ فېڭ دىلارە دىلشاتنىڭ «تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى». كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا دىلنار دىلشاتنىڭ بويى ئېگىز بولسىمۇ، ۋاسكېتبول جەھەتتىكى تەبىئىي تالانتىنى ئانچە ئاشكارىلىمىغان ئىدى. ئۇ «دۇ فېڭ ئاكام بىلەن ئاتا- ئانامنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا، دۇ فېڭ ئاكام مېنىڭ شوخلۇقۇمنى كۆرۈپ، ۋاسكېتبول ئويناشقا تەۋسىيە قىلىدۇ»، دېدى،
  2011- يىلى7- نۆۋەتلىك شەھەرلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دىلارە دىلشات نومۇر ئېلىش شاھى ۋە گاردىن توپ ئېلىش شاھى بولدى، مۇسابىقە مەيدانىدا %65 لىك گارغا كىرگۈزۈش نىسبىتى بىلەن 22 نومۇر ئالغاندىن سىرت، 10.5 قېتىملىق ھۇجۇمنى گار ئالدىدا توسۇپ قېلىپ، 3.5 قېتىملىق توپنى تارتىۋېلىپ شۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۆز نامىنى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ۋاسكېتبول كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتەك قەتئىي ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.
  دىلارە دىلشاتنىڭ دائىم: «مەن ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغنىڭ <ئىسىم كارتوچكىسى> ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» دەيتتى. بۇنىڭدىن دىلارە دىلشاتنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك جاسارەتنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «مەن چوقۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كوماندىسىغا ياردەم بېرىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەيمەن».
  دىلارە دىلشات مۇنداق دېدى: چەت، يىراق رايونلاردىكى بالىلارمۇ سىرتلارغا چىقىپ جاھاننى كۆرۈشى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشى كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۆگەنگەندىلا، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى ياراتقىلى بولىدۇ. خەۋەرلەردىن، تۇغقان، دوستلىرىمدىن دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنىڭ شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى، ئۆسمۈرلىرىگە كەلتۈرگەن زىيىنىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن مۇشۇ كوماندىنىڭ نەتىجىسى، ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىنى- سىڭىللىرىمغا كۈرەش قىلىش ئۈمىدى ۋە نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  دىلارە دىلشات مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي كوماندىسىنىڭ سىرتقى دۇنيانىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى كۆۋرۈك، رىشتە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن كەسپىي ھاياتىمنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەلچى بولۇپ، ئاكتىپ كۈچكە تولغان شىنجاڭلىق بولۇشنى خالايمەن.
  «يۇرتۇمدا توپ ئوينىسام، بەك پەيزى بولىدىكەن!»، دىلارە دىلشات يېڭى مۇسابىقە مەزگىلىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتنىشىش ھېسسىياتىنى ئەينەن ئىپادىلىدى.

  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

rdn_5357062143871[1].jpg
SXRB201408210829000490032154180[1].jpg
u=604973275,2444510838&fm=11&gp=0[1].jpg
W020140817546815344339[1].jpg
1112171987_14085930445931n[1].jpg
u=2499951002,76668068&fm=21&gp=0[1].jpg
u=1295907119,697313291&fm=21&gp=0[1].jpg



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 01:39:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۇمدا توپ ئوينىسام، بەك پەيزى بولىدىكەن!


ياخشى بولۇپتۇ، دىلارەنىڭ كەسپىي ھاياتىغا شەرەپ ۋە ئۇتۇقلار تىلەيمىز.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:19:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4985
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:25:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلارەنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ شان-شۆھرەتلىك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .بىزدىكى ۋاسكىتبول ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.بىز تولۇقسىز ئۇقۇيدىغان ۋاقىتتا مەكتەپتە ۋاسكىتبول مەيدانى يوق ئىدى .يەنە بىرقىسىم مەكتەپلەردە يوق ئىكەن .بىراق بىزدىكى ئاممىۋى تەنتەربىيە قىزغىنلىقى ،پۇتبۇل قىزغىنلىقىغا ئوخشاش ۋاسكىتبول ھەرىكىتىمۇ پات ئارىدا ئۇيغۇر مېللىتىگە تونۇشلۇق تەنتەربىيە ھەرىكىتى بولۇپ ئومۇملىشىشىغا ئىشىنىمەن .   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 11:26 AM  


دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:45:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ سىڭلىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20352
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6987
تۆھپە نۇمۇرى: 554
توردا: 1087 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:46:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەشىق دىگەننى ۋەھشىي قىپتۇ جۇما . يوتىسى مىنىڭ يوتامدىن چوڭ تۇرمامدۇ بۇ قىزنىڭ

شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى تور ئادىرىسى: http://xjmac.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12338
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7702 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 12:45:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتىمىز ۋاستىكبولچىلىغىدىن  ئۈمۈت تۇغۇلۇپتۇ مانا ، غەيرەت قىلىڭ دىلارە.........

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4708
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 01:46:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەدەن سىياقىدا يەنە ئۆسۈش ۋە بەدەن چوڭىيىش بولغۇدەك...ئىشقىلىپ چىڭ چىنىقىپتۇ بۇ قىز...

ئاران ئون سەككىز ياشقا كىرىپتۇ.لىكىن بەدەن خىلىلا تەرەقىي قىلغانكەن.قىز ئاياللارنىڭ بەدىنى تەخمىنەن 35 ياشقىچە ئۆسۈش ۋە چوڭىيىش ھالىتىدە بولىدىكەن.شۇنداق ھىسابلىغاندا مەشىقنى داۋام قىلىۋەرسە ئامېرىكىلىق ئاياللاردىنمۇ قاۋۇل بولۇپ كەتكۈدەك.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100052
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 02:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلارە خان   ئاتالمىش ‹دوست› دەيدىغان ئاداشلىنى ھازىرچە نېرى تاشلاپ،ئۆزىگە پۇختا بولۇپ،ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇپ مىللەت -ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە يارىتىڭ...داۋاملىق سەھەر تۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ...اللە نۇسرەت قىلسۇن...! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىبنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 02:03 PM  


بۇ يۈرەك ئاللاھقا سىغىنىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92772
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1180
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 02:19:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەردىن شىرئەلىجان بىز ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە ۋاكالىتەن نامايەن قىلغان ئەمدى،ئەمدىلىكتە قىزلاردىن دىلارە چىقىپتۇ بىز بۇنىڭدىن مەمنۇن بولدۇق، بىزگىمۇ مۇشۇنداق ئۆزىنى تونۇتۇش پۇرسىتى بىرەلەيدىغان سەھنىلارنىڭ بولىشى لازىم ئىدى ، دىلارەقىزدىن بىز زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولسۇن دىلارە

ئۇلۇغ ئۈستۈن ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش