ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى بارلىق قىرىنداشلار مەن ئالدىنقى قىتىم يازغان (مۇھەببەت ھىكايىسى)سىلەرگە ياقتىمۇياكى ياقمىدىمۇ بۇنى بىلمىدىم لىكىن بۇقىتىم بىشىمنى چوڭ قىلىپلا فانتازىيىلىك
ھىكايە يىزىپ قويدىم،سەل چوڭ يەرگە ئىسىلۋالغان بولساممۇ كاللامدا پىشىرۇپ قويدىم.ياخشى چىقىشىغا
ئىشەنچىم بار.
ئەسكەرتىش:يۇرەك كىسىلى بارلار ۋە جىددىلەشسە بولمايدىغانلا ئوقىماڭلا،بەك قوقۇنۇشلىك چىقىدۇ دەپ
ئويلايمەن ئۆزەمچە
.gif)
.يەنە بىر گەپ بۇھىكايە (مۇھاببەت ھىكايىسىنىڭ) داۋامى بۇلۇپ داۋاملىشىدۇ.
ئۇرۇمچىگە كىلىپ مەكتەپكە تىزىملاتتىم،ئاندىن نەۋرە ئاكام بىلەن بىرىگە ئىجارە ئۆي تاپتۇق.ئاكام مىنى
ئەكەپ قۇيۇپلا ئىشىم بار دەپ چىقىپ كەتتى.يالغۇزلۇق يامانكەن ئاخىرى چىدىماي كومپىيۇتىرنى قوزغىتىپ
مۇنبەر كۆرۇشكە باشلىدىم.بىردەمدە كەچ بۇلۇپتۇ سائىتىمگە قاردىم سائەت 7:50ئۆتكەن ئىدى.سىرىتقا چىقىپ
ئاشخانا ئىزدىدم، بىر ئاشخانىغا كىرىپ لەغمەندىن بىرنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ ساقلاپ ئولتۇردىم.ئالدىمدىكى
ئۇستەلدە ئولتۇرغانلارنىڭ گىپى قۇلقىمغا چۇپ قالدى.
(-ئاڭلىدىڭمۇ يەنە بىر ئادەم يوقاپ كىتىپتۇ.
-ئاڭلىدىم يەنىلا قاتىلنى تاپالماپتۇ.
-ھەي بۇ 12-سى يانا نەچچە ئادەم يوقىغاندا توختا بۇ.
-شۇشۇ كەچتە سىرىتقا چىقما جۇمۇ.
-ھە بولىدۇ سەنمۇ ئۆزىڭنى ئاسىرا.)
ئۇلار شۇنداق دىيشىپ بۇلۇپ چىقىپ كەتتى،مەنمۇ ئۆزەم بىلەن ئاران بولغاچقا ئۇلارنىڭ گىپىنى ئانچە ئىتىبارغا
ئىلىپ كەتمىدىم.كەچ بولغاندا ئۆيگە كىرىپ ياتتىم،ئۇقۇم كەلمىدى خىياللار بىلەن ياتاتتىم تۇيۇقسىز سىرتتىن
ۋايجان دەپ ۋاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى.بۇئاۋاز تولىمۇ ئىچىنىشلىق ئىدى.دىرىزىدىن سىرتقا قارىدىم.يولدا ھىچ
ئىنسان يوق ئىدى.كوچا دوقمىشىدا بىر نەچچە ئادەم تۇراتتى قارماققا ئۇلار بىر نەرسىنى تالشىۋاتقاندەك
تۇراتتى.بەلكىم خاتا ئاڭلىۋالغان ئوخشايمەن دەپ يوتقنغا كىرپ ياتتىم.
قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.سەھەر سائەت 5بولغان چاغدا ئىشىك سىرتىدىنلا (-قۇتقۇزۇڭلا،ئادەم
بارمۇ)دىگەن ئىچىنىشلىق ئاۋاز ئاڭلاندى،ئورنىمدىن سەكلەپ تۇردىم ئىشىكنىڭ مۇشۇك كۆزىدىن سىرىتقا
قارىدىم ھىچ ئادەم باردەك ئەمەس لىكىن بىر سىنىڭ ئاشپاقىلارچە بىر نەرسە يىگەن ئاۋازى بار ئىدى.
ئىشىكنى ئىچىپ سىرىتقا چىقتم،كۆڭلۈم ئىلىشىپ كەتتى بىر يۇز-كۆزىدە قان دىدارى يوق ئادەم يەنە بىرئادەمنى پەلەنپەيگە ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ئىچ-باغرىنى يەۋاتاتتى.ئۇمىنى كۆرۇپ خۇددى غالجىر ئىتلاردەك خىرىس
قىلدى.قورقۇپ كەتكىنىمدىن ئۆيگە يىنىپ كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋەتتىم،نىمە ئىش بۇ؟ئۇئادەممۇ ياكى باشقا
نەرسىمۇ؟كاللامدىن نۇرغۇن سوئاللار كەچتى لىكىن بىرسىگىمۇ جاۋاپ يوق ئىدى،ئۆي ئىچىدە ئۇيان-بۇيان
ماڭدىم.تەخمىنەن بىرەر سائەتتىن كىيىن ئەسلىمگە ئاستا-ئاستا كەلدىم.
ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولدۇم،تىلفۇنۇمنى ئىلىپ 110غا تىلفۇن قىلدىم ئادىرسىمنى ئىيتىپ بىرىپ
ئۆيدە ئولتۇرۇپ بايامقى ئىشنى ئويلاشقا باشلىدىم،ئويلىغانسىرى قورقاتتىم 5مىنۇتتىن كىيىن ساقچىلا
يىتىپ كەلدى.ئۆيۇمىنڭ ئىشكىنى چەكتى.كىملىكىنى سوراپ بىلگەندىن كىيىن ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك
ئالدىدا ئىككى ساقچى تۇراتتى ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدىم،قىسقىغىنە سالام سائەتتىن كىيىن ئۇلار گەپ
سوراشقا باشلىدى.
(-ئىسمىڭىز نىمە؟
-ئىرشات
-نەچچە ياش؟
-19
-سىز دىلو مەلۇم قىلغانمۇ؟
-شۇنداق مەن مەلۇم قىلغان.)
ئۇلارغا سىرتتىكى جەسەتنى كۆردىڭ لارمۇ دىسەم ماڭا خۇددى ساراڭ ئادەمگە قارغاندەك قاراپ كەتتى
ئۇلارنى سىرىتقا باشلاپ چىقىپ
ئۇلارغا كۆگەنلىرىمنى دەپ بەردىم ئۇلار باشتا ئىشەنمىدى لىكىن قان داغلىرى ۋە گۆش پارچىللىرنى كۆرۈپ
ئىشەندى بولغاي ئون نەچچە ساقچى كىلىپ نەق مەيداننى تەكشۇردى،مىنىڭ ئۆيۇم ئەڭ ئۇستىنكى قەۋەتتە
بولغاچقا نەق مەيدان بۇزۇلمىغان ئىدى.تەكشۇرۇشتىن بۇنىڭ راستىنلا ئادەمنىڭ قىنى ۋە ئادەمنىڭ گۆشى
ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
ساقچىلار بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا ئىيىتماسلىقىمنى تاپىلىدى ۋە يەنە كىلىدىغىنىنى ئىيتىپ قايتىپ كەتتى
مىنڭمۇ بۇ ئۆيدە تۇرۇشقا كۆڭلىم ئۇنىماي سىرىتقا چىقىپ كەتتىم.....