ئوغرى يىگىتنىڭ سەرگۈزەشتىسى(1)
قىران123
بىز بۈگۈن «خىزمىتىمىز»نى تۈگىتىپ دائىم بارىدىغان بەزمىخانىغا ھاراق ئىچكىلى ماڭدۇق . مەن دائىملا ئۇزۇن ئولتۇرماي بالىلار بىلەن خوشلىشاتتىم ، بۈگۈن بالىلارنىڭ زورلىشى بىلەن خېلى ئۇزۇن ئولتۇردۇم . بىز كىرگەندە ئانچە جىقمۇ ئادەم يوق ئىدى ، بىردەمدىلا بەزمىخانا ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى .
قورسىقىم ئاغرىپ كېتىپ بالىلارغا دەپ قويۇپ ھاجەتخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، ماڭغاچ ئەتىراپقا كۆز يۈگىرىتەتتىم ، ئەتىراپتىكىلەر بىردىن قىزنى يېنىغا ئەكېلىۋېلىپ ھاراق ئىچىۋاتاتتى ، بىرسى مىنى چاقىرغاندەك قىلدى ئارقامغا قارىسام ھېچكىم چاقىرماپتۇ ، شۇنداق ئالدىمغا قاراپ مېڭىشىمغا بىرسىگە قاتتىق ئۈسىۋالدىم ، ئۇ ئاقپىشماق ، بەستىلىك كەلگەن تۇنۇش چىرايلا بىرسى ئىدى . بىراق شۇنچەئويلىساممۇ ئۇنى نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىدىم . تۇيۇقسىزلا ئۇ ماڭا :
-كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ؟- دەپ ۋارقىرىدى ، مەنمۇ مەسچىلىكتە :
-سەن قاراپ قاڭغاندىكىن ماڭا ئۈسمىسەڭ بولمامدۇ- دەپ ۋارقىرىدىم . بىردەمدىلا ئىككىمىز گىرەلىشىپ گال سىقىشىپ كەتتۇق . بالىلار مېنىڭ بىرسى بىلەن ئۇرىشىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ، يېنىمغا ئۈندى ھەم ئۇنى بىرلىشىپ تازا ساۋىدۇق . ئاخىرىدا باشقىلار بىزنى ئارىۋالدى ، بالىلار بىلەن سۇرىنىمىزغا قايىتتۇق . مەن ھاراق ئىچكەچ ئۇنى ئويلاۋاتاتتىم ، ئۇ چىراي سىماسى ماڭا تولىمۇ تۇنۇش ، بىراق دەمالىققا ئۇنى ئەسلىيەلمىدىم . مەن شۇلارنى ئۇيلاپ قورسىقىمنىڭ ئاغرىغانلىقىنىمۇ ئۇنتىغانىدىم . بىزمۇ سورۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياتىقىمىزغا قايىتتۇق ، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىپ ماڭدى مەن بولسام ئۇنى ئويلايتىم .
بىر كۈنى مەن بازار ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۇنى ئۇچىرىتىپ قالدىم ھەم ئۇنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنىڭ پورتمالىنى غەنىمەت ئالدىم . مەن ئۇنىڭ پورتمالىنى ئېلىپ خالىراق بىر يەرگە بېرىپ ئاختۇرۇشقا باشلىدىم . ئاھ خۇدا !!!!! مەن نىمىش قىلىپ قويدۇم ، كىملىكتىكى دەل شۇ ، دەل مېنىڭ كىچىكىمدە بىرگە ئوينايدىغان ئەڭ يېقىن دوستۇم ، ئۆيىمىزنى بىر يوللا ئايرىپ تۇرىدىغان قوشنام رۇستەم ئىدى . مەن پورتمالنى يەنە ئاختۇردۇم ئۇنىڭدا ئۈچ تېلفۇن نۇمىرى تۇراتتى ، مەن قايسىسى ئۇنىڭ نۇمىرىدۇ دەپ ئۈچىلىسىگە تېلىفۇن قىلىپ باقتىم . ئىككىسىنى قىز بالا ئالدى ، مەن ئۈچۈنجىسىنى چوقۇم ئۇنىڭ نۇمىرى دەپ ئۇردۇم ، دەماللىققا بىر ئەر كىشى تېلفۇننى ئالدى :
-ۋەي ، كىمۇ ؟
-سەن رۇستەممۇ ؟ - دەپ سورىدىم قارشى تەرەپتىن .
-ھەئە ، مەن رۇستەم ، سەن كىم ؟ -دىدى .
-ئاداش بۇ مەن نىجات ...
-قايسى نىجات ؟-دەپ سورىدى ئۇ مەندىن .
-ئاغىنە ، سېنىڭ پورتىمالىڭ ھازىر مەندە ، بىرەر يەدە كۆرۈشسەك -دېدىم . ئۇ ماقۇل بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى قويىۋەتتى . مەن كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان بۇ دوستۇم بىلەن ئاخىرى يەنە بىر قېتىم كۆرىشىدىغىنىمنى ئويلىسام ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كېتەتتىم .
مەن دىيىشكەن جايغا بالدۇرلام بېرىۋاپتىمەن ، خېلى ئۆتكەندىن كېيىن ئۇمۇ كەلدى . ئۇ مېنى كۆرۈپ :
-ھۇھ سولتەك ، ئەسلى سەنكەنسەندە . ئالدىنقى قېتىم ئاغىنىلىرىڭ با ، سەنلەگە كۈچۈم يەتمىگەن . ئەمدى يەكمۇ-يەك چۈشكىلى چاقىردىڭمۇ ؟-دېدى .
-توختا ئاغىنە ، ئىككىمىز بىر پاراڭلىشىلى . ئاندىن يەكمۇ-يەك چۈشىمە دېسەڭ مەن تەييار- دېدىم .
-كىم سېنىڭ ئاغىنەڭكە ، ئاغزىڭنى چايقىۋېتىپ گەپ قىل جۇمۇ - دېدى .
مەن دەماللىققا گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم . ئۇنىڭغا پورتمالىنى قايتۇرۇپ بەردىم ، ئۇ پورتمالغا قاراپ قۇيۇپلا يانچۇقىغا سالدى . مەن ئاخىرى ئۇنىڭدىن ۋۇخەنگە قانداق قىلىپ كېلىپ قالغانلىقىنى سورىدىم . ئۇ ماڭا :
-ھە بالاڭزا مېنىمۇ ساڭا ئوخشاش يانچۇقچىلىق قىلغىلى كەلدىمىكىن دېگەنما ؟- دېدى .
بۇ گەپ گەرچە شۇنداق ئاچچىققىمنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋېلىپ سورىدىم :
-بۇرۇن سىلەر قۇمباغ مەھەللىسىدە ئولتۇرغانمۇ ؟ -دەپ سورىدىم . ئۇ «ھەئە» دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى . مەن تېخىمۇ ئۈمۈدكە كېلىپ :
-مېنى راسلا تۇنىيالمىڭدىڭما ؟ ئىككىمىز بۇرۇن قوشنا بولۇپ ئولتۇرغان ، ئەڭ يېقىن ئاغىنىلەردىن ئىدۇققۇ ؟- دىدىم . ئۇ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن :
-سەن ھەسەنكاملانىڭ ئوغلى نىجات شۇمۇ ؟ -دېدى . مەن ھاياجانلانغىنىمدىن :
-ھەئە ... ھەئە .... مەن شۇ ، جېنىم دوستۇم سېنى بۇنداق ئۇچىرىتىپ قالغىدىغىنىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن . -دېدىم . ئۇ مېنى تۇنىغاندىن كېيىن ئابايقى گەپلىرىدىن خىجىل بولدى بولغاي :
-ئاداش ئەينى ۋاقىتتا نىمىش بولغانىدى ، سەن يوقاپ كېتىپ بىچارە ئاناڭ تولا يىغلاپ ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى . داداڭ بىچارە بولسا بىر تەرەپتىن سېنىڭ دېرىكىڭنى قىلسا بىر تەرەپتىن ئاناڭنى داۋالىتىمەن دەپ ھالسىزلىنىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى -دېدى . بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ قالدىم . مەن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋىلىپ :
-جېنىم ئاداش ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئىشلارنى سۆزلىسەم گەپ جىق ، باشقا كۈنى دەپ بېرەي ، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك گەپلىشىپ تۇرىلى . مەن ھازىرچە قايتىپ تۇراي ، ئامان بولساق ئايرىم بىر كۈنى ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەچ پاراڭلىشايلى -دېدىم . ئۇمۇ ئوشۇق گەپ قىلمايلا خوشلىشىپ كېتىپ قالدى . مەن يا خۇشال بولىشىمنى يا قايغۇرىشىمنى بىلەلمەي ، چىۋىن يەۋالغاندەك ساڭگىلىغىنىمچە ياتاققا قايتتىم .