ياشلىق تولىمۇ گۇزەل بولىدۇ،ئىنسان ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنىڭ كامدىگەندە 80%تى ياشلىق مەزگىلىدە يۇز بىرىدۇ.مانامەن ئاشۇ ياشلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتىمەن،سانساناقسىز ئىشلار بىشىمدىن ئۆتتى
لىكىن بىر ئىش مىنىڭ يۇرگىمدە مەڭگۇلۇك ئىز قالدۇرۇپ كەتتى، بۇ ئىشنى سىلەرگىمۇ سۆزلەپ بىرەي
ئاڭلاپ بىر دەدىمگە يىتىپ قۇيۇڭلار.
2014-يىلى قۇربان ھىيىت تولىمۇ سىخى كەلدى،بۇلۇپمۇ ماڭغا شۇنداق،كىرىم بار-چىقىم يوق
.gif)
لىكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى ھىيىتنىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجى كۇنى سىرىتقا چىقالمىدىم،لىكىن
ئۇچىنجى كۇنى(سەن ماڭغا تۇنجى قىتىم ئۇچىرغان چاغ)مەن سىرىتقا چىقتىم،تازا ئىچىم پۇشقاشقا
راسا بىر ئوينىۋالماقچى بولدىم.
بالىلار يىغىلىپ بولدى لىكىن قەيەرگە بىرىشنى مەسلىھەتلىشىپ بولالمىدۇۇق،ئاچچىقىم كەلدى،ئاران بىر
تالاغا چىققاندا نىمدا قىلىدۇ مالا(يى ئاغزىڭنى يۇمىشە)غەزەپ بىلەن ۋاقىردىم ھەممە ماڭغا قاردى،
(ھە ئىككى كۇندە با ئۇياننى ئويناپ بولاشقان ئوخشايسەھە،بۇگەن ئوينىساقمۇ ئوينايمىز-ئوينىمىساقمۇ
ئوينايمىز)غەزەپ بىلەن ھەممىگە قاردىم،مىنى توغرا چۇشەنگەچكە ھىچكىم ئوشۇق گەپ قىلمىدى.
(بۇگۇن مىنىڭ دىگىنىم يېساپ يۇرشە مەييوۋباغا) ،(ئاداش ھەممىسى تاقاق،ھىتنىڭ بىرىنجى كۇنى
جىدەل چىقىپ تاقىۋەتكەن ئاچمىدى ھازىرغىچە) ئۇف نىمدىگەن ئاۋارچىلىق تەغدىر مەن بىلەنلا
ئوينىشامدۇ نىمە
.gif)
ئاچچىقىم كەلگەچكىمىكىن ئاۋازىمنى يۇقىرى چىقىرىپ سورىدىم(نە ئوچوق ئەمسە
شۇيەرگە بارايلى)ھەممە جىمجىت ئىدى،(مىڭىشە)دىدىم مەن،(نەگە بارمىز ئاداش )دىدى بىرسى،(ktv گە
بارايلى ئۇيەر بولسىمۇ ئوچوقتۇ)
ئاردىن پەرھات ئىسىملىك بىر ئاغىنەم چىقىپ (بىز يا كىچىك بالا بولمىساقktv گە كىردىغان تۇزۇك گەپقىلە)
دىدى،بۇ .ئاغىنەم بىلەن ئەزەلدىن چىقىشالمايتىم شۇ بالىلارنىڭ يۇزىنى قىلىپلا ئارلىشىپ كىلىۋاتاتىم،
(ئەمسە نەگە بارمىز پوچى،دەپ باقە ھە)،(ئاناڭنىڭ يىنىغا)ئۇشۇنداق دىگەچ كىلىپلا قاپىقىمغا بىر مۇش سالدى،
ئۆزەمنىڭ ئىنكاسىنىڭ بۇنچىلىك ئاستىلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،بۇ بىر مۇش بىلەن قاپىقىم يىرىلغان بولدى،قاپىقىم ئەمەس دوسلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قالدۇقلىرى يىرىلغان ئىدى.
ئورنىمدىن تۇردىم غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا ئىتىلدىم،لىكىن بالىلار مىنى تۇتىۋىلىپ ئۇلگۇرگەن ئىدى،ئۇنى ئۇرالمىغاچقا جاھاندا بار سەت گەپلەر بىلەن ئۇنى تىللاشقا باشلىدىم.ئۇ ئوشوق گەپ قىلماستىن (ئىككىمىزنىڭ
ئىشى ئەمدى باشاندى دەپلا كىتىپ قالدى)
بالىلاردىن نىمە ئىش بولغىنىنى سورىدىم،يىقىن ئاغىنەم ئەرشىدىن ماڭغا چۇشەندۇرۇپ مۇنداق دىدى(ئاداش
پەرھات مابىتىدىن ئايرىلىپ كىتىپتۇ)(توۋا ئۇ ئايرىلىپ كەتسە ئۆچىنى مەندىن ئالامدىكەن،خەپ سىنىمۇ تۇتىۋالامەن)،(گىپىمنىڭ ئاخىرنى ئاڭلىمامسەن،ئۇقىزبالا پەرھاتقا سىنى ياخشى كۆرۇپ قالغانلىقىنى ئىيتىپ
ئايرىلىپ كىتىپتۇ.)
(مىنى دەپ ئايرىلىپ كىتىپتىما)
(ھەئە سىنى ياخشى كۆرەپ قاپتۇ ئۇ قىز)
ئوشوق ەەپ قىلمىدىم كاللامدا بىر پىلان سوقوپ قويغان ئىدىم.
ktv گىمۇ كىردۇق كاللامنى ھەرخىل خىياللار قاپلىۋالغان ئىدى،ئاغىنىلىرىم بىردەمنىڭ ئىچىدە قىزلارنى توشقۇزىۋەتتى بوشاڭغا، لىكىن ھىچكىمگە قارغۇدەك ھالىم يوق ئىدى.تۇيۇقسىز بىشمنى كۆتۇردىم،بىشىمنى
كۆتۇرشىم بىلەن سىنىڭ كىرىشىڭ توغرا كەپ قالدىمۇ ياكى تەغدىر شۇنداقمۇ ساڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالغان
ئىدىم،سەن كىرىپلا مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ ئولتۇردىڭ،يۇرگۇمنى بىر خىل خۇشاللىق چىرمىۋالغان ئىدى،
بايامقى خاپىلىقلىرىم نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى............
ئاخىرى ئىنكاس شەكىلىدە داۋامللىق يىزىلىدۇ.