ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ئىلىدىن باشلانغان
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ H/ f3 ~4 d" z, H4 P2 S$ b0 [
دولقۇن روزى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 `$ } r5 ~' q# ]# S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" U' v' U$ _) y
مەن «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» كىتابىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەۋاتقان ئون نەچچە يىل مابەينىدە، ئىلى يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ تەۋەررۈك شاھىدلىرى بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەقدا ۋارىسلىرى تەمىنلىگەن كىتاب- ژۇرنال، تارىخىي ھۆججەت، قول يازما، فوتو سۈرەت ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
ماتېرىيال ئىگىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تارىخىي ھەقىقەتنى ئەينەن تاپشۇرۇشنى تارىخ ۋە خەلقئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى سانايدىغان كىشىلەردىن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەمىنلىگىنى تارىخ ماتېرىياللىرى توپلاشنىڭ «ئۆزبېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان بولۇش» تىن ئىبارەت «ئۈچ ئۆز» لۈك پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقى، قانداق يوللار بىلەن تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىباھا ماتېرىياللارنىڭ موللىقى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرەتتى. ئەمما، ئۇلار ئىچىدە قولىدا قەلەم توختايدىغانلار ساناقلىق بولغاچقا، بۇ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا نېگىزلىنىپ، سىستېمىلىق تارىخىي ماقالە يېزىپ چىققۇچىلار ساناقلىقلا بولدى. بەزىلەرنىڭ قولىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار ئەسلىمە تارىخ يازغۇچىلار تەرىپىدىن ۋاسىتىلىق يوسۇندا قەلەمگەئېلىنغان، تارىخىي ماقالە ياكى ئەسلىمە تارىخ شەكلىدە مەتبۇئات يۈزى كۆرگەنبولسىمۇ، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق رەۋىشتە بايان قىلىپ بېرەلىگۈدەك بىرەر مۇكەممەل ئەسەر تا ھازىرغىچە يېزىلماي كەلدى. مەن ئىلى تارىخىنىڭ ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ «بوز تېما»ئۈستىدە چۆكۈنۈپ ئىزدىنىش، ئەتراپلىق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئومۇم ئېتىراپ قىلغۇدەك ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ھېسقىلماقتا ئىدىم.
دەل مۇشۇكۈنلەردە، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2013- يىللىق 3-سانىغا يالقۇن روزىنىڭ «ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان» ناملىق ماقالىسى بېسىلدى. مەن بۇ ماقالىنى بۆلەكچە قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇشقا كىرىشتىم. ماقالىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمىنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئىلى مائارىپ تارىخىدىن ئىبارەت بۇ «بوز تېما» ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەن ۋە ئۇنىڭ بۇ تېمىدا يېزىلغان ماقالە- ئەسلىمىلەردە كۆرىلىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ئۈستىدە تەنقىدىي مۇھاكىمە يۈرگۈزمەكچى بولغانلىقىدىنمۇ ئالاھىدە خۇرسەن بولغانئىدىم.
تولىمۇ ئەپسۇس!ماقالىنى ئىچكىرىلەپ ئوقۇغانسېرى بۇ خۇرسەنلىكىمنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باستى. مۇئەللىپنىڭ ماقالە يېزىشتىكى مۇدىئاسى بىلەن ماقالىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان مەۋقەسىنىڭ ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئىكەنلىكى، ماقالە روھىغا ئىنتايتىن قويۇق ئىنكارچىلىق خاھىشىنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكى مېنى تولىمۇ ئۆكۈندۈردى. بولۇپمۇ، مۇئەللىپنىڭ باشقىلارنىڭ «خاتالىق»لىرىنى تۈزىتىمەن، دەپ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلغانلىقى ۋە ئۇنى «مۇتلەق ھەقىقەت» سۈپىتىدەباشقىلارغا تاڭماقچى بولغانلىقى مېنى تېخىمۇ ئۆكۈندۈردى. دېمەك، ئۇ «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، كۆزىنى قارىغۇ قىلىپتۇ» دېگەندەك ئىش قىلغان بولۇپ، بۇ مەندە« يالقۇن روزى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا يۇرتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلانغانلىقىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا يورۇتۇپ بەرمەكچىمۇ ۋەياكى ئۇنى ئۈزۈل–كېسىل يوققا چىقارماقچىمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى ئويغاتتى.
مۇئەللىپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا ھۆكۈملەر ئىلمىي تارىخ يېزىش ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك زىل مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىپ، ئەستائىدىل ۋە ئىلمىي مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشنى تارىخ ۋە خەلق ئالدىدىكى ۋىجدانىي بۇرچىم، دەپقارىدىم.
ماقالىدا سادىرقىلىنغان بىرىنچى چوڭ خاتالىق ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن بالدۇر باشلانغانلىقى ھەققىدىكى ئوخشاشمىغان تارىخىي قاراشلارنى مەيلى ئۇنىڭ توغرا ياكى قىسمەن توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قارىقويۇق ئىنكار قىلىشتا كۆرۈلىدۇ.
يالقۇن روزى ئىلىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە ئەستائىدىل تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلى ئۇيغۇرلىرى باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي قىسمەتلەرنى تارىخنىڭ رېئال قانۇنىيىتى بويىچە ئانالىز قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان. شۇڭا، ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەت ئۆرنىكىنىڭ قانداق مەدەنىيەت ئەسلى تىپىنى مەنبە قىلغان ئاساستا شەكىللەنگەنلىكى، ئۇلار ۋۇجۇدىدىكى مائارىپ ۋە مەدەنىيلىكنى ئەلا بىلىشتەك خاس مەنىۋىي خاراكتېر، يېڭىلىق ۋە ئىلغارلىقنى ئۇيۇتقا قىلغان دادىل ئەكىلىشپەرۋەرلىك روھىنىڭ قانداق مۇرەككەپ تارىخىي شارائىتتا بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈستىدە سالماق تەپەككۇر يۈرگۈزمەيدۇ. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېڭى مائارىپقا كۆچۈش جەريانى ھەققىدە ئىلمىي نۇقتىدا تەپەككۈر يۈرگىزمىگەننى ئاز دېگەندەك ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقىنىدەلىللەيدىغان تارىخىي قاراشلار ۋە ئۇلاردا ئەكس ئەتكەن يىل تەرتىپلىرىگە قەستەنكۆز يۇمىدۇ . ئۇلارنىڭ تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن بولماسلىقىدىنقەتئىينەزەر ئۈزۈل- كېسىل ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
مۇئەللىپ بىرقارىماققا ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ كىم تەرىپىدىن، قاچان، قانداق باشلانغانلىقىنىخالىس نىيەت، لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىسپاتلاۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭ بۇ«خالىس» نىيىتىگە «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش» مۇددىئاسى يوشۇرۇنغانغانلىقى ئۈچۈن،ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولغان شەخسلەرنى بىرئاماللارنى قىلىپ يوققا چىقىرىشقا، ئۇنىڭغا ئالقىدار يىل تەرتىپلىرىنى قەستەن كەينىگەسۈرۈشكە ئۇرىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭتۆھپىسى» ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان «تەرەققىيپەرۋەر سودىگەر ئاكا- ئۇكامۇسابايېفلار 1899- يىلى ئانا يۇرتى ئاتۇش ئېكىساقتا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، شىنجاڭتارىخىدا تۇنجى بولۇپ يېڭى مائارىپنى يولغا قويغان.» دېگەن بىرتەرەپلىمە قارىشىبىلەن «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان» ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغاقويغان «ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بىر قولىدا يېڭى مائارىپنىڭ مەشئىلىنىيېلىنجاتقانلىقىنى، يەنە بىر قولىدا مىللىي سانائەتنىڭ بايرىقىنىلەپىلدەتكەنلىكىنى خاتىرىلىگەندە 1899- يىلىنى ئانا دىيارىمىزدا يېڭى مائارىپھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش يىلى، 1909- يىلىنى كاپىتالىستىك زامانىۋىي مىللىيسانائەتنىڭ بارلىققا كەلگەن يىلى سۈپىتىدە خاتىرىلەشنى، تەتقىقاتچىلارنىڭماقالە-ئەسەر يازغاندا مۇشۇ بويىچە يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.» دېگەن ھاكىممۇتلەققارىشىنى ئاستىرىتتىن گەۋدىلەندۈرۈپ،ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىنىڭكىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقىغائالاقىدار پاكىتلارنى «قان چىقارماي جان ئېلىش» ئۇسۇلىدا بىراقلا يوققا چىقارماقچىبولىدۇ.
يالقۇن روزىئۆزىنىڭ شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012- يىلى نەشر قىلىنغان « لايقەلئەنىڭ سىرى » كىتابىدىكى « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان » ناملىقماقالىسىدا، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى تەتقىقاتچىلىقىدا كۆرۈلىۋاتقان مېتودىكاسەۋەنلىكى مەسىلىسىنى ئاياۋسىز ئەيىپلەپ:«بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز ئارىسىدائىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋە مېتودىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەل قاراش خائىشى خېلىلائېغىر دېيىشكە بولىدۇ. تەتقىقات ساھەسىدە ئىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋە مېتودىنىڭبولماسلىقى ئىلىم ساھەسى كۆرۈشنى قەتئىي خالىمايدىغان مەسىلىدۇر.» دېگەن ئىدى.بولۇپمۇ، ئۇ، قەشقەر پېداگوگىكا ئنستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم نىيازئەپەندىنىڭ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتىئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ 1983-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئېكساق كەنتىدە يېقىنقىزامان پەننىي مائارىپى» دېگەن ماقالىسى ( ماقالە «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ1984-يىلى نەشر قىلىنغان 2- سانىدىمۇ ئېلان قىلىنغان) ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،1985-يىلى ئېكساق مەكتىپىنىڭ 100 يىللىق تويى مۇناسىۋېتى بىلەن ئاتۇشتا بېسىلغان«مەشئەل» ناملىق ژۇرنالدا «يەرلىك قىزغىنلىقنىڭ كۈچى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەنھالدا بېيىتىلغان ھەم ئىنتايىن مۇقىملاشتۇرۇلغان»، « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى1885-يىلى ئاتۇش ئېكساقتا قۇرۇلغان پەننىي مەكتەپتىن باشلانغان. » دېگەن بىمەنەقاراشنى دەل ۋاقتىدا ئىنكار قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقانئىدى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان بۇ بىمەنەقاراش ئابدۇللا تالىپ ئەپەندىنىڭ 1986-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان«ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېركلار» ناملىق كىتابى ئارقىلىق مەتبۇئاتلاشتۇرۇلۇپ،ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگو ۋە چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ قايمۇقتۇرغان ئىدى.
كۆڭۈلنى غەشقىلىدىغىنى شۇكى، مۇئەللىپ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدا، « ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى1899-يىلى ئاكا- ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئۈستىنئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدەقۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپتىن باشلانغان.» دېگەندىن ئىبارەت تېخىمۇ بىرتەرەپلىمەقاراشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزى يۇقۇرىدا ئەيىپلىگەن « ئىلمىي تارىخ يېزىش ئېڭى ۋەمېتودىنى شەكىللەندۈرۈشكە سەل قاراش خائىشى»نى ئۆزى تەكرارلايدۇ. ھەتتا بۇ قاراشنىئۆزى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىلگىرىكى بىمەنە قاراش ئۈستىگە دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇپ،«ھەممە ئىشنى موللا بىلىپتۇ، موللا قوپۇپ كۆلگە سىيىپتۇ» دېگەندەك ئىش قىلىدۇ.
ھەرقانداق بىرخاتالىقنىڭ جاھىللىق ۋە ئىلىم روھىغا ھۆرمەت قىلماسلىقتىن تۇغۇلىدىغانلىقى ئېنىق.ماقالە ئىستىلىدىن يەنە « ھەممىدە مېنىڭ دېگىنىم راست! » دەيدىغان ئىلىمزومىگەرلىكى خائىشى پۇراپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بايىقى بىر تەرەپلىمەقارىشىنى «ھاكىممۇتلەق قاراش» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن،ئۇنى ئاكسىيۇمىلاشقان ھۆكۈم شەكلىدە باشقىلارغا تاڭماقچى بولىدۇ. ئىلمىي مۇھاكىمەروھى دېموكراتىيەلىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، باشقىلارنىڭ تەپەككۇر ئەركىلىكىنىبوغىدىغان بۇنداق ئۆكتەم ھۆكۈماچىلىققا رايىشلارچە كۆنىۋەرگۈلىكمۇ، ئاخىر !؟
تۆۋەندە، مەنيالقۇن روزى ئىنكار قىلغان «بەش خىل قاراش» ئىچىدىكى «بىرىنچى خىل قاراش»نىڭ تارىخىيھەقىقەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە توختىلىمەن.
بۇ قاراشمۇھەممەتخان كامالىنىڭ «ئىلىدىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى– ئۇسۇلى قەدىم ۋە ئۇسۇلى جەدىدتوغرىسىدا» ناملىق ئەسلىمىسىدىكى (بۇ ئەسلىمە «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان) « ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇمۇتائالى كامالى (خەلپەم) ئىلىغائۇسۇلى جەدىدنى ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى »، « ئاتام دەسلەپتە موللائېلى دېگەن شائىردا، كېيىن شۇ دەۋردىكى مەشھۇر ئېشان ۋە شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمدائوقۇغان. بۇنىڭدىن سەل كېيىن ياركەنتكە ئابدۇراھمان داموللام دېگەن تاتار ئالىمكېلىدۇ. بۇ كىشىمۇ مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپكۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بېرىپ دەرس ئوقۇيدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاتىمىزمۇ بېرىپدىنىي دەرس ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇراھمان داموللام دىنى دەرس ئوقۇۋاتقانلاركۆپ، سەن ئۇسۇلى جەدىدچە ئوقۇغىن. بۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن خەلققەئىلىم-مائارىپ ئۆگەتسەڭ شۇنچە ياخشى دېگەن سۆزنى قىلىدۇ. ئاتىمىز داموللامنىڭسۆزىنى ماقۇل كۆرۈپ جەدىدچە ئوقۇيدۇ. بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئوقۇشنى تۈگىتىپغۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. 1895- يىلى ئەلاباي مەسچىتىگە چۈشۈپ، بالا يىغىپ 40 چە ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. » دېگەن قۇرلاردىنكەلگەن. مانا بۇ قاراش ۋە ئۇنىڭ ئۇيۇتقۇسى بولغان «1895- يىلى» دېگەن رەقەم يالقۇنروزىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»، «ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭتوققۇز چوڭ تۆھپىسى» قاتارلىق ماقالىلىرىدا تەرغىپ قىلىنغان «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى1899-يىلى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلار تەرىپىدىن ئۈستىنئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە قۇرۇلغان جەدىدچە مەكتەپتىنباشلانغان.» دېگەن بىرتەرەپلىمە قارىشىنى تەۋرىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭئومۇم تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە تولۇق ئېتىراپ قىلىنماي كېلىۋاتقان بۇ قارىشىنى«مۇتلەق ھەقىقەت» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە قوبۇل قىلدۇرۇش يولىداتىنماي ئات چاپتۇرىۋاتقان مۇئەللىپنىڭ ئوغىسى ئۇشتۇمتۇت قاينايدۇ- دە، مۇھەممەتخانكامالى ئوتتۇرغا قويغان قاراشنىڭ «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» نى جان- جەھلىبىلەن ئىسپاتلاش كويىغا چۈشىدۇ.
يالقۇن روزى بۇمۇددىئاسىغا تولۇق يېتىش ئۈچۈن، تارىخ ۋە ھەقىقەت روھىغا تىغ تەڭلەشتىنمۇھېيىقمىغان بولۇپ، ئىلى خەلقىنىڭ يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش يولىدىكى دادىلئۇرۇنىشلىرى ۋە بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن جانپىدالىقىنى خۇپسەنلىك بىلەن مەسخىرەقىلىدىغان «قەشقەردىكى جەدىدچە مەكتەپ ئابدۇلكەرىم ئەپەندى ئۈستىنئاتۇشنىڭ ئېكساقكەنتىدە ئاچقان ‹ھۈسەينىيە› مەكتىپىنى كۆرسىتىدۇ. غۇلجىدىكى جەدىدچە مەكتەپلەرنىكىملەر ئاچقان بولۇشى مۇمكىن؟ يۇقۇرىقى بايانلاردا كۆرسىتىلگەندەك ‹ھۈسەيىن باينىڭبۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى›ئاساسىدا ئېچىلغانمۇ ياكى غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپسودا- تېجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇسىيەلىك تاتارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشئېھتىياجى بىلەن ئۇلار تەرىپىدىن ئېچىلغانمۇ ۋە ياكى ئابۇمۇتائالى خەلپىتىمتەرىپىدىن 1895-يىلى ئېچىلغانمۇ؟ مېنىڭچە ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم 1895-يىلىياركەنتتىكى ئابدۇراھمان داموللا دېگەن تاتار كىشىدىن جەدىتچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىئۆگىنىپ كېلىپ غۇلجىدا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان، دېگەن قاراشنى ئويلىنىپبېقىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ قاراشتا مەن باشتا ئېيتقاندەك مەلۇم دەرىجىدە ئاساس بار.لېكىن بۇ ئاساس بۇ قاراشنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرۇشىغا يېتەرلىك ئەمەس.» دېگەندەكپەلىپەتىش گەپلەرنى قىلىپ، ئىلى خەلقىنىڭيېڭى مائارىپنى مۇستەقىل يولغا قويۇش جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق روھىنى چۆكۈرىدۇ.
يالقۇن روزى قازانلىق ۋەلىشاھ غالىئەكبەرېۋنىڭ«تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1902- يىلى 3- ئاۋغۇستتىكى سانىغا بېسىلغان خەۋىرىدىكى «ھۈسەيىنمۇسابايېف يەنە بىر ھاجى سوفى ئوغلى مەسۇم ئەپەندى دېگەن ئۇيغۇرنى جەدىدچە ئۇسۇلنىپۇختا ئۆگىنىپ كېلىشكە باغچەساراي شەھىرىگە ئەۋەتكەن. بۇ مەسۇم ئەپەندى قەشقەر ۋەغۇلجىدا جەدىدچە توققۇز مەكتەپنىڭ دائىمىي رەۋىشتە ئىشلەپ تۇرغانلىقىنى مەلۇمقىلغان.» دېگەن قۇرلارنى ئىستات ئالغان تۇرۇقلۇق «ئىلىدا مۇنتىزىم يېڭى مائارىپنىڭقانداق باشلانغانلىقىنى بىرقەدەر كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرغا قويغىلىبولىدىغان قاراش مەسۇم ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.» دېگەندىنئىبارەت ئۆز مۇددىئاسىغىلا پايدىلىق، ئەمما، تولىمۇ مەنتىقىسىز خۇلاسىنى كۆتۈرۈپچىقىدۇ. ئۇنداقتا، ئىلىدا مۇنتىزىم مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى تېخىمۇكۈچلىك ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغان باشقا ھەرقانداق قاراش ئۇنىڭنەزىرىدە نۆلگە تەڭ ئوخشىمامدۇ !؟
ئۇ گەرچەمۇھەممەتخان كامالىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغاپايدىسىز ئىككى گۇمانلىق نۇقتىنى ئەسكەرتكەندە، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەمنىڭغۇلجىدا مەكتەپ ئېچىپ، ئۇسۇلى جەدىدنى ئېلىپ كىرگەنلىكىنىڭ «مۇنازىرە تەلەپقىلمايدىغان قاراش» ئىكەنلىكىگە چىنپۈتسىمۇ، بۇ مەكتەپنىڭ «دىنىي مەكتەپ»لىكخاراكتېرىنى ئالاھىدە پۇرىتىپ، جەدىدچە مەكتەپلىك خاراكتېرىنى قەستەن ئېتىراپقىلغۇسى كەلمەيدۇ. مۇھەممەتخان كامالىنىڭ بايىقى ئەسلىمىسىنى ئابدۇمۇتائالى كامالىخەلپەم جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان 1895-يىلىدىن ئالاھىزەل 90 يىل ئۆتكەندىن كېيىنيازغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ چىنلىق دەرىجىسىدىن يوچۇق ئىزدەيدۇ.مۇھەممەتخان كامالىنىڭ غۇلجا تاتارلىرى «مەكتەبى نۇر» نامىدا قىزلار مەكتىپىقۇرغان ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدا «نۇر قىرائەتخانىسى» ئاچقان «1914- يىلى»نى «1910-يىلى» قىلىپ يېزىپ قويغانلىقى ۋە مەكتەب قۇرۇش تەشەببۇسكارىنى «ئابدۇللا بوبى»دېمەي، «كەشفۇلئەسرار داموللام» دەپ سالغانلىقىدەك گىدىككىنە سەۋەنلىكىگە مەھكەمئېسىلىۋېلىپ، ئىلى خەلقىنىڭ يۈكسەك ئىززەت-ئېھتىرامىغا ئېرىشكەن بۇ لەۋزى ھالال،پاراسەتلىك زاتنى ئاساسسىز پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان چاكىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپقويغىلى تاسلا قالىدۇ. ھەتتا، «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» ئىكەنلىكى بىلەنمۇھېسابلاشماي، «مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ماقالىسىدا‹1895-يىلى›دېگەن يىلنامىنىدەلىل-ئىسپاتسىز ئوتتۇرىغا قويغان.» دېگەن سۆزىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىۋالىدۇ. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىم مۇراتھەمرايېف بىلەن نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفلارنىڭ يازمىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزمۇددىئاسىغا بويسۇندۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، «مۇرات ھەمرايېف بىلەن نەزەرغوجائابدۇسەمەتوفنىڭ ماقالىلىرىدىكى ئۇچۇرلار ياركەنتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنىڭ 1895-يىلىئۇ دەرىجىدە ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.» دېگەن يۈزە خۇلاسىگە كېلىدۇ.
يالقۇن روزىيەنە مۇھەممەتخان كامالى ئوتتۇرىغاقويغان قاراشنىڭ توغرا بولۇشىغا پايدىلىقئىككى ئامىلنى تەكىتلەپ كېلىپ، «مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى ئابدۇمۇتائالى كامالىخەلپىتىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئوقۇمۇشلۇق، مۆتىۋەر كىشىدۇر. ئۇ دادىسىدىنئاڭلىغانلىرىنى يازغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى خېلىلا يۇقۇرى.» دېگەننى نومۇسكۈچىدىن تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما، بۇ زاتنىڭ ئادىمىيلىكىدىنشۈبھىلەنگەنلىكىنى راۋۇرۇس چاندۇرۇپقويىدۇ. ئۇ، مۇھەممەتخان كامالىنىڭ بۇ ھەقتە يالغان ئېيتمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ«ياركەنت شەھىرىدە ھەقىقەتەن ئابدۇراھمان داموللا دېگەن كىشىنىڭ بىر مەزگىلتۇرغانلىقى توغرا بايان قىلىنغان. ئابدۇللا بوبى بۇ ئۇچۇرنى 1913-يىلى 9-ئاينىڭ25-كۈنى غۇلجىغا كېلىپ، تاتار قىزلار مەكتىپى بىلەن ئوغۇللار مەكتىپىدەئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلاپ بىرەر ئاي ئۆتمەي، غۇلجىدىكى رۇسىيە كونسۇلى تاتارلارئۈچۈن تەيىنلىگەن فازىلجان ئاقساقال دېگەن كىشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا بايانقىلغان.» دېگەن سۆزى ئارقىلىق قىسمەن ياقلىغان بولسىمۇ، ئابدۇمۇتائالى كامالىخەلپەمنىڭ غۇلجىدا مۇسابايېفلاردىن بۇرۇن جەدىدچە مەكتەپ قۇرۇپ، ئىلىغا ئۇسۇلىجەدىدنى سىستېمىلىق رەۋىشتە ئەكىرگەن تۇنجى جەدىدچى ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەتنىئىنكار قىلىش غەرىزىدىن پەقەتلا يانمايدۇ.
ئابدۇللا بوبىنىڭ ئەينى چاغدىكى شەخسىيخاتىرىسىدە يېزىلغان «بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىزدىن مۇسابايېفلارغا مۇئەللىم بولۇپكەلگەن ئابدۇلمۇتەللىپ ئىلكايېفنىمۇ فازىلجان ئەپەندى يولغا سېلىپۋەتكەن ئىكەن.مېنىمۇ ئۇ، ئابدۇلمۇتەللىپنى يولغا سېلىۋەتكەندەك يولغا سېلىۋەتمەكچى ئىكەن. لېكىنئىش ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولمىدى.»، « ئۇنىڭ پۈتۈن مەقسىتى ھەركىمنى ئۆزىگەبېقىندۇرۇپ، ئۆزىنى ھەممىدىن بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشتۇر. ئۆزىگە بېقىنمىغان،ئۆزىدىن پازىل بىر ئادەمنى ھەرۋاقىت بار كۈچى بىلەن بوزەك قىلىشقا، يوقىتىشقا ھەرىكەتقىلىپ يۈرىدۇ. ياركەنتتىكى داموللام ئابدۇرەھماننىمۇ ئۇ خاراب قىلغان. پىتنە توقۇپئىناۋىتىنى تۆككەن.» دېگەندىن ئىبارەت شەخسىي ئاداۋەت پۇرىقى قويۇق ۋايساشلىرىنىبىردىن-بىر پاكىت سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، «بۇ ئۇچۇردىن بىز ئابدۇراھمانداموللىنىڭ ياركەنتتە قاچان تۇرغانلىقىنى بىلەلمىسەكمۇ، بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنىدەلىللىيەلەيمىز.» دېگەن مۈجىمەل قاراشنى تەكىتلەيدۇ.
ئەمدى مەنيالقۇن روزى «بىرىنچى خىل قاراش»نى ئىنكار قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان «دەلىل- ئىسپاتلار»نىڭچىنلىق دەرىجىسىنى باھالايمەن:
بۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇمۇتائالىكامالى خەلپەم ياركەنتتىكى ئابدۇراھمانداموللا دېگەن ئالىمنىڭ قولىدا ئوقۇغانمۇ-يوق؟، ئۇنىڭ 1895-يىلى غۇلجىدا جەدىدچە مەكتەپ ئاچقانلىقى تارىخىي ھەقىقەتكەئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ؟ دېگەن نازۇك مەسىلىلەرگە لىللا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
يېقىندا، مەن خەلپەمھەزرەتنىڭ غۇلجىدىكى نەۋرىسى ئابدۇراھمان ھاجىنى زىيارەت قىلدىم. ئۇ ماڭا:«داداممۇھەممەتخان كامالىنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋام ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەمنىڭ تەكتىقورغاس مازاردىن بولۇپ، 1881- يىلىدىكى ‹كۆچ-كۆچ»تە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللەياركەنتكە كۆچۈپ چىقىپتۇ. دەسلەپتە كونا قورغاسلىق موللا ئېلى دېگەن شائىردا،كېيىن ياركەنت مەدرىسەسىگە كىرىپ،شائىر موللا بىلال نازىمىنىڭ ۋە مەشھۇردىنىي ئالىم ، شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمنىڭ قولىدا ئوقۇپتۇ. بۇ دەل ئابدۇراھمانمىشارالىيا داموللام دېگەن تاتار ئالىمنىڭ ياركەنتتە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، شۆھرەتتاپقان ۋە نىزامىدىن ئاخۇنۇم بىلەن بىللە «ياركەنتتىكى ئىككى پازىل» دەپئۇلۇغلانغان چاغلىرى ئىكەن. داموللامنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان خەلپەم بوۋام ئۇنىئىزدەپ بېرىپ، داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ خەلپەم بوۋامغا:‹ھازىر قولۇمدا دىنىي دەرس ئۆگەنگۈچىلەرجىق. ئىلىدىن كەلگەن ئاسىپئاخۇن، ياقۇپبايلارمۇ دىنىي ئىسلامدىن دەرس ئېلىۋاتىدۇ.مېنىڭچە، ئۇسۇلى جەدىدنى ئوقۇغىن! ئەگەر، ئۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈپ،خەلققە ئىلىم-مەرىپەتئۆگەتسەڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.› دەپتۇ. خەلپەم بوۋام ياركەتتە ئوقۇپ «ئېرشادنامە» ئالغاندىن كېيىن،جەدىدچە مەكتەپ ئېچىش ئۈچۈن، غۇلجىغا قايتىپ كەپتۇ.
خەلپەم ھەزرەت بوۋىمىز1895-يىلى ئەتىيازدا، غۇلجا مەھكىمەئى شەرئىنىڭ ئىجازىتى بىلەن سۇدەرۋازامەھەللىسىدىكى ‹ئەلاباي مەسچىتى›گە ئىمامەتچىلىككە قويۇلۇپتۇ. جامائەتنىڭ مەسلىھەتىنىئالغاندىن كېيىن، مەسچىت قورۇسى ئىچىگە جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپتۇ ۋە دەسلەپ 40 نەپەرچە بالىنى يىغىپ ئوقۇتۇپتۇ. شۇيىلى كۈزدە، ئابدۇقادىر ئاقساقال باشلىق ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ئالدىدا بالىلاردىنئوچۇق ئىمتىھان ئاپتۇ. ئۇلار دوسكىغا بىر بىرلەپ چىقىپ، ئىملا يېزىپتۇ، تۆت ئەمەلبىلەن ھېساب ئىشلەپتۇ، جۇغراپىيە دەرسىدە ئۆگەنگىنى بويىچە خەرىتىنى چېنەپ تۇرۇپ، قىتئەلەرۋە ئۇنىڭغا جايلاشقان شەھەر، مەركەزلەر، تاغ- دەريالارنىڭ ئورنى، نامىنى ئەپچىللىكبىلەن ئېيتىپ بېرىپتۇ. جامائەت بۇ بالىلارنىڭ خەلپەم بوۋىمىزنىڭ قولىدا ئوقۇپ ناھايىتىتېزلا ساۋادلىق بولغانلىقىنى كۆرۈپ، مەمنۇن بولۇپتۇ ۋە بالىلارنىڭ تار سىنىپتاقىستىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، مەكتەپنى كېڭەيتىش قارارىغا كەپتۇ. ئابدۇقادىرئاقساقال مەھكىمەئى شەرئىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، مەكتەپنى ئۆزىنىڭ تۆتكۆۋرۈكمەھەللىسىدىكى قورۇ-جايىغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپتۇ. بۇ مەكتەپ جامائەتنىڭ قوللىشىداناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىر مۇدىر، تۆت ئوقۇتقۇچى، ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسىبار تۆت سىنىپلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە ئايلىنىپتۇ. مەكتەپ نامىمۇ خەلپەم بوۋىمىزنىڭمۇبارەك ئىسمىغا يارىشا‹تائالىيە›مەكتەپ، دەپ ئاتىلىپتۇ. 1911- يىلى بوۋىمىزنىڭتېرەكمازاردىن قورۇ- جايلىق يەر سېتىۋېلىشى بىلەن تېخىمۇ كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگەئېرىشىپ، رۇشتى (يەتتە يىللىق) مەكتەپكە تەرەققىي قىلىپتۇ.
ئابدۇراھمانمىشارالىيا داموللام دەل مېنىڭ ئانا جەمەت بوۋام بولىدۇ. ئابدۇراھمان بوۋامئالاھىدىن (تاتارچە غەلەتتىن)، خەلىمە، خەنىپە، خەدىچە ئىسىملىك تۆت پەرزەنت يۈزىكۆرگەن بولۇپ، كىچىك قىزى خەدىچەنى (مېنىڭ رەھمەتلىك ئاپامنى) خەلپەم بوۋامنىڭ چوڭئوغلىغا يەنى دادام مۇھەممەتخان كامالىغا چېتىپتۇ. خەلپەم بوۋام ئابدۇراھمان بوۋىمىزنىچىن ئىخلاس بىلەن يادلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، ماڭا ئەنە ئاشۇ زاتنىڭ ئىسمىنى قويغان ئىكەن. دادامنىڭئەسلىشىچە، ئابدۇراھمان بوۋام ياركەنتتىن غۇلجىغا بىر نەچچە قېتىم كېلىپ، خەلپەمبوۋام، ئاسىپئىاخۇنۇم (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە مىللىي سوتنىڭ باشلىقى بولغانمۇھەممەتجان مەخسۇمنىڭ ئاتىسى)، ياقۇپ موللا (چاپچاللىق) قاتارلىق ئۈچ شاگىرتىبىلەن قاينۇقتا يەرلىشىپ قالغان تاتار بۇرادىرىنى ئالاھىتەن يوقلاپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنراق ۋاپات بولۇپتۇۋە ياركەنتتىكى تاتارلار قەبرىستانلىقىغا يەرلىنىپتۇ. 1984- يىلى ياركەنتكەبارغىنىمدا، ئابدۇراھمان بوۋام ئاچقان‹نوغاي مەدرىسەسى›نى زىيارەت قىلغانبولساممۇ، ئۇنىڭ قەبرىگاھىنى بىلىدىغانلارنى تاپالمىغاچقا، تاۋاب قىلالماي،ئارماندا قايتقان ئىدىم. 1989- يىلى بېشكەكلىك تۇغقىنىمىز ئابدۇمېجىت قارىدىن دۆڭمازارنىڭ تار كەنتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ،ياركەنتكە قايتقان ئۆمەرجان ئەپەندىنىڭ قەبرە ئورنىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنىئاڭلىدىم. ۋەتەنگە قايتىشىمدا يەركەنتكە چۈشۈپ، ئۆمەرجان ئاكا بىلەن مەرھۇمنىڭقەبرىگاھىنى تاۋاب قىلىپ قايتتىم.» دېدى.
ئابدۇراھمانمىشارالىيا داموللام جەمەتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، «غۇلجا رۇسمەكتىپى» نىڭ سابىق مۇدىرى، غۇلجا تاتارلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىبىرى ئىليارگابىتوفنى ئىزدىدىم. ئۇ ماڭا:« 2006- يىلى تاتارىستانغا ئوتپۇسكىغا بېرىپيانارىمدا يەركەنتكە چۈشتۈم. تاتار مىللەتداشلار بۇ يەردىمۇ خۇددى غۇلجىدىكىگەئوخشاش مۇستەھكەم مىللىي گەۋدە بولۇپ ياشاپ كېلىۋېتىپتۇ. شۇ كۈنلەردە، سالىخوفلارجەمەتى بەرگەن كاتتا نەزىرگە قاتناشتىم. مېنى سۆيۈندۈرگىنى شۇكى، ئۇلار ئۇلۇغبوۋىلىرى مۇھەممەدى سالىخوف ۋە ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللاملارنىڭ ئىزىنىئۆچۈرمەي كېلىۋېتىپتۇ.» دېدى.
مىرقاسىمگوسمانوف «ئىسمائىل گاسپىرالى ۋە شىنجاڭدا يېڭى ئۇيغۇر مائارىپى» ناملىقماقالىسىدا، «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1901-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى سانىغابېسىلغان «غۇلجىدىكى جەدىد مەكتەپلىرىدە 500 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. ئىمتىھانبايرام مەزگىلىدە ئېلىندى.»(1) دېگەن خەۋەرنى ئالاھىدەمىسالغا ئالغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم قاتارلىقلارنىڭغۇلجىدا جەدىدچە مەكتەپ ئېچىپ، بالىلاردىن ئوچۇق ئىمتىھان ئالغانلىقىغا ئىسپات بولالايدۇ.
خوش. يالقۇنروزىنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتنى ئېنىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي چىقارغان «ئابدۇراھمانداموللىنىڭ ياركەنتتە قاچان تۇرغانلىقىنى بىلەلمىسەكمۇ، بىر مەزگىل تۇرغانلىقىنىدەلىللىيەلەيمىز.» دېگەن ھۆكۈمى قىپ-قىزىل يالغان بولۇپ چىقمىدىمۇ!؟ ئېيتىڭلارا،ئۇنىڭ «ئادالەتنىڭ قازىسى»دەك چورتلا كېسىپ ئېيتىۋەتكەن «قىسقىسى، ئابدۇمۇتائالىخەلپىتىم ئىلىدا ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇشىنى يولغا قويغان پېشىۋا مائارىپچىلاردىنھېسابلانسىمۇ، ئەمما، پاكىت يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاساس كۈچلۈك بولمىغاچقا تۇنجىجەدىدچى دېگەن ئاتاققا نائىل بولالمايدۇ.» دېگەن تاقا-تۇقا گەپلىرىگە نېمەدېگۈلۈك؟
غۇلجىدىكى تارىخبىلىمى مول زىيالىيلاردىن پولات بۇرھان ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇمۇتائالى كامالىخەلپەم ئوغلى مۇھەممەتخان كامالىنىڭ تارىخقا ئىنتايىن ھېرىسمەنلىكىنى بىلگەچكە،ئۇنى نۇقۇل دىنىي ئىلىم ئۈگىنىشكىلا زورلىماستىن، تارىخقا ئائىت بىلىملەرنىمۇئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان ئىكەن. ئۇ، ئاتىسىنىڭ رىغبىتى بىلەن بېرىلىپ تارىخئۆگىنىپ، ئىلى تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋاقىئەلەرنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىدىغان«تىرىك تارىخ» لاردىن بولۇپ چىقىپتۇ. شۇڭا، تېيىپجان ھادى قاتارلىق تارىخئىخلاسمەنلىرى ئۇنى ئۇستاز سۈپىتىدەھۆرمەت قىلاتتىكەنتۇق. مانا مۇشۇنداق تارىخىي ھەقىقەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر زاتنىڭ ئۆز يىلتىزى،بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ھەققىدە خالىغانچە توقۇلما قىلىشى مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟!
پولات بۇرھانئاكىنىڭ مۇھەممەتخان كامالى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسىدىن مەلۇمبولىشىچە، ئابدۇمۇتائالى كامالى خەلپەم ئىنتايىن كىتابخۇمار كىشى بولغاچقا،ئۇستازى ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللام ھەزرەتلىرىنىڭ شەخسىي كۈتۈپخانىسىدىنتۈركىيە، مىسىر، تاتارىستان قاتارلىق يەرلەردە نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرنال،گېزىتلەرنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ، ۋاقتىدا قايتۇرۇپ تۇراتتىكەن. ئەل ئۆمرىدەباشقىلارنىڭ قىل چاغلىق نەرسىسىگە خىيانەت قىلمىغان بۇ پازىل زات بىركۈنى «شۇرا»ژۇرنىلىنىڭ مەلۇم بىر سانىنى ئۇستازىدىن بىسوراق ئېلىپ كېتىپتۇ ۋە ئۇنى قايسى يۈزىبىلەن قايتۇرۇشىنى بىلەلمىگەنلىكتىن، يادىكار سۈپىتىدە ساقلاشقا مەجبۇر بولۇپتۇ.كېيىنچە، ئۇستازى بۇ ئىشنى ئۇقۇپ سالىۋات قىلىۋېتىپتۇ. ئەمما خەلپەم ھەزرەت مۇشۇكىچىكىنە ئىش تۈپەيلى ئۆزىنى بىر ئۆمۈر ئەيىپلىك سانىغان ئىكەن.
يالقۇن روزى زورۇقۇپ ئىنكارقىلماقچى بولغان ئەسلىمىنىڭ چىنلىقىغا كەلسەك، مەزكۇر ئەسلىمە خەلپەم ھەزرەت ئۆزئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بەرگەن راست ئىشلارنى بىرىنچى قول ماتېرىيال قىلغانلىقتىن،ئۇنىڭ يالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. ئەسلىمە ئېلانقىلىنغان 1984- يىلى ئىلىدا خەلپەم ھەزرەتنىڭ زامانداشلىرى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ تىرىكشاھىدلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ھايات بولۇپ، ئەگەر، ئەسلىمىدىكى بايانلار ساختا بولسائۇلارنىڭ قىلچە يۈز–خاتىرە قىلماي ئىنكار قىلىشىغا ئۇچرىغان بولاتتى. دېمەك،شاھىدلارنىڭ بۇ ھەقتە تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرى تارىخىي ماتېرىيالنىڭ چىنلىقدەرىجىسىنى بېكىتىشنىڭ «ئۈچ ئۆز»لىك پىرىنسىپىغىمۇ تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.
يۇقۇرىقىلاردىن بىزئابدۇمۇتائالى خەلپەمنىڭ ياركەنتتىكى ئابدۇراھمان مىشارالىيا داموللامنىڭ قولىدائوقۇغانلىقىنى ۋە 1895- يىلى غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ جەدىدچە مەكتەپ ئاچقانلىقىنىدەلىللىيەلەيمىز.
ئارىمىزدا«باشقىلاردىن ئاڭلاپ يېزىۋېلىنغان تارىخقا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. تارىخ دېگەننىڭئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ بولۇشى كېرەك.» دەيدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا،بارلىق تارىخنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى قايتىدىن يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن،بۈگۈنكى قانلىق جەڭنىڭ ئەھۋالىنى بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا خاتىرىلەپ قالدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانئىش. ئۇنىڭ شاھىدلارنىڭ بايانىدىن ئاڭلاپ ئەتىسى خاتىرىلەنگەنلىكىگە قاراپ،بىراقلا يالغانغا چىقىرىۋەتكىلى بولامدۇ؟
1916-يىلى «تائالىيە» مەكتەپ تەرىپىدىن بۇ مەكتەپنىڭ4– سىنىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن 42– نومۇرلۇق ئوقۇغۇچى ئابدۇلخەمىتئابدۇلۋەكىلىگە تارقىتىپ بېرىلگەن تۆۋەندىكى «ئىمتىياز» گۇۋاھنامىسى بۇ سۆزىمىزنىڭچىنلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلايدۇ.
بىز بۇ «ئىمتىياز»نىڭ رەڭلىك ۋە ئۆلچەملىكئىشلەنگىنىگە قاراپ، «تائالىيە» مەكتەپنىڭ ئەينى دەۋردىكى مۇنتىزىم باشقۇرۇلۇشھالىتىنى كۆرىۋېلىپلا قالماي، ئىلى مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ قانچىلىك سەۋىيەگەيەتكەنلىكىنىمۇ كۆرىۋالالايمىز.
ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭئارىلىقنى يىراق كۆرمەي غۇلجىغا كېلىپ، ئابدۇللا بوبىنىڭ قولىدا ئوقۇشنىئارمانلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئابدۇللا بوبى (1917-1871)ئاتاقلىق پېداگوك بولۇپلا قالماي، قولىدا راۋرۇس قەلەم توختايدىغان ئاقارتقۇچى ۋەئەدىب ئىدى. ئۇنىڭ «بوبى مەدرىسەسى تارىخى»، «تەئەددۇدى زەۋجاتى ھىفزىىسسىھھاتەتەتبىق»، «تەرەققىئى فۇنۇن دىنسىزلىقىمۇجۇپمۇ؟»، «ھەقىقەت ياخۇد دوغرۇلۇق»، «تاتارچە خۇتبە ئوقۇش دۇرۇسمۇ؟»، «زامانىئىجتىھاد مۇنقەرىزمۇ – ئەمەسمۇ؟» قاتارلىق كىتابلارنى يازغانلىقى ۋە مۇھەممەت ئابدۇھنىڭ «تەۋھىد»كىتابىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەنلىكى مەلۇم. دېمەك، ئۇ ئالىملىق شەرتى ھازىرلىغانمەرىپەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ 1913-يىلى تاتارىستان «مائارىف» كىتابخانىسى تەرىپىدىن قازاندانەشر قىلىنغان «قىرائەت فەنىيە» («پەننى ئوقۇش») ناملىق خىمىيە تەجرىبە كىتابىغۇلجىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى بۇ سۆزىمىزنى تەستىقلايدۇ.
ئىلى ۋە يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىيېڭى مائارىپنى يولغا قويۇش ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا ئازبولمىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن، تىللاردا داستان بولغىدەك شانلىق نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈرگەن بولۇپ، ئىلى يېڭى مائارىپى ئەسىردىن ئۇزاق شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىجەريانىدا پۈتۈنسۈرۈك ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى،مۇستەھكەم ئاساستا شەكىللىنىشى، سىستېمىلىقيوسۇندا تەرەققىي قىلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كېلىشىدە ئۇلتاشلىق رولئوينىغان.
يۇقۇرى سەۋىيەلىك مەدەنىيمائارىپ سىستېمىسى بولمىسا، يۇقۇرى ساپالىق ئىختىساس ئېگىلىرىنىڭ يېتىشىپچىقىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. سان ئۆزگىرىشىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىگە تۈرتكەبولىدىغانلىقى ئەڭ ئەقەللىي پەلسەپەۋىي ساۋات. سان ۋە ساپا جەھەتتىن كىشىنى قايىلقىلكغۇدەك ناماياندىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەت بىزگە جەدىدچە مائارىپ تۈرتكىسىدەشەكىللەنگەن يېڭى مائارىپنىڭ ئىلى ۋە يەتتەسۇ ۋادىسىدا قانچىلىك چوڭقۇر يىلتىزتارتقانلىقىنى ۋە قانداق مول مېۋە بەرگەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
تۆۋەندە، مەن ئەنە شۇلارئىچىدىكى ناماياندا خاراكتېرلىك شەخسلەرنىڭ مۇبارەك نامىنى ئېھتىرام بىلەن تىلغائېلىپ ئۆتىمەن:
دۆلەت ۋە ئۆلكەرەھبەرلىرى:ۋېلىباي يولداشېف (1916-1836) چار رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى بولغان، ئابدۇللاروزىباقىيېف (1938-1897)، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك رەھبىرى بولغان،سىياسىي- ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، ئىسمائىل تاھىروف (1937-1900) turk سوۋېتجۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى بولغان، ياقۇپ روزېن (1978-1905) سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقئەللىرى بۆلۈمى مەركىزىى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، ئىسمائىل يۈسۈپوف (1914-)قازاقىستان كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان، مەسئۇد سابىرى (1951-1888)شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان، ئوسمان خوجايېف (1970-1898) ئۆزبېكىستان مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارىبولغان، ئەخمەتجان قاسىمى (1949-1914) شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، ئابدۇللازاكىروف (1982-1914) ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، تۇرسۇنرەخىموف (1986-1912) سوۋېت كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بولغان،ئابلەت ئابدۇرېشىت (1942-) ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو خەلق سىياسىيمەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، مېجىت ناسىر (1938-) ش ئۇ ئا ر خەلقھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭمۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، پاشا ئېشان (1938-) ش ئۇ ئار سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىنرەئىسى بولغان، ئابدۇللا ئىزباقىيېف (1990-1914) قازاقىستان ئىچكى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، مەروپ مەمەتوف (1983-1901) ئۆزبېكىستان رادىئوتېلېۋىزىيە كومىتېتېنىڭ رەئىسى بولغان، خېلەم خۇدايبېردىيېف (2004-1918)ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، سەييارەسەيدىۋاققاسېۋا (1942-) سوۋېت قارىقالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن سەھىيەمىنىستىرى بولغان، روبېرت تۇردىيېف (2000-1939) دېپلومات، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭتۇنىستا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان، دىئاس ھاسانوف (1991-1942) دىپلومات، سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، ئابدۇلئەھەت خوجايېف (1942-)دوكتور، دىپلومات، ئۆزبېكىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش كاتىبىبولغان.
ئاكادېمىكلار: ئەزىزئىسلامجانوۋىچ نارىنبايېف (1924-) پىروفېسسور، دوكتۇر، قىرغىزىستان پەنلەرئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، غوجاخمەت سەدۋاققاسوف (1991-1929) دوكتور، قازاقىستانپەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى، ماخمۇت ئەبەيدۇللايېۋىچئابدۇراخمانوف (1936-) پىروفېسسور، دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىسوتسئالوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى، ماھمۇتجان ھەۋەيدۇللايېۋىچ ئابدۇللايېف (1934-)دوكتور، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادېمىكى،مۇراتبېك كەرىموۋىچ ھەمرايېف (1983-1936) س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭئاكادېمىكى، رەخىمجان ئاۋۇتوف (1999-1936) پىروفېسسور، دوكتور، قازاقىستان پەنلەرئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دولقۇن ياسىن (ئۇچقۇن) (1938-) شائىر، ژۇرنالىست،ئامېرىكا كالفورنىيە خەلقئارا ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، يارمۇھەممەت مۇبارەكوف(1999-1944) ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تېخنولوگىيە پەنلىرى ئاكادېمىكى،تۇرغان قۇربانوۋىچ سوپىيوف (1942-) مېدىتسىنا پەنلىرى پىروفېسسورى، دوكتور،قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېدىتسىنا پەنلىرى ئاكادېمىكى، ھوشۇر ئىسلام(1942-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭئاكادېمىكى، ھاكىمجان ئارۇپوف (1962-) ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، خەلقئارالىق ئىنفورماتسىيە پەنلىرىئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تۇران ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكولتېتىنىڭمۇدىرى.
دوكتور، پىروفېسسور، دوتسېنتلار: بۇرھان قاسىموف(1938-1902) سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭپىروفېسسورى، ئابدۇسېمەتوف رابېك (1986-1915) مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، قارىبايېۋا ساھىپجامال (1921-) مېدىتسىناپەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تۇغلۇقجان تالىپوف (1925-) فىلولوگىيە پەنلىرىدوكتورى، ئىدۋارت رەخىموف (1930-) دوكتور، پىروافېسسور، قاپىيە ئابدۇللايېف(1932-) پېروفېسسور، دامېر ساتتاروف (1934-) دوكتور، مامىدوۋا فىلورا (1940-)مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، رۇسلان روزىباقىيېف (1941-) مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تېمۇريالتاشېف (1956-) تېخنىلوگىيە پەنلىرى دوكتورى، ئامېرىكا كالفورنىيە دۆلەتلىكئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئابدۇرېشىت ئەلىيېف (1934-) فىزىماتېكا پەنلىرىدوكتورى، پىروفېسسور، ئابدۇلئەزىز ئابدۇللايېف (1936-) دوكتور ھەم پىروافېسسور،تېلمان ساتتاروف (1940-) تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، تامارا ئەلباقىيېۋا(1941-) مۇزىكا پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، بەھرامجان گىلاۋدىنوف (1942-)،ئارخېتىكتورىيە پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، ئالېكساندىر رەخىموف (1943-) يادروفىزىكا پەنلىرى دوكتورى، موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، خەمىتتىلاشېف (1944-) دوكتور ھەم پىروفېسسور، كىلارا رەخىموۋا (1939-) مېدىتسىناپەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، شەرىپىدىن ئۆمەر (1995-1932) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرى پىروفېسسورى،تۇردى ئوسمان (1938-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يادرو فىزىكا پەنلىرى پىروفېسسورى،مۇھەممەتجان سادىق (2012-1936) ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ فىلولوگىيە پەنلىرىپىروفېسسورى، شۈكۈرخان زەيدۇن (1939-) شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاياللاركېسەللىكلىرى پىروفېسسورى، ئابدۇلھەي مۇھەممىدى (تولۇق ئىسمى مۇھەممىدوف ئابدۇلھەيزاكىر ئوغلى) (1946-1901) تىلشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، دوتسېنىت، مامىدوف مەرۇپ (1966-1901) ئىقتىساد پەنلىرىدوتسېنتى، ئەرشەم ھىدايەت تولۇق ئىسمى ئەرشىدىن ھىدايەت (1951-1906) تارىخ پەنلىرىدوتسېنتى، سالىھبايېف خەمىت سالىھ ئوغلى(1970-1909) دوتسېنت، روزىباقىيېفئابدۇمېجىت ئەكبەر ئوغلى (1910-) بىئولوگىيە پەنلىرى دوتسېنتنى، مۇخامېدىۋا مەريەم(1946-1910) تارىخ پەنلەر دوكتۇر نامزاتى، دوتسېنت، تۇرغانوف مىرغىياسىدىن (1987-1911)تارىخ پەنلىرى دوتسېنتى، ئايشەم شەمىيېۋا (1978-1912) تىلشۇناسلىق پەنلىرىدوتسېنتى، ئەيسىراخۇن دەرام (1966-1912) ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، غوجامبەردىيېفۋاھاپ (1988-1912) مېدىتسىنا پەنلىرى دوتسېنتى، نىيازوف باھاۋىدۇن (1975-1912)بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتور نامزاتى، دوتسېنت، تۇرسۇنوف ئەخمەتجان (1967-1920) ئىقتىسادپەنلىرى دوكتور دوتسېنتى، ئىسمائىلىۋا ئازادگۈل (1925-)، تېخنىلوگىيە پەنلىرىدوتسېنتى، ساتتار سالىخ (1992-1926) ھايۋانات پەنلىرى دوتسېنتى، ئابابەكرى ئىسلام (1936-) ماتېماتىكا پەنلىرىدوتسېنتى، قۇببەس يولداش (1938-) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پەنلىرىدوتسېنتى، ئەخمەتجان ئەسقەرى (2000-1938) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىلشۇناسلىقپەنلىرى دوتسېنتى قاتارلىقلار.
مەرىپەتچىلەر: خەلپەتمەۋلانىدىن (1810-1738)، خەلپەت قاھاۋىدىن (1888-1786)، يۈسۈپ خەلپەت، ئابدۇقادىر خەلپەت، خەلپەت زاھىتئەپەندى (1871-1845)، خەلپەت غوجامبەردى ھاجىم (1939-1848)، موللائىمىن ھەمەش(1849-1901)، ئابدۇراھمان مەخسۇم (1935-1855)، كەشفۇلئەسرار داموللا (1858-1957)ۋە رەپىقىسى ئامىنە ئابىستاي، تاھىر خەلپەت (1953-1860)، خامۇش خەلپەم، خەلپەتئەمىردىن ھاجىم (1917-1862)، مەنسۇر خەلپەت (1900-1865)، ئىمىر داموللام (1929-1866)،ئابدۇمۇتائالى خەلپەم (1960-1867) ۋە رەپىقىسى زۆھرە ئابىستاي، تاھىر ئىمىننىياز(1947-1869)، ئابدۇللا بوبى (1922-1871)، سېپىئايىم توختىيېۋا (1934-1872)،ئاقموللا خەلپەت (1948-1880)، ئايخان ئانا (1942-1882)، ئابدۇللا غوجامبەردى (1883-1956)،مەمتىلاخۇن سەئىدى (1962-1884)، مەسۇم ئەپەندى، رەپىق ئەپەندى ۋە رەپىقىسى شەفىقەئابىستاي، شاكىر خەلپەت، ئابدۇللا توقماق، پىدا خەلپەت، مۇھەممەت باراتسوپى، مەشۇرتوختاخۇن، ھەسەن ئاقچۇرىن، يۈسۈپ خەلپەت، قاسىمئاخۇن ئوسمان خەلپەت (1931-1886)،ئەمرۇللا خەلپەت (1954-1887)، ناسۇھا ئىمىن (1944-1888)، ھارۇن ھاجى، داموللارازىيېف (1952-1889)، رەيھان خەلپەت (1944-1895)، سوپى زارۋات (1922-1890)،ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف (1935-1890)، ئابدۇراھمان شادى (1937-1894)، ئىمىنجانباھاۋىدۇن (1948-1897)، سەيدۇللا خەلپىتىم، ئەسقەر قارى، ھاكىم ئەپەندى، ھاشىررازاق، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندى، ھاشىر گۆھەرباقى، شەمشىدىن مۇھەممەتنۇرى،گابىتوف شېرفىدىن، مەرۇپ سەئىدى (1940-1898)، تېيىپزات تاھىرى (1947-1901)، ئابدۇلخەمىتئابدۇلۋەكىلى (1995-1902)، مەشىر روزىيېف (1982-1902)، زەينەپ گابىتوۋا (1984-1905)،ئەزىم سۇچەكوف (2008-1895)، خەمىت سەئىدى (1964-1906)، مالىك بېكتېمىروف،ئابدۇسالام ئەسقەرى (1972-1909)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (1958-1909)، ھەسەل ئەپەندىتۆلەگەن (1955-1910)، ئۆمەرجان گۆلەم (1968-1913)، نۇرمۇھەممەت يۈسۈپى (1994-1920)،ھۈسەيىن رەشىتوف (1995-1922)، زەينىدىن يۈسۈپ (1987-1924)، كېۋىر نىياز (2001-1921)،ئىمىنجان يۈسۈپ (1998-1921)، ئاسىم مەسۇم ئەپەندى (2007-1922)، ھاكىم جاپپار (2002-1925)،مەسئۇد ئىسمائىل (1971-1925) قاتارلىقلار.
يازغۇچى- شائىرلار: نىزامىدىنئاخۇنۇم، موللا بىلال نازىمى (1900-1823)، سېيىت مۇھەممەت قاشى (1905-1820)،ئابدۇللا ھاپىز (1956-1875)، ئارۇپ قاسىمى (1936-1887)، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف(1951-1887)، نامەت خەلپەت (1962-1888)، پاشا غوجا ھاكىمبەگ (1962-1893)، مەرۇپسەئىدى (1942-1898)، ئايۇپ مەنسۇرى (1942-1902)، ئۆمەر مۇھەممىدى (1931-1906)،ھېزىم ئىسكەندەروف (1970-1906)، مۆمىن ھەمرايېف (1955-1907)، نەسرۇللا قارىفەرھەتى (1997-1907)، نۇر ئىسرائىلوف (1953-1910)، ئابدۇرېھىم يۈسۈپى (1974-1911)،زۇنۇن قادىرى (1989-1911)، ئىبراھىم نورۇز (1971-1911)، (1974-1911)، خېلىل ساتتارى(1943-1912)، قادىر ھەسەنوف (1912)، ئەنۋەر ناسىرى (1945-1914)، زىيا سەمەدى (2000-1914)،نۇرمۇھەممەد بوساقوف (1946-1914)، ئابدۇرېھىم ئەيسا (1958-1914)، ئىسمائىلساتتاروف (1944-1916)، جامالىدىن بوساقوف (1987-1918)، داۋۇت تۇرەخمەتوف (1978-1918)،لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1945-1922)، ئابدۇرېشىت ئىمىن (1949-1922)، تۇرسۇن قاھارى(2008-1924)، ھېزمەت ئابدۇللىن (1986-1925)، يۈسۈپ ئىلياس (1999-1925)، تېيىپجانھادى (1989-1925)، باتۇر ئەرشىدىنوف (1926-)، خېلىل ھەمرايېف (1993-1928)، ئىلىيابەختىيا (1987-1932)، تېيىپجان ئېلىيېف (1989-1930)، ئەلقەم ئەختەم (1922-)،زوردۇن سابىر (1998-1937) ، ئىسرائىل ئېبراگىموف (1934-)، پاتىگۈل سابىتېۋا(1936-)، ئەخمەتجان ھاشىرى (1938-) قاتارلىقلار.
ھەربىي سەپتىكىلەر: سوۋېت ئارمىيەسىگېنېرالى راۋېل تۇرسۇنوف، ئۈچ ۋىلايەتمىللىي ئارمىيەسى مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف، گېنېرال مايور مەرغۇپئىسخاقوف، گېنېرال مايور زاھىر ساۋدانوف، گېنېرال مايور مۇزەپپەر ئابدۇللايوف،گېنېرال مايور ئىبراھىم سۇلايمان، گېنېرال لېيتنانت مامىتوف تۇرسۇن، پولكوۋنىكئابدۇرېھىم ھەسەنوف، پولكوۋنىك غېنى باتۇر، پولكوۋنىك رەخىمجان سابىر ھاجىيوف،پولكوۋنىك ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيوف، پولكوۋنىك ئاۋاكرى ناسىروف، پولكوۋنېك قاھارشارىپوف، پولكوۋنېك رۇستەم دۇگاشوف، پولكوۋنىك مۇناجىدىن باراتوف، پولكوۋنىكمىرغىياس ياقۇبوف، پودپولكوۋنىك سالاھىدىن سىدىق، پودپولكوۋنىك ئابلاخان، پودپولكوۋنىكيۈسۈپجان ياسىنوف، ئاۋىئاتسىيە باش ئىنژىنېرى رۇشىدىن كىچىكوف، ئاۋىئاتسىيەئىنژىنېرى ئابدۇكېرىم ئابدۇشۈكۈروف، باشلامچى ئۇچقۇچى ئابدۇخېلىل زەيناۋىدىنوف ،ئۇچقۇچى ياقۇب پەرھاتوف قاتارلىقلار.
سەنئەتكارلار: ئاتاقلىقمۇقامشۇناس روزى تەمبۇر، قازاقىستان كومپوزىتورلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، مۇزىكاپەنلىرى پىروفېسسورى قۇددۇس غوجامياروف، قازاقىستان خەلق ئارتىسى، موسكۋا بالىشويتىياتىرىنىڭ دىرېژورى، مۇزىكا پەنلىرى پىروفېسسورى غەزىز دۇگاشېف، سەنئەتتەتقىقاتچىسى يۈسۈپجان غاپپاروف، غۇلجا سانائىينەفىسەنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن مەتتاھىرھەسەن، ئابدۇنەبى ماناپوف، گۈلسۈم ئىسمائىلوۋا، سەيدۇللام رەخمىتۇللام(ئىسكىروپكىنى شىنجاڭغا تۇنجى ئەكىرگۈچى)، نۇرمۇھەممەت ناسىروف، ئاتاقلىق رېژىسسورجالالىدىن يەھيارى، ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇۋەلى جارۇللايېف، دۆلەتلىك بىرىنچىدەرىجىلىك كومپوزىتورلاردىن: زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامى، ئابلىكىم ئابدۇللا،ئوسمانجان ئۆمەر، غىياسىدىن بارات، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن كومپوزىتورسېلىماخۇن زەينالوف، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ناخشىچى پاشا ئېشان،ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلاردىن: ئەيسا ئىبراگىموف، سۇلتانمۇراتئەزىموف، قازاقىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسلاردىن: غۇلام جەلىلوف، ئاسقارجانئاكباروف، سەيدەكرەم تۆلىگەنوف، قازاقىستان خەلق ئارتىسلىرىدىن: جالال ئاسىموف،ئەخمەت شەمىيېف، رۇقىيە ساتتاروۋا، ئايتۇرغان ھاسانوۋا قاتارلىقلار.
تارىخ تارىخ ياراتقۇچىلارنىئۇنتۇمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك نامى تارىخنىڭ ئالتۇن قۇرلىرىغا مەڭگۈ مۆھۈرلەنگۈسى. يۇقۇرىدا مەن سەھىپە ئېھتىياجى بىلەن ئىلى مائارىپىنىڭ گۈللەپ- يشنىشىئۈچۈن، قىممەتلىك يۈرەك قېنىنى سەرپ ناماياندا خاراكتېرلىك كىشىلەرنىڭنامىنىلاتىلغا ئالالىدىم. بۇلار پەقەت تارىخ پاراۋۇزىنىڭ ئەڭ پىداكار رولچىلىرى، خالاس.ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغۇچىلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش بەسى مۈشكۈل.
خەلق يەنىلا ھەقىقىيقەھرىماندۇر. مائارىپتىكى ئويغىنىش ۋە يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتخاراكتېرلىك ئىدىيەۋى ئويغىنىش، يېڭىلىققا ئىنتىلىش ھەرىكىتى تۈرتكىسىدە ئەمەلگەئاشىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىزچىلتەرەققىيات مۇساپىسىغا قەدەم قويۇشى تارىخ تەرەققىياتىنىڭ ئەنە ئاشۇ ئوبيېكتىپمەنتىقىسىدىن مۇستەسنا بولغان ئەمەس، ئەلۋەتتە.
بىز ئىلى ۋە يەتتەسۇئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي مائارىپ جەھەتتىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىشىشدەرىجىسىنىڭ يۇقۇرى بولۇشىدىكى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەرنى تەھلىلقىلغاندا، ئۇلار ھايات كەچۈرگەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن ئۇلارنىڭئادىمىيلىك ساپاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن ئالاھىدە گىرەلەشمە مەدەنىيەت ئارقاكۆرىنىشىنىڭ مۇھىم رولىنى تىلغا ئالغان ئىدۇق.
مانا بۇ خىل ئالاھىدە مۇھىت ئىلى خەلقىنىڭ ئاڭۋە ئىدىيە جەھەتتىكى ئويغىنىشنى ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكىقېرىنداشلىرىغا قارىغاندا بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاساسيارىتىپ بەرگەن ھەمدە ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ ئانا دىيارىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىنبالدۇر باشلىنىشى ۋە مۇستەھكەم ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكەبولغان.
دېمەك، ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلىنىشى ۋەئۇنىڭ ئىلىنىڭ شەھەر، يېزا- قىشلاقلىرىغىچە تەڭلا ئەۋج ئېلىپ، كۈچلىك مەدەنىيمائارىپ ھەرىكىتى دولقۇنىغا ئايلىنالىشىدا ئەنە ئاشۇنداق مۇستەھكەم ئاممىۋىي ئاساسۋە قويۇق ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ئاتموسفېراسى ۋە ئىدىيە-ئاڭ جەھەتتىكى ئىلغارلىقھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇنىڭ توسقۇنسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنىمائارىپ ۋە مەدەنىيلىكنى قەدىرلەيدىغان ئىلى خەلقىنىڭ بىردەك قوللىشى ۋە ئۇلارئىچىدىن چىققان مەرىپەت پېشىۋالىرىنىڭ پائال ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىدىنئايرىپ قارىيالمايمىز.
ئىلى خەلقى يېڭى مائارىپنىيولغا قويۇش ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا ئاز بولمىغانبەدەللەرنى تۆلىدى، تىللاردا داستان بولغىدەك نەتىجىلەرنى ياراتتى. شۇڭا، بىز ئىلىيېڭى مائارىپىنىڭ ئەسىردىن ھالقىغان شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدا پۈتۈنسۈرۈكئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، مۇستەھكەم ئاساستاشەكىللىنىشى، سىستېمىلىق يوسۇندا تەرەققىيقىلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك مۇنتىزىم ھالەتكە كېلىشىدە ئۇلتاشلىق رول ئوينىغانلىقىدەكھەقىقەتكە زىبىز كۆز يۇمالمايمىز. چۈنكى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق باشلانغانلىقىغائوبيېكتىپ ۋە ئىلمىي باھا بەرگەنلىك يالغۇز ئىلى مائارىپىنىڭلا ئەمەس، بەلكىپۈتكۈل ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەننەتىجىلىرىگە ئادىل ھەم ۋىجدانەن باھا بەرگەنلىكتۇر.
خۇلاسە كالام شۇكى، ئىلىدا يېڭى مائارىپ 1850-يىللاردىن كېيىن بارلىققاكەلگەن پەننىيلەشكەن مائارىپ ئاساسىدا بىخ سۈرگەن، 1867–يىلى قورغاس مازارلىق زاھىت ئەپەندىنىڭ دىنىيدەرسلەرنى دادىل ئىسلاھ قىلىپ پەننىي دەرسلەرنى قوشۇپ ئۆتۈشى بىلەن دەسلەپكىقەدەمدە شەكىللەنگەن، 1873-يىلى رۇسلارنىڭ غۇلجىدا ياۋروپا مائارىپ ئەندىزىسىبويىچە مۇنتىزىم پەننىي مەكتەپ ئېچىشى بىلەن رەسمىي باشلانغان، 1883-يىلى ئىسمائىلغاسپىرالى قوزغىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىجابىي تەسىرىدە يەنىمۇسىستېمىلاشقان، خەلپەم ھەزرەت، مەسۇم ئەپەندى قاتارلىق مائارىپ پېشىۋالىرىنىڭئىزچىل جانپىدالىق كۆرسىتىشى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىغا بارلىقىنى بېغىشلىغانكەشفۇلئەسرار داموللا، ئابدۇللا بوبى قاتارلىق تاتار مەرىپەتچىلىرىنىڭ جانكۆيەرلىكبىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ساغلام تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ مۇنتىزىمھالەتكە كەلگەن ھەمدە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىۋە كېيىنكى تۈرلىك يېڭىلىقلار داۋامىدا زورىيىپ، ئۈزۈلمەس مائارىپ ئېقىنىدولقۇنىغا ئايلانغان ۋە ئانا دىيارىمىز يېڭى مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى،مۇنتىزىملىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان.
مەن ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىيپاكىتلار ۋە دوكمېنتلىق ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىئىلىدىن باشلانغان، دېگەن ئىلمىي قاراشنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئۇيغۇر مائارىپتارىخى ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشاشمىغان قاراشلىرىنىئوتتۇرىغا قويۇشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 B0 l, X5 T" y$ u- D0 m- [پايدىلانغانماتېرىياللار:
(1)،(2)،(3)،(4)،(5)،(6)،(7)،(8)،(25)،(26)،(27)–كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «ئىسمائىل بەگ گاسپىرىنىسكى» ناملىق كىتاب، تاتارىستانجېيېن نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى، 2006-يىل، قازان.
(9) ،(21) - ۋاسىلى ۋاسىلىيېۋىچ رادلوف،«ئىلىغا ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق ماقالە، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 3-سان، غۇلجا، پولات بۇرھان تەرجىمىسى.
(10) - ۋ. ئا.موئېسېيېف، «رۇسىيە ۋە جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىياسىدا» ناملىق كىتاب، رۇسىيە تارىخ نەشرىياتى، 2000 - يىل، رۇسچەنەشرى، موسكۋا.
(11) - رەھمىتۇللاھەسەن، «چىڭسۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكىئۇيغۇرلارنىڭمائارىپ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى» ناملىقماقالە، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى،ئۇيغۇرچە، 2013-يىللىق 2–سان، ئۈرۈمچى.
(12)،(31) - كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «20 ـئەسىر ناماياندىلىرى» ناملىق كىتاب، قازاقىستان روند نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە نەشرى،2005-يىل، ئالمۇتا.
(13)،(14)،(20)،(22)، (28)،(29)،(30)– نەزەرغوجائابدۇسەمەتوف، «يورۇق ساھىللار» ناملىق كىتاب، قازاقىستان جازۇشى نەشرىياتى،ئۇيغۇرچە نەشرى، 1991-يىل، ئالمۇتا.
(15)،(16)،(18)،(19) - نۇشرىۋان يائوشېف، «قەشقەرمەكتۇپلىرى»، «مىللەتلەر نەشرىياتى»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 2013-يىل، بېيجىڭ.
(17) – شې بىن،«شې بىننىڭ ‹شىنجاڭغا ساياھەت خاتېرىسى› دىن ئۈزۈندىلەر»، «ئىلى تارىخماتېرىياللىرى» ، 19- سان، پولات بۇرھان تەرجىمىسى.
(22) – چوقانچىڭگىزوۋىچ ۋەلىخانوف، «ئالتەشەھەرگە سەپەر»، ئالمۇتا ئاتا مۇرا نەشرىياتى،قازاقچە نەشرى، 2006-يىل، 133-بەت.
(23) – مىرقاسىمگوسمانوف، «يېپىلمىغان كىتاب»، تاتارىستان كىتاب نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى،1996-يىل، قازان .
(24) ـ كوللىكتىپ ئاپتورلۇقىدىكى «ئۆچمەس ئوتلارلاۋۇلدايدۇ» ناملىق كىتاب، تاتارىستان كىتاب نەشرىياتى، تاتارچە نەشرى، 2006-يىل،قازان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: _$ |; |% m6 ^( S0 P; p1 m: O
[1] 伊宁市地方志编纂委员会:《伊宁市志》,新疆人民出版社,2002年版,第680页。بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 q F! f+ ^5 }' ~+ d- z: j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 ^( @/ G$ C+ U( z! z
[2] DelmarMorgan, A Journey through Semiretchia toKuldja in 1880, proceedings of the Royal Geographical Society New Monthlyseries Vol.3 (1881), pp.163-164. See the description offered in Linda Bensonand Ingvar Svanberg, The Russians inXinjiang, Central Asian Survey, Vol.8, No .2. 1989 Printed in GreatBritian, p.105.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ _$ b# ?7 Q5 s3 W3 k, F* v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* e$ W9 b" V' ^[3] Mirkasım OSMANOV,İsmail Bey Gaspıralı Ve Doğu Türkistanda Yeni Uygur Maarifçiliği[A]. Hakan KIRIMLI, İsmail Bey Gaspıralı İçin[C]. Ankara, 2004, 669.[4] Masamihamada, La Transmission du Mouvement Nationaliste au TurkestanOriental (Xinjiang) [J] ,Central Asian Survey, Vol.1, 1990.[5] EugeneSchuyler, Turkistan. Notes of a Journeyin Russian Turkistan, Kokand, Bukara, and Kuldja Vol.2(London, 1876),p.199.See the description offered in Linda Benson and Ingvar Svanberg, The Russians in Xinjiang, Central AsianSurvey, Vol.8, No .2. 1989 Printed in Great Britian, p.105.6 伊宁市地方志编纂委员会编,《伊宁市志》,新疆人民出版社,2002年版,第682页。
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 w6 F3 T0 Z1 O; ^! p# @$ z بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Kiqik-sabiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 02:30 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ^( R( ~" v# s; J& ]: T" w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) p* o3 Q7 y: k' b9 W3 I1 [4 `' x4 F