مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3853|ئىنكاس: 40

جىنسىيەت تەسۋىرى ھەققىدە بەزى يازغۇچىلارغا تەنقىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110600
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 12:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يازغۇچىلار:« ئەدەبىيات تۇرمۇشنى، چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۇردۇ، جىنسىيەت ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمى بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇنى ئىپادىلەشكە ئەدەبىياتتىن ئورۇن بىرىشىمىز كىرەك». دىگەننى دەسمايە قىلىۋىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىڭىغا شەھۋەت، شەرمىى-ھاياسىزلىق، بۇزۇقچىلىقنىڭ ئۇرۇقىنى بىلىپ-بىلمەي تىرىپ قويۇشقا سەۋەپ بولىدۇ.

     جىنسىي ئاڭ ئىنسانلارنىڭ ئىڭىغا يارتىلىشىدىنلا پۇتۇۋىتىلىنگەن بولۇپ، ئەدەپ-ئەخلاپ، شەرمىي-ھايا، ھالاللىق يولى بىلەن جىنسىي ئىستەكلەر قاندۇرۇلسا، ئىنسانلارنىڭ ساغلام يول بىلەن كۆپىيىشىگە، ئەر-ئاياللار ئارسىدىكى يىقىنلىق، خۇشاللىق، مۇھەببەتنىڭ كۇچىيىشىگە، ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۇرۇتكۇلۇك تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ئەگەر جىنسىي ئىستەكلەر بۇزۇق خىياللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە يىتەكلىشى ئارقىسىدا، شەرمىي ھاياسىزلىق پاتقىقىغا پىتىپ قالسا، شەھۋەت ئۇنى ھارامدىن ئاجىريالماس ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويۇپ، جەمىيەتتە زىنا-زالالەت، بۇزۇقچىلىق، ئاشنىدارچىلىقنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

      بۇ تىمىنى يىزىشتىكى مەقسەتكە كەلسەم: «جىنسىيەت ھەققىدىكى خىياللارنى قىلىش، ئۇ ھەقتىكى تەسۋىر-ئىپادىلەرنى كۆرۇش، ئاڭلاش، ئوقۇشنىڭ شەھۋەتنىڭ كۇچىيىشىگە سەۋەپ بولدىغانلىقى، شەھۋەت پەردىشەپ پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھارام بىلەن بىرلەشسە،  بۇ خىل سەزگۇ ھالىتىدە تۇرغان تۇيغۇلارنىڭ زىنا-زالالەتنىڭ مۇقەددىمىسى بۇلۇپ قالدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋە بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى يالڭاچ تەسۋىرلەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى ۋە ئۆزىنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

     بەزى كىشىلەردىن شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمەن: « پەردىشەپ يوق تەسۋىرلەر يىزىلغان ئەسەر ياخشى ئەسەر ئەمەس»، « ئاتا-ئانىمىز، بالا چاقىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇنلۇك ئاۋازدا ئوقىساق بەزى يەرلرى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدىغان ئەسەر ياخشى ئەسەر ئەمەس». « ئەدەبىي ئەسەرلەر ھاياسىز ئىشلارنى تەسۋىرلەيدىغان ئەمەس، ھاياسىزلىقنى تەنقىتلەيدىغان، ئۇنىغا قارشى تەربىيە ئىلىپ باردىغان بولىشى كىرەك». بۇ سۆزلەر ھەققىدە شۇنداق تەسۋىرلەرنى ئەسەرلىرىدە يىزىۋاتقان ئاشۇ يازغۇچىلار ئويلىنىپ بىقىشى كىرەك.

     شۇنداق تەسۋىرلەرنى ئەسەرلىرىدە يىزىۋاتقان بەزى يازغۇچىلار ئۆزىنى ئاقلاپ شۇنداق دىيىشى مۇمكىن: « بىزنىڭ يىزىۋاتقىنىمىز ئەخلاقسىزلىقنى، ھاياسىزلىقنى تەشۋىق قىلىش ئەمەس، ئوقۇرمەنلەرنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ رىئاللىقتىكى  ئاشۇ ئازغان، چۇشكۇنلەشكەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، ئىچكى دۇنياسىنى، پىسخىكىسىنى، ئۇلارنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى تەسۋىرلەپ، باشقىلارنىڭ شۇ يولدا مىڭىپ قالماسلىقى ئۇچۇن ئىبرەت-ساۋاق قىلىشتىن ئىبارەت».  ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ داۋاسىغا چۇشلۇق، جىنسىيەت مەسىلىرىنى ئەدەبىي ئەسەردە قانداق ئىپادىلەش، تەربىيۋى ئەھمىيىتىنى ئاشۇرۇش توغۇرلۇق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەسەرلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس.

     ئەسەرلىرىدە جىنسىيەتنى ھاياسىزلارچە يالڭاچلاپ تەسۋىرلەپ بولۇپ، ئوقۇرمەنلىرىگە بۇلار سىلەرگە ئىبرەت بولسۇن، ساۋاق ئىلىڭلار، شەرمىي ھايالىق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇڭلار دەپ ئەخلاقنى تەرغىپ قىلدىغان، جەمىيەتتە ئىتىقاد سۇسلاشتى، ئەخلاقسىزلىق ئەۋجىگە چىقتى، ھەقىقى مۇھەببەت ساداقەت كەملەپ كەتتى دەپ قاقشايدىغان يازغۇچىلارنىڭ ھالى بەكمۇ كۇلكىلىك. پىرسۇناژلىرىنىڭ چۇشكۇن، چىركىن تەرەپلىرىنى شۇنچە تەپسىيلى، ئىنچىكە، خۇددى كۆرۇپ تۇرۋاتقاندەك تەسۋىرلەپ، ئەسەرلىرىنى بۇنداق تەسۋىر بايانلار بىلەن لىق توشقۇزۇپ، ئاخىرىدا خۇلاسە سۇپىتىدە خاتىرسىگە ئۇزۇندە قىلىپ كۆچۇرۋالغان ئەخلاقى تەشەببۇسلارنى تومتاقلا ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەخلاقى چۇشكۇنلۇكنىڭ زىيىنىنى يورۇتۇپ بەرگەن بۇ كاتتا ئەسىرىدىن پەخىرلىنىپ ئىلان قىلدىغان يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەقەدەر نادانلىقىنى ھىس قىلمىغان بولسا كىرەك.

    جىنسىيەت ھالاللىق ۋە پىنھانلىق بىلەن ئىنسانلارغا بەخىت، خۇشاللىق كەلتۇردۇ، ئىنسانلار نەسلىنى كۆپەيتىدۇ. ھارامدىن جىنسىيەتنى قاندۇرماقچى بولغانلار  ۋە پىنھاندىكى جىنسىيەتنى كىشىلەرگە ئاشكارا قىلىغانلار گۇناھكارلاردۇر. ئەدەبىي ئەسەرلەردە جىنسىيەتنى يالڭاچ تەسۋىرلەشنىڭ  ئاممىۋى سورۇندا بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن پەرقى يوق، ماھىيەتتىن ئىيىتقاندا، بۇزۇقچىلىقنى تەسۋىرلەش، بۇزۇقچىلىق قىلىشنىڭ بىر تۇرىدىن ئىبارەت.

    جىنسىيەتنى يالڭاچ تەسۋىرلىمەيمۇ ئەسەر يازغىلى، تۇرمۇشنى چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگىنى بولىدۇ، شەرمىي-ھايا، ئەخلاق، جىنسىيەت تەربىيسىنى ئىلىپ بارغىنى بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە سۆيگۇ-مۇھەببەتكە سادىق، گۇزەل ئەخلاق پەزىلەتلىك، ئەقىدە-ئىتىقادلىق قەھرىمان پىرسۇناژلارنى مەيدانغا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەسەرنى يىزىش، بۇنداق پىرسۇناژنى مەيدانغا چىقىرىش ئەڭ ئاۋال ئاشۇ قەلەم تەۋرەتكۇچى ئەدىپنىڭ ئەنە شۇنداق قەھرىمان بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ!

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 05:06:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىتەرەپلىمىلىك . يىزىش توغرا كەلگەن يەردە چۇقۇم يىزىش كىرەك . ئۇلۇغ يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرمۇ يازغانغۇ . گەپ ئۇقۇرمەننىڭ قانداق چۈشىنىشىدە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 05:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى ئەسەرلەردە زومزور يىزىپ قويىدۇ زادى شۇنى تەسۋىرلىمىسە بولمايدىغاندەك ئاتلاپ ئۆتۇپ ئوقۇيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113408
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 05:24:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ شۇ ئوقۇرمەننىڭ  چۈشىنىشىدە .لېكى چېكىدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىپ قويىدۇ .ھەممە ئىشنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى .............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 05:29:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىنى ياخشى يېزىپسىز ئەپسۇس بىر نەچچە پارچە ئەسەرلەردىن نەقىل ئېلىپ سېلىشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولاتتى،مەنمۇ مۇشۇنداق بىر تېما ھەققىدە ئويلاشقان بىراق بىر قىسىم ئاپتورلارنىڭ چىچاڭشىپ ئارىدا ئىختىلاپ تۇغۇلماسلىقىنى ئويلىدىم ،بىزدە شاللاق يازغۇچى شالتاق ئەسەرلەر يوق ئەمەس....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108577
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-7-19
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 05:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىم مەسىلەيەنىلا ئوقۇرمەندە

ئايرىلىپ قالساڭ مېنىڭدىن ،
كۆزلىرىڭدىن تۆكۈلەر يامغۇر.
كېتىپ قالسام يىراقلارغا،
ئېتىزىڭدا ئوخشىماس چامغۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 07:45:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزىش توغرا كەلگەندىمۇ، رەسىمگە تارتىۋالغاندەك ئىجى - بىجى ھەممىنى تەپسىلى يازماي، پەقەت ئوقۇرمەن ئوقۇپ ھېس قىلالىغۇدەكلا يازسا يېتەرلىك مېنىڭچە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1802 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 08:21:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           ئەدەبىياتتا بەدىئى توقۇلما ۋە رىئاللىقتىن ھالقىغان تەسۋىرلەش ئۇسۇللىرى قوللىنىدۇ .
مەن تىخى ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىنىڭ سىرىق فىلىم ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەر فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى ياكى سىنارىيە قىلغۇدەك ئەسەر يازغانلىقىنى بىلمەيمەن .
          جىنسىيەت بىلىملىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق كۆزقارىشىغا ئاسەسەن بىزدە ئەيبلىك ئىش دەپ قارىلىپ .جىنسىيەت تەربىيىدى بىرىلمەيدۇ .بىراق ،مانا ھازىرقى جەمىئەت تەرەققىياتى ۋە جىنسىي بىلىملەرنىڭ ۋە جىنىسقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنىڭ ھەرخىل ۋاستىلار بىلەن تارقىلىشى ھەم كىشىلەرنىڭ ،ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ جىنسى بىلىمىنىڭ ئاجىزلىقى ئوتتۇرىسىدا پەرق پەيدا بولدى ،مەنچە  بۇ يازما سەل ئارغامچىنى يېلان دەپ قورقۇپ كەتكەن ئادەمدەك يىزىلىپ قاپتۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 08:22 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۆچمەس + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12338
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7702 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 09:43:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ئەيدىسنىڭ تارقىلىشى ئەڭ تىز  بۇلىۋاتقان بۇ رايۇندا  يەنە كىلىپ مۇشۇ مىللىتىمىز ئارىسىدا  زادى نىمىنى يېزىش كىرەك .؟ يەنىلا شۇ كونا ئەن ئەنىگە تايىنىش كىرەكمۇ ياكى  جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كىرەكمۇ؟؟؟؟ قېنى تورداشلار بىر نىمە دىسۇن!!!

ھايات +كۈرەش دىمەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113865
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2015-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 09:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىنسىيەت تەربىيىسىنى چوقوم ۋاقتىدا ئىلىپ بىرىش كىرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش