مۇقەددىمە
ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك ھەم شېىرىن ھىسلارغا تويۇنغان بىر مۇھەببەت كەچمىشى بولىدۇ.بۇ خىل كەچمىش بەزىللىرىمىزنى ۋىسال مېۋېسىنى تېتىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا،بەزىللىرمىزگە ئېنسانىيەت دۇنياسى ھەققىدە ئوچۇق ساۋاقلارنى بېرىدۇ،بەزىللرىمىزگە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان شېرىن ھىسلارنى بەخىش ئەتكەن بولسا،بەزىللرىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس داغ ۋە ئازاب ئوقۇبەتلەرنى قالدۇرىدۇ.كەچمىشلىرىمىز مەيلى ئېچنىشلىق بولسۇن،مەيلى بەخىتلىك بولسۇن،مەيلى شېرىن بولسۇن ياكى ئازابلىق بولسۇن،بۇ ھاياتىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن ئېسىل سوۋغىسىدۇر.
ئەمدى بىز ھېكايىمىزدىكى ‹‹مەن››بېلەن بىللە ئۇنىڭ ئەگرى توقايلىققا تولغان مۇھەببەت تارىخىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.
سىز بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا ھېكايىدىكى ‹‹مەن››نى مەن دەپ بىلسىڭىزمۇ،ئۆزىڭىز ياكى باشقا بىرى دەپ بىلسىڭىزمۇ بولۇۋېردۇ،بۇ ھېكايىدىكى ۋەقەلىكنى راس دەپ بىلسىڭىزمۇ ياكى توقۇلغان دەپ ئويلىسىڭىزمۇ بولۇۋېردۇ،لېكىن ،شۇنى ئېنكار قىلالمايمىزكى،ھېكايىمىزدىكى ‹‹مەن››ھەم باشقا شەخىسلەرنىڭ ئوخشىشى رېئال تۇرمۇشتىمۇ ھەقىقەتەن مەۋجۇت.
1
ئوقۇرمەن سىزنىڭمۇ بەلكىم ئۇنتۇلماس بالىلىق دەۋرىڭىز ھەم ئېنتايىن ساددا ، سەبىي مۇھەببەت كەچمىشىڭىز بولۇپ باققان بولغىيتى،مەن ئۆزۈمنىڭ مۇھەببەت تارىخىمنى دەل ئاشۇ سەبىي بالىلىقىمدىن باشلىماقچىمەن.
بالىلىقىم قايان كەتتىڭ كۆرەي دىسەم، قۇلىقىڭدىن تۇتۇپ بىر رەت سۆيەي دىسەم.جاپاكەش بۇ كۆڭۈللەرنىڭ ئارامى يوق،سىنىڭ ئۈچۈن بىردەم خىيال سۈرەي دىسەم
دادام ئوقۇتقۇچى بولغاچقىمۇ مېنى بەش ياشقا كىرشىمگىلا مەكتەپكە ئەكلىپ 1.سېنىپقا ئەكىرىپ قويغان ئېدى.چۈنكى ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ يۇرتلاردا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنپلىرى تېخى قۇرۇلمىغان ئېدى.يەسلى دېگەنلەرنىغۇ كىنولاردىلا كۆرەتتۇق.
بەك كىچىك بولغاچقىمۇ مەن مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ،دەرىسلەرگە پەقەتلا يېتىشەلمىدىم،ماۋسۇملۇق ئېمتاھاندىنمۇ ئۆتەلمەي سىنىپ قالدۇرلۇپ قايتا ئوقۇشقا قالدۇرۇلدۇم،ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ شۇ چاغدا مەن قالدۇق بولۇپ قالغانلىقىمنى بەك نومۇس ھېس قىلىپ،نەچچە، كۈن بىر نەسە يىمىگەن ،ھەم مەكتەپكىمۇ بارماي تۇرۋالغان ئىدىم.
ئاخىرى دادام -بالام سەن ئىمتاھاندا توۋەن نومۇر ئالمىغان ئىدىڭ ،سەن ساننىڭ سىرتىدا ئوقۇغاچقا مۇئەللىمىڭ نەتىجەڭنى باشقا بالىلار نىڭ نەتىجىسىگە ئالماشتۇرۋېتپتۇ-دەپ مەن ئىشەنگەنگە قەدەر خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىنلا ئاندىن مەكتەپكە بارغان ئېدىم.
يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن ،مەن ھەقىقەتەن تىرىشتىم ،بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ -قالدۇق-دەپ زاڭلىق قىلىشلىرىغا چىداپ ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن تىرشىپ ئوقۇشقا بەل باغلىدىم،ئۇ چاغلاردا ئوقۇش ماتىرىياللىرمىز ئېنتايىن كەمچىل ئېدى،پەقەت بىر نەچچە تاپشۇرۇق دەپتىرىمىز ھەم كەينىدە ئۆچۈرگۈچى بار بىر تال قېرىندىشىمىزلا بار ئىدى ،كىتاپ ،ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسنى پۇلغا سېتىۋالاتتۇق.شۇڭا مەن ئۆيگە قايىتقاندىن كېيىن ،ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى كوچىغا تاش بىلەن يېزىپ ،مەشىق قىلىپ ئۈگەندىم،ئانام نەچچە قېتىم -بالام تاماق يەۋال -دەپ چاقىرسىمۇ كىرگىلى ئۇنىماي تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە مەشىق قىلدىم،ئاخىرى تىرىشقىنىمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ 2.يىللىققا خەنزۇتىلى،ماتېماتىكا،ئېلىپبە ،ئۈچىلى پەندىن 100 نومۇر بېلەن كۆچۈپ چىقتىم،شۇ چاغدا،ئوقۇتقۇچىمدىن ئوقۇش باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇكاپاتلىندىغنىمنى ئاڭلاپ،ھاياجانلانغىنىمدىن نەچچە كۈنگىچە ئۇخلىيلمىدىم.
لېكىن ،مېنى تېخىمۇ بەك ھاياجانغا سالىدىغان ھەم ئۇنتۇلمايدىغان كۈنلەر كېيىن يۈز بەردى.
2. يىللىققا كۆچكەندىن كېيىن ،مەن سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلاندىم ھەم ئۇدا بىر يىل سىنىپتا 1-لىكنى ساقلاپ كەلدىم.لېكىن 3-يىللىققا كۆچكەندىن كېيىن،بىزنىڭ سىنىپقا ئۈرۈمچىدىن رەنا ئىسىملىك بىر قىز يۆتكىلىپ كېلىپ]،مېنىڭ 1-لىك ئورنۇمغا تەھدىت بولۇشقا باشلىدى.گەرچە ئۇ ئەدەبىيات بېلەن ماتىماتىكىدا ماڭا يېتەلمىسمۇ ،خەنزۇتىلىدا مەندىن نەچچە ھەسسە ئالدىدا ئېدى،ئۇنىڭ تەلەپپۇزىمۇ مېنىڭكىدىن ياخشى خېتىمۇ مېنىڭكىدىن چىرايلىق ئېدى.
رەنا بويى مەن بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان،يۈزىدە قۇيۇق سەپكۈن بولسىمۇ ،لېكىن ئىنتايىن سۈزۈك كۆرنىدىغان ،گەپ سۆزلىرى تاتلىق قىز بولۇپ ،ئۇ كەلگەندىن كېيىن سىنپىمىزدىكى ماڭا خۇشامەت قىلىدىغانلارنىڭ يېرمىنى دېگۈدەك ئۆزىگە تارتىپ كەتتى،شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا بارغانسىرى ئۆچ بولۇشقا باشلىدىم،بۇرۇن مېنىلام ماختايدىغان مۇئەللىملەرمۇ ،رەنانى قوشۇپ ماختايدىغان بولىۋالدى،بۇنى كۆرۈپ ،مېنىڭ تېخمۇ ئوغام قاينايدىغان بولۇپ قالدى.ھەم ھەركۈنى رەنانىڭ بالدۇراق ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىشىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم.
رەنا كەلگەندىن كيىن مەن مەكتەپكە كېلىپلا بىرىنجى بولۇپ قىلدىغان ئىش رەنانىڭ كەلگەن كەلمىگەنلىكىگە قاراش بولاتتى.رەنا يوق بولسا باشقا باللادىن ئۇنىڭ كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلاتتىم .ئۇنىڭ كېچىكىپ قېلشىنى ياكى كەلمەسلىكىنى شۇنداق ئۈمىد قىلساممۇ ،ئۇ يەنىلا مەندىن بۇرۇن كېلىپ مەيدانغا ياكى ئېشخانىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ چىقاتتى.
ھەش -پەش دېگۈچە رەنانىڭ كەلگىنىنگىمۇ بىر ئاي بولاي دىدى.مەنمۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن باشقىلاردىن رەنانى سوراشنى داۋام قىلىۋەردىم.بىراق كىم ئويلىسۇن دەيسىز، مەن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر سۆز -چۆچەك سىنىپتا تارقىلىشقا باشلىدى.
بىر كۈنى مەن سىنپىمىزدىكى قۇربان ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئازراق گەپ تەگىشىپ قالدىم.
ئەتىسى سىنىپقا كىرىپ ،شۇنداق بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ،سىنىپتا رەنانىڭ يوقلىقنى بايقىدىم ،ھەم رەنا بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان رەيھان ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىمدىن -رەنا تېخى كەلمىدىمۇ دەپ سورىدۇم.
مېنىڭ سۆزۈم ئاخىرلاشماستىنلا، پاراققىدە كۈلۈشكەن ئاۋاز سىنىپنى بىر ئالدى.
سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى بىر بىرىگەقاراپ،
-راسكەن ،ئىرپاننىڭ رەنانى ياخشى كۆرۈپ قالغىنى راسكەن [p=30, 2, -دېيىشىپ ماڭا مەسخىرە ئارلاش قاراشقا باشلىدى.تۇيۇقسىز دوسكىنىڭ تۈۋىدە،ماڭا -قانداق مەن بىلەن سوقۇشساڭ مۇشۇنداق بولىسەن -دېگەندەك نەزەردە ماڭا قاراپ تۇرغان قۇربانغا كۆزۈم چۈشتى،ھەم غەزەپ بېلەن ئۇنىڭغا ئېتىلدىم.شۇنداق قىلىپ تۇنجى قېتىم مۇئەللىمنىڭ ئىشخانسىغا چىقىپ تەنقىد ئاڭلىدىم.
-نېمىشقا ساۋاقدىشىڭ بىلەن ئۇرۇشتۇڭ-دېدى مۇئەللىم ماڭا ئۈمىدسىزلىك نەزىرى بىلەن قاراپ-سەن سىنىپ باشلىقى تۇرۇپ،مۇشۇنداق قىلساڭ باشقىلار قانداق قىلماقچى ئېيتە.
مەن ھېچنىمە دېمدىم ھەم دىيەلمەيتىم،دېيىشتىنمۇ خىجىل بولاتتىم .
شۇ ئىشتىن كېيىن ،بۇ گەپ -سۆزلەر مەكتەپتە كەڭ تاقىلىشقا باشلىدى،ھەتتا ،ئۆيدىكلەرنىڭ قۇلقىغىمۇ يېتىپ ئۈلگۈردى،شۇنىڭدىن تارتىپ مەن مەيلى ئۆيدە بولسۇن ياكى مەكتەپتە بولسۇن كىم بىلەن سوقۇشۇپ قالسام -رەنا ،رەنا دەيدىغان -بولۋالدى.
مەن باشقىلارنىڭ ئاشۇنداق گەپلىرنى ئاڭلىساملا قاتتىق نومۇس قىلاتتىم ھەم غەزىپىم كېلەتتى،بەزىدە ،خىجىل بولغۇنۇمدىن يىغلىۋېتەتتىم.
شۇ ۋەقەدىن كېيىن ،مەن رەنانىڭ ئىسمىنى ئاغزىمغىمۇ ئالمايدىغان ،ئۇنىڭغا قاراشتىن ،گەپ قىلىشتىن خجىل بولىدىغان،ئۇ بار يەردىمۇ ئۇزاق تۇرامايدىغان بولۇپ قالدىم.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي مېنىڭ ئېسىمدىن چىراممىغۇدەك يەنە بىر ئىش يۈزبەردى.بىر دۈشەنبە كۈنى چوڭ تازلىقتىن كېيىن،مەن ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرشىمغا ئىمىن ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم قېشىمغا يۈگىرەپ كەلدى-ئىرپان ئىرپان چاتاق بولدى-دېدى ئۇ ھەسىرگىنىچە-قۇربان بىلەن رەنا ئۇرشۇپ قالدى ،قۇربان رەنانى بەك ئۇرۇۋەتتى.
-نېمە ،ئۇلار قەيەردە-دېدىم مەن ،جىددىيلىك بېلەن-ئۇلار ھازىر نەدە.
-ئارقامەيداندا-دېدى ئىمىن.
نەدىن كەلگەن جاسارەت ئۆزۈممۇ ئىشەنمىدىم،بۇرۇن رەناغا ئۆچلۈك قىلىدىغان مەن رەنانىڭ تاياق يىگەن ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ ،ئىچىم بىر خىل سىيرىلىپ كەتتى،ھەم قاتتىق غەزەپلىنىشكە باشلىدىم.
مەن بارلىقىم كۈچۈم بىلەن ئارقا مەيدانغا قاراپ يۈگۈردۈم.
-ئىرپاننىڭ خوتنى ،ئىرپاننىڭ خوتۇنى - قۇربان قاتارلىق بىر نەچچە بالا رەناغا شۇنداق دەپ ۋارقىراپ ھاقارەت قىلىۋاتاتتى،قۇربان رەنانىڭ چېچىغا چىڭ ئېسىلىۋالغان ئىدى.بۇنى كۆرۈپ زادىلا چىداپ تۇراممىدىم.ئېتىلىپ بارغانچە قۇرباننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم.
-چىدىمىدى،چىدىمىدى ،خوتۇنىغا چىدىمىدى-قۇرباننىڭ ئەتراپىدىكىلەر شۇنداق دەپ چاۋاك چېلىشقىنچە قۇربان ئىككىمىزنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى.قۇربان ئىككىمىز قاتتىق سوقۇشۇپ تاتلىشىپ يۈز كۆزلىرىمىزنى يارا قىلۋەتتۇق.بۇ ئەھۋال[p=30, 2, left
يىغىندىن قايىتقان ئوقۇتقۇچىلار كېلىم ئايرىغانغا قەدەر داۋاملاشتى.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ داداممۇ بار ئىدى.
-نېمىش قىلدىڭ-دادام شۇنداق دىگىنىچە مەندن نېمە ئىش بولغىنىنىمۇ سورىماستىن ،مېنى بىر نەچچە تەستەك ئۇرىۋەتتى.مەن بۇ ئەلەمگە چىدىماي ئۈنۈمنى قويۋېتىپ ئىسەدىگنىمچە يىغلىدىم.
كەچتە ئۆيگە كەلگەندىن كيىن ،ئانام چىرايىمدىكى يارىلارغا قاراپ داڭ قاتقىنىچە تۇرۇپ قالدى.
-نېمە ئىش بوپتۇ-ئانام داداغا قاراپ شۇنداق دەپ سورىدى.
-نېمە ئىش بولدى بالام -دېدى ئانام يۈزلىرىمنى سىلىغىنىچە كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ-نېمە بولدى يۈزلىرىڭگە.
ئانامنىڭ قوللىرى يۈزۈمگە تىگشى بىلەن مەن ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي يىغلاپ كەتتىم ،ھەم بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردىم.
-بالام ،قىزلارنى ئاجىزلارنى قوغدىغىنىڭ توغرا،لېكىن ،بۇنداق ئۇرۇش جىدەل قىلساڭ توغرا بولمايدۇ،بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇنداق ئىشلار بولسا ،مۇئەللىمىڭنى چاقىرىپ دىگىن ،ھەرگىز ئۇرۇشما بولامدۇ؟-ئانام بولغان ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاشۇنداق دېدى.مەنمۇ خاتالىقىمنى تونۇپ ماقۇل بولدۇم.
ئەتىسى ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىدە ،سىنىپ مۇدىرىمىز كىرىپ،بالىلارغا بۇنىڭدىن كېيىن رەنا ئىككىمىزنىڭ ئۈستىدىن سۆز تاقاتماسلىقنى كىم تارقاتسا شۇنى جازالايدىغانىلىقىنى ئىيتىپ تەربىيە بەردى،ھەم ۇربان ئىككىمىزنى ياراشتۇرۇپ قويدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ھەممە بالىلار رەنا ئىككىمىزنىڭ ئۈستىدىن گەپ تېپىشقا جۈرئەت قىلالماس بولدى.ئېزىپ-تېزىپ ئاغزىدىن چىقارغانلارغا -مۇئەللىمگە دەيمەن -دېسەكلا تاق توختايدىغان بولدى.مېنىڭ باش ئاغرىقىممۇ شۇنىڭ بېلەن ساقايدى.شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ رەناغا بولغان ئۆچمەنلىكىم يوقىلىشقا باشلىدى،لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا يەنىلا جۈرئەت قىلالماي باشقاساۋاقداشلارغا قارىغاندا بىر ئاز ئارلىق ساقلاپ قالدىم
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى .
بىر كۈنى مەكتەپتىن قايىتقاندىن كېيىن رەنا مېنى چاقىردى ھەم مەكتەپتىن بىللە قايتىشنى ئېيىتتى.
-باللا گەپ تاپارمۇ-دېدىم مەن سەل ئىككلىنپ
-ئەمدى گەپ تاپالمايدۇ،يۈرە مۇھىم گىپىم با-دېدى رەنا كۆڭلى يېرىم بولغاندەك بوش ئاۋازدا.
مەنمۇ ماقۇل بولدۇم،ئىككىمىز چوڭ يول بىلەن ماڭماي ئېتىزلىق بىلەن ئارلاپ ماڭدۇق.
-مەن ئۈرۈمچىگە كېتىدىغان بولدۇم-دېدى رەنا ئازراق مېڭىپ توختىغاندىن كېيىن-شۇڭا ساڭا دەپ قوياي دەپ بۈگۈن بىللە ماڭدىم.
-راسما ؟دېدىم مەن ئىشەنمىگەندەك رەناغا قاراپ-قاچان ؟
-راس ئەتە ماڭىدىكەنمىز،ئانام چوڭ ئانام ئىككىمىزنى ئالغىلى كەلدى.
-قاچان يېنىپ كېلىسەن-بىردىنلا مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى.
-بىلمەيمەن،ئانام ئەمدى بۇ يەرگە كەلمەيمىز دەيدۇ.
-نېمىشقا ئەمدى.
-بۇ يەدە ئۇتۇق تۇققانلىرمىزمۇ يوق ،شۇڭا ئەمدى كەلمەيمىز-دېدى رەنا ھەم سومكىسىدىن ئىنتايىن كىچىك بىر ئويۇنچۇق ماشىنىنى چىقرىپ ،ئالقىنى بىلەن ماڭا ئۇزاتتى-ئالە ،بۇ ساڭا خاتىرە قالسۇن،مېنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ۋەدە بېرەلەمسەن.
-ۋەدە قىلاي، سېنى ئۇنۇتمايمان ،سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم-دېدىم مەن ماشنىنى قولۇمغا ئېلىپ.
-مەنمۇ ئامال بولسىلا يەنە كىلىمەن-دېدى رەنا پسڭڭىدە [p=30, 2, left
كۈلىۋەتكەندىن كېيىن..
-سەنمۇمېنى ئۇنتۇپ قالمىغىن-دېدىم مەن رەناغا چىمچىلىقىمنى بېرىپ-قول بېرشەيلى.
ئىككىمىز قول بېرىشتۇق،ھەم ۋادىلىشىپ ئۆيلىرمىزگە قايتىشتۇق.
رەنا كەتتى،لېكىن مەن پەقەت خۇشال بولالمىدىم،رەنا ھېلىلا سىنىپقا كىرىپ كېلىدىغاندەك،ئورنىدا ئولتۇرۇپ ،ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارايدىغاندەك تۇيۇلۇپ دەرىسمۇ كاللامغا چۈشمەس بولۇپ قالدىم .بۇرۇن ئۇنىڭ كېتىشىنى تىلىگەن بولام ئەمدى كېلىشىنى تىلەيدىغان بولدۇم.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن خۇددى تىلىكىم ئەمەلگە ئاشقاندەكلا ،رەنانىڭ كېلىدىغانلىق خەۋرى سىنىپتا تارقالدى.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي،بىر كۈنى رەنا مەكتەپتە پەيدا بولدى ،ھەم سىنىپتىكى بالىلارنى ئەتراپىغا ئولاشتۇرۇپ ،ئۈرۈمچىنىڭ قىززىق پاراڭلىرىنى قىلىپ بەردى،چۈشلۈك دەم ئېلىشتا مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ ،يېڭى ،يېڭى ئويۇنلارنى ئۈگەتتى.
مەن رەنا بېلەن ئادەتتىكىدەك ئەھۋال سوراشتىم،لېكىن ، رەنانىڭ يېنىغا بېرىشقا ،ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشقا جۈرئەت قىلالمىدىم،چۈنكى ،مەن يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ،بىزدەك سەھرا بالىلىرىدىن كۆرىنەرلىك پەرىقلىنىپ تۇرغان رەنانىڭ ئۈستىبىشىمدىن توپا يېغىپ تۇرغان ،مەندەك بىرىنى ياراتماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيتىم،ھەم ئەتە چوقۇم يېڭى كىيمىمنى كىيىپ ،ئۈستىبېشىمنى تازلاپ كېلىپ ئاندىن رەنا بىلەن ئوينايمەن -دەپ ئويلايتىم.
كەچ بولدى ،ھەممە بالىلار بىر -بىرلەپ مەكتەپتىن قايتىشقا باشلىدى.
-ئېرپان رەنا سېنى چاقىرۋاتىدۇ
، -دېدى رەيھان دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋاتسام ۋاقىرغىنىچە-ساڭا گېپى باكەن.
-بۈگۈن ئازراق ئىشىم بار-دېدىم مەن شۇنداق كىرگۈم بولسىمۇ ،ئۈستىبېشىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن-ئۇنىڭغا دەپ قوي ئەتە دىسۇن.
مەن شۇنداق دىگنىمچە كىتىپ قالدىم.ئەتىسى ئانام ھېيىتتا ئېلىپ بەرگەن يېڭى كىيمىمنى كىيىپ چاچلىرىمنى يۇيۇپ تاراپ،مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم.
مەن پاكىز ،چىرايلىق بولۇپ مەكتەپكە كەلدىم لېكىن ،رەنا كەلمىدى،شۇ تەرىقىدە نەچچە كۈنگىچە رەنانىڭ كېلىشىنى ساقلىدىم ،لېكىن ئۇ كەلمىدى ،كېيىن بالىلاردىن رەنانىڭ شۇ كۇنىنىڭ ئەتىسىلا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكىنىنى بىلدىم.
-رەنانىڭ بەك كۆڭلى يېرىم بولدى ،سېنى مېنى ئۇنتۇپ قاپتۇ دەپ يىغلىدى تېخى -دېدى رەيھان ماڭا سەت قارىغىنىچە-بەك يۈزسىزكەنسە ساۋاقداش تۇرۇپ شۇنداقمۇ قىلامسەن.
رەنا شۇ كەتكەنچە يۇرتقا قايتا كەلمىدى.
رەنا كەتتى ،لېكىن مېنىڭ خۇشلىقىمنى ئۈمىدىمنى ئېلىپ كەتتى،شۇنىڭدىن كېيىن مەن بىر غەمكىن بالىغا ئايلىنىپ قالدىم.
ھېكايىمىزنىڭ بىرىنجى قىسمى مۇشۇ يەردەئاخىرلاشتى.
ئوقۇرمەن ،بالىلىقتىكى مۇھەببەتنىڭ كۈچىگە سەل قارىماڭ،ئۇ ھېسىيات ئارلاشمىغان ،پۇل بايلىق كۆزلىمگەن ئەڭ ساپ ،ئەڭ ساددا ،ئەڭ پاك مۇھەببەتتۇر.
ھېكايىمىزنىڭ داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ ،مەننىڭ ئەگرى توقاي مۇھەببەت تارىخىغا باشقا قىزىقسىڭىز داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuz8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-9 07:41 PM