گېلەم ئوغرىسى
يۈكسەك
3
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچتىم. بېشىم تېخىچە لوقۇلداپ ئاغرىپ تۇراتتى. قارىسام ئاغىنەم ئىككىمىزنى بىر كارىۋاتنىڭ ئىككى بېشىغا قولىمىزنى كەينىمىزگە قىلىپ باغلاپ قويۇپتۇ. مەن كۆزۈمنى ئاچقاندا ئۇ بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئۇخلاۋاتاتتى. بۇ بىر كىچىككىنە قاراڭغۇ ئۆي بەكمۇ سوغۇق ئىدى. تاملاردىكى ھاكلار ئاساسىي جەھەتتىن چۈشۈپ تۈگىگەن بولۇپ، شور ئۆرلەپ تۇرغان زەي سىمونت تام كۆكىرىپ تۇراتتى. تورۇسقا يېقىن يەردە كۋادرات شەكىلدىكى بىر كىچىك دەرىزە تۇراتتى. ئەينەكنىڭ مەينەتلىكىدىن ئادەمنىڭ ئىچى پۇشاتتى. قۇياش نۇرى ئاشۇ ئەينەكتىكى مەينەتچىلىكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى تاماكا قالدۇقلىرى بىلەن تولغان بىر پارچە يەرنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇ ئۆيدە مۇشۇ كارىۋاتتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوقتەك قىلاتتى. كارىۋاتنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىشىك ئورنىغا تارتىلغان كىرلىشىپ كەتكەن ئاق رەڭلىك تور پەردىدىن تېشىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى. دېققەت قىلىپ قارىسام، تېشى تەرەپ يوغان بىر ئىسكىلاتتەك كۆرۈندى. بىر چاغدا ئىككى ئادەم گېلەمدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ يەرگە يايدى. يەنە بىر ئادەم ئېڭىشىپ تۇرۇپ گېلەمنىڭ ئۇ - بۇ يەرلىرىنى تۇتۇپ، بەزىدە تېگىنى قايرىپ قاراپ قوياتتى. بەزىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىرنىمىلەرنى سۆزلەيتتى. ئارىلىق يىراق بولغاچقا ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم.
پۇتۇم بىلەن ئاغىنەمنىڭ پۇتىنى ئىتتىرىپ ئۇنى ئويغاتتىم. ئۇنىڭمۇ بېشى تېخىچە ئاغرىۋاتقان بولسا كېرەك، كۆزىنى تەستە ئاچتى.
—ئۈش...
ئۇ بىرنەرسە دېمەكچى بولغاندەك ئاغزىنى ئۆمەللىۋىدى، توختىتىۋالدىم. ئۇ مەقسىتىمنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، ئەتراپقا بىرقۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا دېدى:
—بىر ئامال قىلىپ قېچىپ كېتەيلى!
—قانداق قىلىمىز، سىرتتا نەچچە ئادەم بار ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىمىز باغلاقلىق تۇرسا.
—ئۇلارنى چاقىرىپ ھاجىتىمىز قىستاپ كەتتى، دەيلى.
—دېمىسەڭمۇ مېنىڭ ھاجىتىم قىستاپ كەتتى.
—ئەمىسە سەن باشتا دېگىن، تەبىئىي چىقىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەن سىرتقا قاراپ ۋارقىرىدىم. بىردەمدىن كېيىن بىرسى پەردىنى قايرىپ كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قولىدا بىر كالتەك بار ئىدى. ئۇنى كېچىسى بىزنى ئۇرغان ھېلىقى ئىككىسىنىڭ بىرسى دەپ گۇمان قىلدىم. ئۇ ئورۇق، بويى پاكارراق، رەڭگى قارامتۇل كەلگەن، چېچىنى ئۆستۈرۈپ قۇلىقىنى يېپىۋالغان بولۇپ، شىياڭگاڭنىڭ كىنولىرىدا چىقىدىغان مۇشتلاشچىلارغا ئوخشاپ قالاتتى.
—ھە، نېمە ئىش؟—دېدى ئۇ كالتەكنى يەنە بىر قولىنىڭ ئالقىنىغا يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ.
—شۇ ھاجىتىمىز قىستاپ كەتتى، قولىمىزنى بوشىتىۋەتكەن بولساڭ...
—ئىككىڭنىڭ تەڭ قىستاپ كەتتىما؟ ھا...ھا...، يېرىم كېچىدە ئازات كوچىسىغا نېمە قىلىدىغانغا بارغانتىڭ؟ دېيىشە!—ۋارقىرىدى ئۇ كالتەكنى پۇلاڭلىتىپ.
مەن دەماللىققا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ئاغىنەم گەپنى ياسىدى:
—بىر نەرسىمىز چۈشۈپ قاپتىكەن، شۇنى ئىزدىگىلى بارغانتۇق.
—نېمەڭلار چۈشۈپ قالغانتى؟ ماۋۇ تېلىفۇن ئەمەستۇ-ھە!
ئۇ يانچۇقىدىن ھېلىقى ئالما تېلىفۇننى چىقىرىپ ئېگىز تۇتۇپ تۇردى.
—ياق، ئۇ ئەمەس، باشقا نەرسە...
—ئەمىسە بۇ تېلىفۇن سېنىڭ يانچۇقۇڭدا نېمە قىلىدۇ؟ھە؟!
ئۇ تېلىفۇن بىلەن ئاغىنەمنىڭ يۈزىگە يېنىڭ ئىككىنى شاپىلاقلاپ قويدى.
—ئاتۇق ئىشقا ئارلىشىشمىساڭ بولمامدۇ! سەن خەقنىڭ كاساپىتىدىن بىر سودىدىن قۇرۇق قالدۇق، بىلىشەمسە؟! ساقچىغا مەلۇم قىلىشقان بولساڭ سنلەرنىڭ كۆرگۈلۈكى بار، دەپ قوياي.
—ياق، بىز ساقچىغا مەلۇم قىلمىدۇق، بىزنى قويىۋېتىڭلار، ھېچكىمگە دېمەيمىز.
—تاياق سېغىنىشقان ئوخشىمامسەن،—ئۇ شۇنداق دەپ كالتەك بىلەن كارىۋاتنىڭ ئوتتۇرىغا بىرنى ئۇردى، ئاندىن بىزنىڭ چۆچۈپ كەتكىنىمىزنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى،—ئىككىڭنى قويىۋېتەمدۇق-قويىۋەتمەمدۇق، ئەسقەركامنىڭ دېگىنى ھېساب، تولا گەپ يورغىلىتىشما.
—ئەمىسە بىزنى بوشاتقىن، ھاجەت قىلىپ كىرەيلى...
ئۇ باشقا گەپ قىلماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كېتىشىگە ئاغىنەم ماڭا قاراپ دېدى:
—ئەسقەر دېگىنى چوقۇم بۇلارنىڭ كاتتىۋېشى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن قېچىپ كەتمىسەك ئىشىمىز چاتاق.
—ئەمىسە...—بايىقى ئادەمنىڭ قايتىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ گېلىمنى قىرىپ توختاپ قالدىم. ئۇ كىرىپلا مېنىڭ يېنىمغا كەلدى ۋە قولۇمنى باغلىغان ئارغامچىنى يەشتى. قوللىرىمنى ئۇۋلىغاچ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇ مېنىڭ بېقىنىمغا كالتەك بىلەن نوقۇدى. سىرتقا قاراپ ماڭدىم. پەردىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇ كالتەكنىڭ ئۇچىنى ئاغىنەمگە توغرىلاپ تۇرۇپ دېدى:
—ياۋاشلىق بىلەن ئولتۇرۇپ تۇر، بۇ كىرگەندە سەن چىقىسەن!
شۇنىڭ بىلەن مەن قېتىپ كەتكەن قوللىرىم بىلەن قاسماق پەردىنى قايرىپ سىرتقا چىقتىم. دېگەندەك بۇ بىر يوغان ئىسكىلات ئىكەن. بىر بۇلۇڭغا بىر مۇنچە گېلەملەر يۆگەپ تىزىلغان، يەنە بىر تەرەپكە ھەرخىل-ھەرياڭزا موتۇ، ۋېلىسپىتلەر قويۇلغان ئىدى. مەن چىققان چاغدا ھېلىقى گېلەمنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈۋاتقان كىشى بىلەن يەنە بىرەيلەن ئۆزئارا باھا تالىشىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ يەنە ئۆزىنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتتى. مەن سول تەرەپتىكى ئىسكىلات ئىشىكىگە قاراپ ماڭدىم. ئۇ ھامان مېنىڭ كەينىمدىن ئەگىشىپ كېلەتتى. تالاغا چىقىپ قارىسام، بۇ جاي ماڭا بىر يېزىدەك بىلىندى. ئىسكىلاتتىن چىقىپلا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىككى پىكاپ ئاران پاتقۇدەك بىر يول بار ئىدى. بۇ يولدىكى قارلار تازىلانمىغان بولۇپ، پەقەت چاقنىڭ ئىزى بار يەرلەر چىڭدالغاچقا، شۇ يەردىن مېڭىش مۇمكىن ئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئازگالراق بولۇپ، شالاڭ قىلىپ دەرەخلەر تىكىلگەن ئىدى. مەن ئاشۇ دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدا ئىشىمنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇلدۇم. تىزىمغا كېلىدىغان يۇمشاق قاردا قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ، ئازگالغا چۈشۈپ بىر دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتتۈم. ئۇ بولسا ئېگىزدە مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. بۇنداق شارائىتتا ھەرگىزمۇ قېچىپ كېتەلمەتتىم.قېچىپ كەتتىم دېگەن تەقدىردىمۇ، مەن سەۋەبلىك ئاغىنەمنىڭ نېمە كۈن كۆرىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. شۇڭا ئىشىمنى پۈتتۈرۈپ ياۋاشلىقچە دەرەخنىڭ كەينىدىن چىقىپ ئېگىزگە قاراپ ماڭدىم.
مەن گەۋدەمنى ئېگىپ ئېغىر قەدەم بىلەن كېتىۋېتىپ، تۆپىگە شۇنداق قاراپ قالدىم ۋە كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي توختاپ قالدىم.
—بولە، ھەي، تېز بول...— ئۇ شۇنداق دېيىشى بىلەن تەڭ ئاغىنەم بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر پارچە كېسەك بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇردى. كېسەك ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. ئۇ ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ بېشىنى تۇتقىنىچە يەرگە يىقىلدى. قولىدىكى كالتەك قېلىن قارغا چۈشۈپ غايىپ بولدى. مەن نېمە ئىشلار بولۇۋاتقىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، ئاغىنەم يول تەرەپكە يۈگۈرگەچ ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى:
—بولە، يولغا چىقە، تېز يۈگرە!
شۇنىڭ بىلەن مەن ئازگالدىن چىقىپ ئۇنىڭ كەينىدىن يېتىشتىم. ئاڭغىچە، ئىسكىلات ئىچىدىن ھېلىقى ئىككىسى يۈگۈرۈپ چىقىپ بىزنى خېلىغىچە قوغلىدى. كېيىن يېتىشىشكە كۆزى يەتمىدى بولغاي، بىزگە قاراپ ئاغزىنى بۇزۇشقىنىچە توختاپ قېلىشتى.
بىز يۈگۈرۈشتىن تېز مېڭىشقا ئۆتكەن چاغدا، ھەسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
—قانداق قىلىپ قېچىپ چىقتىڭ؟ ئارغامچىنى قانداق يەشتىڭ؟ ھېلىقى ئىككىسى سېنى كۆرمىدىما؟
—توختا، بۇلارنى ساڭا كېيىن دەپ بېرەي، ھازىر بىز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلايلى.
ئىككىلىمىز يانلىرىمىزنى ئاختۇرۇشتۇق، تېلىفۇنلىرىمىز كۆرۈنمەيتتى.
—ئەبلەخلەر، بىزنىڭ تېلىفۇنىمىزنىمۇ ئېلىۋاپتۇ-دە!
—چوڭ كوچىغا ئاز قالغاندەك تۇرىمىز، شۇيەردىن بىرەر تېلىفۇن چىقىپ قالار. ئەمدى ماڭا قانداق قىلىپ چىققىنىڭنى دەپ بەرگىن.
ئۇ ئىشتان بېغىنىڭ كەينىگە ئېسىۋالغان ئاچقۇچنى چىقىرىپ كۆرسەتتى. ئاچقۇچلارنىڭ ئارىسىدا تىرناق ئالغۇچ بىلەن بىر كىچىك بەكىمۇ تۇراتتى.
—مۇشۇنىڭ بىلەن ئارغامچىنى كەستىم، پەردىدىن قارىسام، ھېلىقى ئىككىسى ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ گېلەمنى يۆگەۋېتىپتىكەن. شۇنىڭ بىلەن دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كېسەكتىن بىرنى ئېلىپ چىققانىدىم.
—ھەنىم بوسا بەكەڭ ئەسقېتىپتۇ. تۈگەشتۇق دەپ ئويلىغانتىم.
—ھەر ھالدا قۇتۇلدۇق بۇ گۇيلاردىن، ساقچىغا ھەممىنى دەيلى.
پاراڭ بىلەن بىردەمدە چوڭ يولغا چىقتۇق. دوقمۇشتا ئوڭ تەرەپتە بىر ناۋايخانا بولۇپ، شۇلاردىن تېلىفۇنىنى سوراپ ساقچىغا تېلىفۇن قىلدۇق ۋە ناۋايدىن بۇ يەردىن ئادرىسىنى سوراپ ساقچىغا دەپ بەردۇق. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى كوچىنىڭ ئىچىدىن گېلەم بېسىلغان ماشىنىدىن بىرسى چىقتى. ماشىنا ئالدىدا بىزنى قوغلىغان ئىككىسى ئولتۇراتتى. كەينىدە بولسا ھېلىقى ئاغىنەم كېسەك بىلەن ئۇرغان ئادەم بېشىغا لۆڭگىدەك بىرنېمىنى تۇتقىنىچە ئولتۇراتتى. ئۇلار بىزنى كۆرمىدى. ماشىنا سولغا قايرىلغاندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ نومۇرىنى كۆرۈۋالدۇق. ئاڭغىچە تۆۋەن تەرەپتىن ساقچى كەلدى. بىز ئۇلارغا ماشىنىنىڭ نومۇرىنى ۋە كەتكەن تەرىپىنى كۆرسىتىپ قويدۇق. ئاندىن بىر تاكسىنى توسۇپ ئۆيگە ماڭدۇق. ئۆيگە كېلىۋېلىپ تاكسىچىغا پۇلنى ئاچىقىپ بەردۇق. چۈنكى ئوغرىلار بىزنىڭ پۇلىمىزنى ئاللىقاچان ئېلىپ بولغانىدى.
كېيىن مەن نەچچە كۈن مىجەزىم يوق يېتىپ كەتتىم. بۇ ئارىلىقتا ئاغىنەم نەچچە قېتىم ساقچىخانىغا چاقىرتىلدى. بىر كۈنى ئۇ مېنى يوقلاپ كىرگەندە مۇنداق دېدى:
—ساقچىلار ھېلىقى ئۈچىنى يولدا قوغلاپ تۇتۇپتۇ. ئىسكىلاتتىكى گېلەم، موتۇلارنى قايتۇرۇپ كەپتۇ. مېنى چاقىرتقاندا ھېلىقى ئەسقەر دېگەننىڭ بۇلارنىڭ كاتتىۋېشى بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتتىم. لېكىن ساقچىلار ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئەسقەرگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئۇچۇر ئالالماپتۇ. بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.
—ھەنىم بوسا ئاياقلاشتى، ھايات قايتىپ كەلدۇق، ھە راس، بىزنىڭ تېلىفۇنلىرىمىزچۇ؟
—ھە، مانا، ئالغاچ كىرگەنتىم،—دېدى ئۇ يانچۇقىدىن تېلىفۇنلارنى چىقىرىپ.
—ھېلىقى ئايفۇن قانداق بولدى؟
—ئۇنى مەن ئېلىۋالغانتىم، ئىگىسىگە ئۆزەم بېرەي دەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزنى تېپىپ بېرىۋەتتىم. خېلى ئوبدان قىزكەن، چىقىشىپ قالدۇق. ھا...ھا...
—ھىم، يامان نېمە جۇمۇ سەن!
ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن. ئۇنى كىشىلىك ئالاقىگە ماھىر دەمدۇق ياكى يۈزى قېلىن دەمدۇق ئۇنى ئۇقمايمەن. نېمە بولسا بولسۇن، ئىشقىلىپ، بۇ ۋەقە شۇنىڭ بىلەن ئاياقلاشتى. بىر چاتاق يېرى شۇكى، ھېلىقى ئەسقەر توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر قولغا چۈشمىدى. ئاغىنەم مۇشۇ باھانىدە بىر قىز بىلەن تونۇشتى. لېكىن مەن بولسام ھەپتىگە سوزۇلغان ئوكۇل-دورا بىلەن تونۇشتۇم...