مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2543|ئىنكاس: 8

تاشپولات:بىر يىل ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ 7 خىل ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 5884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 12:15:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر يىل ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ 7 خىل ئۇسۇلى


تاشپولات روزى

رېسڭم.jpg



يېڭى يىل كېلىشى بىلەن “يىللىق نىشاننى” بېكىتىدىغانلار ناھايىتى كوپ. كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، جاسارەتلىك روھلارغا تولۇپ، قانداقلا بىر ئىشقا نىسبەتەن نىشانىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. مۇنداق ياكى ئۇنداق نىشاننى قۇرۇپ چىقسىمۇ بىراق جاسارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلار ئاز كۆرۈلىدۇ. ھەتتا قۇرۇپ چىققان نىشاننى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. بۇنداق بولغاندا تىرىشچانلىق بىلەن قۇرۇپ چىققان نىشاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. بۇ يىل قانداقلا بولمىسۇن نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دېگۈچىلەرگە يىللىق نىشانىنى تەكشۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۆۋەندىكى 7 خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن.

1. يەتمەكچى بولغان نىشان چۈشىنىشلىك قۇرۇلۇشى كېرەك

نىشاننى بەلگىلىگەندە ئېنىق بولمىغان نىشاننى بېكىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئېنىق بولمىغان نىشان بېكىتىلسە، نېمىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئۇقالماي، يەتمەكچى بولغان نىشان ئۈچۈن ھاسىل بولىدىغان قوزغاتقۇچ كۈچ يوقاپ كېتىدۇ. ئۇنداق بولسا كونكرېت قانداق ئالاھىدىلىك بىلەن نىشاننى بېكىتىش كېرەكلىك ئۈستىدە توختىلايلى. مەسىلەن، “بۇ يىل چوقۇم ئورۇقلايمەن” دەيلى. بۇ يەردە ئورۇقلايمەن دېگەنلىك ياخشى بولسىمۇ بىراق 1 كىلو ئورۇقلاش كېرەكمۇ ياكى 10 كىلو ئورۇقلاش كېرەكمۇ ياكى بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئەمەس پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشنى مەقسەت قىلغان نىشانمۇ مۇشۇلار ئېنىق بولمىسا، كونكرېت قانداق ئەھۋالدا مەقسەتكە يەتمەكچى ئىكەنلىكى ئېنىقسىز بولۇپ كىشىنى قايمۇقتۇرىدۇ. بىز نىشاننى قۇرۇپ چىققان ۋاقتىمىزدا “بۇ يىل چوقۇم 5 كىلو ئورۇقلايمەن” ياكى “بەلنى 5 سانتىمېتىر كىچىكلىتىمەن” دېگەندەك كونكرېت سان بىلەن ئىپادىلىمىسەك بولمايدۇ. مۇشۇنداق نىشاننى ئېنىق بېكىتكەندە يەتمەكچى بولغان مەقسەت ئېنىق بولۇپ، قۇرۇپ چىققان نىشانغا ئاسانلا يەتكىلى بولىدۇ.

2. نىشانغا يەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى جەريانلارنى تەپسىلىي بولۇپ چىقىش

سانلىق مەلۇماتلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان كونكرېت نىشاننى بەلگىلىگەندىن كېيىن، ئۇلارنى تەپسىلىي بولۇش كېرەك. مەسىلەن، 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە 5 كىلو ئورۇنلايمەن دېگەن نىشان بىلەيلا مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ قايسى ۋاقىتقىچە قانچە كىلو ئورۇقلىسام بولىدۇ ۋە قايسى ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلمىسام بولمايدۇ دېگەنلەرنى چۈشىنىشلىك ئاددىي قىلىپ كۆرسەتمىسەك بولمايدۇ. شۇڭا نىشاننى تەپسىلىي بولۇپ چۈشەندۈرۈپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە 5 كىلو ئورۇقلايمەن دەپ نىشاننى بېكىتكەندىن كېيىن، “ئىككى ئاي ئىچىدە 1 كىلو” ياكى “2-ئايدا 1 كىلو ئورۇقلاپ 4-ئايغىچە 2 كىلو، 6-ئايغىچە 3 كىلو، 8-ئايغىچە 4 كىلو، 11- ئايغىچە 5 كىلو ئورۇقلايمەن” دەپ بېكىتىپ 12-ئايدا قېپ قالغان يەنى ئورۇقلىيالماي قالغان قەسىمىنى ئورۇقلاپ تۈگىتىش دېگەندەك تەپسىلىي ئورۇقلاش نىشاننى بېكىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشاننى قىسقا نىشانلارغا بولۇپ، ھەربىر ئارىلىقتىكى قىلماقچى بولغان ئىشلار سىزدە ئېنىق بولۇپ، يەتمەكچى بولغان نىشاندىكى جەريانلارنى باشقۇرماق ئاسان بولىدۇ.

3. تەپسىلىي نىشانغا نىسبەتەن ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىڭ

ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشاننى تەپسىلىي قىسقا نىشانلارغا بۆلگەندىن كېيىن، ھەربىر قىسقا نىشاننى قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلەڭ. ئالدى بىلەن بىر يىلنىڭ يېرىم يىلىدا نىشانىڭىزغا قانچىلىك يەتكىلى بولىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاڭ، ئۇنۇڭدىن كېيىن ئۇنى ئالتىگە بولۇپ، ھەربىر ئايدىكى كىچىك نىشانىڭىزنى بېكىتىڭ. ئۇنۇڭدىن كېيىن يەنە ھەر بىر ئايدىكى نىشانىڭىزنى 4 كە بولۇپ، ھەر بىر ھەپتىدىكى ۋاقىت جەدۋىلىڭىزنى ئويلاڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ھەر بىر كۈندىكى قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى بەلگىلەلەيسىز.

4. مۇۋاپىق بولغان پىلان تۇزۇڭ

نىشان بەلگىلىگەندىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا ۋاقىت جەدۋەلنى ياخشى باشقۇرۇش. ئېسىل بىر نىشاننى بەلگىلەپ چىقىپ ھەر كۈنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىزنى بولۇپ چىققان تەقدىردىمۇ، ئۇنى بېجىرىش مۇمكىن بولغان ۋاقىت جەدۋىلى بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئاخىرقى ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىڭىزنى قايتا ئۆزگەرتىپ چىقىش زۆرۈرىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن، ئادەتتە تەن ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بىر ئادەم ئۈچۈن “ھەر كۈنى 20 كىلومېتىر يۈگۈرىمەن” دەپ بىر كۈنلۈك نورمىڭىزنى بېكىتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى بىر يىل داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ بەلكىم ھەرىكەتكە كۆنمىگەن بەدىنىڭىز بۇنىڭغا ماسلاشماي قانداقتۇر بەدەندە چاتاق چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق ئۆزىڭىزگە ماسلاشمىغان پىلاننى پىلان دېگىلى بولمايدۇ.

5. نىشانىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىدىن پايدىلىنىڭ

ئۆزىڭىز قىلىپ باقمىغان ئىشقا نىسبەتەن بېكىتكەن نىشانىڭىزنى توغرا ياكى خاتامىكىن دەپ ئويلىشىڭىز ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. بۇنداق ۋاقتىدا سىز يەتمەكچى بولغان نىشانغا باشقىلار قانداق قىلىپ يەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنۇڭ ۋاقىت جەدۋىلىدىن پايدىلانغان ياخشى. ئىنتېرنېتتا ئىزدىسىڭىز ھەرخىل نىشانلارغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاقىت جەدۋەللىرىنى تاپالايسىز. مانا مۇشۇ ۋاقىت جەدۋەللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق بولغان جەدۋەلنى تۈزۈپ چىقىڭ.

6. ھەمراھىڭىزنى تەپىڭ

يېقىن دوستىڭىز بولامدۇ ياكى تۇغقانلىرىڭىز بولامدۇ ياكى تور دۇنياسىدا تونۇشقان دوستىڭىز بولامدۇ سىز بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان ھەمراھىڭىزنى تاپسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. بۇنداق قىلسىڭىز سىز نەتىجە چىقىرالمىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۇلار سىزگە ياردەمدە قىلىدۇ ھەم رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرەرى سىز يەتمەكچى بولغان نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولسا، ئۇلار سىزنى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشى مۇمكىن.

7. قايتا ئويلىنىڭ

بىر ئايلىق قىسقا نىشان، پەسىللىك، يېرىم يىللىق نىشان، ئاخىرقى بىر يىللىق نىشانىڭىزنى قايتا ئويلىنىپ چىقىڭ. ئۆزىڭىز تۈزگەن ۋاقىت جەدۋىلىدە خاتالىق بارمۇ يوق؟ بۇ قۇرغان نىشانىڭىز ئۆزىڭىزگە ھەقىقەتەن مۇۋاپىق بولامدۇ يوق؟ مۇشۇنداق قايتا ئويلىنىشلار ئارقىلىق سىز قۇرغان نىشانىڭىزغا بىر يىلدا يېتىشىڭىز مۇمكىن. كېلەر يىلى باشقا نىشان بەلگىلىگەندە بۇ يىل تۈزگەن نىشانىڭىز ناھايىتى چوڭ ياردەمدە بولىدۇ. ياخشى نۇقتىلا بىلەن يامان نۇقتىلارنى ئېنىق ئايرىپ چىقىپ قەرەللىك ھالدا قايتا ئويلىشىڭ.

قېنى ئۇنداق بولسا سىزمۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي يىللىق ئوز نىشانىڭىز قۇرۇپ چىقىپ بىر يىل ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىشانىڭىزنى بەلگىلەپ چىقىڭ.

پايدىلانغان مەنبە: MT Lifehacher
http://en.motivation-upgrade.com/

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12810
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 01:03:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان تىمىكەن ،ئەڭ مۇھىمى كۈچلۈك ئىرادە بولسا بولىدۇ

سىنى سۆيگىنىم خاتا ئەمەس ،ئۇچراتقىنىم خاتا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5680
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 01:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تاشپولات ئاكا، بىز ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 02:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمكەن پايدىلىق تىما مۇشۇنداق تىمىلار كۆپرەك يوللىنىپ تۇرسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34316
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 05:28:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن ئىلگىرى ئۇلۇغ گەپ قىلساڭمۇ قۇرۇق گەپ بولىدۇ،مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كىيىن قۇرۇق گەپ قىلساڭمۇ  ئۇلۇغ گەپ بولىدۇ!»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 05:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن  بىزلەگە ماس كەلگۈدەك

ئادەم بىر ئىش قىلسا دۇنيا ھامان شۇنىڭغا لايىق بىرجاۋاپ بىرىدۇ ، مىدىرىمسا كىم بىلەن كىمنىڭ كارى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1005
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 340 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 07:18:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يىللىق پىلانىمنى مۇشۇنداى تۈزسەم بولغىدەك . مەن ئادەتتىمۇ پىلان تۈزەتتىم . ئەمما بۈگۈن نىشانىمغا يىتەلمىسەم ئەتىسىدىن باشلاپ ھەسسىلەپ تىرىشماي بىر ئىزدىلا توختاپ قالاتتى .

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 12:46:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 04:21:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىشانىمنى بىكىتسەم بولغۇدەك          بىر يىل ئىچىدە   يۇتۇپ كەتكەن تۇنجى مابىتىمنى تېپىپ  توي قىلىش

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدىغان زامانلار كىتىپ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قان-زەرداپ ئىچىدىغان زامانلار كەپتۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش