مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12815|ئىنكاس: 70

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئامېرىكا دەۋىر ھەپتىلىكىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106583
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1335
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2014-5-9
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 08:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
111111111111111111.jpg

دەۋىرىمىزدىكى تور تەرەققىياتى كىشىلەر بىلەن كىشىلەر، رايونلار بىلەن رايونلار ۋە دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئارىسىنى يېقىنلاشتۇردى، بەلكىم مانا بۇ دەۋىر ژۇرنىلىنىڭ ئابلاجاننى زىيارەت قىلىشىدىكى ئاچقۇچ بولىشى مۇمكىن.
ئېنتىرنېتنىڭ ياردىمىدە دەۋىر ژۇرنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى خېلى بۇرۇنلا ئابلاجاننىڭ رايونىمىزدىكى ئۇتۇقلىرىدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ ئۇلار باشقا بىر نەچچە مۇخبىرنىڭ ئابلاجان توغرۇلۇق يېزىلغان ئېنگىلىزچە ماقالىسىغا دىققەت قىلغان، ھەمدە  توردىن ئابلاجاننىڭ رەسىم، خەتلىك ماتېرىيال، سۈرەتلىك ناخشا قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە ئابلاجاننى يۈزەكى چۈشەنگەن. ئۇلارنى قىزىقتۇرغىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىراق بىر يېزا قىشلىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر يىگىتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر ناخشا چولپىنىغا ئايلىنىپ مودا ئېقىمدا ناخشا ئورۇنلاپ خەلقئارا ئۇسلۇبقا يېقىنلاشقىنى بولغان.
ئۇلار شۇ قاراشتا بولۇۋاتقىنىدا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق 2014-يىلى 1-ئايدا ئابلاجاننىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە خەنزۇتىلى ئالتۇن ناخشا مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى، تۇنجى خەنزۇتىلىدىكى پىلاستىنكىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە ئابلاجان قوللىغۇچىلىرى گۇاڭجۇ يىغىلىشى قاتارلىق بىر تۈركۈم پائالىيەتلەرگە قاتناشماقچى بولغىنىدىن خەۋەر تېپىپ ئېتىبار بەرگەن، شۇنداقلا شۇ ۋاقتىدىكى ئابلاجاننىڭ ۋاكالەتچىسى، دېۋىيلۇڭ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ سابىق دېرىكتورى رۇيۋېنبىن 芮文斌ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئابلاجاننى زىيارەت قىلىش ئىستىكىنى بىلدۈرگەن. رۇي ئەپەندىم مۇخبىرلار ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا دوكلات قىلىپ قولايلىق ياراتقان، مۇناسىۋەتلىك مۇخبىرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرگەن.
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا دەۋىر ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى كانادالىق مۇخبىر  ئەمىلىي رائۇھالا Emily Rauhalaۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى جۇڭگولۇق گۇيوڭچىياڭ 谷勇强ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ئابلاجانغا بولغان زىيارىتىنى باشلىغان، ئۇلار ئابلاجان بىلەن نەچچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ بالىلىق ۋە سەزگۈرەشتىللىرىنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە تۇرمۇش قاراشلىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان، ئابلاجاننىڭ نام چىقىرىش تارىخىنى ئىگىلىگەن. ئابلاجاننىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلغان، مەشىقلىرىگە شاھىت بولغان، شۇنداقلا  5-ئانىڭ 16-كۈنى ئابلاجان قاتارلىقلار ئۈرۈمچى كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكىنى نەق مەيداندا كۆرگەن. 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە خوتەن ۋىلايىتىگە يېتىپ بېرىپ ئابلاجاننىڭ يۇرتى سانجۇ يېزىسىغا بىرىپ ئابلاجاننىڭ ئاتا-ئانا قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە زىيارەت قىلغان.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇلار بىيجىڭغا قايتىپ كەتكەن ۋە ماقالىنى يېزىشقا كىرىشكەن، شۇ تەرىقىدە مۇخبىرلار بىلەن ئابلاجان ئالاقىنى ساقلاپ يەنە بىر نەچچە قېتىم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ژۇرنال 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنگىلىيىلىك مۇخبىر ئادام دىننىAdam Dean ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ ئابلاجاننىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان تور ناخشا كېچىلىكى ئۈچۈن فوتو خاتىرلىمەكچى بولغان، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ناخشا كېچىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقتىن فوتوگراف قايتىپ كەتكەن. ئابلاجان تور ناخشا كېچىلىكى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار تېلېفون ئالاقىسى ئارقىلىق ئەھۋالنى ئىگەللىگەن.
زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئابلاجان توغرىسىدىكى: «شىنجاڭنىڭ ئاۋازى، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مودا ناخشا چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ يۇرتىنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئۈلگىسى» ناملىق ماقالە ئامېرىكا دەۋىر ھەپتىلىك ژۇرنىلىنڭ 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنلۈك سانىنىڭ 26،27،28،29-بەتلىرىگە بېسىلغان. ماقالىدە ئاساسلىق ئابلاجاننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى سانجۇ يېزىسىنىڭ ئەھۋالى، ئابلاجاننىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ھازىرقى خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان.
ماقالە ئاپتورى :  ئەمىلىي رائۇھالا Emily Rauhala
فوتوگراف: ئادام دىن  Adam Dean
2.jpg
3.jpg
4.jpg
5.jpg
6.jpg
7.jpg
8.jpg
9.jpg
10.jpg
11.jpg
12.jpg
13.jpg

مەنبە؛نۇر تورى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 08:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 08:51:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ  ئابلاجان ئاكىمىز بوش ئەمەسكەن جۇمۇڭلا
مەن ‹مەشرەپ›دېگەن ناخشىسىنى بەك ياخشى كۆرىتىم .....

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54565
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3935
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1161 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 08:52:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن بىزلەرمۇ خەۋەردار بولغان بولساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە. ئەپسۇس مەن ئىنگىلىز تىلى بىلمەيمەن، مۇشۇ خەۋەرنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى بولغان بولسا مەن ئۆزەم بىر قوللۇق تەرجىمە قىلىپ كۆپچىلىككە يوللاپ بەرگەن بولاتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97020
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2013-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:04:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن

سەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەرنىڭ ھالىغا ئەتە قاراپ باق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 557 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:04:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44751
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4288
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:07:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى خەۋەركەن لېكىن تەپسىلى ئەھۋالنى تاززا چۈشۈنەلمىدىمغۇ... بۇ مېنىڭ دۆتلىكىممۇ ئىشقىلىپ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111234
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 431
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:17:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئ‍ابلاجان  يارايدۇ          غەيرەت قىلىڭ

باشقىلارنى ئۆزگەرتىشتىن ئ‍اۋال ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت

ئىزدەنگۈچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4546
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابلاجاننىڭ ناخشىلىرى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە .  ناخشىلىرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن..
  

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84058
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:30:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابلاجان ھەقىقەتەن ئۆزگچە ئوسلۇب ياراتقان تالانتلق بىر ناخشچى .ئۇنڭ ئەمدى ئۇيغۇرنڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنيا سەھنسدە نامايەندە قلدىغانلقىغا ئىشنىمەن.
ئابلاجان باللار ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ياراتتى.
سىزگە مۇۋەپقيەت يار بولسۇن ئابلاجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش  بوپتۇ.

ئابلاجاننىڭ ئىشلىرى ياخشى بولغاي. ناخشىسى پەيزىدە. يىڭىلىق..........

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-7 12:44 PM):
دۇنيادىكى جىكسۇندەك داڭلىق ناخشىچى،  دەل ئابلاجان بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش