مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1075|ئىنكاس: 10

مەن كىم؟! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106229
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2014-4-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 07:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                     مەن  كىم  ‹نەسىر›
                                                   ئاپتورى : ئىليار كۆرەش

       مەن كىم؟!...........دوستلار قېنى كىم بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟ ئۆزىنىڭ زادى كىملىگىنى ماڭا دەپ بىرەلەيدۇ؟  ئۇنداقتا سەنچۇ دوستۇم..................سەن كىم؟!   سەن ئۆزۈڭنىڭ كىملىگىنى بىلەمسەن؟  ئەگەردە بىلمىسەڭ ئۆزۈڭنىڭ كىملىگىنى مەن ساڭا دەپ بىرەي !!!
سەن دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان ، ئاتا-ئاناڭنىڭ ئېللىق مېھىر- مۇھەببىتى ئاستىدا چوڭ بولغان گۈزەل بىر بەخىتلىك ئائىلىدىكى ئەتېۋارلىق بالىسەن!
سەن تۇغۇلۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئېللىق - مېھىر مۇھەببىتى ۋە سېستىمىلىق ئائىلە تەربىيسى ئاستىدا چوڭ بولدۇڭ . ئۆزى يېمەي - يېدۈرۈپ ، كىيمەي - كىيدۈرۈپ ھېچنەرسىنى سەندىن ئايىماي ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا سېنى يەرگە قاراتماي ھەتتا باشقىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۆيىنىپ پەپىلەپ باقتى .  سېنى خۇددى ئۆز كۆزقارىچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرىدى،سېنى خۇددى گۆھەر دەپ بىلدى .
ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىساڭ ساڭا مەدەت ، ئېلھام بەردى. يىقىلغان ۋاقتىڭدا بولسا سېنى ئورنىڭدىن دەس تۇرۇشقا ئۈندىدى، گەرچە ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم تۇرۇپمۇ سېنىڭ غەلبىگە ئېرىشىپ خۇشال بولغان ۋاقتىڭنى كۆرۈپ ئۆزىگە كەلگەن ئاچچىق دەرتنى ئېچىگە يۇتۇۋىتىپ ئەتەي چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتتى .
سېنىڭ تاتلىق ، چۈچۈك تېلىڭدىن چىققان سەبىي سۆزلەرنى ، كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئارمانلىرىڭنى ئاڭلاپ ساڭا كۈلۈپ تۇرۇپ پىشانەڭگە سۆيۈپ قويدى ۋە ساڭا ئۈمىدىۋار ، جۇشقۇن روھ غەيرەت - شىجائەت ئاتا قىلدى .     ئېسىڭدە بارمۇ؟   
ئىمتىھان بىرىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقتىڭدا ئۇلار سەندىنمۇ بەك خۇشال بولغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ  زور خۇشاللىقنىڭ بىرىسى ئىدى . مانا سەنمۇ كەلگۈسى ئىستىقبالىڭ ۋە ئاتا - ئاناڭنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن يىراق شەھەردىكى ئۇقۇشقا مېڭىش ئالدىدا تۇراتتىڭ . سەن ھېچقاچان ئائىلىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بولغاچقا ئۇلار سەندىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى ، كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ يىغلىدى . سەندىن ئەسىرىدى .  ئەمما نىمە ئامال؟ سەن تۇلپار بۇلۇپ كۆككە قاراپ ئۇچمىساڭ ، پەرۋاز قىلمىساڭ بولمايدۇ - دە !     شۇنداق قىلىپ سەن ئېلىم - ئىرپان بۇلىقى بولغان ئالىي مەكتەپ بۇسۇغىسىغا قەدەم قۇيۇپ ئارزۇ كەمىرىڭنى مەھكەم باغلاپ بىلىم - خەزىنىلەر دۇنياسىغا يۈرۈش قىلدىڭ .
مانا بۇ ئاتا -ئاناڭنىڭ سەندىن كۈتكەن زور ئۈمىدى ئىدى، ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار پەخىرلەنگۈدەك ئىش قىلىۋاتاتتىڭ .  لىكىن ھازىرچۇ ؟ ....................ساڭا نىمە بولدى؟!  سەن نېمە قىلىۋاتىسەن ؟ زادى نىمە ئىش قىلدىڭ ؟    ئىيتە ؟.....................  قېنى سەندىكى ئۈگىنىشتىكى قىزغىنىلىق ، قېنى سەندىكى تىرشچانلىق ، ۋاپادارلىق ، جاسارەت !  بۇلار تېخى ساڭا ئازلىق قىلىۋاتىدۇ ؟  سەن ئەسلىدە ئەقىل - ھۇشىڭنى تىپىپ بۇ يولدا ماڭمىساڭ بۇلاتتى .
خاتالاشتىڭ ! .........................گۈزەل رەڭگارەڭ دۇنيا ئىختىيارسىز سېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى .
قەلبىڭ گويا چاڭقىغاندەك ، بىر نەرسىگە ئىنتىلگەندەك بولدى ، بارا - بارا ئۇ نەرسىگە بولغان تەشنالىق تېخىمۇ كۈچىيىپ ئەۋج ئالدى . سەن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىنى تەرەپ - تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدىڭ .  ئۇ نەرسە زادى نىمىدۇ؟ ...........................
ھە...........................تاپتىم!   ئۇ دەل مۇھەببەت!   ھە.........................مۇھەببەت!
ئەسلىدە مۇھەببەت سېنى ئۆزىگە تارتىۋېتىپتۇ - دە !  بىلمەن .....................مۇھەببەتلىشش يامان ئىش ئەمەس .  ھەممە ئادەم مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ ، پەقەت ئاشۇ مۇھەببەت بولغاچقىلا ھايات گۈزەل ، دۇنيامۇ گۈزەل!     سەن ئالدىڭدا يۇلۇققان بىلىم ئېلىش بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر تاللاشقا دۇچ كەلدىڭ .
ئويلا - ئويلا ئاخىرى ئىككىلىسىنى تەڭ ئېلىپ بىرىشنى قارار قىلدىڭ .
لىكىن ئىش سەن ئويلىغاندەك بولمىدى ، سەن بۇنىڭغا قادىر بۇلالمىدىڭ .
سەن مۇھەببەتنىڭ توسقۇنسىز سېھرىي كۈچىگە ئەسرار بۇلۇپ خۇدىڭنى بىلمەي ئۇنىڭغا ئىنتىلگەن ھالدا قەدەم قۇيۇشقا باشلىدىڭ .  مۇھەببەت باغچىسىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر سېنى ئۆزىگە تارتتى . ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلانغىڭ ، پۇراپ باققىڭ ، ئۇنى ئۆز قۇلۇڭ بىلەن ئۈزۈپ باققىڭ كەلدى .
سەن كىشلەرنىڭ خۇشال ھالدا مۇھەببەت باغچىسىغا ئالدىراش كىرىپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان گۈللەردىن بىر ياكى بىر نەچچە تالنى ئۈزۈپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىڭنى كۆردۈڭ .
شۇنىڭ بىلەن سەن ئالدىڭدا كۆرۈنگەن باغ تەرەپكە قاراپ ماڭدىڭ ، لىكىن نېمىشقىدۇر قەدىمىڭ ئىختىيارسىز توختاپ قالدى . ۋوي ! .............................نېمە بولدى دوستۇم! قارىغاندا كاللاڭنى سېلكىۋېتىپ ئەقىل ھۇشىڭنى تاپقان ئوخشىمامسەن ؟
ياق !....................ياق !...............ئۇنداق ئەمەسكەن ؟ ئەسلىدە ئالدىڭدا ئۇچىرىغان بىر گۈلنى كۆرۈپ توختاپتىكەنسەن ئەمەسمۇ ؟ مۇھەببەت باغچىسىنىڭ بۇسۇغىسىدىلا تۇرغان بەرگىلىرى توزۇپ تۈگىگەن ، خازان بۇلۇشقا ئاز قالغان بىر يىگانە گۈلنى كۆرۈپ قالدىڭ . ئۇمۇ سېنىڭ سۇغىرىپ پەرۋشلىشىڭگە مۇھتاج ھالدا ساڭا تېكىلىپ تۇراتتى .  بۇچاغدا قەدىمىڭ توختاپ باغنىڭ بۇسۇغىسىدىلا تۇرۇپ باغنىڭ ئېچىگە كىرەلمىدىڭ .
سەن سەبىي ، ساددا كۆزلىرىڭ بىلەن يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ ئۇنىڭغا كەڭ قۇچاق ئاچتىڭ .
ئۇ كۆزۈڭگە بەئەينى پاك غۇبارسىز گۈلدەك ، خۇددى خۇدايىم ساڭا ئۇچراتقان پەرىشتىدەك ، ئۆزۈڭنىڭ خىلىدەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدىڭ . شۇنىڭ بىلەن شېكەر يالتىلغان زەمبىرەككە ناھايىتى تېز ئالداندىڭ .
ئېسىڭدە بولسۇن ، توڭلاپ قالغان يىلاننى قوينۇڭغا سېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلساڭ ئۇ ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن زەھەرلىك نەشتىرىنى چىقىرىپ ھامان سېنى چاقىدۇ .
شۇنىڭدىن ئىتبارەن سەن بۇ گۈلنىڭ ئەتراپىدىن خۇددى پەرۋانىدەك ئايلىنىپ كىتەلمەيدىغان ، ئۇنىڭ دىدارىنى بىرەر قېتىم كۆرەلمەي قالساڭ ئازاپلىنىپ پىغان چېكىدىغان بولدۇڭ ، ھەممە ئىشىڭنى تاشلاپ پۈتۈن دىققەت ئىتبارىڭ شۇنىڭغىلا مەركەزلىشىپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ سىياقى خىيالىڭدىن كەلمەيتتى .
ئېنىقكى ئۇنىڭغا سەۋدايىلارچە ئاشىق بولغانىدىڭ . خۇدانىڭ ھەققىدە بىرەر كۈن بىرەر سائەت ئۇنى ئويلىمايدىغان ۋاقتىڭ يوق ، ھەر دائىم ئويلايدىغىنىڭ پەقەت شۇلا ئىدى . گەپلىرىڭلارنىڭ تاتلىقلىقىدىن ھەر كۈن تۈن يىرىمگىچىمۇ ئىككىڭلارنىڭ پارىڭڭلارنىڭ ئاخىرىمۇ تۈگىمەيتتى .  ئۆز كۆڭلىڭدە بۇ خىيالىي تۇيغۇنى بىر ھەققىي بەخىت دەپ ھېس قىلىپ قالغانىدىڭ .  مەن ھىچ بىلەلمىدىم ! ......................ئۇنىڭ قەيىرى سېنى مۇشۇنداق ئۆزىگە جەلىپ قىلالىغاندۇ؟  ئىختىيارسىز ئۆزىگە قارىتالىغىدەك ، مەپتۇن قىلالىغىدەك قانداق سېھىرىي كارامىتى باردۇ؟ بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقامدۇ يوق بۇنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟  
ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە نېمىشقا ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا بۇنچە ئۇرىسەن ؟ تېخى خىيالىي شېرىن گەپلەرنى قىلىشىپ بىر - بىرىڭلارنى ئالداپ بىر - بىرىڭلارنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىپ ئۆتتىڭلار ؟  بۇ مۇناسىۋىتىڭ بۇ خۇشاللىقىڭ زادى قاچانغىچە داۋاملىشار ؟ بىراق قەلبىڭگە ئازاپلارنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانمۇ ؟
ئۆزۈڭنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئازاپلاپ زادى نېمە پايدا كۆردۈڭ!  سەن مۇشۇ ئازاپ بەدىلىگە خۇشاللىققا ئېرىشمەكچىمۇ ؟ ئۆزۈڭ قىينىلىپ بۇنداق ئازاپلىنىپ خۇشاللىق ئىزدىگەندىن ئەركىن - ئازادە بەھۇزۇر ئىزدىسەڭ بولماسمىدى؟
بۇ قىلغانلىرىڭ ئەرزىمدۇ؟  توۋا !.................كەينى - كەينىدىن بۇرنىڭغا يەپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۆزىنى بىلمەيدىغان !؟ ئۇنىڭ تېكىنى شۇنداق ئاغرەپ سانجىلسىمۇ نېمىشقا خۇدىڭنى بىلمەيسەن ؟ سەن زادى شۇنداق دەرىجىدە ھاماقەتما؟  ئاشىق بولغانغا تۇشلۇق ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيمەنمۇ - يوق دېگەننى ئويلاپ باقمىغانمىدىڭ ؟ بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا قىلسەن؟ ئۆزۈڭنى ئازاپلاپ زادى نېمىگە ئېرىشتىڭ؟  ئېرىشكىنىڭ پەقەت بىر تالاي يىغا ، ئاچچىق ئازاپلار بولدى خالاس !  ئۇنىڭ ئاخىرى مانا مۇشۇنداق ئاچچىق ئازاپلار بىلەن ئاخىرلاشتى .  ئەمدى بۇرنىڭغا يەپ تويغانسەن؟
ئەمدى خۇشال بولدىڭمۇ؟........................... كۆڭلۈڭ تىندىمۇ؟ بولمىسا يەنە قىلىپ باقامسەن يا!
ھېي !..................ئەقىلسىز..................ھاماقەت! ھايۋان جىنىدىمۇ بىر قېتىم سىپىلگەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچىلەپ قەتئىي ئۆتمەيدۇ؟  سەن بىر ئۇقۇغان ئاڭلىق ئادەم تۇرۇقلۇق ئەقلىڭ نەگە كەتتى سېنىڭ؟
ئادەم ئەقلىڭ ئىشلەيدىغان بىر ئىشنى پەملىيەلەيدىغان ئاقىل ئادەم ئىدىڭغۇ؟
ئاشۇنىڭ بىر ساھىبجامال ھىيلىسىگە ، شېرىن - شېكەر سۆزلىرىگە ئىشىنىپ مۇشۇنداق بولدۇڭمۇ؟   ‹مۇرادىمىزغا يىتەلمىدۇق› دەپ تەقدىردىن ئاغرىندىڭ ! ئىككىڭلارنىڭ بىر جۈپلەردىن بۇلۇشنى خۇدايىم بۇيرىماپتۇ؟  بولدى قىلغىن ئۆزۈڭنى ئازاپلاۋەرمە ! يېشىڭنى سۈرتۈۋەت ! ئالغا قاراپ ئىلگىرلەش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكىن ! ۋاز كېچىشمۇ بىر ھېساپتا ياخشى ئامال دوستۇم!
ئويلاپ باقە ؟ ئۇنى دەپ تۆلىگەن بەدەللىرىڭ ، چەككەن ئازاپلىرىڭ ئازمۇ؟ ھەتتاكى ئاتا -ئاناڭ ، دوست - بۇرادەرلىرىڭ بىلەن بولغان ئارلىقىڭمۇ يىراقلاشتى . توپتىن ئايرىلغان قۇشتەك يەككە - يىگانە يالغۇز قالدىڭ. ئاتا -ئاناڭدىن بەكرەك ئۇنى خىيال قىلغان ۋاقتىڭ كۆپ بولدى! دېمەك سېنىڭ قەلىب روھىڭنى ئۇ تامامەن ئىگەللەپ بولدى دېگەن گەپ !
ئاتا -ئاناڭ : ‹ئوغلۇم ياخشى ئۇقۇسۇن › دەپ ئەۋەتكەن پۇللارنى ئۇنىڭدىن ئايىمىدىڭ !ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتاشقا تەييار تۇردۇڭ ! ئاشۇنداق قالايمىقان بۇزۇپ -چاچقان پۇللار ئاتا - ئاناڭنىڭ جاپالىق قان تەر ئاققۇزغان ، ھالال مېھنىتىدىن كەلگەن ئەمەسمىدى ؟ نېمىشقا ئۇلارغا ئېچىڭ ئاغرىمايدۇ!
ئاچ قالغان ۋاقتىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ ئادەم ھامان بېشىغا كەلگەندە شۇ نەرسىنىڭ قەدر -قىممىتىنى چۈشىنىدۇ؟
قانداق ......................تۇرمۇشتا پۇلنىڭ زۆرۆرلىكىنى ،قىممىتىنى چۈشەنگەنسەن ؟
چۈشەنسەڭ ئۇنداقتا........................قېنى دېگىنە؟ ئاتا - ئاناڭنىڭ پۇلىنى ئۇنداق قالايمىقان بۇزۇپ چېچىشقا سېنىڭ نېمە ھەققىڭ بار؟ توغرا ، ھېچقانداق ھەققىڭ يوق! سەن ئاتا - ئاناڭغا بىرەر ئىش قىلىپ بىرەلىدىڭمۇ؟ يۈز كىلەلىگىدەك ئىش قىلىپ باقتىڭمۇ؟ ئۇلارغا بىرەر قېتىم ئوغۇللۇق بۇرچىڭنى ئادا قىلىپ باقتىڭمۇ؟     ياق!............................سەن قىلىپ باقمىدىڭ!
ئەمدى بىلدىڭمۇ؟ بىلسەڭ نېمىشقا ئەقلىڭنى تاپمايسەن! سەن ئۆزۈڭگە پەقەتلا ئوخشىماي قالدىڭ .  قېنى سەندىكى چېچەنلىك ، قېنى سەندىكى جاسارەت!  سەندىكى بۇ ئىقتىدارلار زادى نەگە كەتتى ؟  بۇلار سەندە كەم بولسا ھەرگىز بولمايدۇ! سەندە بۇلار چۇقۇم بۇلۇشى كېرەك!  
سەن بالدۇرراق بۇلارنى چۈشىنىپ يەتمىگەندىكىن ئۆزۈم سېنى تىللاپ ، ئەيىبلەشكە تامامەن ھەقىلقمەن !
ئاڭلىسام سەندە ‹ئادەم كېچىكلكتىن بارا -بارا چوڭىيىپ زورىيدۇ ئاخىرىدا ئەڭ كۈچلۈك قۇدرەتلىك ئادەمگە ئايلىنالايدۇ!› دەيدىغان ئىتقاد بار ئىكەن .  ياخشى ئويلىغىنىڭ توغرا ! بىراق بۇنى قۇرۇق شۇئاردەك ئاغزىڭدىلا دېمەي ئەمىلىيەتتە كۆرسىتىپ قىل ! ئەمىلىيەتچىل ئادەم بول!
ئېسىڭدە بولسۇن ،باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشسا سەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىككى ھەسسە تىرىش ! باشقىلار خىيالىدا يوق كۈلۈپ -ئويناپ يۈرسە بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ، سېنىڭ كارىڭ بولمىسۇن!ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ مېڭىۋەر ! ئۇنتۇپ قالما ، ئادەم تۇغۇلۇپ ھېچقانداق نام -ئاتاقسىز ئۇ دۇنياغا كىتىپ قىلىش ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش ! ياخشى نام قالدۇرالمىساڭمۇ ھېچ بولمىغاندا يامان ناممۇ بولسا قالدۇرالايدىغان بۇلۇشۇڭ كېرەك! ھاياتنى خۇددى ئېقىن سۇدەك بىر خىللا رېتىمدا ئۆتكۈزۋېتىش بۇ تۇلىمۇ بىچچارىلىكتۇر! ھايات يۇلىڭدا پۇتلىشىپ تۇردىغان تاشلار پات - پات ئۇچراپ تۇرىدۇ؟ گەپ سېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان پوزىتسىەڭنىڭ قانداق بولغانلىقىدا! يەنى سەن ئۇنى پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكەندىن كىيىنكى مەغلۇپ بۇلۇشنى ئۆزۈڭگە مەدەت ئىلھام ئاتا قىلىدۇ دەپ چۈشەنسەڭمۇ بۇلىدۇ ياكى بىردەم تىنۋېلىپ كۈچ توپلاپ ئۆزۈڭگە قاڭقىش تاختىسى قىلۋالساڭمۇ بۇلىدۇ؟
سەن چۇقۇم قىلالايسەن، يىقىلغان ئورنىڭدىن دەس تۇرالايسەن! بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىساڭ ئۇنىڭدىن بىر ئەقىل تاپالايدىغان بول! كىيىنكى خىرسلارغا باتۇرلۇق بىلەن قورقماي يۈزلەنگىن ! بۇلارغا قارىتا رۇھىي ئېمىنۇت كۈچۈڭ تېخىمۇ ئاشسۇن!  ئىرادەڭ مۇستەھكەم بولسۇن ، بىر ئىشنى قىلىشتىن ئاۋال چۇقۇم ئۇنىڭ ئالدى - كەينىنى ئوبدان ئويلان ! زېرەك بول ، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى ئۆگەن ! ئۇنىڭدىن سىرت پىلانىڭمۇ بولسۇن ، ئىشنى چولتا قىلما ، ئويلانماي تۇرۇپ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىش قىلما !  ھەرقانداق ئىشلارغا ناھايىتى تەمكىن ئېغىر - بېسىق بول ! مەيلى كىچىك ئىشلار بۇلامدۇ ھەرگىز ياراتمايدىغان كۆزگە ئېلمايدىغان ئىشنى قىلما ! يۇقۇرىغا چىقىش ئۈچۈن ئىشلار ئاۋال ئەڭ كىچىك تۆۋەندىن باشلاپ بۇلىدۇ!   
ئۆزۈڭگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ، ئۆزۈڭنى ئازاپلايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلما ! ھەرگىز ئۆزۈڭنى ئالدىما !    بىلىپ تۇرۇپ ھەرگىز ئۇ ئىشنى قىلما !
سەندە تاشپاقىدەك چىدامچان ، چۈمۈلىدەك كۈچلۈك ، ئاپشاركىدەك سەزگۈر ، تۇلپاردەك تېتىك ، يولۋاستەك قارام ، يىلاندەك قورقماس ، قاپلاندەك يۈرەكلىك ،شىردەك سۈر -ھەيۋە ، قاغىدەك ھۇشىيار ،خامېلىئوندەك ئۆزگىرشچان ، تۈلكىدەك ئەقىللىق ، ئۆمۈچۈكتەك جاھىل ، قارىغايدەك ئېگىلمەس - سۇنماس روھ بولسۇن !
بۇلاردىكى خېسلەتلەر سەندە بۇلالىشىغا ئىشىنمەن ! ئاقىل ئادەم ئۆزىدە يوق ئېسىل ماھارەت ھەتتا ئۆزى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان دۈشمىندە بولسىمۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشتىن باش تاتمايدۇ! ئۇنىڭدىكى بار بولغان ئارتۇقچىلىقنى ئۆگىنىپ بۇلۇپ كىيىن ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بۇلۇش بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارىدا !
ئەتىكى غەلبە ئۈچۈن تۇلپاردەك جەڭگىۋار روھ بىلەن ھازىردىن باشلاپ ئاتلان !   
ئېسىڭدە بولسۇن ، ھەر ۋاقىت ئۆزۈڭ ئۈستىدە كۆپرەك ئويلان! ئۆزۈڭنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇر !  كاللاڭدا ھەر ۋاقىت ‹مەن زادى كىم› دېگەن سۇئال بولسۇن ! شۇ چاغدا ئۆزۈڭنىڭ ھەققىي كىملىگڭنى تاپالايسەن !

                                                   مەنبە : ئۆز قەلىمم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:08:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 11:35:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىر ئوقۇمىغىلىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كىتىپتىكەن، راستىنى ئېيتسام مىسرانىمدا نەسىر ئوقۇشنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
ياخشى يېزىپسىز، توختاپ قالماڭ ! داۋاملىق مۇشۇنداق نەسىرلىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرايلى...

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14197
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2064 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 02:45:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى چىقىپتۇ.........................

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 698 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 03:04:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108911
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2014-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 03:16:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەركىم ھەركىم ئۈچۈم،
ھەركىمدە يوقتۇر ئۆچۈم.
ھەركىملەر دەيدۇ نېمە
دېسە مەيلى يەتمەس كۈچۈم.
دېمەك مەن ھەركىمگە ھەركىم بولۇپ ھەر خىل ئوبرازلارنى ياراتقان داڭلىق ئەمەس «يېتۈك»كە يىقىنلاشقان ئارتىس، رىجىسسور ھەركىم، رول ئالىدىغان سەھنەم يەر شارى،

كۆيۈپ كۈل بولغۇچە ئۆچمەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 09:54:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  چىقىپتۇ

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 01:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى يېزىپسز، رەھمەت .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 02:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىم ؟ بۇ جاۋاپ بىرىش ئەڭ قىيىن سۇئالنىڭ بىرسى .

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8766
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 02:06:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          مەن ئۆزەممۇ نەسرگە ئالاھىدە قىززىقىمەن، نەسىر مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ...سىزگە
    ئۇتۇق تىلەيمەن.

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش