مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 834|ئىنكاس: 12

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بۇلىشى كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113839
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2015-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 06:11:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بۇلىشى كېرەكبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- B1 S8 s( V9 z

   پەرزەنت ئائىلىنىڭ يىلتىزى، ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى . شۇنداق ئىكەن ، پەرشەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ساغلام، ئەقىدىلىك ، بىلىملىك ، ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋەتەن ، مىللەت ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى . بالىلارنىڭ خاراكتىرى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاتا- ئانىنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولى ناھايىتتى مۇھىم بولغاچقا ئاتا- ئانىلار ئۆزنىڭ ئېسىل مىجەز-خارەكتىرى ، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى جۈملىدىن ، تىلى ، ھەرىكىتى،قەلبى ئارقىلىق  پەرزەنتلىرىگە ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بۇلۇشى ، ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىدە يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشىشى زۆرۈردۇر.

  ئاتا- ئانا پەرزەنتىنىڭ ئەينىكى ، تېرىك ئۈلگىسى . پەرزەنتلەر ئائىلە تەربىيىسىنى ئاتا- ئانىسنىڭ بىۋاستە تەسىرىدە قۇبۇل قىلىدۇ . ئاتا- ئانىنىڭ مىجەز-خارەكتىرى،ئەخلاق – پەزىلىتى، مەسلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بالىنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىتىن ، ئاتا- ئانىنىڭ مىجەز –خۇلىقى ، ئىش ھەركىتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئېتىدۇ . بالىلاردا ئەقەلىي قابىلىيەت ۋە خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇلاردا شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاس، قىزىقىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ." بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قېرى كۆرگەننى سورايدۇ'' دېگەندەك ، بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ ئۇلارنىڭ رېئال تۇرۇقىنى دورايدۇ . ئاتا-ئانىنىڭ ئۈلگىلىك رولى ھەققىدە روس پىداگوكى نوۋچىكوف :"بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىگە ھېچنەرسە ئۈلگىدەك كۈچلۈك تەسىر قىلالمايدۇ، ھەممە ئۈلگىلەر ئىچىدە ئاتا- ئانا ئۈلگىسىدىنمۇ ئالاھىدە چوڭقۇرراق ۋە مۇستەھكەمرەك ئۇرۇن ئالىدىغان ئۈلگە يوق '' دەپ ئېيتقان. ئائىلە تەربىيىسى شارائىتىدا بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن قۇبۇل قىلغان ھەرقانداق سۆز – ھەرىكەت بالىلارنىڭ ئېڭىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ خارەكتىر ۋە ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئوخشىمايىدىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ."ئوغۇل ئاتىنى دورايدۇ، قىز ئانىنى دورايدۇ" دېگەندەك ، بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن مەلۇم ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالسا ، بۇنى ئۆزگەرتىش ناھايتتى قىيىنغا توختايدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە بولمىغۇر سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ پەرزەنتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ، نەتىجىدە بىلىپ-بىلمەي پەرزەنتىنىڭ ناچار  ئىللەتلەرنى، يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋېلىشىغا ئۆزلىرى سەۋەپچى بۇلىدۇ." بالاڭ يامان بولسا ئۆزەڭدىن كۆر " دېگەندەك ، بالام تېخى كىچىك، ئاڭلىمايدۇ، بىلمەيدۇ، دەپ قاراپ بالىلارنىڭ ئالدىدا دېيىشكە بولمايدىغان گەپ-سۆزلەرنى دېيىش، بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلىش، ئىچ كىيىملەر بىلەن يۈرۈش، كۆرۈشكە بولمايدىغان فىلىملەرنى كۆرۈش، ۋارقىراش-جارقىراش ، جېدەل-ماجىرا قىلىش،رومكا سوقۇشتۇرۇش، تاماكا چېكىش، پۇل تىكىپ قارتا ئويناش ، قاتار چايلارغا ، قاۋاقخانىلارغا تولا قاتىراش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلاردا سەلىبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بۇلۇپ ، بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ بالىلارنىڭ بەخىت-ئىستىقبالىغا ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرى، ئاتا-ئانىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ چېكىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ ."ئاۋۋال ئۆزەڭنى تۈزە ، ئاندىن بالىنى" دېگەندەك ، پەرزەنتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان،ئويۇن –تاماشىلىرىنى قۇربان قىلالايدىغان روھىنى يېتىلدۈرگەن ئاتا- ئانىلارلا ھەقىقىي مەنىدىكى مەسئۇلىيەتچان ئاتا- ئانىلاردۇر.بۇ توغرىدا مۇنداق بىر ئىبىرەتلىك ھېكايە بار:

  بىر ئادەم ھەركۈنى ئىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى قاۋاقخانىغا بېرىپ ھاراق ئىچىشكە ئادەتلىنىپ قاپتۇ.قېلىن قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ يەنە ئەتىگەندە خوتۇن – بالىلىرى بىلەن خوشلشىپ ئۆزى يالغۇز قاۋاقخانا تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇزاققا بارمايلا ئۇ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا ، بالىسى ئۇنىڭ قاردا قالدۇرغان ئاياغ ئىزىغا دەسسەپ تۇرۇپ خۇشال ھالدا :"دادا، قارا، مەن سېنىڭ ئاياغ ئىزىڭغا دەسسەپ كېلىۋاتىمەن" دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادا قاتتىق چۆچۈپتۇ ۋە كۆڭلىدە :"مەن نېمە ئىش قىلسام بالام شۇنى دورايدىكەن، ھەتتا قاۋاقخانىغا بارساممۇ..." دەپ ئويلاپتۇ ھەمدە شۇ كۈنىدىن باشلاپ قاۋاقخانىغا قايتا ئاياغ باسماپتۇ.

   بۇ ھېكايىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاتا-ئانىنىڭ سۆزى ، ھەركىتى،قەلبى پەرزەنتكە نىسپەتەن بىۋاستە ئۈلگە ۋە تەربىيەدۇر.ئاتا-ئانا ئائىلىدە ئەدەب-ئەخلاقلىق،قائىدە – يۇسۇنلۇق، ئىناق –ئىجىل بولسا ، بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا ياشىغان بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش پەزىلەتلىك چوڭ بۇلىدۇ.

  خەلقىمىزدە :" ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغۇلغا مىراس" دېگەن ھېكىمەت بار . شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۈلگە قىلىپ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ،ئۆزلىرى قانداق ئادەم بولسا ، پەرزەنتلىرىنىڭمۇ شۇنداق ئادەم بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى ، پەرزەنتى ئالدىدا قىلغان ئەڭ كىچىك گەپ –سۆز ، ئىش – ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇرۇنسىز ئارزۇ – ھەۋىسى ، ئەھمىيەتسىز باردى-كەلدىلىرىنى ، شەخسىي مەنپەئەتىنى قۇربان قىلالايدىغان پىداكار روھنى يېتىلدۈرىشى ، پەرزەنتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئېسىل مىجەز-خۇلىقى ، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى،ساپ قەلبى بىلەن ئۈلگە بۇلۇشى كېرەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ruzemammat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 06:45 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* K$ a- f( Z3 R! n5 O2 Eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ g; E( t2 W* n$ Q$ y$ p9 A# F( [. e

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 07:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىدىن ئاشقان ئوغۇل ياراملىق ئوغۇل  دەپ يازغانمەن ھېكىمەت خاتىرەمگە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100080
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 07:52:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالسى چالا قۇيرۇق  ››دىگەن  ماقال-تەمسىل  بىكارغا چىقمىغان  دە لىكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 07:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق دەرسىڭىزگە   تەشەككۈر كۆپ بەھىرلەندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10433
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1359 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 09:14:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 10:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز... پەرزەنتلەرگە نېسبەتەن ئاتىنىڭ تەسىرى ياشاش يولى، ئىدىيە – كۆز قاراش، ئادىمىيلىك يىتىلدۈرۈش قاتارلىق ئەڭ موھىم تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.  بۇ دۇنيادا ئاتا پەرزەنتىنىڭ ھايات يولىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان شەخستۇر.  ھەر قانداق ئاتا ئۆز پەرزەنتىگە مەردلىك، جاسارەت، بىلىمخۇمارلىق، ئەدەپ – ئەخلاق، ئەمگەكچانلىق، مەسئولىيەتچانلىق… قاتارلىق تەرەپلەردە ھەقىقىي ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 04:48:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-5 07:18 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 u$ |: C$ r/ pئاتىدىن ئاشقان ئوغۇل ياراملىق ئوغۇل  دەپ يازغانمەن ھېك ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: l0 ?3 v5 Z+ p5 f2 Y5 m7 ~
بەك توغرا دەپسىز تاغامنىڭ بىر گىپى بولىدىغان ئۇستىسىدىن ئىشىپ كىتەلمىگەن  شاگىرىت مۇۋەپىقيەت قازنالمايدۇ دەيدىغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 08:47:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا  ئاتا- ئانىسىنىڭ  ھەر قانداق بىر گەپ - سۆزى ، ئىش - ھەرىكىتىنى  ئۆزىگە  ئۈلگە  قىلىدۇ  ، شۇڭا  مەن  ئاتا- ئانىلارنى  بالىلارنىڭ  تۇنجى  ھەم ئەڭ  ياخشى  ئۇستازى  دەيمەن  ، بالا  چوڭلارنىڭ  ئىش -ھەرىكىتى  ،  گەپ - سۆزىنى  دوراپ  باقىدۇ ،  

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 08:47:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا  ئاتا- ئانىسىنىڭ  ھەر قانداق بىر گەپ - سۆزى ، ئىش - ھەرىكىتىنى  ئۆزىگە  ئۈلگە  قىلىدۇ  ، شۇڭا  مەن  ئاتا- ئانىلارنى  بالىلارنىڭ  تۇنجى  ھەم ئەڭ  ياخشى  ئۇستازى  دەيمەن  ، بالا  چوڭلارنىڭ  ئىش -ھەرىكىتى  ،  گەپ - سۆزىنى  دوراپ  باقىدۇ ،  

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 796 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 01:00:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ،ئىسىل تىما .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش