مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2768|ئىنكاس: 18

ئالىي مەكتەپتىكى ئاشۇ قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113861
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2015-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 06:56:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئالىي مەكتەپتىكى ئاشۇ قىز پىدائىي يازمىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئۆزۈم ئوقۇغان شۇ ئالىي مەكتەپ ئەتراپىدىكى مەھەللە كومىتىتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم، ئۆزۈم يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ مەكتەپتە ساۋاقداشلار بىلەن ئوقۇش جەريانىدا يالغۇزلۇق، غېرىپلىق ھىس قىلماپتىكەنمەن، ئەمما ھەممە ساۋاقداشلىرىم ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا بۇ ئەتراپ بەك غېرىپ تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. دائىم بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ ئانا - مەكتىپىمگە كۆزۈپ چۈشۈپ قالاتتىدە، قىيمىغان ھالدا بىر ئايلىنىپ چىققىم كىلەتتى، مەكتەپ ئىچىگە كىرگىنىمدە بۇرۇن ھىس قىلمىغان نۇرغۇن نەرىسىلەرنى ھىس قىلاتتىم، ئۆزىمىز ئوقۇغان چاغلاردا بولسا بىز ئۆزىمىزنى قەتئىي كىچىك ھىس قىلمايدىكەنمىز، شۇڭلاشقا بىر - بىرى بىلەن قوتلۇقلىشىپ دىگۈدەك كېتىۋاتقان قىز - ئوقۇل ساۋاقداشلارمۇ بىزگە غەيرى تۇيۇلمايتتى، ئەمما بۇ ۋاقتتا ماڭا مەكتەپتىكى شۇنداق بىر جۈپلەر خۇددى، كىچىككىنە تۇرۇپ چوڭلارنى دورىۋالغاندەك، قىلىقلىرى ئۆزىلىرىگە ماس كەلمىگەدەك غەيرىلا تۇيۇلۇپ كەتتى. ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىزدىن تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇيدىغان تولىمۇ ئوماق، پاكىزە چىراي بىر قىز بولىدىغان، دائىم كۆرسەم كۈلىمسىرەپلا تۇرىدىغان، ئەمما تولىمۇ قېنىق گىرىم قىلىپ چوڭ قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرىدىغان بۇ قىزغا ئامراقلىقىم كىلەتتى، بۇ خىل ھىسىياتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشمۇ ياكى يۇرتۇمدا قالغان سىڭلىمغا ئوخشتىپ ئامراقلىق قىلىشمۇ بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم ئىدى، شۇ كۈنى مەكتەپنى ئايلىنىۋىتىپ ئوقۇتقۇچىمىز رۇشەنگۈل مۇئەللىم بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم، پاراڭلىشىپ تۇرغان شۇ ئەسنادا ئىككىمىزنىڭ يېنىغا دەل شۇ ئوماق سىما، تاتلىق سىڭلىمىز كېلىپ كەلدىدە، مېنى ۋە مۇئەللىمنى كۆرۈپ يۈزلىرى ۋىللىدە قىزىرىپ تۇرۇپ، > دېدىدە، مۇئەللىمگە بىر ئىش قەغىزىدە يېزىغان نەرسىنى سۇندى، مۇئەللىم ئۇنىڭ قولىدىن يۇلۇپ دىگىدەك ئېلىپ قولىدىكى كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ، > بىر خىل قوپال ھالەتتە، بۇ ھالەتتىن ئەجەپلەنگەن مەن مۇئەللىمدىن سورىدىم، - مۇئەللىم، بۇ قىز بىرەر ئىشنى خاتا قىلدىمۇ، قوپال تېگىپ قويدىڭىزغۇ ؟، مۇئەللىم ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى، - سىلەردەك قۇلىقى يۇمشاق، ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچىلار قالمىغان ئوخشايدۇ...، دېدى، دە ماڭا، دەرىسكە ئالدىرايدىغانلىقىنى، پات - پات كېلىپ يوقلاپ تۇرۇشۇمنى ئىيتىپ، ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرىپ كەتتى، ئادەتتە رۇشەنگۈل مۇئەللىم بىلەن ھەدە - ئېنىدەك ياخشى ئۆتەتتۇق، ئالىي مەكتەپتىكى 4 يىلنى سىنىپ باشلىقى بولۇپ ئوقۇش جەريانىمدا مۇئەللىم بىلەن تولىمۇ ياخشى ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قىزغا قىلغان قوپال مۇئامىلىسى ماڭا بىر خىل مۇجىمەل تۇيغۇ ئاتا قىلدى. مەكتەپتىن ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ چىقىپ، ئىدارىغا بېرىشىمگە شۇم خەۋەر ئاڭلاندى، بىزنىڭ ياتاق بىنارىمىزنىڭ پار يولى يىرىلىپ كېتىپ بىزنى رايونىمىز تەۋەلىكىدىكى مىھمانخانىغا بىر نەچچە كۈنلۈك يىتىپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، مۇشۇ مەھەللە كومىتىتىمىز تەۋەسىدىكى مىھمانخانىلارنى باشقۇرىۋىرىپ بەك رايىم يىنىپ كەتكەن ئىدى، چۈنكى ئالىي مەكتەپلەر جىقراق ئورۇنلاشقان بۇ رايوندا دائىملا دىگۈدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىھمانخانىلارغا كىرىپ - چىقىپ تۇرىۋاتقانلىقنى كۆرەتتىمدە، ئىچىم ئاچچىق بولاتتى، ئۇلار ئالدىرىماي يەنە بىر نەچچە يىلنى چىداپ ئۆتكۈزسە كۈندە بىر - بىرىگە مىھماندەك ھالال نىكاھى ۋە رىسقى بىلەن بىر ئۆيدە ياشىسىمۇ بولاتتىغۇ، مۇشۇنداق كېچىلەرنى بىللە ئۆتكۈزگەنلەردىن قانچىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋىسالىغا يىتەلىدى.... بۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، بىزگە بۇيرۇلغان مىھمانخانىدىكى بىزگە ئورۇنلاشتۇرغان ياتىقىغا كىرىپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا ئاتتىمدە، خىيال قۇشلىرىم ئۇچۇپ يۇرتۇمغا، ئاتا - ئانام، ئېنى سىڭىللىمنىڭ يېنىغا كەتتى، شۇ تاپتا پەقەت ئۇلارنى سېغىنىش، ئاپامنىڭ ئىسسىق لەڭمەنلىرىنى ياد ئېتشتىن ئۆزگە خۇشاللىق ئىشلارمۇ ئاساسەن قالمىغان ئېدى. - قوپە ھەي ھورۇن، ياپ ياش تۇرۇپ مۇشۇنداقمۇ ياتامسەن ؟ - خىزمەتدىشىم تۇرغۇنكامنىڭ سۆزلىرى دىققىتىمنى بۆلدى، - ۋوي سىز ئۆيگە قايتماي نىمە بۇ ياتاققا كېلىۋالدىڭىز ؟ - دېدىمدە ئۇنىڭغا قىززىقىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى ئۇمۇ، - سېنى ياتاق ئېچىپ قالايمىقان ئىشلارنى قىلىپ قويمىسۇن دەپ نازارەت قىلغىلى كەلدىم، - دېدى. مەنمۇ جاۋابەن، ھەقىچان بەز يەيىغان مۆشۈكنىڭ بۇرىنىغا پۇراقلار پۇراپ كېتىپ كەلگەنسىز ؟ - ۋۇي گەپتىن قالمايدىغان، سېنى يەڭگەڭ تاماققا چاقىرغان شۇڭا ئىدارىگە بارسام مۇشۇ يەردە دېدى، يانفۇنىڭغا تېلېفون قىلسام توك يوق، ئۇدۇللا ئىزدەپ كرىشىم، تېز بولە ماڭايلى، - ۋاي ئەجەپمۇ كۆيۈمچان بىر يەڭگەم بار مېنىڭ، دېدىمدە. چاپىنىمنى كىيىپ ئۇنىڭ بىلەن ماڭدىم، ئۇلارنىڭ ئۆيدىكى ئىسسىق تاماقنىڭ ھوزۇرىدا تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ سائەتنىڭ 9:00 بولۇپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپتىمەن، شۇڭا ئۆزرە ئىيتىپ دەرھال ياتاققا قايتىپ كەلدىم. ئەمما ياتاققا كىرىپ يېتىشىم بىلەن يېنىمىزدىكى ياتاقتىن چىقىۋاتقان ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋاز دىققىتىمنى بۆلۈپ كەيپىمنى ئۇچۇردى، تولىمۇ بوش ئاڭلىنىۋاتقان بۇ ئاۋازدا بىر قىز بالىنىڭ يىغىسى، ئوغۇل بالىنىڭ ۋارقىرىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئەجىبا بۇ ياتاقتىمۇ ھىلىقىدەك ئىشلار كۆپمىكىنە ؟ بولدىلا خەقنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي، ئىشىمنى قىلايچۇ، دەپ يانفۇنۇمغا قاراپ ياتتىم، بىر چاغدا قاتتىق چىرقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تاراڭ - تۇرۇڭ قىلىشلار باشلاندىدە، مەنمۇ ئايىقىمنى كىيىپلا ياتاق ئىشىكىنى ئاچتىم، دە جايىمدا جىملا تۇرۇپ قالدىم، چۈنكى ياتاقنىڭ ئالدىدىكى زالدا مەكتىپىمىزدىكى بىزدىن تۆۋەن ئوقۇيدىغان ئىككى ئوقۇغۇچى يەنى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپتىكى بىر جۈپ قىز - ئوغۇل تۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىرى دەل بۈگۈن ھىلىقى يەردە مۇئەللىم سىلكىۋەتكەن ئوماق قىز، يەنە بىرى شوخرق كەلگەن ئوغۇل بالا ئىدى، ئۇلار مېنىڭ بۇ يەردە ئۇچىرىشىپ قېلىشىمنى قىلچە ئويلىمىغان بولغاچقىمىكىن ھاڭ - تاڭ قالدىدە، دەقىقە جىمجىتلىقتىن كېيىن ئوڭايسىزلانغان ھالەتتە، ئوغۇل بالا ياتاققا قىز سىرتقا يۈگرەپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ بۇ كۈڭۈلسىز كەيپىياتقا گۇۋاھچى بولغانلىقمدىن ئوڭايسىزلىنىپ ياتاققا كىردىم ۋە ۋۇجۇدۇمدىن ئاچچىق بىر ھىسىيات سىرتقا چىقىشقا بۇيرىدى، دە يۈگرۈپ سىرتقا چىقتىم، ئۇزۇن كوچىنىڭ ئۇ بېشىدا يۈگرۈپ كېتىۋاتقان ھىلىقى قىزنى كۆردۈمدە ئارقىسىدىن يۈگرۈپ باردىمدە، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ۋاقىرىدىم، - توختاڭ، يەنە قاچسىڭىز مەكتەپكە بۇ ئىشىڭىزنى مەلۇم قىلىمەن، ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال توختىدە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، - ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي، ئۇنىڭ قولىدىن تارتقىنىمچە ياندىكى خالىي كوچىغا سۆرەپ كىردىمدە، ئاچچىقىم بىلەن ئىيتتىم، - بۇ يەردە سىزگە نىمە بار، ئۇكام ئوقۇشىڭىز پۈتەي داۋاتقاندا ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالسىڭىز، كېيىن تويۇڭلارنى قىلىپ نىمە قىلغىڭلار كەلسە شۇنى قىلسىڭىز بولمامدۇ، ئاتا ئانىڭىزغا يۈز كىلەلەمسىز ؟ سىزنى ئۇلار ئالىي مەكتەپكە ئوقۇسۇن دەپ ئەۋەتكەنمۇ ياكى باشقىلارغا خوتۇن بولسۇن دەپمۇ ؟ سىزدەك چىرايلىق، ئوماق قىزلارغا ياخشى يىگىتلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چىقماي قالامتى، ئۆزىڭىزنى تۇتۇپ يۈرسىڭىز خەقنىڭ تايىقى، ۋارقىرىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىلكىشلەرشلىرى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ غەيرى كۆزدە قاراشلىرىغا ئۇچىرامتىڭىز ؟ ئۇ ئېسەدەپ يىغلايتتى، مەن بولسام ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرايتتىم، ئۇنىڭغا بۇنداق ۋارقىرىشىم ئۇنىڭغا كۆيۈنگىنىممۇ ۋە ياكى كۆڭۈل بۆلگىنىممۇ ۋە ياكى ئاللىقانداقتۇر بىر خىل ئىپادىلەش قىيىن بولغان سەۋەبمۇ ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قولىدىن سۆرەپ دىگىدەك مەكتەپ ياتىقىغا ئەكىرىپ قويدۇم ھەمدە ياتاق باشقۇرغۇچى خادىمغا ئۇنىڭ كېچىكىش خاتېرىسىنى يازماسلىقىنى ئىيتتىمدە دەر غەزەپ ھالدا مىھمانخانىغا باردىمدە، خوجايىننى بار كۈچۈم بىلەن توۋلاپ ئۇيغىتىپ چىقىپ زەردەم بىلەن تىللىدىم، >. ئۇ قوللىرىنى قاماللاپ تۇرۇپ > دەيتتى... ياتاققا كىردىمدە قولۇمغا يانفۇنىمنى ئېلىپ ئانامغا قىسقا ئۇچۇر يېزىشقا باشلىدىم                                     مەنبە نۇر تورى       ئوز ئەسىرىم ئەمەس ياخشى ئەسەركەن بىرگە خۇزۇرلىنايلى دىمەكچى مەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Boytak1300 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 07:06 PM  


مەن مۇنبەرگە يىڭى ئەزا بولغان كوپرەك يول كورسىتەرسىلەر . چ چ  1300583721

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 659
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 07:56:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرھالدا  يامان ئەمەس چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 08:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ! بىرگە خوزۇرلاندۇق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113610
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2015-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 08:30:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇگدىما؟

مەن باشقىلارنىڭ كەينىمدىن پىچاق تىقىشىدىن قورقمايمەن.قورقىدىغىنىم كەينىمگە ئۆرلۈپ پىچاق تىققان كىشىنىڭ مەن يۇرۇگۇم بىلەن مۇئامىلە قىلغان كىشى ئىكەنلىكىنى  بىلىپ قېلىشتۇر .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 08:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەتلىك يازمىكەن...

بىراق مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى،تىل بايانلىرى تەرتىپسىز،قالايمىقان،ئىملا خاتالىقى ئېغىر...

‹‹خوزۇرلىنايلى››ئەمەس‹‹ھوزۇرلىنايلى››

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97656
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 09:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن، ئىككى يەردە دىدى دەپ تۇرىدۇ، قوش تىرناقمۇ بارئىكەن، لىكىن نىمە دىدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100080
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 09:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  ئوتكەندە مەنمۇ بىزدىن ئىككى  قارا  كىيىن ئوقۇغان بىر ساۋاقداشنىڭ  باشقىلار بىلەن  قۇلتۇقلىشىپ كىتىپ  بارغانلىقنى كۆرۇپ، ھەر بىر  ئادەمنىڭ شۇنداق  بىر  مەزگىلى باركەن  دەپ ئويلاپ  قالدىم ئۆزەمچە ......  سۈنئىيلىك  يوق  بەك  ياخشى  چىقىپتۇ ......ھارمىغايسىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1326
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 10:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئي چىقىپتۇ

ئۇقمۇدۇمغۇ...

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108490
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 10:50:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ

مۇھەممەتجان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:28:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنىڭ ھوزۇرلانغىدەك نەرى باردۇ؟!....
يېنىدىكى ئوغۇل بالىغا گەپمۇ قىلالماي،  قىزبالىغىلا كۈچى يېتىدىغان، قىزبالىغىلا تەربىيە بېرەلەيدىغان بىر «باتۇر»نىڭ ماختىنىشى ئىكەنغۇ خالاس!
بۇ ئاتالمىش «باتۇر»نىڭ ئوغۇل بالىغا گەپ قىلالماي، قىز بالىغا گەپ قىلالىغىنىدىن ھوزۇرلىنامسىلەر؟!....
«ئالىي مەكتەپتىكى ئاشۇ قىز» دەپ، «ئالىي مەكتەپ» ۋە «قىز»نى تېمىدا يوغان قىپ، تىلغا ئېلىشتىن مەقسەت نىمە؟!....
قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟!...
بىر تۈپ دەرەختىمۇ بەزىدە سېسىغان ئالمىلار ئۆسۈپ قالدۇ، لېكىن ئۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈن بىر ئالما دەرىخىنى سېسىق دىگىلى بولمايدۇغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
شۇڭا شۇ بىر ئىككى ناچارلارنى دەپ، مۇشۇنداق تېمىلاردا يوغان قىپ، ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، مەزمۇنىدا بولسا توقۇلما توقۇپ، مۇشۇنداق ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ نامىنى سېسىتىش كېرەكمۇ؟
مۇشۇنداق كەلسە-كەلمەس ئاقتى گەپلەرنىڭ، توقۇلمىلارنىڭ تەسىرىدىن،
كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان قىزلار ئوقۇماسلىقى كېرەكمۇ؟!
ئوقۇسىمۇ مۇشۇنداق كەلسە-كەلمەس يېزىلغان نەسىلەرنىڭ تەسىرىدە، ياخشى قىزلارمۇ يامان ئاتىلىپ، كەتسە مەيلىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئەقلىم زادى يەتمەيدىغىنى، نىمىشقا قىزلارنىلا تىللىيالايسىلەر؟؟؟؟!!!!
نىمىشقا ئوغۇللارنى بىر چەتكە قايرىپ قويىسىلەر؟؟؟؟!!!!
گېپىڭلار بولسا، مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرىغا ۋە شۇ ھەممە ئىشتا بار شۇ ئوغۇللارغا گەپ قىلىشنى زادى بىلەلمەمسىلەر؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-4 11:38 PM  


پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش