مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1182|ئىنكاس: 15

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشى قانچە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113839
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2015-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 04:11:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن توي قىلىش يېشىنى بىلەمسىز؟                                                                                
بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا ئوغۇللار 22 ياشتىن، قىزلار 20 ياشتىن بۇرۇن توي قىلسا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە ئوغۇللار 22 ياشقا قىزلار 20 ياشقا توشقاندىلا ئاندىن توي خېتى ئېلىپ قانۇنلۇق توي قىلالايدۇ. ئاۋمىن ۋە شىياڭگاڭدا بولسا ئوغۇللار 18 ياشتا، قىزلار 16 ياشتا توي قىلسا قانۇنلۇق بولىدىكەن. ئۇنداقتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇنىي بەلگىلىمىسى قانداق؟

1. ئىران:

ئوغۇللار:
18 ياش، قىزلار: 16 ياش. (ئىلگىرى ئوغۇل-قىزلار بىردەك توققۇز ياش بولغان)

2. گوللاندىيە:

ئوغۇللار: 18ياش، قىزلار 16 ياش.(ئالدىنقى شەرت: ئاتا-ئانىسى قوشۇلغان بولۇشى كېرەك)

3. روسىيە:

ئوغۇل-قىزلار بىردەك 18 ياش. (ئالاھىدە ئەھۋالدا 16 ياشتا قىلسىمۇ بولىدىكەن، يەنى رايونلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىدىكەن)


روسىيە يېقىندا قانۇنلۇق توي قىلىش يېشىنى ئەسلىدىكى 16 ياشتىن 14 ياشقا تۆۋەنلەتمەكچى ئىكەن. روسىيەدە ھەر قايسى رايونلارنىڭ توي قىلىش يېشى ئوخشاش بولمايدىكەن. روسىيە ھۆكۈمىتى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى توي قىلىش يېشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرشىۋاتقان بولۇپ، لېكىن توي قىلىش يېشىنى 14 ياش قىلىپ بېكىتىشى ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولىدىكەن، چۈنكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئەڭ كىچىك توي قىلىش يېشى 15 ياشتىن تۆۋەن بولسا بولمايدىكەن. لېكىن روسىيەدە بەزى مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا خېلى بۇرۇنلا 14 ياشتا توي قىلىش قانۇنلۇق بولۇپ بولغانكەن، پەقەت ھازىر بۇ ياشنى بىردەك پۈتكۈل روسىيەگە ئوخشاش قىلىپ بېكىتمەكچى ئىكەن. روسىيەنىڭ بۇ لايىھىسى زۇڭتۇڭنىڭ تەستىقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشىغا قاراشلىق قالغان.

4. فىرانسىيە:

ئوغۇل-قىزلار بىردەك 18 ياش.

5. فىلىپپىن:

ئوغۇل-قىزلار بىردەك 18 ياش. (مۇسۇلمانلار: ئوغۇل-قىزلار بىردەك 15 ياش)

6. كورىيە:

ئوغۇللار: 18 ياشتىن، قىزلار 16 ياشتىن چوڭ بولۇشى كېرەك. 20 ياشقا تولمىغان ئەھۋالدا توي قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بولۇشى كېرەك. ئاياللار توي قىلىپ ئالتە ئاي ئىچىدە قايتا توي قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدىكەن، لېكىن دوختۇرنىڭ ھامىلدار بولغان-بولمىغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ بىر تەرەپ قىلسىمۇ بولىدىكەن.

كورىيە 2007-يىلى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قانۇنلۇق توي قىلىش يېشىنى ئۆزگەرتكەن. يەنى ئوغۇل-قىزلار بىردەك 18 ياش قىلىپ بېكىتىكەن.

7. ياپونىيە:

ئوغۇللار: 18 ياش، قىزلار: 16 ياش

8. بىرازىلىيە:

ئوغۇللار: 18 ياش، قىزلار: 16 ياش.

9. ئامېرىكا: ئامېرىكىدا قانۇن بەلگىلىگەن توي قىلىش يېشى ھەممە شىتاتلاردا بىردەك بولمايدىكەن. بەزى شىتاتلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قوشۇلسىلا توي قىلىشقا يول قويىدىكەن، لېكىن بەزى شىتاتلاردا ئوغۇللار 18 ياشتىن، قىزلار 16 ياشتىن كىچىك ئەھۋالدا ئاتا-ئانىسى قوشۇلغان تەقدىردىمۇ توي قىلىشىغا بولمايدىكەن. مىسسىپى ۋە ۋاشىنگىتون قاتارلىق بىر نەچچە شىتاتتا ئوغۇللار 14 ياشقا، قىزلار 12 ياشقا تولسىلا توي قىلىشقا يول قويىدىكەن.
  
10.ئەنگلىيە:

ئوغۇل-قىزلار بىردەك 16 ياش

11. گېرمانىيە:

ئوغۇل-قىزلار بىردەك 18 ياش.

12. شىۋىتسارىيە:

ئوغۇل-قىزلار بىردەك 18 ياش.


13. چاۋشىيەن:

1990-يىلى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن توي قىلىش يېشى:

ئوغۇللار:18 ياش، قىزلار:17 ياش.


14. كانادا:

21 ياشقا تولغانلار ئىككى خىل سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىپ بارسىلا توي خېتى ئالالايدىكەن. 21~16 ياش ئارىلىقىدىكىلەر ئىككى خىل سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى ئېلىپ بېرىپ توي خېتى ئالىدىكەن. 16 ياشقا توشمىغانلار بولسا توي قىلىشقا بولمايدىكەن، 16 ياشلىقلار چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن كېيىن ئاندىن توي قىلسا بولىدىكەن.


15.ئاۋىستىرالىيە:

ئوغۇللار: 21 ياش، قىزلار: 18 ياش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112703
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:34:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدە سەل يۇقىرىكەن. بەلكىم نوپۇس سانىنى تىزگىنلەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق بولىشى مۇمكىن.

دۇنيادا خاتا ئىش يوق،خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان ئادەم بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109191
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 01:50:17 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەممىدىن چوڭكەنغۇ بۇنىڭدا پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىنىڭ تەسىرى بار بولىشى مۇمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111234
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 10:13:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىېچىكىپ توي قىلىپ  كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇپ  ياخشى پۇقرا بولايلى        ھى ھى ھى ھى

باشقىلارنى ئۆزگەرتىشتىن ئ‍اۋال ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:06:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ ئۆزىمىزدىكى گەپنى سۆزلەيلى . جۇڭخۇا خەلىق جۇمھىريىتىنىڭ نىكاھ قانۇنىدا ئوغۇللار 22ياش . قىزلا 20 ياش دەپ بەلگۈلەنگەن ،  ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاپتۇنۇمىيە ئورگانلىرى شۇ يەرلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ قۇشۇلىشى ئاستىدا يەرلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  توي قىلىش يېشىنى بىكىتسە بۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . شۇڭا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ نىكاھ ئىشلىرى نىزامنامىسىدا ئوغۇلۇللارنىڭ توي قىلىش يېشى 20 ياش قىزلارنىڭ 18 دەپ  بىكىتىلگەن .  لىكىن مەن تۇرۇۋاتقان مۇنۇ يەردە 2015 تىن باشلاپ قانۇن  ئۆزگەردى دەپ ، ئوغۇللار 22 ياش قىزلا 20 ياشتا توي قىلىدۇ دەپ يۈرۈپتۇ . مەن كەلگەندىن كىيىن ئەتراپتىكىلەر مىنى ئۇقۇغان زىيالىي دەپ چوڭ بىلىپ مۇشۇ ھەقتىكى گەپنى سورىدى . مەن يۇقىرىقىدەك جاۋاپ بەردىم  .  جاۋاپ بەردىم يۇ تاس قالدىم بالاغا قالغىلى  . ................ئەمىليەتتە مىنىڭ سۆزلىگىنىم پەقەت قانۇن .  سىلەردىن سوراپ باقسام ، سىلەر بار يۇرىتتىمۇ شۇنداق ئىش بارمۇ ؟

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:07:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەللىك 15 ياشتا توي  قىلامدۇ  10 ياشتىمۇ ياكى 30 ياشتىمۇ بۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ  چاتىقى يوق . پەقەت تۆت ئادەم توپلاشقان يەردە پو ئېتىپ سۆزلىگىلى بۇلىدۇ خالاس .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېما ئىگىسىگە بىر نەرسە دىمەكچى ئەمەس . پەقەت مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق ئازراق ھەرەج تارتىۋېلىپ قۇرساق كۈپۈكۈم باتى . شۇڭا ئۇشبۇ تېما مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا سەل كۆپ سۆزلەپ قويدۇم  . تېما ئىگىسى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:15:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ توغۇرلۇق خېلى كۆپ كىشلەر بىلەن پىكىرلىشىپ باقتىم  . ھەممىسى بۇرۇنقىدەك بولسا بۇلاتتى  . قىزلارنى 20 ياشتا توي قىل دىسە  ياخشى بولمايتى .............     مەن پىكىرلەشكەن ئادەمنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قىزلار 18 ئوغۇللار يىگىرمە دىگەننى قوللايدىكەن .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:16:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تورىدىمۇ ئۆزگەرتىش توغۇرلۇق ھىچنىمە كۆرمىدىم مەن .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 12:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ  مۇنۇ تۆت ئىشقا ئالدىراشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلىمەن
1. گۇنا ئىشتىن يىنشقا   2  .كىسەللەرنى يوقلاشقا  3    مىيىتنى تىزراق يەرلىكتە قويۇشقا
4  قىز ئوغول چوڭ بولسا ئۆيلۇك ئوچاقلىق قىلىشقا ئالدىراش دىگەنى ئاڭلىغان


خاتالىق بولسا تۇزىتىش بىرەسىلە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   15001506547 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 12:51 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش