مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3498|ئىنكاس: 22

نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1689
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 06:45:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك

( ھېكايە)


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% H( p  q( c/ K: X4 w


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# z7 t; y+ y0 M- F5 F0 s, G

كېچىدىن بۇيان توختىماي چىقىۋاتقان قاتتىق بۇران ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى تازا كۆرسەتمەكتە ، دەرەخ شاخلىرى كۈچلۈك بوراندا قاراس- قۇرۇس قىلىپ سۇنماقتا ، پۈتۈن ئەتراپ قۇيۇق چاڭ –توزانلىق ، ئاسماندىن دىماغنى ئېچىشتۈرۈپ تۇرىدىغان ئاچچىق توپا يېغىپ تۇرىدۇ . شۇ تاپتا بوران غەزەپ بىلەن گۈركىرەپ شەپقەتسىزلەرچە ئەخلەت چاۋالارنى ئۇياق – بۇياققا ئۇچۇرۇتماقتا ئىدى ، ھاۋا ناھايتى تۇتۇق ، خۇددى پەرىشان بولغان كۆڭلۈمدەك ، قەلىب بېغىمدىمۇ قاتتىق بوران چىقماقتا ، ئۇ غەزەپ بىلەن چىرقىرىغىنىچە ، قەلىب بېغىمدا ئەمدىلا ئېچىلاي دېگەن سۆيگۈ گۈللىرىنى ھەريان توزۇتماقتا...........دېرىزىنى ئېچىپ سىرتقا قارىغان ئىدىم ، شۇ ھامان يۈزلىرىمگە كۈچلۈك شامال ئۇرۇلۇپ ، كۆزلىرىمگە توپا كىرىپ كەتتى ، مەن كۆزۈمنى ئۇۋىلىغىنىمچە ،دەرھال دېرىزىنى يېپىۋەتتىم . مەن دېرىزە ئەينىكىدىن سىرتتىكى كۆڭۈلسىز مەنزىرىگە قاراۋېتىپ ، ئختىيارسىز تاھىرنى ئويلاپ قالدىم :‹‹ ھۇ ھىيلىگەر، قارا نىيەت ئالدامچى ، پۇل ئۈچۈن ۋىجدانىنى يوقاتقان  ئەبلەخ!.....›› ئۇنى ئويلىغانسېرى ، ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ – نەپرىتىم تېخىمۇ تېشىپ كەتتى ، مانا ئۇنىڭ ھازىر ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئېلىپ –سېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى ، بۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرىكىم سەل ئېچىشقان بولسىمۇ ، تېزلا ئەسلى ھالىتىمگە قايىتتىم ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتامدىم تېخى ، ئۇ بۇرۇن چىلبۆرىنىڭ ئۆزى بۇلۇپ ، پۇل ئۈچۈن چوڭ – كىچىك دېمەي ، ھەممىگە ياۋۇزلۇق بىلەن ئېتىلغان تۇرسا ، ئۆلۈم جازاسىمۇ ئازلىق قىلاتتى ئۇ ئالۋاستىغا، ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلرىنى دېسە ، ئۇنى چالما – كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن بولسا تازا ياخشى بولاتتى ، شۇنداقلا ئۇ ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنىڭ قولىدا ۋاقىتسىز نابۇت بولغان گۈل – غۇنچىلارنىڭ قىساسى ئېلىنغان بولاتتى . ھەي،...... ئۆزۈڭ تاغدەك ئىشىنىپ يۈرگەن ، چىن دىلىڭدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ ئەنە شۇنداق بولىدىغان بولسا بىر قىز بالا ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولماس .ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگەن ئىدىمكى، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ قاردەك پاك قەلبىمنى ، ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرىدىغان قىزغىن مۇھەببىتىمنى بېغىشلىغان ئىدىم ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئاتا – ئانامغا ئىشەنگەندەك بەكمۇ ئىشەنگەن ئىدىم . ئەپسۇس  ‹‹ ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ ›› دېگەندەك ، ئۇ مېنىىڭ بارلىق ئارزۇ – ئۈمىدلىرىمنى ، كەلگۈسىگە بولغان شېرىن خىياللىرىمنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى .ھازىر ماڭا ھەمرا بۇلۇپ قالغىنى ، پەقەت تۈگىمەس قايغۇ – ھەسرەت ، كۆز يېشى ،خالاس. مەن بۇرۇن بىر كىتابتىن ‹‹ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ مەغلۇبىيىتى مەڭگۈلۈك بولىدۇ ›› دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغان ئىدىم ، ھازىرقى ئەھۋالىمدىن قارىغاندا ،مېنىڭ قەلىب قەسىرىممۇ مەڭگۈلۈك ماتەمدە تۇرامدىغاندۇ ؟ ياق ، ياق ، مەن ئۇنتۇيمەن ، ھەممىنى ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان جىمى ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىمەن ، ئۇنداق پەسكەش ئادەملەر سۆيۈشكە ئەرزىمەيدۇ . ئاشۇ چاغلاردا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلىنىپ قالغان ئىكەنمەن ، كۈندە كۆرمىسەم ، ئاۋازىنى ئاڭلىمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايىتتى ، ئۇنى مەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغاندەك ، بىرەر قىز ئۇنى تارتىۋالىدىغاندەك دەككە – دۈككىدە يۈرەتتىم ، چۈنكى ، ئۇ بەك كېلىشكەن ، سالاپەتلىك يىگىت ئىدى ، خۇشخۇيلۇق، مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان سىياقى ، كېيىكنىڭكىدەك چىرايلىق كۆزلىرى ، قاچانلا قارىسام كۈلۈپ تۇرغاندەك كۆرىنىدىغان چىرايى ، قىزلارنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان يارىشىملىق بۇرۇتى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيىتتى . قىسقىسى ، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئۇنىڭدەك ئاجايىپ كېلىشكەن ، سۇمباتلىق  ئىنساننى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم .دۇنيادا ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتنىڭ كېلىشكەن ، ئەخلاق – پەزىلەتلىك ، قول – ئىلكىدە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ھېچقانداق بىر قىز بولمىسا كېرەك . مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ، ئۇنىڭ تەقى – تۇرقى ، ‹‹ ئەخلاقى – پەزىلىتى ›› گە قاراپ :‹‹ يىگىتلەر ئىچىدىمۇ بۇنداق كېلىشكەن ، ئەخلاقلىقلار بار ئىكەن،-ھە !››دەپ ئويلاپ قالغان ھەم ئۇنىڭغا چىن يۈرىكىمدىن شەيدا بۇلۇپ قالغان ئىدىم .-       ھىم ، قۇرۇق كەتسۇن ئۇنداق گۈزەللىك ، يوقالسۇن زەھەر بىلەن يۇغۇرۇلغان ياسىما ئەخلاق ، ئادەم دېگەندە ئەدەپ – ئەخلاق ، ئادەم دېگەندە ئەدەپ – ئەخلاق ، ئىنساپ – دىيانەت ، زەررىچىلىك ۋىجدان –غۇرۇرى بولمىسا ، ئۇنداق ئادەمنىڭ ھايۋاندىن نە پەرقى بولسۇن ؟ كونىلاردا ‹‹ ئالمىنى رەڭگىگە قاراپ تاللىمىغايسىز›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار ئەمەسمىدى ، مەن نېمىشقا شۇ دانالار سۆزىگە قۇلاق سالمىغاندىمەن ؟ .......،- مەن شۇنداق دەپ ئۆز- ئۆزۈمگە پىچىرلايىتتىم . دەسلەپتە ئۇنىڭ تەقى – تۇرقى ، گەپ – سۆزلىرىگە قاراپ ، دۇرۇس ، كۆڭلۈمگە ھەر قايسى جەھەتتىن ئەرزىيدىغان يىگىت ئىكەن دەپ  ئويلاپ قالغان ئىكەنمەن ، ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس ، مەن ناھايتى خاتا ئويلىغان ئىكەنمەن ، كىشىلىك تۇرمۇشتا بىر ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتى ، گەپ- سۆزىگە قاراپ ئالدىراپ باھا بېرىشكە بولمايدىكەن ، گۈلشەننىڭ ‹‹ باشقىلارنى تۇلۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ ، ئالدىراپ ئىشىنىشكە بولمايدۇ ›دېگەن گېپى ھەقىقەتەن راسىت ئىكەن ، ئەگەر تۇرمۇشنىڭ ئەگرى –بۈگرى ، ئۇزاق يوللىرىداسەللا بىخۇتلۇق قىلساڭ چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدىكەنسەن ھەم ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئالداپ كېتىشىگە ئۇچرايدىكەنسەن ، توۋا ، جەمىيئىتىمىزدىكى بەزىبىر كىشىلەرگە زادى قانداق كېسەل يۇققاندۇ ؟ تاھىرمۇ دەسلەپتە ماڭا ئەنە شۇنداق ياخشى تەسىر بەرگەن ، بىراق ئۇنىڭ ھىيلە – مىكىردە شەيتانغىمۇ  دەرس بېرەلەيدىغان قارا نىيەت ، رەزىل ئەبلەخ ئىكەنلىكىنى مەن نەدىن بىلەي ، ھەي ،........مەن نىمە دېگەن شور پىشانە  !............ئۇنى ئويلىغانسېرى تېخىمۇ ئاچچىقىم كېلىپ، ئۆز – ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ كەتتىم . شۇ تاپتا روھىم بەك چۈشكۈن ، ئادەتتە كىتاب ئوقۇشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ، بىراق ، ھازىر ماڭا كىتاب ئوقۇشمۇ ، باشقا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشمۇ قىلچە خوشياقمىدى ،دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغىنىم تۇرغان ، سىرتتا ھازىرمۇ گۈركىرەپ بوران چىقماقتا ، ئۇ شۇنچىلىك غەزەپكە تولغان ئىدىكى ، شۇ تاپتا دېرىزىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلۇپ ، ئەينەكلەرنى پارە – پارە قىلىۋەتكۈسى بار . بۈگۈن كەيپىياتىم تۆۋەن بولغاچقا ، مەكتەپكە پەقەت بارغۇم كەلمىدى ، مەكتەپ مۇدىرىغىمۇ تېلىفۇن قىلىپ ، ئەھۋال ئېيىتمىدىم ، بىر كۈن مەكتەپكە بارمىغىنىمغا يوغىنى كەلسە ئىش ھەققىمدىن تۇتۇۋالار ، ئەگەر ئۆيىمىز شەھەرگە يېقىن بولغان بولسىچۇ كاشكى ، ھازىرقىدەك ھەر كۈنى ئەتتىگەن – كەچتە ئۇزۇن يولنى پىيادە بېسىپ بۇنداق جاپا تارتمىغان بولاتتىم ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەتتىگەنلىرى ، بۇلۇپمۇ قىش كۈنىنىڭ سەھەر ۋاقتىدىكى سۇغۇق ئازابى ، كەچلىرى يالغۇزلۇق ئازابى مېنى بۇنچىۋالا قىينىمىغان بولاتتى ، رەھمەتلىك دادام بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ، ئۇ چاغدا ئانام ئىككىمىز تۇرمۇشنىڭ يالقۇنلۇق ئوتلىرىدا ھەرگىز قىينالمىغان بولاتتۇق . كۈندۇز – ئاخشىمى ئۆيدە يۈرەكلىك ئولتۇرالىغان بولاتتۇق . گەرچە ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى ، مېنىڭ مۇقىم خىزمىتىم بار بولسىمۇ ، بىراق ئۆز تۇرمۇشۇمدا ئىنتايىن مۇھىم بىر نەرسەم كەمدەك ھېس قىلاتتىم ، ئۇ بولسىمۇ دادامنىڭ ماڭا بولغان چوڭقۇر ئاتىلىق مېھرى ئىدى ، مەن ھازىرقى كۈنلەردە ئاتىسىز تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكەن بولساممۇ ، بۇنداق قىممەتلىك تۇيغۇ ، يوللاردا ئاتا – ئانىسىغا ئەركىلەپ ماڭغان بالىلارنى ، ئاتا – ئانا ، قېرىنداشلىرى بىلەن خوشال پاراڭلىشىپ تۇرغان قىز – يىگىتلەرنى ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئاتا – ئانىسىنى كۆرگەن چاغدىكى خۇشاللىق ھېسىياتىنى كۆرگەن چېغىمدا ، ئۇچراتقان ۋاقىتلىرىمدا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى . مەن شۇنداق چاغلاردا ئىختىيارسىز قەدەملىرىمنى توختىتىپ ھەۋەس بىلەن :‹‹ ئاتا – ئانىسى بار بالىلار نىمە دېگەن بەخىتلىك ،-ھە !، مېنىڭمۇ دادام بولغان بولسا ، ئاشۇ بالىلارغا ئوخشاش بىردە دادامغا ، بىردە ئانامغا ئەركىلەپ ، ئۇلارنىڭ ئىللىق مېھرىدىن بەھرىمەن بولار ئىدىم ›› دەپ بوينۇمنى قىسىقىنىمچە قاراپ قالاتتىم .ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايانكى ، بالىلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ھەقىقەتەن ئاتا – ئانا بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاتا – ئانىلار پەرزەنىتلەرنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن مەڭگۈلۈك نۇر چاچىدىغان بىر قۇياش ، پەرزەنىتلەرگە روھى تېرەك بولىدىغان تاغ ئىكەن ، ئەگەردە ئاتا – ئانىنىڭ بىرەرىدىن ئايرىلىپ قالساڭ ، خۇددى بىر قولى يوق ئادەمگە قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ ققالىدىكەنسەن . مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە دادام رەھمەتلىك بولمىغاچقا كىشىلەر قەستەن ئانا – بالا ئىككىمىزنى بوزەك ئېتىشكە ئۇرىنىدۇ ، ھازىرغىچە مەھەللىمىزدە مېنى ‹‹ يېتىم ئوغلاق ، ئۇنداقچى ، مۇنداقچى ›› دەپ تىللىمىغان ئادەملەر ساناقلىقلا ، ھەممىسى بىزنى ئانى ئېتىشكە شۇنچىلىك خۇشتار .......›› مەن ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش ئالدىم . چۈنكى بۇ چاغدا تاھىر ئېسىمگە كېلىپ قالغان ئىدى . رەزىل ، پەسكەش ......... مېنى ئانى تاپمىغان سەنلا قالغان ئىدىڭ ........مەن سىرتتا گۈركىرەپ چىقىۋاتقان بوراننىڭ چىرقىراق ئاۋازىغا قۇلاق سالغىنىمچە ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئاشۇ چاغنى ئېسىمگە ئالدىم ....بۇ ئىش بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە ماڭغان ۋاقتىمدا يۈز بەرگەن ئىدى ، شۇ كۈنى مەكتەپتە ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىدىغان ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى باھالاپ ئۆتكۈزىۋېلىشى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتقاچقا ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيىگە كەچ قايىتقان ئىدى . شۇ چاغدا مەن ماڭا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ۋەزىپىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئۇرۇنداپ بۇلۇپ ،ئۆينىڭ يىراقلىقىنى باھانە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاستا سۇغۇرلىۋالغان ئىدىم .مەكتەپنىڭ سىرتىغا چىقسام ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن ، پۈتۈن ئەتراپ زۇلمەت تۈن پەردىسىگە ئورالغان بۇلۇپ ، يولدا ئادەم شالاڭ بۇلۇپ ، ئاندا – ساندا بىرەر ئادەمنىڭ ئۇچراپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ھەممە ياق كىشىنى ۋەھىمىگە سالغۇدەك دەرىجىدە شۇ قەدەر تىپتىنىچ ئىدى ، ئايدىڭ بولغان بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى . ئۆيگىمۇ تېزلا بېرىۋالغان بولاتتىم ، بىراق ئاسمان قىزى مەن بىلەن قېرىشقاندەك ھەممە يەرنى ئۆزىنىڭ قارا رومىلىغا چۈمكىگەن بولغاچقا يولنى تەستە ئىلغاپ ئاستا ماڭاتتىم ، ئاسماندا بىرمۇ يۇلتۇز كۆرۈنمەيىتتى ، پۈتۈن ئەتراپ خۇددى گۆرىستانلىققا ئوخشاش ئېغىر سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدى ، پەقەت يىراقلاردىن ھۇۋقۇشنىڭ توۋلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بىر قىز بالا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، بۇنداق قاراڭغۇ كەچلەردە ، بۇلۇپمۇ ئادەمسىز جايلاردا يالغۇز مېڭىش ناھايتى خەتەرلىك ئىدى ، ئەمما ماڭا ئۆيگە قايىتماقتىن باشقا پەقەت ئامال يوق ئىدى ، مەكتەپتە گۈلشەننىڭ ياتىقىدا قۇنۇپ قالاي دېسەم ئانام بىچارە تىكەندەك يالغۇز بولغاچقا كېچىسى ئانامغا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالارمۇ دەپ يۈرىكىم سۇ ....... گەرچە قورققىنىمدىن ئالدى – كەينىمگە قەدەمدە بىر قاراپ ماڭساممۇ يەنىلا يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا  تەۋەككۈلچىلىك قىلىدىم. بىرەر شەپە بولسىلا ، جىددىيىلەشكىنىمدىن ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك شۇنداق ئىتتىك سۇقۇپ كېتەتتى . ئۆيگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەن چېغىمدا تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمدە بىر شەپە بولدى – دە ، يان تەرەپتىكى يولدىن ئۈچ يىگىت قول چىراغ ياندۇرغىنىچە چىقىپ كەلدى ، ئۇلارنى كۆرۈپ ۋۇجۇدۇم توك سوققاندەك جۇغغىدە قىلىپ كەتتى ، مەن ھۇدۇققىنىمدىن يا ئالدىمغا مېڭىشنى يا ئارقىمغا يېنىشنى بىلەلمەي ، ئورنىمدا قاققان قۇزۇقتەك قېتىپ تۇرۇو قالدىم .-       ئاداش، ئالدىمىزدا بىرسى بۇ تەرەپكە كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ ، قول چىراقنى قاراتقىنا .-       ئوھۇي ، قىز بالا ئىكەن ئەمەسمۇ ، ئاغىنىلەر ، بۇمۇ خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان رىسقى ، بولمىسا بۇنچە كەچتە بۇ يەرلەردە بىزگە بۇنداق  ئولجىلار ئۇچرامتى ؟ قېنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ گەپ تاشلاپ باقايلى ، ئۇنىڭ چىرايى ، تەقى – تۇرقى كۆڭلىمىزگە ياقمايدىغان بولسا يولىمىزغا كېتىۋېرەيلى ، ئەگەر چىرايى خېلى ئۇز نىمە بولسا ، ئۇ چاغدا ئىش باشقىچە ،- دېدى بىرسى ھەمراھلىرىغا .بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئىككى ھەمراھى ساراڭدەك ئالىتاغىل توۋلاشقىنىچە ئۇنىڭ گېپىنى قوللاشتى ، مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ناھايتى قورقۇپ كەتتىمدە ، يۇشۇرنۇشقا ئەپلىك بىر جاي ئىزدەپ ئەتراپىمغا قارىدىم ، بىراق بۇ ئەتراپتا مەن مۆكۈۋالغۇدەك مۇۋاپىق يەر يوق ئىدى ، ئۇنىڭغىچە ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ مېنى ئورىۋېلىشتى ، مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئۆز – ئۆزۈمگە ئاچچىقىم بىلەن :‹‹ مۇشۇنداق كەچ كىرگۈچە  ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىگەنگە توي ، ئۆينىڭ شەھەر سىرتىدا ئىكەنلىكىنى ئويلىماي خىزمەت قىلغانغا توي ، مانا ئەمدى سېنى كىممۇ قۇتقۇزالايدۇ ؟ نىمىشقىمۇ ماڭار ئىدىم بۇنداق كەچتە ›› دەپ پىچىرلىدىم . شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى قول چىراقنى ماڭا قاراتتى .-ھى ھى ھى ھى ، قىزچاق ئەپسۇن ئوقۇۋاتامسىز نىمە ؟ بىزنى جىن – ئالۋاستى دەپ ئويلاپ قالماڭ ، بىزمۇ سىزگە ئوخشاش ئادەم زاتى .........پاھ...بۇ قىز نىمە دېگەن چىرايلىق قىز ، چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن پەرىزاتلارمۇ بۇ قىزدەك گۈزەل بولماس ، قارا قاشلىق ، بۇلاق كۆزلۈك ،ئاي يۈزلۈك .....ۋاھھىي ،،ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرگىدەك دەرىجىدە بەك ئۇماق پەرىكىنا بۇ قىز ، قېنى ئىشەنمىسەڭلار قاراپ بېقىڭلار ئۇنىڭغا ، ئەمدى دېگىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغاندۇ مۇرادىل ؟-دېدى –دە ، قول چىراقنى تېخىمۇ يېقىن ئەكىلىپ ماڭا قاراتتى .كۈچلۈك چىراق نۇرىدا كۆزلىرىمنى ئاچالماي قالدىم ، ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى ھامان ، ئېگىز بويلۇق بىرسى يېنىمغا كېلىپ سومكامنى تارتىۋالدى -دە ،سەت ھىجايغىنىچە :ئەلۋەتتە ، ئەلۋەتتە كۈچكە ئىگە بولىدۇ ئاغىينىلەر، خانقىز، سومكىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىق ئىكەن ، سىزگە سەل ئەدەبسىزلىك بولسىمۇ بىزنى كەچۈرگەيسىز . مە سەمەت ، ئىچىنى بىر كۆرۈپ باق ، قىز – ئاياللارنىڭ سومكىسى ئىچى بىر كۈلكە دۇنياسى ، كۈلۈپ ئۈچىيىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ ، پۇلغا يارىغۇدەك بىر نەرسە تېپىلماسلىق مۇمكىن ،-دېدى ئۇ سومكامنى يېنىدىكى سەمەت ئىسىملىك بىرسىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ .-قېنى ، بىز بىلەن يۈرۈڭ خانقىز ، بىز سىزنى ئوبدان بىر جايغا ئېلىپ بارىمىز ، قورقماڭ ، سىز قورققۇدەك ھېچ ئىش يوق ، كۆڭلىڭىزنى ئېچىپ قويىمىز شۇ ،-دېدى –دە ، مېنى قىستاپ كېلىشكە باشلىدى. مەن ناھايتى قورققىنىمدىن ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىرىۋەتتىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پەيلى تېخىمۇ بۇزۇلۇپ مېنى  تېخىمۇ قىستاپ :- ياخشىلىقچە بىز بىلەن ماڭ ، بولمىسا بىزدىن ھەرگىز رەنجىپ قالما ، ئىززەت قىلغاننى بىل قانجۇق،- دەپ قولۇمنى تارتىپ سۆرەشتى .مەن يامغۇردەك ياش تۆككىنىمچە ، يالغۇز ئانامنى شىپى كەلتۈرۈپ ، ئۇلارغا يالۋۇردۇم ، بىراق ئۆزىنڭ ئادىمىيلىك خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان بۇ ھايۋانلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالاتتىمۇ ؟ مەن ئاخىرى ھېچقانچە ئۈمىد قالمىغان بولسىمۇ ، جان – جەھلىم بىلەن ئاۋازىمنىڭ بارىچە:‹‹قۇتقۇزۇڭلار!››دەپ ۋارقىرىدىم . دەل شۇچاغدا يەردىن ئۈنگەندەك ئالدىمىزدا تۆت يىگىت پەيدا بولدى – دە ، مېنى ئۇ لۈكچەكلەرنىڭ قولىدىن ئاجرىتىپ قۇيۇپ ، ئېگىز بويلۇق باشچىلىقىدىكى لۈكچەكلەرگە ئېتىلدى . مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،ئۆيگە بارالمىساممۇ مەكتەپكە كېتىۋالاي دەپ ئاستا مېڭىشىمغا ، ئارقامدىن سومكامنى تارتىۋالغان ئېگىز بويلۇق لۈكچەك قوغلاپ كېلىپ :-       نەگە ماڭاتتىڭ ؟ مېنڭ قۇلۇمدىن ئۇنداق ئاسانلىقچە قۇتۇلۇپ كېتەلمەيسەن – دەپ يەنە قۇلۇمدىن تارتىشقا ئۇرۇندى ، شۇ ھامان ھېلىقى تۆت يىگىت كېلىپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى ، ئېگىز بويلۇق يىگىت ئۇلارنى كۆرۈپلا دەرھال قۇيرۇقىنى خادا قىلدى . ئۇلار ئۇنى قوغلىماستىن يېنىمغا كەلدى .-       سىڭلىم ، سىزگە ھېچ ئىش بولمىغاندۇ ؟ سىزمۇ قىز بالا بولغاندىكىن بۇنداق كەچتە يالغۇز يول يۈرسىڭىز بولمايىتتىغۇ ؟ ئىسمىڭىز نىمە ؟ نىمە ئىش قىلىسىز ؟- دەپ سورىدى تەقى – تۇرقى كېلىشكەن بىر يىگىت .-       ئىسىمىم رەيھانگۈل ، ناھىيىلىك 3-باشلانغۇچتا ئىشلەيمەن ، سىلەرنىڭ ئىسمىڭلارچۇ ؟-دەپ سورىدىم مەنمۇ ئۇنىڭدىن .-       ئەسلىدە ئۇقۇتقۇچى ئىكەنسىزدە،مېنىڭ ئىسمىم تاھىر ، ماۋۇ ئاغىينەمنىڭ ئىسمى ئەركىن ، ئاۋۇ ئاغىينەمنىڭ ئىسمى ئابدىراخمان ، بۇ ئاغىينەمنىڭ ئىسمى بولسا ئابلىز ، بىز ھەممىمىز تىجارەتچى، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ دالا ئايلىنىپ كېلەيلى دەپ چىققان ، قايىتقان چېغىمىزدا سىزگە ئۇچراپ قالدۇق - دېدى تاھىر ئىسىملىك يىگىت ماڭا ھەمراھلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ، ئۇلار بىر – بىرىگە بىر خىل مەنىلىك قاراشقىنىچە كۈلۈمسىرەپ ماڭا بېشىنى لىڭىشتىپ قۇيۇشتى ، چىراق نۇرىدا ئۇلارنىڭ سەل سىرلىق ھەرىكىتىنى كۆرۈپ بىر قىسما بۇلۇپ قالدىم . ‹‹ نىمىشقا بىر – بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ كۈلۈشىدىغاندۇ ؟ زادى نىمىشقا شۇنداق قىلىشىدىغاندۇ ؟›› دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە .شۇ چاغدا تاھىر ئىسىملىك يىگىت قولىدىكى چىراغنى ماڭا بېرىۋېتىپ :-       بۇ چىراقنى ھېلىقى لۈكچەكلەر بىز كەلگەندە تاشلاپ قېچىپتىكەن ، بۇنى سىز ئىشلىتىڭ ، بىزدىمۇ بىرسى بولغاندىكىن ئارتۇقلۇق قىلىدۇ – دېدى . مەن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ قايتاي دەپ ئويلاپ تۇرسام ، ئۇلار بۇ ئويۇمنى بىلىۋالغاندەك :-       سىڭلىم ، ئۆيىڭىز قەيەردە ؟ ھازىر سىز قەيەرگە ماڭغانتىڭىز ؟ - دەپ سورىدى-       مەن ئەسلى ئۆيۈمگە قاراپ ماڭغانتىم ، بىراق ، ھېلىقى لۈكچەكلەرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ كېتىشنى ئويلاپ ، مەكتەپكە قاراپ ماڭغان ئىدىم – دېدىم ئۇلارغا .-       ئانىڭىزچۇ ؟ باشقا قېرىنداشلىرىڭىز بارمۇ يا ؟- دېدى تاھىرنىڭ يېنىدىكى ئەركىن دېگەن يىگىت .-       دادام تۈگەپ كەتكەن ، ئانام ئىككىمىز يالغۇز ، ئانامغا ھەمراھ بولغۇدەك قېرىندىشىم بولغان بولسا بۇنداق كەچتە ھەرگىزمۇ ماڭمىغانم بولاتتىم – دېدىم كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا .-       ئەمىسە سىڭلىم ، سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايلى ، قىز بالا دېگەن بۇنداق قاراڭغۇدا يالغۇز يول يۈرسە بولمايدۇ – دەپ ئۇنىمىغىنىمغا قويماي مەن بىلەن ياندىشىپ مېڭىشتى .مەن ئۇلار بىلەن بىرگە مېڭىشنى دەسلەپتە ماقۇل كۆرمىگەن بولساممۇ ، لېكىن ئويلىنىپ بېقىپ يەنىلا ئۇلار بىلەن مېڭىشقا قۇشۇلدۇم . چۈنكى مەن ئۆيگە بارغۇچە يەنە مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچرىماي ئۆيگە ئامان – ئېسەن بېرىۋالارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم . ئۆينىڭ يېنىغا كېلىشكە ئاز قالغاندا ، تاھىر ئىسىملىك يىگىت توختاپ :-       سىڭلىم رەيھانگۈل ، ئەمدى بىز تونۇشۇپمۇ قالدۇق . بۇندىن كېيىن بىز ياخشى دوسىتلاردىن بۇلۇپ ئۆتسەك ، ئىزدىشىپ تۇرغان بولساق ، بۇ تەلىپىمىزنى رەت قىلمايدىغانسىز ؟- دېدى ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ .مەن ئۇلارغا ئۇزاق ئويلىنىپ تۇرماستىنلا ماقۇل دەۋەتتىم ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېلىلا يۈز بەرگەن ئىشتا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ، مېنى ھېلىقى لۈكچەكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىۋېلىشى ، ھەرقېتىم گەپ قىلغاندا ‹‹ سىڭلىم ›› دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىكى مەندەك قېرىنداش مېھرىنى كۆرۈپ باقمىغان بىر قىزنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەن ، خۇددى ئۆچكە يېغىدەك ئېرىتىۋەتكەن ئىدى .مەن ئۇلار بىلەن بىللە مېڭىۋېتىپ ‹‹ ئاكام بولغان بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك بۇلار ئىدى ، قىز بالا دېگەننىڭ ئاكىسى بولسا نىمە دېگەن ياخشى ، شۇنداق بولسا قىز بالىنىڭمۇ يۈرىكى توم تۇرىدىغان ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . بىز ئۇنىڭ – بۇنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ ، ئۆينىڭ ئالدىغىلا كېلىپ قالغىنىمىزنى تۇيمايلا قاپتۇق . ئىشىك ئالدىدا ئانام بىچارە مېنىڭ يولۇمغا قاراپ تۇرغان ئىكەن ، ئۇلارنى كۆرۈپ ماڭا گۇمانسىراپ قارىغان ئىدى ، مەن بىر نىمە دەپ بولغۇچە ، تاھىر چاققانلىق بىلەن :-       ئاچا ،بىزنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسىلا ، بىز رەيھانگۈلنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدىكى ساۋاقداشلىرى بولىمىز ، بۈگۈن رەيھانگۈل مەكتەپتىن كەچ قايتىپ مېڭىپتىكەن ، بىزگە ئۇچراپ قالدى ، يولدا بىرەر پېشكەللىككە ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ ئەكىلىپ قۇيىشىمىز ، قىز بالا ئەمەسمۇ ، قىز بالا دېگەن  ئاق رەخىتكە ئوخشايدۇ ، ئاق رەخىتكە داغ يۇقتىمۇ ، ھەرقانچە قىلسىمۇ چىقمايدۇ ، ئاچا ، بىز قايتىپ كېتەيلى ، رەيھانگۈل ، بۇندىن كېيىن ئامال بار مەكتەپتىن بالدۇر قايتىڭ ، ھەرقانچە مۇھىم ئىش بولسىمۇ ، ئامان بولسىڭىزلا قىلىپ تۈگەتكىلى بولىدۇ ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى ، ئامان – ئېسەنلىك ھەممىدىن مۇھىم ، خەيرى – خوش ، ئامان بۇلۇڭلار –دېدى –دە ، بىز بىلەن خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى ، ياتاق ئۆيگە كىرگۈچە ‹‹ ئۇ نىمىشقا شۇنداق دەيدۇ ؟ مەن بۇرۇن ئۇنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام ، ئانامنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ ئويلىدىمىكىن – يا ›› دەپ ئويلىدىم . مەن ئەنە شۇنداق چىگىش خىياللار ئىچىدە يېتىپ قالدىم .شۇنىڭدىن كېيىن تاھىر مېنى ئىزدەپ ، مەكتەپكە تولا كېلىدىغان بۇلۇپ قالدى ، ئۇنى كۆرگەن خىزمەتداشلىرىم ھەر قېتىم مېنى ئۇنىڭغا چاقىرىپ بېرىۋېتىپ :‹‹ رەيھانگۈل ، سىز ھەرگىزمۇ بوش قىز ئەمەس جۇمۇ ، قارىڭا ، تېپىۋالغان يىگىتىڭىزنى ، شۇنداق كېلىشكەن ، سالاپەتلىك يىگىت ئىكەن ›› دەپ ماڭا مەنىلىك قارىشىپ كۈلۈپ قۇيىشىدىغان بۇلۇشتى . مەن تاھىر مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈنى كەچتە ، خىزمەتدىشىم ھەم سىرداش دوستۇم گۈلشەنگە ، ئاشۇ كۈنى كەچتە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يىپىدىن – يىڭنىسىگىچە قالدۇرماي سۆزلەپ بەردىم . ئۇ سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن :-       رەيھانەم ، سۆزلىرىڭدىن قارىغاندا ۋىجدانلىق بىر يىگىتكە ئۇچرىغاندەكمۇ قىلىسەن ، بىراق ، مېنىڭ بىر ئىشقا زادى ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ ، نىمە ئۈچۈن سەن ‹‹ ئادەم بارمۇ ؟ قۇتقۇزۇڭلار!›› دەپ ۋارقىراپ بولغۇچە ، تاھىر دوستلىرى بىلەن يېنىڭدا پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ ؟ بۇ ئىشتا بىر ئۇيۇن بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ، گەرچە ئۆزۈم خوتەندە خىزمەت قىلىۋاتقان بولساممۇ ، تۇغۇلغان ماكانىم ئۈرۈمچى بولغاچقا بۇنداق  ئىشلارنى بۇرۇن تالاي قېتىم ئاڭلىغان ھەم ئۇچراتقان ئىدىم ، ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىسام ، ئۇنىڭ ھەر بىر گەپ –سۆزى ، قىلغان ئىش – ھەرىكىتى ماڭا سەل ياسالمىدەك تەسىر بەردى . دېمىسىمۇ ئۇ ھەقىقەتەن ناھايتى كېلىشكەن ، سالاپەتلىك يىگىت . بىراق ، مەن سەمىڭگە مۇنداق بىر گەپنى سېلىپ قۇياي ، مۇنداق دېسەم مېنى ھەسەت قىلىۋاتامدىكىن دەپ ئويلاپ قالما ، ھازىرقى يىگىتلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا ، ئۇنداقلارغا ھەرگىز ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ . ھازىرقى جەمىئىيىتىمىزدە ئۇنىڭدەك كېلىشكەن يىگىتلەر چىرايىنى دەسمايە قىلىپ قىزلارنى ئالدايدىغان ، تۈرلۈك ھىيلە – نەيرەڭلەر بىلەن قىلتاققا ئىلىندۈرىدىغان بۇلۇپ كەتتى . بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىمۇ بۇ خىلدىكى قىز – يىگىتلەر خېلى بار ،- گۈلشەن بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،-سەن ئۇنى تىجارەت قىلىدىكەن دەيسەن ، ئۇ قانداق تىجارەت قىلىدۇ ؟ ئۇنى بىز بىلمەيمىز ، ھەر ھالدا ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭدىن ھوشيار بول ، بىر ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ باھا بېرىشكە بولمايدۇ، تاشقى قىياپەت ھەممىنى ئالدايدۇ ، كونىلارنىڭ ‹‹ ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا ، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ›› دېگەن بىر سۆزى بار ، بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ، مەن ئۇنى ۋىجدانلىق ، غۇرۇرلۇق يىگىت ئىكەن دەپ قارىغان بولساممۇ ، ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشىنىپ كەتمەسلىكىڭنى ئۈمىد قىلىمەن ، چۈنكى ، ھازىر ساختىپەز، مۇھەببەتنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدىغان ۋىجدانسىز يىگىتلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ ، ھازىر ھەر ئىككىمىز توي قىلىش يېشىدا تۇرىۋاتىمىز، سەن ئۇنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمە ، ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئىشتا دىققەت قىلغىن ، دوستۇم ،- دېدى ئۇ مېنى مېھرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇرۇپ . گۈلشەن قىسقا چاچلىق ، قارا قاشلىق ، كۆزلىرى سەل كىچىكرەك كەلگەن ، بۇغداي ئۆڭلۈك ، ئېگىز بويلۇق ، مېھرى تۇلىمۇ ئىسسىق بىر قىز ، ئۇ ناھايتى شوخ ، قىززىقچى ، باشقىلارغا قارىتا قىلچىلىك ئاداۋىتى يوق ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خۇددى بىر تۇققاندەك بەكمۇ ئىناق ئۆتىدىغان ، خىزمەتنىمۇ ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان ، كۆڭلىنىڭ قىلچە كىرى يوق ياخشى قىز . شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىككى يىلدىن بۇيان ، ئىككىمىز ھەقىقى قېرىنداشلاردەك ناھايتى ئۆم – ئىناق بۇلۇپ قالدۇق ، ئۇ كۆپنى كۆرگەن قىز بولغاچقا بىلىدىغان ئىشلىرىممۇ ناھايتى جىق ئىدى ، ئادەتتە مەن ھەر قانداق ئىشتا ئاۋۋال ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتىم . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم ، ئاخىرى ئويلىنا- ئويلىنا گۈلشەننىڭ دېگىنىدەك ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە  ھەر ھالدا ئېھتىيات قىلىش قارارىغا كەلدىم .شۇنىڭدىن كېيىن تاھىر بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ تۇردۇم ، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ گەپ –سۆزى ، ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن گۈلشەن ئېيىتقاندەك ئەمەس ، بەلكى ناھايتى ئەدەپلىك ، بىلىملىك يىگىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم (مېنىڭ ئالدىمدا قەستەن شۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالامدۇ ؟ بىلمىدىم .) ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنى يەنىلا چوڭقۇر چۈشىنىشىم كېرەك -،تە، گۈلشەنمۇ بۇ نۇقتىنى دائىم تەكىتلەپ تۇرىدۇ . تاھىر مەن ئۇچراتقان يىگىتلەر ئىچىدىكى قىزلار قويىدىغان تەلەپكە ئەڭ ئۇيغۇن يىگىت گەرچە ئۇ تىجارەت قىلسىمۇ بىراق ئۇ ماڭا ئوخشاش كىتاب مەستانىسى ئىدى ، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ، نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى بىلەتتى ، بەزىدە ئۇنىڭ كىشىنى قايىل قىلارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ قالاتتىم . بىز ھەرشەنبە كۈنى شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ‹‹ ياشلار باغچىسى ›› غا بېرىپ ، ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ، ھايات ، كىشىلىك تۇرمۇش توغرىسىدا ئۇزاقتىن – ئۇزاق پاراڭلىشىپ كېتەتتۇق ، تولا چاغلاردا ئىككىمىزنىڭ بىر گېپى بىر يەردىن چىقىپ قالاتتى ، بۇنداق چاغلاردا مەن ‹‹ تاھىر نىمە دېگەن ئوڭلۇق يىگىت -،ھە ! ئۆزى كىتابخۇمار ، ئەقىللىق  ئىكەن ئەمەسمۇ ، ئەگەر مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ قالسام ، تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن بەخىتىلىك بولغۇدەكمەن ، ئۇ كەلگۈسى ئائىلەمدە ياخشى بىر ئەر ، ياخشى بىر دادا بولالىغۇدەك ، تىجارەت قىلسا نىمە بوپتۇ ، ماڭا ۋاپالىق بولسىلا بولدى ›› دەپ ئويلاپ قالاتتىم . كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىر – بىرلەپ ئۆتۈپ كەتتى ، كۈنلەرنى قوغلىشىپ ئىككى ئاي ئۆتتى ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەك باغلىنىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ، ھەتتا  ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرمىسام چىدىيالمايدىغان ھالەتكىمۇ يەتتىم . بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مەن ئۇنى چىن دىلىمدىن ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ، گەرچە ئۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرساممۇ ، نىمىشقىدۇر ئۇ ماڭا مۇھەببەت تۇغرۇرلۇق پەقەت ئېغىز ئاچمايىتتى ، بەزى چاغلاردا ئۇنىڭ ماڭا  ئۇزاققىچە قاراپ كېتىدىغانلىقىنى سېزىپ قالاتتىم . بىراق مەن ئۇنىڭغا قارىشىمغىلا ، ئۇ ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەرگە قارىغان بۇلۇپ تۇرۇۋالاتتى ، بۇنداق ھالەت تەكرارلانغانسېرى ، مەن ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئوتتەك قەلبىنى ئىزھار قىلىشقا تەمشەلدىم ، لېكىن ئۇنىڭغا شۇنچە تەلپۈنگىنىم بىلەن ئۇنداق قىلىشقا قىزلىق غۇرۇرۇم قەتئىي يول قويمىدى ،قېرىشقاندەك  ئۇمۇ مېنىڭ ئۆزىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، قەستەنگە بىلمەس بۇلۇۋالدى .بىر كۈنى گۈلشەنگە بۇ ئىش توغرۇرلۇق مەسلىھەت سالغان ئىدىم . ئۇ يەنىلا :‹‹سەن ئەڭ ياخشىسى ئۇ يىگىتتىن ئۆزۈڭنى دەرھال تارت ، مېنىڭچە ئۇ ھەرگىز ياخشى يىگىت ئەمەس ، سەزگۈلىرىم ماڭا ئەنە شۇنداق بىشارەت بېرىۋاتىدۇ ›› دېدى ئۇ ماڭا كەسكىنلىك بىلەن .كېيىنكى كۈنلەردە نىمە سەۋەبتىندۇر تاھىر مەكتەپكە مېنى ئىزدەپ كەلمەس بۇلۇپ قالدى ھەمدە ئىككى ھەپتىگىچە مېنى پەقەت ئىزدىمىدى . ئۇ راستىنلا قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كەتكەن ئىدى ، ئۆلگەن بولسىمۇ خەۋىرى بولار ئىدى ، دوستلىرىدىن سوراپ باقاي دېسەم ، بۇ ئىككى ھەپتە جەريانىدا ئۇنىڭ دوستلىرىنىمۇ شەھەر ئىچىدە ئۇچرىتىپ باقمىدىم . ئۇ مېنى تاشلىۋەتكەنمىدۇ ؟ دېگەننى ئويلىغىنىمدا شۇنچىلىك بىئارام بولدۇم . دېمىسىمۇ ئۇنىڭدەك كېلىشكەن ، باي ، ئەخلاقلىق يىگىتلەرنى ھېلىغۇ مەن ئىكەنمەن ، شەھەردە مەن – مەن دەپ يۈرگەن قىزلارمۇ ئەلۋەتتە تالىشىدۇ . گۈلشەننىڭ دېگىنى راسىت ئوخشايدۇ ، ئۇ دائىم ھازىرقى يىگىتلەر مال – دۇنيانى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قۇيىدۇ ، ئەمما بىزدەك قىزلارنى بۇنداق يىگىتلەر پەقەت ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرىدۇ ، چۈنكى بۇنداقلار ئۆزىنىڭ چىرايىغا بەكلا  ئىشىنىدۇ .ئەگەر ئۆزى كۆزلىگەن نىشاندىن نەپ تەگمىسە دەرھال يۈز ئۆرۈيدۇ-دە ، باشقا قىزلارغا كۆز تىكىدۇ ، خۇددى كېپىنەك گۈلدىن – گۈلگە قونۇپ يۈرگەنگە ئوخشاش، ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئىشتا ئېھتىياتچان بۇلۇش كېرەك ، نىمە ئۈچۈن دېگەندە ھازىر ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە ئىشىنىۋېرىشكە بولمايدۇ – دەيىتتى ، بىراق تاھىر ماڭا ۋىجدانلىق ، ئەخلاقلىق يىگىتتەك كۈرۈنگەن ئىدىغۇ ؟!...................ئەگەر شۇ كۈنى گۈلشەن بىلەن ئاشۇ ئاشخانىغا بارمىغان بولسام ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ھەرگىز كۆرەلمەس ئىكەنمەن ، شۇنداقلا ئۇنىڭ شېرىن – شېكەر سۆزلىرىگە ، سېھىرلىك كۆزلىرىگە ئالدىنىپ يۈرۈۋېرىدىكەنمەن . شۇ كۈنى ئىشخانىدا ھېچ ئىش خوشياقماي ، ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرغان ئىدىم . چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاندا ،گۈلشەن بەخت سودا سارىيىنىڭ يېنىدا يېقىندا بىر ئاشخانىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ، تاماقلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناھايتى ياخشى ھەم ئايرىم خانىلىق ئىكەنلىكىنى ماختاپ كەتتى ۋە ئاشۇ ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ كېلىشنى ئېيىتتى . مەن بىردەم بولسىمۇ تۈگىمەس خىياللاردىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم . بىز ئاشخانىغا كىرىپ 9-نۇمۇرلۇق ئايرىمخانىغا جايلاشتۇق . ھەقىقەتەنمۇ ئاشخانىنىڭ ئىچى گۈلشەننىڭ دېگىنىدەك ناھايتى ئازادە ، ھەم كۆركەم ھەم پاكىز ئىكەن . گۈلشەن ئىككىمىز تامغا  سىزىلغان تاغ – دەريالارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە نەزەر سېلىپ ئولتۇراتتۇق ، تۇيۇقسىز يان تەرەپتىكى ئايرىم خانىدىن ئاڭلانغان قاتتىق كۈلكە ئاۋازى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى . ئەسلىدە شۇ تەرەپتىكى تامغا زىننەت قىلىپ ئويۇلغان ئۇششاق گۈللۈك تۈشۈكچىلەردىن ، ئۇ تەرەپتىكى ئايرىمخانىدا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ گەپ – سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بىز ئىككىمىز تاماق يەۋېتىپ ، ئۇ ئۆيدە ئۇنچە قاتتىق كۈلكە بولغۇدەك قانداق قىززىق پاراڭ بۇلۇۋاتقاندۇ ؟›› دەپ تۇرغان چېغىمىزدا ، بىرسىنىڭ قىن – قىنىغا پاتمىغان ھالدا ، گەپ قىلىۋاتقان ئاۋازى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالدى . بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ ، يەنى مەن ئىككى ھەپتىدىن بېرى دىدارىنى كۆرۈشكە ، ئاۋازىنى ئاڭلاشقا شۇنچە تەقەززا بولغان تاھىرنىڭ ئاۋازى ئىدى ، گۈلشەن ئىككىمىز بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ بىر – بىرىمىزگە ئەجەپلەنگەن ھالدا قارىشىپ قالدۇق . گۈلشەن مەن بىلەن يېقىن بولغاچقا ، تاھىر بىلەنمۇ خېلى يېقىن بۇلۇپ قالغان ئىدى . ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، تاماق قاچىسىنى بىر ياققا سۈرۈپ قويدى –دە، ئۇلارنىڭ نىمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ، قۇلىقىنى ئۇششاق تۆشۈكچىلەرگە ياقتى . مەن خۇشال بۇلۇپ كەتكىنىمدىن تاھىرنىڭ يېنىغا چىقىپ ‹‹مەنمۇ بۇ يەردە ئىدىم ›› دېمەكچى بۇلۇپ ئورنىمدىن تۇرىشىمغىلا ، گۈلشەن پەس ئاۋازدا ،مېنى يېنىغا كېلىشكە چاقىردى ۋە مېنىڭمۇ ئۇششاق تۈشۈكچىلەرگە قۇلاق يېقىشىمنى شەرەتلىدى .-       تاھىر ، نىمە دېگەن  بىلەن سېنىڭ بۇنداق ئىشلاردا خېلى ئېپىڭ بار جۇمۇ ، ئەگەر بىز بۇ ئىشتا ئۆز – ئارا ماسلاشمىغان بولساق تا ھازىرغىچە رەيھان دېگەن بۇ مۇزلۇق قىزنى ھەرگىزمۇ  ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەن بولاتتىڭ ، ھازىر ئۇ قىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭمۇ خېلى قۇيۇقلىشىپ قالدى ، ئەمدى ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ ھۆنىرىنى ئىشلەتسەك بولارمىكىن ، بۇنداق ئىش ئوزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا  ئاقتىن ئىككى – ئۈچ قېتىم چەكتۈرۈپ قويساقلا ئالدىڭغا ئۆزى كېلەتتى ئەمەسمۇ ؟-دېدى بىرسى ، بۇ ئاۋاز ماڭا شۇنچىلىك تۇنۇش بىلىندى . خاتالشمىسام ، بۇ ئاشۇ كۈنى كەچتە سومكامنى تارتىۋالغان ئېگىز بويلۇقنىڭ ئاۋازى ئىدى .-       ھازىر ھەممە ئىش ناھايتى ئوڭۇشلۇق بۇلۇۋاتىدۇ ، ئۇ جەھەتتىنمۇ ، ئوقەتتىنمۇ تەلىيىم تازا ئوڭدىن كېلىۋاتىدۇ . ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ھېچقانداق بىر ئىشنى چاندۇرۇپ سالمىدىم . ئىشقىلىپ  ئۇ بىز قۇرغان توزاققا تامامەن چۈشۈپ بولدى ، ئەمدى بۇ ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلساقلا بولدى ،- دېدى ئۇ كۆرەڭلىگەن ھالدا ، ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي ئايرىم خانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان بولساممۇ ، گۈلشەن مېنى بۇنداق قىلىشقا يول قويمىدى ، ئۇنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن قۇلىقىمنى قايتا تۆشۈكچىلەرگە ياقتىم .-       ھە ، سەن يەنە ئۆيلەنمەكچى بۇلىۋاتامسەن ؟ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ قەشقەردىكى ، غولجىدىكى ئىككى خوتۇنۇڭغا قانداق جاۋاب بېرىسەن ؟ بۇ قىز بىلەن ھەرگىز توي قىلما ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئوقۇتقۇچى ئىكەن ، بۇ ئىشلىرىمىزنى ئۇقۇپ قالىدىغان بولسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ ، ئىشقىلىپ ئۆزۈڭگە ھېزى بول ، ئاغىنە – دېدى بىرسى ، بۇ سەمەت دېگەن لۈكچەكنىڭ ئاۋازى ئىدى . -       ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ دېگنىڭلاردەك بولىدۇ ، لېكىن ھازىر ۋاقتى ئەمەس ، يەنە بىر مەزگىل ساقلايلى ، بۇ قىزنى مەن بۇرۇندىنلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ بېرىش – كېلىش قىلغاندىن بېرى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى قىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم ، ئۇنى كۈندە دېگۈدەك ئىزلەپ تۇردۇم ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مىجەز – خاراكتىرىنى ، قانداق ئىشلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى خىزمەتداشلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ، شۇ بويىچە ئىش كۆردۈم ، ئايال كىشىگە كىچىككىنە ياخشىلىق قىلىپ قويسا ، ئەس –ھوشىنى يوقىتىدىكەن ئەمەسمۇ ، بەلكىم ئۇ ھازىرغىچە بىزنىڭ پىلانىمىزنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ، ھازىر ئىشلىرىمىز ناھايتى ئوڭۇشلۇق كېتىپ بېرىۋاتىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ھېلىقى گۈلشەن دېگەن دوستى ماڭا ئوغرىغا قارىغاندەك سىنچى نەزىرىدە قارايدۇ ، بولسا بىر مەزگىلدىن كېيىن ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سۇقۇپ  ئۇنىمۇ ئولجا قلمامدۇق ، ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرىۋالساق ئىشنىڭ پۈتكىنى شۇ ............-       ھاي ، ھاي تاھىرجان ، ئىشەنچە – پىشەنچە دېگەننى قويساڭچۇ ، ئىككىلىسىگىلا ئاق تاماكىدىن چەكتۈرۈپ قويساق ، ئالدىمىزغا ئۆزلىرى يالۋۇرۇپ كېلەتتى ئەمەسمۇ ، بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە يوقتەكلا گەپ قىلىۋاتىسەنغۇ ، ئۈرۈمچى ، غولجا ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھۈنىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟-دېدى بىرسى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ .-       ياق ، ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ، ھازىرچە سەل توختايلى ، ئۇلار ئادەتتكى قىز – ئاياللاردىن بولغان بولسا بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى ، بىراق ئۇلار ئاددى دېھقان قىزلىرىغا ئوخشىمايدىكەن ، ھەر ھالدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگىنىمىز تۈزۈك ، بۇ ئىشىمىز سەللا چېنىپ قالسا ، قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىىسى بىر تىيىن بولىدۇ ، شۇڭا مۇۋاپىق پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتەيلى ، گۈلشەن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان نوچى بولسىمۇ ، ئۇنى ھامان بىر كۈنى قىلتاققا ئىلىندۇرىمىز ، ھازىر چىمەنباغ كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق قادىر باينىڭ ئوغلى ئابدۇللانى بابلاشنىڭ پىلانىنى قىلايلى ، ئۇنىڭغا مەقسەتلىك يېقىنلىشىپ ، نۆۋەت بىلەن مېھماندارچىلىقلارغا  چاقىرايلى ، ئىشنى شۇ سۇرۇنلاردا پۈتتۈرىمىز ، ئۇنىڭغا تاماكىدىن تۆت – بەش قېتىم چەكتۈرسەك ، پۇل دېگەن يانچۇقىمىزغا سۇدەك ئېقىپ كېرىدۇ ، قېنى ئاغىنىلەر ، بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن كۆتىرەيلى ، خوشە .......... ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ، ئۆز قۇلىقىمغا ئىشىنەلمەيلا قالدىم . مۇشۇ گەپ ئۇزۇندىن بېرى ئۆزۈم تاغدەك ئىشىنىپ يۈرگەن ، چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتىدۇ ،-ھە ؟ مەن ئۇنى ناھايتى ئەخلاقلىق ، دىيانەتلىك يىگىت دەپ ئويلايىتتىم ھەم ئۇنى چىن كۆڭلۈمدىن ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم . ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇشنى ، ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇشنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق دەپ بىلەتتىم . قىسقىسى ، ئۇنىڭغا شۇ قەدەر ئىشىنەتتىم . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئۇنىڭ بىلەن يېرىم يىلغا يېقىن ئارلىشىپ ئۆتۈشۈپمۇ ئۇنىڭ خىروئىن ئېلىپ ساتىدىغان ئادەم سۈرەتلىك ئالۋاستى ، تۈلكە تېرىسىگە ئورىنىۋالغان قاسساپ ئىكەنلىكىنى ھەرگىز خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم . مەن لاسسىدە بوشىشىپ كېرىسلودا ئولتۇرۇپ قالدىم ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرېمنى سۈرتىۋېتىپ ، ئۇنىڭ يېنىغا چىقىپ پۇخادىن چىققۇچە سوقۇشماقچى بولغان ئىدىم ، گۈلشەن مېنى توسۇپ، پەس ئاۋازدا :-       رەيھانەم ، سەن ھازىرقى ھېسىياتىڭغا بېرىلىپ ئىش قىلما ، بولمىسا ھەر ئىككىلىمىز زىيان تارتىپلا قالماستىن بۇ ئادەم قىلىپىدىن چىققان پەسەندىلەرگە چىقىش يولى يارىتىپ بەرگەن بولىمىز . ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىشىڭ بىلەن ، بۇ ئىتلار بۇ شەھەردىن ئۈن – تىنسىز يوقاپ كېتىدۇ . قارا ئاداش ، بىزگە ھېچقانداق ئىش بولغىنى يوققۇ؟ توۋۋا دەيمەن ، جەمىيىتىمىزدىكى بەزى يىگىتلەر نىمە ئۈچۈن بۇنچىۋال قارانىيەت بۇلۇپ كەتكەندۇ ؟ پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى ، سىڭلىسىدەك ، ئىنىسىدەك گۈل – غۇنچىلارنى خازان قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۆز قوللرى بىلەن نابۇت قىلىشىتىن ھېچ ئۇيالمايدىكىنا ، دوستۇم ، سېنڭ ھازىرقى ھالىتىڭنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن ، ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىمىز تاغدەك ئىشەنگەن ئادەمنىڭ بۇنداق بۇلۇپ چىقىشى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدۇ ، لېكىن كۆڭلۈڭنى بۇزما ، مېنىڭچە بۇنداق رەزگى ، پارازىت قۇرتلار  ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن يەنە بىر قىتىم ئەھۋالنى تىڭ – تىڭلاپ باقاي ، شۇ تاپتا ئۇلار نىمىلەرنى دىيىشىۋاتىدىكىن ؟-  ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ، تامدىكى تۆشۈكچىلەرگە قۇلىقىنى ياقتى . ئالاھىزەل ، ئارىدىن ئون مىنۇت  ئۆتكەندىن كېيىن :-       ئۇ بىر نىمىلەر قايتىدىغان ئوخشايدۇ ، تاھىر دېگەن ئەبلەخ تېلىفۇندا بىرسى بىلەن بەخىت يولىدىكى ‹‹ ئارامبەخىش ›› مېھمانخانىسىدا ئۇچرىشىشقا كېلىشىتى ، ئۇندىن باشقا گەپلەرنى شۇنچە قىلىپمۇ ئاڭلىيالمىدىم ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلار ئۇنچىۋالا مەس ئەمەس ئىكەن ، ئېھتىمال ، خىروئىن سودىسى قىلامدىكىن دەيمەن ، بىز تۇيدۇرماستىن ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشەيلى ، مەكتەپ مۇدىرىغا مۇھىمى ئىشىمىز چىقىپ قالدى دەپ تېلىفۇن قىلىپ قويايلى ، ھەممدىن مۇھىمى ، ئاۋۇ ئادەم سۈرەتلىك ئالۋاستىلار ، ئەگەر بىز ئۇلارنى مۇنداقلا بوش قۇيۇۋېتىدىغان بولساق ، بۇ چايانلار يەنە قانچىلىغان كىشىلەرگە ئېغىر زىيان سېلىپ ، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان گۈل – غۇنچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولار ؟ بىز ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ، بارىدىغان  ئۇۋىسىنى كۆرىۋېلىپ ، ج خ ئىدارىسىگە دەرھال ئەھۋالنى مەلۇم قىلايلى ، بىز مۇشۇنداق قىلساق ساقچىلارنىڭ  بۇ زەھەرخەندە يىلانلار توپىنى تېز يوقىتىشىغا تۈرتكە بولالايمىز ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قىساسىنى ئالالايمىز . ئورنۇڭدىن تۇرە، ئاداش،-دېدى ئۇ غەزەپ – نەپرىتىنى باسالمىغان ھالدا .مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئەگەشتىم ، بىز ئىشىكنى قىيا ئېچىپ سىرتقا قارىدۇق ، ئاشخانىنىڭ پۇل ئېلىش ئورنىدا تاھىر ئاغىنىلىرى بىلەن پۇل ئالغۇچىغا بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتى ، ئۇ شۇنداق پۇزۇر كىيىنىۋالغان ، تېخىمۇ سالاپەتلىك بۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىراق شۇ تاپتا كۆزۈمگە كىنولاردىكى قان ئىچەر ئالۋاستىلاردەك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى بىر قاراپلا تونۇۋالدىم ، تاھىرنىڭ ھەمراھلىرى ئاشۇ كۈنى كەچتە ماڭا ئۇچراپ تەھدىت سالغان ھەم قۇتۇلدۇرىۋالغان قىياپەتكە كىرىۋالغان لۈكچەكلەر ئىدى . مەن شۇندىلا ھەممە ئىشنى چۈشەندىم ، ئەسلىدە ئۇلار بىرلىشىپ ماڭا تۇزاق قۇرغان بۇلۇپ ، مېنى خېلى بۇرۇن پايلاپ يۈرۈپ ، پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۈپتىكەن ئەمەسمۇ ؟ تاھىر بىلەن ئۆيگە قايىتقان كۈنلەرنى ئويلاپ ، ئىختىيارسىز تېنىم شۈركىنىپ كەتتى . ئۇلار ئىشخانىدىن چىقىشىغىلا بىزمۇ تاماقنىڭ پۇلىسىنى تۆلىۋېتىپ ، يۇشۇرۇنچە ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشتۈق . مەن ئەسلىدە بۇنداق ئىشلارنى پەقەت كىنولاردىلا كۆرگەن ئىدىم ، بىراق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، ئاشۇ كىنولاردىكى رازۋىدكىچى قىزلاردەك مۇشۇنداق ئەسكى چۈپرەندىلەرنى يوقىتىدىغان قىز بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغان ئىدىم . مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم ، داۋامى كېيىن يوللىنىدۇ ، ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 08:45 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: `& o" K) }# e( g/ r" q) U7 j

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' q( l  j; j9 s5 X  @  a8 u0 t

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1689
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:02:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋورد تا يېزىپ يوللىسام قالايمىقان چىقىپ قالدى . تۈزىتىپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113455
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2015-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:25:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ. ھارمىغايسىز...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% S/ X1 {' n+ n3 \: {7 W

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: O5 c  X; a0 T) _2 Y7 [مىسرانىمغا نىمە بولغاندۇ دەيمەن. تىما يوللىسام يا تەستىقلىمايدۇ. يازمامدا ‹‹زەھەر›› يوق. تەكشۈرۈپ باقتىم...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  u: B- K7 y$ T" @9 \' r! n* }- b$ F

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2244
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3056 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  خېلى ئىشلار ئۈتۈپتىكەن بىشىڭىزدىن، غەيرەتلىك بۇلۇڭ!...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:34:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلاردىن سوراپ باقسام، ئورخان پامۇكنىڭ (باشقىچە رەڭلەر— خەنزۇچە ئىسمى 别样的色彩) ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى نەشىردىن چىققانمىدۇ؟كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولارمۇ؟ بىلىدىغانلار جاۋاب بېرىۋەتكەن بولساڭلار.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1689
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:58:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۇرۇڭ ، بۇ مېنىڭ تۇقۇلما ئەسىرىم ، بۇنداق ئىشلارنىڭ بېشىمدىن ئۆتۈپ قېلىشىدىن خۇدايىم ساقلىسۇن ،  بۇ مېنىڭ جەمىيئەتتىكى ياشلارنىڭ ، مۇشۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يازغان ئەسىرىم ئىدى . مېنى راستىنلا شۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ قاپتىكەن ، شۇنداق ئىشلار بېشىدىن ئۆتۈپتىكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز بەكمۇ خاتا ئويلىغان بولىسىز .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 08:22:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ئۇزۇن ھېكايىكەن، كەچتە ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقاي.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 R0 o! R0 M7 S# f# o

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  a3 G* i% _6 I& {2 iباشقۇرغۇچىلار تېمىنى تەھرىرلەپ قويسا بوپتىكەن، تېكىست سولغا كىتىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113096
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 09:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭزىنى ئۇقۇپ چىقتىم ،ياخشى يېزىپسىز ،ئاخىرىنى تىزرەك يازارسىز

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13842
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 10:55:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ئوبدان چىقىۋېتىپتۇ ، تەپسلاتلار ئىنچىكە ، تىلى يېقىشلىق ....ھىكايىنىڭ كىشى ئويلاپ باقمىغان نەتىجە بىلەن كۈڭۈلدىكىدەك  چىرايلىق تۈگەللىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن .تەسەۋۇرىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ تۇمارىس خانقىز ، غەيرەت قىلىڭ !

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13842
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 10:57:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 07:34 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 f0 e, U7 R; I! u/ Wتورداشلاردىن سوراپ باقسام، ئورخان پامۇكنىڭ (باشقىچە ر ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ]/ M  Z& r. ?% |4 Q1 ?
سىزمۇ ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىگە مەپتۇن ئىكەنسىزدە ؟ مەنمۇ ئىزدەپ باقايچۇ بۇ كىتاپنى ....

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش