مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1895|ئىنكاس: 10

ئاق مۇنجاق (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 337 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 04:21:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق مۇنجاق
ھېكايە
__ ئىسىم فامىلەڭ نىمە؟
__ ماھىرە سادىر.
__ نىمە جىنايەت بىلەن قولغا ئىلىندىڭ؟

__ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن.
__ تەپسىلىراق سۆزلە

باش سوتچىنىڭ سوئال – سورىقى باشلىنىش بىلەن تەڭ ،ئوچۇق سوت مەيدانى چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە ئىغىر جىمجىتلىققا چۆكتى.مەيداندىكى نەچچە يۈز جۈپ كۆز جىنايەتچى ئورنىدا ئولتۇرغان قىز ماھىرەنىڭ،قۇمۇش قەلەمدە سىزغاندەك ئەگمە قاشلىرىغا، تۈگىمەس ھەسرەت پىغانى تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر جۈپ قايرىما كىرپىكلىك مۇڭلۇق كۆزىگە، قاشتىشىدەك سۇزۇك چىرايىغا، ئۇماقلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان سۇس ھالرەڭ لەۋلىرىگە قاراپ ئىغىر خۇرسىنىشتى. ھەممەيلەننىڭ كاللىسىدا بۇ،ۋۇجۇدىدىن پاكلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان ،بىر مەسۇم سەنەم قانداقمۇ ئادەم ئۆلتۈرگەندۇ،دىگەن خىيال ھۆكۈم سۈرەتتى. شۇڭا ماھىرەنىڭ مۇڭ بىلەن ئىيىتقان ھەر بىر سۆزلىرى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈچى مۇڭلۇق مۇزىكىدەك ، سوت مەيدانىدىكى ھەممە ئادەم ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىرىلىپ ئاڭلايتى. ماھىرەنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئەيىپلىگۈچى ئۇنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،ئۇنىڭغا،جىنايى ھۆكۈم ئىلان قىلدى.   .                                             
               

ماھىرە سادىر ،ئايال، 23ياش،   X X   Xئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.قەستەن قاتىللق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، جىنايى پاكىتلىرى ئىنىق بۇلغاچقا،20يىللق قاماق جازاسى بىرىلدى.      
ئەيىپلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلىشىشىغا، سوت مەيدانى شۇنچىلىك ئىغىر سۈكۈتكە تولدى. گويا ،ئۇلار چوڭقۇرراق نەپەس ئالسا ،كۆكرەك قەپىزى ئىتىلىپ چىقىپ كىتىدىغاندەك، ئالقانلىرىدا كۆكسىنى باسقىنىچە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قىلىشتى.  ماھىرەدە بولسا بۇنىڭغا قارتا ھىچقانداق ئىپادە يوق ئىدى. گوياكى جىنايەتچى ئورنىدا ئۆزى ئەمەس باشقا بىرسى ئولتۇرغاندەك،بىخرامان ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ نىرۋىلىرى ئويلاشتىن،ھەم تەسەۋۋۇر قىلىشتىن توختاپ قالغاندەك ئىدى. پەقەت ئۇنىڭ خىيالىدا ئاشۇكۇنى كەچتىكى قانلىق ۋەقە كىنو لىنتىسىدەك دەممۇ- دەم لىپىلداپ ئۆتۈپ تۇردى.                                                                                             
ئۇنىڭ ياپراقتەك تىتىرەپ تۇرغان جىسمى،ئاچچىق ھەم غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇرغان كۆزىدە ،ئازادەمگە مىختەك قادالدى. ئازادەمنىڭ مەسخىرىلىك چىرايى،زەھەر خەندىلىك چىقىپ تۇرغان چىقىر كۆزلىرى،ئۇنى شۈركەندۈرىۋەتتى.بارلىق كۈچلىرىنى ئالىقانلىرىغا يىغقان ماھىرە ، ئازادەمنىڭ كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. ھىچقانداق تەييارلىقسىز تۇرغان ئازادەم،چىملىق ئۈستىگە سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدى. ماھىرە ئوۋغا ئىتىلغان بۈركۈتتەك ئۇنىڭغا تاشلاندى. ئىككى قىز چىملىق ئۈستىدە چاچلىرىنى يۇلۇپ،يۈزلىرىنى مورلاپ، مومۇلاقلىشىپ كەتتى. ماھىرەنىڭ قولىغا،قول سومكىسى ئىلىنىپ قالدى. چۈنكى سومكىدا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان پىچاق بار ئىدى.                                                                           
ماھىرە ئىككى قوللاپ تۇتىۋالغان كەڭ بىسلىق غىلاپ پىچاقىنى، ئاستىدىكى ئازادەمنىڭ كۆكسىگە سانجىماق بولۇپ ، ھەدەپ كۈچەيتى. بايقى كۆرەڭلىكلىرى يوقاپ، جان قايغۇسىدا قالغان ئازادەم، توم ،كۈچلۈك بىلەكلىرى ئارقىلىق ماھىرەنىڭ قوللىرىنى يۇقۇرىغا ئىتتىرىپ، ئۇستىگە مىنىۋالغان ماھىرەنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولۇپ تىپىرلايتى. ماھىرەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە غايىپتىن بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۆلتۈرۋىتىش كىرەك. ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قىنىدا بۇنومۇس دىغىنى يۇيۇش كىرەك. ئۇ بارلىق كۈچلىرىنى ئىككى بىلىكىگە يىغىپ، پىچاقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئازادەمنىڭ كۆكسىگە غەزەپ بىلەن تىقتى. بۇۋاقىتتا ئازادەمنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك ھالى قالمىغاچقا، قوللىرىنى ئىككى يانغا تاشلاپ، ماھىرەگە [قىنى نوچى بولساڭ پىچاقنى تىقمامسەن] دىگەندەك كۆكسىنى توغۇرلاپ ياتاتتى. ئاسماندىكى تۇلۇن ئايمۇ بۇ،قانلىق پاجىئەنى كۆرۈشنى خالىمىغاندەك، سۇۋارى تۇمان ئىچىگە يۇشۇرۇندى. ماھىرە ئۆزىگە توسالغۇ بولماي كۆكسىنى توغۇرلاپ ياتقان ئازادەمگە ،غەزەپ بىلەن ئارقا – ئارقىدىن نەچچە پىچاق ئۇرىۋەتتى. بۇۋاقىتتا  ئازادەم تىپىرلىماي ، زەھەر خەندىلىك چىقىپ تۇرغان چىقىر كۆزلىرىنى يىرىم يۇمغان ھالەتتە سۇنايلىنىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەركىن قويىۋىتىلگەن قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرى، بوينىغا يۆگىشىۋالغان بولۇپ، يۈزىنى يىرىم توسۇپ تۇراتتى. يۈزىگە ،ۋە بويۇنىغا چاچرىغان قانلار ئانار لىغىلداپ تۇراتتى. ماھىرە شۇندىلا ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى بىلگەندەك ئورنىدىن چاچراپ تۇردى.ئەمما ئۇ كىچىككەن ئىدى. ئۇئەتراپقا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ چىقتى. ئەتراپ قاراڭغۇ بولۇپ سەل نىرىدىكى تاش ئورۇندۇقىنىڭ يىنىدىكى زىننىەت چىرىغى بۇيەرنى گۇڭگا يورۇتۇپ تۇراتتى. ئەتراپتا ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىم كۆرۈنمەيتى. بايا بۇلۇت ئارىسىغا يۇشۇرىنىۋالغان تۇلۇن ئاي ،ماھىرەنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ تىخىچىلا يۇشۇرىنىۋالغان يىرىدىن چىقماي تۇراتتى. كىچىككىنە ئون مىنۇت ئىچىدە يۇز بەرگەن بۇۋەقە ،ماھىرەنى جىددىيلەشتۈرۈپ، نىرۋىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى. ئۇ سەل نىرىدا چىم ئۈستىگە تاشلىنىپ تۇرغان قول سومكىسىنى،قولىغا ئالدى. ۋە ئارقىچىلاپ بىر قانچە قەدەم ئالغاندىن كىيىن، ئۆرۈلۈپلا يۈگۈرۈپ چوڭ يولغا چىقىپ كەتتى. كوچا ئاپتۇبۇسلىرى توختىغان بولۇپ تاكسىلارمۇ ئانچە كۆپ كۆرۈنمەيتى. ئەتراپتىكى دۇكانلارمۇ تاقالغان بولۇپ، يولدا ئادەم دىدارى كۆرۈنمەيتى. كوچا چىراغلىرى كىچىنى كۈدۈزدەك يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ يۈگۈرىگىنىچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىردى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ ،چىقىۋاتقانلاردىن بىرەرسىمۇ كۆرۈنمەيتى. ئۇ، قورقۇپ كەتكەچكە ،ھەم يۈگۈرۈپ كەلگەچكە ، ئۆپكىسى ئىغىزىغا كەپلىشىپ،ھاسىراپ تۇراتتى.  ياتاق بىناسىمۇ سۈكۈتكە چۆمگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ،ھىچقانداق تىۋىش ئاڭلانمايتى. ئۇ ياتاققا كىرگەندە ياتاقداشلىرى مەرھا بىلەن زۇلپىيەمۇ كۆرۈنمەيتى. بۇۋاقىتتا سائەت 11دىن ئۆتكەن ئىدى.ئۇ ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ، كارۋىتىغا چىقىپ ياتتى. ئەممما ۋەھىمە ئىچىدە خىلى بىر چاغلارغىچە ئۇخلىيالمىدى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىكىن، كىچىچە  قالايمىقان چۈش كۆرۈپ جۆيلۈپ چىقتى. ئەتىسى ئەتتىگەن ئەينەككە قاراپ چۆچۈپ كەتتى. لەۋلىرىگە قوقاق چىقىپ، ساپسىرىق قاقاچ باغلاپ تۇراتتى. چىرايى سارغىيىپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشقان، تولىمۇ بىسەرەمجان كۆرۈنەتتى. ئۇ ئەينەككە قاراپ قانچىلىك ئولتۇرۇپ كەتتىكىن، ياتاققا كىرگەن زۇلپىيە بىلەن ،مەرھابامۇ ئۇنىڭ بۇ ئەپتىگە قاراپ چۆچۈپ كىتىشتى.
ھو ......نىمە بولدى ساڭا   دىدى. زۇلپىيە، ماھىرەنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ بىقىپ. مەرھابامۇ كۆيۈنگەن تەلەپپۇزدا  بىر يىرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ. ناشتاقىلدىڭمۇ   دەپ سورىدى. ماھىرە ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا باش چايقاش ئارقىلىقلا جاۋاپ بەردى. ئىككى قىز ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن كىيىن چىقىپ كەتتى. ماھىرە ياتاقتا يالغۇز قالدى. ئۇ توختىماي ياش تۆكەتتى. ئىچىنى مۈشۈك تاتىلاۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ،قولىغا چىققان نەرسىلەرنى مىجىقلايتى. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي زۇلپىيە ،ماھىرەگە ناشتىلىق ئىلىپ كىردى. ئۇ ھەرقانچە زورلىسىمۇ، ماھىرە ئىغىزىغا بىر چىشلەم نەرسە سالغىلى ئۇنىماي،يوتقانغا بىشىنى  يۆگەپ  يىتىۋالدى. زۇلپىيەنىڭ ماھىرەدىن سورىغان بىرمۇنچە سوئالى جاۋاپسىز قالدى. ئۇ باشلىرىنى ئىرغىتىپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. زۇلپىيە چىقىپ كىتىپ، ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن . بىرچاغدا ياتاققا مەرھابا يۈگۈرۈپ كىرىپ
ۋاي خۇدايىم، مەنمۇ بايىلا ئاڭلىدىم .ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتىم   دىدى ھاسىراپ تۇرۇپ. ماھىرەنىڭ يۈرۈگى [قارتتىدە] قىلىپ قالدى.  
   _ ̄نىمىنى بايلا ئاڭلىدىڭ_   سوردى ماھىرە ھاسىراپ تۇرغان مەرھابادىن.
_ئازادەمنى باغچىدا بىرسى ئۆلتۈرۋىتىپتۇ. .....پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ھازىر ساقچىلار كىلىپ بۇئىشنى تەكشۈرىۋاتىدۇ. سەمى مۇئەللىم ،سىنىمۇ كەلسۇن دەيدۇ _   دىدى مارھابا. ماھىرە ،زۇلپىيەنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ،يىلان چىقىۋالغاندەك تولغىنىپ كەتتى.
ماھىرە،مەرھابا بىلەن فاكولىتىت مۇدىرى ئىشخانىسىغا كىرگەندە، ئىشخانىدا مەكتەپ مۇدىرى،فاكولىتىت مۇدىرى، سىنىپ مەسئۇلى سەمى مۇئەللىم،ۋە ئىككى نەپەر ساقچى،چىرايىدا قورقۇش ئالامىتى كۆرۈنۇپ تۇرغان زۇلپىيە ئولتۇراتتى. سىنىپ مۇدىرى سەمى مۇئەللىم.، ئولتۇرغانلارغا قاراپ  _ مانا بۇ ئۈچ قىز ،ئازادەمنىڭ ساۋاقداشلىرى  دىدى.ۋە ئۇلارغا سىلەر بولغان ئىشنى ئاڭلاپ بولدۇڭلار ھەرقاچان. ساقچى يولداشلار نىمىنى سورىسا سىلەر شۇنىڭغا جاۋاپ بىرىڭلار_ دىدى.      

40ياشلاردىكى ئەر ساقچى ئۈچ قىزغا تەكچى بىر قاراپ چىققاندىن كىيىن،_  سىلەر ئۆلگۈچى قىز ئازادەمنىڭ ياتاقداشلىرى ئىكەنسىلەر،دىلونى ئىنىقلىشىمىز ئۈچۈن ماسلىشىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن_  دىدى. ئۈچ قىز تەڭلا ماقۇل دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتتى.
_ئازادەم سىرىتتا قانداق ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىشاتتى. ئۇنىڭ بىرەرسى بىلەن ئۆچەگىشىپ قالغان يىرى بارمۇ_ سورىدى ساقچى. زۇلپىيە ئاۋۋال ئىغىز ئىچىپ _   بىز ئازادەمنىڭ ئىشلىرىنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيمىز . ئادەتتە ئۇ ماھىرە بىلەن بەكرەك يىقىن ئۆتەتتى _ دىدى. زۇلپىيەنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ماھىرەنىڭ يۈرۈكى ئەنسىز تىپىرلاپ كەتتى. خۇددى ئازادەمنى ئۆلتۈرگەن مۇشۇ دەپ ئۆزنى كۆرسىتىۋاتقاندەك.
_سىز ئازادەمنىڭ يىقىن دوستكەنسىز،ئاخشاملاردىن،ئۇسىزگە ئۆزىتوغورلۇق بىرەر گەپ دىمىگەنمۇ  _سوردى ساقچى.
_ياق، ئازادەم ماڭا ھىچنىمە دىمىگەن ، بىراق……  دەپ توختاپ قالدى.ماھىرە
_بىراق دەپ توختاپ قالدىڭىزغۇ_  دىدى ساقچى ماھىرەگە .ماھىرە بىردەم جىم تۇرغاندىن كىيىن،_ ئازادەم ئاخشام بىرىنىڭ تىلىفۇنىنى قوبۇل قىلىپلا ،يىگىتىم بىلەن كۆرۈشىمەن دەپلا چىقىپ كەتكەن_ .دىدى.      
_سىز ئۇنىڭ يىگىتىنى تونۇمسىز ،ئىلگىرى كۆرۈپ باققانمۇ سورىدى ساقچى .
_ ̄ياق ،مەن ئۇنىڭ  يىگىتىنى كۆرۈپ باقىمغان،ھەمتونۇمايمەن.ئەمما ئۇ يىگىتىم بار دەپ ياسىنىپ پات – پاتلا چىقىپ كىتەتتى. ئاخشام بىز مەكتەپ كىنو خانىسىدىن قايتىپ كەلگىنىمىزدە،سائەت 10بولۇپ قالغانكەن. ئۇخلايلى دەپ تۇرىشىمىزغا ئازادەمنىڭ قول تىلىفۇنى سايراپ كەتتى. ئۇتىلىفۇنىنى ئىلىپلا  مەن يادىڭىزغا يىتىپ قاپتىمەندە، ۋاي بولمامدىغان دەپ سىرىتقا ماڭدى. مەن كىمكەن بۇ كىچىدە تىلىفۇن  قىلغان دىسەم، ۋاي شۇ بىزنىڭ يىگت دەپ قويۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كىرمىدى  ̄_ ̄ دىدى ماھىرە.
ماھىرەنىڭ گەپلىرى تۈگىگەندىن كىيىن، ھەممەيلەن جىمىپ قىلىشتى. ساقچى ئەرنىڭ يىنىدىكى ماھىرە بىلەن تەڭ دىمەتلىك ساقچى قىزلا بىشىنى كۆتۈرمەي بىر نەرسىلەرنى يازاتتى.
_دىلونى ئىنىقلاش ئۈچۈن  بىز يەنە ئىزدەپ كىلىمىز .ھەممەيلەننىڭ ماسلىشىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز  _ دىدى ساقچى ئەر . ھەممەيلەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈشتى. ساقچى قىز دەپتەر قەلەملىرىنى سومكىسىغا سىلىپ، ئىككىلىسى ماڭماقچى بولۇپ تۇرۇشىغا، سىنىپ مۇدىرى سەمى مۇئەللىم _ ئازادەم ئاخشام قانچىلەردە قەسىتكە ئۈچرىغاندۇ _دەپ سورىدى.
_ھازىر ئۇنى قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرىۋاتىدۇ. نەتىجىسى بۈگۈن چىقىپ بولىدۇ. خاترجەم بولۇڭلار جىنا يەتچى ئۇزۇن قالمايلا قولغا چۈشىدۇ_  دىدى. ئەر ساقچى. ساقچىنىڭ ئاخرقى گىپى ماھىرەگە قارتىلىپ دىيىلىۋاتقاندەك، پۈتۈن بەدىنىدىن تەر چىقىپ كەتتى.ساقچىلار چىقىپ كەتكەندىن كىيىن خۇداغا شۇكىرى دىگەندەك يىنىك تىن ئالدى.  
         ساقچى ئەرنىڭ ئىسمى دىلمۇرات ئىدى. ئۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ رازۋىتكا بۆلۈمنىڭ باشلىقى ئىدى. ساقچى قىزنىڭ ئىسمى گۈزەلنۇر ئىدى. ئۇ بۇيىل ساقچى ئوفىتسىرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ يىڭىلا خىزمەتكە چۈشتى.
  _دىلمۇراتكا بۇ دىلۇ سەل مۇرەككەپتەك تۇرامدۇ نىمە  _ دىدى گۈزەلنۇر كىتىۋىتىپ يىنىدىكى دىلمۇراتقا.  
_مىنىڭڭچىمۇ شۇنداقراق تۇرىدۇ. بىرەر ئەھۋالنى ھىس قىلدىڭىزمۇ قانداق_ دىدى.دىمۇرات گۈزەلنۇرغا.   
_ئاۋۋال دىلو يۈز بەرگەن نەخ مەيدانغا بىرىپ ئىنچىكىلىك بىلەن بىر تەكشۈرۈپ باقايلى. ئاندىن ئازادەمنىڭ قول تىلىفۇنىدىكى نومۇرلارنى بىر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باقساقمىكىن_ دىدى. گۈزەلنۇر.
_مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ،يۈرۈڭ ئەمىسە.
ئىككىسى نەخ مەيدانغا كەلگەندە ،ساقچىلار نەخ مەيدانغا لىنتا تار تىپ قوغداۋاتاتتى. ئۇلار كىنىشكىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆزلىرىنىڭ نەخ مەيداننى رازۋىتكا قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ رۇخسەت ئالغاندىن كىيىن ، دىلو يۈزبەرگەن نەخ مەيدانغا كىردى. ئەتراپ يۇمشاق چىملىق بولغاچقا ، ئادەم ئىزىنى پەرىق قىلغىلى بولمايتى. چەيلەنگەن چىملار ئۈستىدە قىتىپ قالغان قانلار تۇراتتى. دىلمۇراتنىڭ كۆزلىرى چىملىقتكى پارقىراپ تۇرغان ،ئاپپاق مارجاندەك چوڭلۇقتىكى نەرسىگە چۈشتى. ئۇنى قولىغا ئىلىپ ،   _ گۈزەلنۇر بۇنىڭغا قاراڭ _  دەپ ئالىقىنىنى گۈزەلنۇرغا توغۇرلىدى.
گۈزەلنۇر دىلمۇراتنىڭ ئالىقىنىدىكى نەرسىگە تەپسىلى قاراپ چىقىپ  _ بۇ مۇنجاقكەنغۇ _دىدى. ئككىسى نەخ مەيداندىن بىرتال مۇنجاقتىن باشقا نەرسە تاپالمىغان بولسىمۇ، كىيىنكى قەدەملىرى ئۈچۈن بىر يىپ ئۇچىغا ئىرىشكەن بولدى.
چۈشتىن كىيىن ئۇلار ئىدارىغا يىنپ كەلدى. ئىدارە باشلىقى، ۋە باشقىلارمۇ مۇشۇ دىلۇ ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىۋاتاتتى. ئۇلار بىرلىكتە ئىدارە باشلىقى ئىشخانىسىغا كىردى. ئىدارە باشلىقى ئورۇندۇقىنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزىنى تاشلاپ، كۆزىنى يۇمۇپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى. ئۇ كۆزىنى ئىچىپ ئىككىسىگە بىر قۇر قاراپ قويغاندىن كىيىن، ئالدىغا ئىڭشىپ ئۆزىنى رۇسلاپ ئولتۇردى. ۋە _قانداق بولدى بىرەر يىپ ئۇچىغا ئىرىشەلىدىڭلارمۇ_دەپ سورىدى. دىلمۇرات ئاۋۋال ئىغىز ئىچىپ
_بىزئەتتىگەندە مەكتەپكە بىرىپ،سىنىپ مەسئۇلى ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرقىسىم ئەھۋاللارنى ئىگەللىدۇق.ئاندىن دىلو يۈزبەرگەن نەخ مەيدانغا بىرىپ مۇنۇ مۇنجاقنى قولغا چۈشۈردۇق_. دەپ كىچىك خالتا ئىچىدىكى مۇنجاقنى ئىدارە باشلىقىغا سۇندى. ئىدارە باشلىقى كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ مۇنجاققا تەپسىلى قاراپ چىقىپ_ ياخشى ھەر ھالدا بىر يىپ ئۈچىغا ئىرىشىپسىلەر _ دىدى. ئاندىن ئۈستەلدىكى تىلىفۇن تۇرۇپكىسىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ تۇرۇپ، بىر قانچە ساننى باستى. ئۇزۇن ئۆتمەي قارشى تەرەپتىن بىرىنىڭ  - ۋەي- دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ئازادەم دىگەن قىزنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىشخانامغا ئەككىرىپ بىرىڭ. ھە راسىت ئۇنىڭ قۇلىقىدكى مۇنجاقنىمۇ ھازىرلا.....
ئۇزاق ئۆتمەي ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا، ئۈستىگە ساقچى فورمىسى كىيگەن بىر ئايال بىر ۋاراق قەغەزنى كۆتۈرۈپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ،قولىدىكى قەغەزنى – مانا بۇ ئازادەمنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى – دەپ ئىدارە باشلىقىغا ئۇزاتقاچ ،يەنە بىر قولقدىكى بىر جۈپ مۇنجاقىنى ئۈستەلگە قويدى. دىلمۇرات قولىدقىكى مۇنجاق بىلەن ئۇ مۇنجاقنى سىلىتۇرۇپ باقتى. نەخ مەيداندىن تىپىلغاب مۇنجاق بىلەن بۇبىر جۈپ مۇنجاق ئۇخشىمايتى. شۇڭا ئۇلار نەخ مەيداندا ئازادەمدىن باشقىمۇ يەنە بىر ئايالنىڭ بارلىقىنى پەرەزقىلىشتى. ئىدارە باشلىقى تەكشۈرۈش ،دىئاگىنۇز ئىپاتىنى كۆرىۋىتىپ، ئۆزىمۇ ھەيران قالدى. ئۇ كۆرۈپ بىقىڭلار دەپ قولىدىكى قەغەزنى ،دىلمۇرات بىلەن گۈزەلنۇرغا ئۇزاتتى.
        [تۈنۈگۈن كەچ سائەت 11لەردە قەسىتكە ئۇچرىغان.بويىدا بار بولۇپ تۆت ئايلىق بولغان... .....]
ئىككىلىسىنىڭ ھەيرانلىقىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.  ھە راسىت – دىدى دىلمۇرات ،ئىدارە باشلىقىغا قاراپ بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك – ئازادەمنىڭ ياتاقدىشىنىڭ دەپ بىرىشىچە ، ئۇ دىلويۇز بىرىشتىن ئىلگىرى بىرسىنىڭ  تىلىفۇننى قوبۇل قىلىپلا چىقىپ كىتىپتىكەن . ئەمدى شۇ ئۇنىڭ قول تىلىفۇنىنى بىر تەكشۈرۈپ باقساقمىكىن دەيمەن – دىدى.  – بولىدۇ – دىدى ئىدارە باشلىقى. سىلەر چىقىپ تەكشۈرۈپ بىقىڭلار - . ئىككەيلەن چىقىپ كەتتى. ئۇلار ئازادەمنىڭ قول تىلىفۇنىدا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم پاراڭلاشقان نومۇرنى س_ۈرۈشتۈرۈپ مۇشۇ شەھەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئاندىن تىلىفۇن ئۇردى. تىلىفۇن ئۇلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي قارشى تەرەپتىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى  ئاڭلاندى. دىلمۇرات تىلىفۇننى ئالدى.
_ ̄ۋەي  
ۋەي كىم سىز
مەن سادىر، ساجۈيجاڭ.
مەن جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىن،مۇنداق ئىشتى قاراڭ تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن بىر قاتىللىق دىلوسىدا، قەسىتكە ئۈچرىغۇچىنىڭ قول تىلىفۇنىدا سىزنىڭ تىلىفۇن نومىرىڭىز باركەن. شۇڭا ئەھۋال ئىگەللەيلى دىگەن ،خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بولىدۇ.ئەمىسە قانداق كۆرىشىمىز.
ئادىرىسىڭىزنى ئىيتىپ بەرسىڭىز مەن ئىزدەپ باراي.
ھاجىتى يوق،مىنىڭمۇ ھازىر شۇتەرەپكە بارىدىغان ئىشىم بار،شۇڭا سىزبىلەن ساقچى ئىدارىسىدە كۆرۈشۈپ كىتەي.
بولىدۇ ئەمسە ھازىرلا.

سىز ،ئازادەمنى قانداق تونۇيتىڭىز – سورىدى دىلمۇرات ساجۈيجاڭدىن.قىرىق ياشلاردىن ئاشقان،چىچىنى كەينىگە قاتۇرۇپ تارىۋالغان،سالاپەتلىك ساجۈيجاڭ ئالدىدىكى ئۈستەلنى بارمىقى بىلەن چىكىپ قويۇپ   - ئازادەم قىزىمنىڭ ساۋاقدىشى ھەم دوستى. ئۇ،ئادەتتە قىزىم بىلەن ئۆيىمىزگە پات – پات بىرىپ تۇراتتى. دىدى.
قىزىمنىڭ دوستى. ياندۇرۇپ سورىدى خەت يىزىۋاتقان گۈزەلنۇر.
شۇنداق قىزىمنىڭ دوستى ئىدى .دىدى ساجۈيجاڭ.
_قىزىڭىز كىم.
قىزىم ماھىرە.
ماھىرە، دىمۇرات بىلەن گۈزەلنۇر .
سىز ئاخشام كەچتە ئۇنىڭغا تىلىفۇن ئۇرۇپتىكەنسىز . نىمە ئىش ئۈچۈن تىلىفۇن قىلغان ئىدىڭىز.
تۈنۈگۈن ھەپتىنىڭ ئاخىرى بولسىمۇ قىزىم ئۆيگە كەلمىدى. ئاغرىپ قالدىمۇ دەپ ئەنسىرەپ قول تىلىفۇنىغا تىلىفۇن ئۇرسام ،تىلىفۇنىدا توك تۈگەپتۇ. ياتاقنىڭ تىلىفۇنى ئۇلانمىدى. شۇڭا ئازادەمگە تىلىفۇن قىلغان. بىراق ئازادەم مەن سىرىتتا يىنىمدا ماھىرە يوق دىگەچكە تىلىفۇننى قويىۋەتكەن.
ئۇ ،سىزگە ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىيىتمىدىما
ياق ئىيىتمىدى.
ئۇچاغدا سائەت قانچە بولغان
كەچ سائەت 10دىن ئۆتكەنغۇ دەيمەن
مۇنداق بولسۇن دىدى دىلمۇرات بىز بۇدىلۇنى ئىنىقلاش ئۈچۈن يەنە كۆرۈشۈپ قىلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا تىلىفۇنىڭىزنى ئوچۇق قويۇپ، خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ بىرىشىڭىزنى سورايمىز.
بولىدۇ.چوقوم شۇنداق قىلىمەن.

دىلمۇرات بىلەن گۈزەلنۇر ئەتىسى مەكتەپكە يەنەكەلدى. ئۇلار فاكۇلىتىت مۇدىر ئىشخانىسىغا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي،سەمى مۇئەللىم ،ماھىرە،زۇلپىيە،مەرھابا كىرىپ كەلدى. ماھىرە مۇشۇ ئىككى كۈندە،ئورۇقلاپ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ،كۆز چاناقلىرى تىخىمۇ يوغىناپ، مەڭىز سۆڭەكلىرى تىخىمۇ تومپىيىپ،نەچچە كۈندىن بىرى تارغاق كۆرمىگەن چاچلىرى پاخپىيىپ ،يۈزلىرىگە سايە تاشلاپ تۇراتتى. سەمى مۇئەللىم – يولداشلار قانداق بولدى . جىنايەتچى تۇتۇلدىمۇ – دەپ سورىدى.- ياق تىخى – دىلمۇرات . – ئەمما جىنايەتچى چوقۇم تۇتىلىدۇ. ئۇ ھىچيەرگە قىچىپ كىتەلمەيدۇ – دىدى. دىلمۇراتنىڭ بۇگىپى ماھىرەنى ئەنسىرىتىپ قويدى. ئۇئىچىدە بىلىپ قالغانمىدۇ دەپ ئويلىدى.
قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە ، دىدى دىلمۇرات  - ئازادەم شۇكۈنى سائەت 11لەردە قەسىتكە ئۇچراپتۇ. ئەمما ھەيران قالارلىقى ئۇنىڭ بويىدا باركەن تۆت ئايلىق بوپتۇ.
زۇلپىيە بىلەن مەرھابا چۆچۆپ كەتتى. سەمى مۇئەللىم بىلەن فاكولىتىت مۇدىرى ھەيرانلىقىدىن ئىغىزلىرىنى ئىچىپ قىلىشتى. ماھىرە ھەيرانمۇ قالمىدى.ھەم چۆچۈپمۇ كەتمىدى. قارىغاندا بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئانچە يىڭى خەۋەردەك تۇيۇلمىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى گۈزەلنۇرنىڭ ئۆتكۈ كۆزلىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى. ئۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماھىرەگە سەپسىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ماھىرەنىڭ بوينىغا قادىلىپ قالدى. چۈنكى ماھىرەنىڭ بوينىدا تۈنۈگۈن نەخ مەيداندىن تىپىلغان مۇنجاققا ئوخشايدىغان كۆز قويۇلغان زەنجىر تۇراتتى. ماھىرەنىڭ بۇ ھالىتىدىن دىلمۇراتمۇ بىر نەرسىنى ھىس قىلدىمۇ ئۇمۇ ماھىرەگە تىكىلىپلا قالغان ئىدى. ئىككى جۈپ كۆزنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قارىشىدىن ماھىرەنىڭ پۇتۇن ئەزايىدىن بىر نەرسە مىڭىۋاتقاندەك چىمىلداپ، يۈرۈكى رىتىمسىز سوقۇپ كەتتى. ئۇ ،ئۇدۇلىغا تىكىلىپ قارىيالماي، ھىلى پۇتىنڭ ئۇچىغا قارايتى.ھىلى كۆينىكىنىڭ ئىتىكىنى مىجىقلايتى. دىلمۇرات بىلەن گۈزەلنۇر بىر- بىرىگە تەڭلا قاراشتى. گۈزەلنۇر كۆزلىرىدە ماھىرەنى ئىشارە قىلىۋىدى. ئۇ ماھىرەگە لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ – بۇنى كۆرۈپ باققانمىىڭلار – دەپ تۈنۈگۈنكى ئاق مۇنجاقنى ئالىقىنىغا ئىلىپ باشقىلارغا تەڭلىدى. زۇلپىيە بىلەن مەرھابا بىر قاراپلا – ماھىرەنىڭ ئىكەنغۇ بۇمۇنجاق – دىيىشتى. كۆزلىرىنى پۇتىنىڭ ئۇچىدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرغان ماھىرەنىڭ مىڭىسىدىن[چاراسسىدە] تۇتۇن چىقىپ كەتتى. كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ،قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ،پۇتۇن ئەتراپ چۆرگىلەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ گەپلىرىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا يىرىم ياتا ئاڭلىنىپ، كۆزلىرىگىمۇ سۇۋارى تۇمان ئىچىدە خىرە كۆرۇندى. ماھىرە ئەمدى ئۆز جىنايىتىنى يۇشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ھەممىنى ئىخرار قىلدى.
        ئۇ ئازادەمنىڭ يىگىتىم بار دەپ ،تۆت ،بەش ئايدىن بىرى ئۆزىنى ياساپ يۈرگىنىگە دىققەت قىلغان ئىدى. ئۇلار يىقىن دوسىت بولسىمۇ ،ئازادەم ماھىرەگە يىگىتى توغۇرلۇق ھىچنىمە دەپ بەرمەيتى. ئازادەم دادىسىنىڭ ماشىنىسىدا بىر – ئىككى قىتىم ئازادەمنى مەكتەپكە ئەككىلىپ قويغانلىقىنى كۆرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىر گۇمان چۈشتى. ئۇ ھەرقانچە دادىسىنى ئاقلىسىمۇ، كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە بىرخىل تۇيغۇ ئۇنى غىدىقلاپ ئارامىدا قويمىدى. شۇ كۈنلەردە ساۋاقاشلىرىنىڭ ئازادەم سىرىتتا خوتۇن بالىلىرى بار بىر ئادەم بىلەن مۇھاببەتلىشىپتۇ. ئۇ ئادەم تىخى ئىدارە باشلىقىكەن. دىگەن پاراڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە ماھىرە بىلەن ئازادەم كىنودىن يىنىپ ،ياتىقىغا كىرىپ ئۇخلاي دەپ تۇرىشىغا ،ئازادەمنىڭ قول تىلىفۇنى سايراپ كەتتى. ئازادەم تىلىفۇننى ئىلىپلا  ياسىنىپ،گىرىم قىلىپ چىقىپ كەتتى. ماھىرەنىڭ كۆڭلىگە بىر گۇمان سايە تاشلىدى. ئۇ دەرھال ئۆيىگە تىلىفۇن قىلدى. ئۇ ئاپىسىدىن ،دادىسىنىڭ بۈگۈن كەچ كىلەلمەيدىغانلىقىنى،ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇ لىشىپ،چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى. شۇتاپتا ئازادەم يىنىدا بولسا چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى كىلىپكەتتى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ماھىرە ئازادەمنىڭ تۇنجى قىتىم ئۆيىگە باشلاپ كەلگەن ۋاقىتتىكى ئازادەمنىڭ چاخچاق گىپى قايتىلاندى. [ۋاي – ۋۇي داداڭ ئەجەپمۇ قاملاشقان ئادەمكىنا، ئاپاڭنىڭ ھەقىقەتەن بەختى باركەن. ئۇ سىنىڭ داداڭ بولمىغان بولسا ئۇنى كەلتۈرۋالاكەنمە.
  ھۇ، ئىپلاس جالاپ،دىگىنىنى قىلىپتۇدە بۇرەزگى
ماھىرەنىڭ كۆزى ئۈستەل ئۈستىدىكى يىرىم تاۋۇزغا سانجىپ قويۇلغان پىچاققا چۈشتى.توغرا ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىش كىرەك. ئۇنىڭ قارنىنى،مۇشۇ تاۋۇزنى تىلغاندەك تىلىۋىتىش كىرەك. ئۇ پىچاقنى سومكىسىغا سىلىپ، ياتاقتىنقۇيۇندەك چىقىپ كەتتى. ئۇ  مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىشىغا، ئازادەم بىر تكسىغا چىقىپ كەتتى. ماھىرەمۇ بىر تاكسىنى توسۇپ،ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئازادەم مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغان، بىر باغچىنىڭ ئالدىدا تاكسىدىن چۈشۈپ،باغچىغا كىرىپ كەتتى. ماھىرەمۇ تۇيديرماي ئۇنىڭ كەينىدىن باغچىغا كىردى. ئازادەم تاش ئورۇندۇقنىڭ يىنىدا ساقلاپ تۇرغان،ئەركىشىنىڭ بوينىغا گىرە سالدى. لەنىتى ئىككى تەن بىر – بىرنىڭ بوينىغا گىرە سالدى.......
ماھىرە بۇئىشلارنى مەنزىرە دەرەخنىىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئىنىق كۆردى. ئۇ دەل ،ماھىرەنىڭ بۈگۈن كەچ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان دادىسى ئىدى. ئۇنىڭ شۇتاپ يۈگۈرۈپ بىرىپ،ھەر ئىككىلىسىنى بوغۇزلىۋەتكۈسى كەلدى. ئەركىشى ئازادەمگە [رەنجىمەي ساقلاپ تۇرۇڭ بىردەمدىلا كىلىمەن] دەپ كىتىپ قالدى. ماھىرە ئۆزىنى ئاران- ئارانلا تۇتىۋالدى. شۇتاپ شەيتىنى ئۇنى دەيدەيگە سالماقتا ئىدى. ئۇ  دەرەخنىڭ كەينىدىن چىقىپ، غەزەپ بىلەن – ئازادەم بولدى قىلىپ ئويۇنۇڭنى يىغىشتۇرساڭ بولارمىكىن – دىدى. ئازادەم دەسلەپ ئۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ئەمما تىزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. – ئويۇنىڭنى يىغىشتۇر ،ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
ئويۇننى ئۇنداق تىز يىغىشتۇرسا ،نىمە لەززىتى بولىدۇ. ئويۇننىڭ قىززىقى تىخى ئالدىمىزدا . ئاپاڭ بىلەن ،سەن بولدى قىلسەن. بالام ئىككىمىز ھەرگىز بولدى قىلمايمىز. ماھىرە – بالام ئىككىمىز – دەپ تەكرارلىدى. ئازادەم ئۇنىڭغا قاراپ،مەسخرىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ – شۇنداق،بالام ئىككىمىز. قورسىقىمدىكىسى داداڭ ئىككىمىزنىڭ بالىسى. ئۇنىڭ ئەمدى مىنى ياخشى كۆرمەيمۇ ئامالى يوق دىدى. ماھىرە غەزەپ ئاچچىقتىن،تىتىرەپ كەتتى. ئۇ،ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدە ئازادەمگە مىختەك قادالدى. ئازادەمنىڭ مەسخىرىلىك چىرايى،زەھەر خەندىلىك چىقىپ تۇرغان چىقىر كۆزلىرى،ئۇنى شۇركەندۈرىۋەتتى. ئۇ بارلىق كۈچىنى ئالىقىنىغا يىغىپ،ئازادەمنىڭ كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. ھىچقانداق تەييارلىقسىز تۇرغان ئازادەم چىملىق ئۇستىگە يىقىلدى. ئىككى قىز چىملىق ئۈستىدە چاچلىرىدىن يۇلۇپ،پومۇلاقلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، ماھىرەنىڭ قۇلىقىدىكى مەرۋايىت كۆزلۇك ئاق مۇنجىقى چۈشۈپ قالدى. قانلىق ۋەقەنىڭ شاھىدى بولغان ئاق مۇنجاق ئازادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ئۆز نىسىۋىسىنى تاپتى.

ماھىرە چۈشىدىن ئويغانغاندەك،بىرى بىشىغا بىر داس سوغۇق سۇ قۇيىۋەتكەندەك سەگەكلەشتى. بايا سوتچىنىڭ دىگەن گەپلىرىنىڭ ھىچقايسىسى ئۇنىڭ يادىدا يوق ئىدى. ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ خىيال دىڭىزىدا قانچىلىك ئۈزگەنلىكىنى ھىس قىلدى. سوت ئاخىر لىشىپ ھەممەيلەن سوت مەيدانىدىن ئايرىلدى. ماھىرەمۇ ساقچىلارنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكى ئاستىدا سوت مەيدانىدىن ئايرىلدى.   مەنبە ئۆزۈم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 04:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1895
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 735 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:36:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلاردىن سوراپ باقسام، ئورخان پامۇكنىڭ (باشقىچە رەڭلەر— خەنزۇچە ئىسمى 别样的色彩) ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى نەشىردىن چىققانمىدۇ؟كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولارمۇ؟ بىلىدىغانلار جاۋاب بېرىۋەتكەن بولساڭلار.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 08:33:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا، بۈگۈن گەچ ئوقۇيدىغان ھېكايىلەر خىلى باركەن ...

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13902
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 11:16:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 08:33 PM
قارىغاندا، بۈگۈن گەچ ئوقۇيدىغان ھېكايىلەر خىلى باركەن ...

ۋاي-ۋۇي قېرىندىشىم  ، راستلا ئۇقۇيدىغان ھىكايىلەرنى خېلى يىغىۋاپسىز ، ئەمدى ئۈستىلىڭىزگە ئانچە مۇنچە- پىرەنىك ، مىۋە-چىۋىلەردىن ئەكىلىپ قۇيۇپ ، سۈتلۈك قەھۋە دەملەپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ ، كومپىيۇتىر ئالدىدا كېچىدە كېچىلىك غىزانى تەقلەپ قۇيۇپ ئولتۇرمىسا مېڭە چارچايدىغان گەپ ......

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13902
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 11:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ، ھەقىقەتەن رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇندا ئىكەن ، «ماھىرەنىڭ دادىسى »ئەمدى بىر ئۆمۈر يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيدىغان بولدى ، لەنەت شۇنداق ئىنسانلارغا .

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 11:41:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 01:14:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
burunmu bir yollanganmiti.
man kaysi munbarda ukigan bolgiytim.

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 796 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 01:27:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-2 07:36 PM
تورداشلاردىن سوراپ باقسام، ئورخان پامۇكنىڭ (باشقىچە ر ...

مەن ھەپتە ئالدىدا كىرگەنمدە كۆرمىگەن.مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەستانىسى.كىتابخانىدا بولسىلا كۆرگەن بۇلاتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 05:04:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەنەت شۇنداق دادىلارغا،

ئاللاھ سۆيگۈسى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113574
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-3 07:13:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىم ئاچچىق بوپ قالدى...ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش.  مۇشۇنداق نائەھلىلەر تۆت تال پۇلىنى دەسمىي قىلىپ، ئازادەمدەك بوشاڭ ، بىھايالارنىلا ئەمەس، نى-نى سەبىي، نارەسىدە غۇنچىلارنى ئالداپ دامىغا دەسسىتىپ ، ۋاقىتسىز خازان قىلىپ، جەمئىيىتىمىزدە يەنە يېڭى تۈركۈمدىكى ئىپپەتسىزلەر قوشۇنىنى كۆپەيتىشكە ئاساس سېلىۋاتىدۇ. ئاندىن ‹‹قىزلار بۇزۇق›› دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. .... قىز -ئاياللارنى بۇزۇشقا ئەمەس، قوغداشقا، مەسئۇل بولۇشقا  تىك تۇرىدىغان ئەرلەرنى بىر ئۆمۈر شاھتەك كۈتسەم دەيمەن...............   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش