مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 12

ھەققانىي: پارچىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37225
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5742 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 12:19:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


پارچىلار ،
ئاپتۇرى :ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى.

نامراتلىق پۇرىقى كەتمەس بوشاڭدىن،
شاللايدۇ ھۇرۇننى بۇ جاھان شۇنداق.
بىر چىنە ئاش يىسەڭ بىر چىنە تەر تۆك،
ئامەتمۇ ئەزەلدىن ئىشچانغا ئامراق.
***
ھاياتقا ئېكەكتۇر ئازاپ ۋە قايغۇ،
ئۈمۈتۋار ياشاشتۇر شىپالىق دورا،
كالىندار ئىشلەتمەس پېشكەللىك دېگەن،
گاھ شاتلىق،گاھى غەم ئىنسانغا ھەمرا.
***
يېشى چوڭ بولسىلا ئەمەس دانىشمەن،
ماختانما ئەي ئادەم ئاپپاق ساقالدىن.
نىمانچە مەغرۇر سەن ،خەۋىرىڭ يوقمۇ ؟
سەللە يۈك، ساقال تۈك ، دىگەن ماقالدىن.
***
سەمىمى تۈلكە يوق،قان ئىچمەس پاشا،
شوڭا بۇ ئالەمدە سەزگۈر بوب ياشا.
ساختادوست،ساختا سۆز،ساختا قىياپەت،
ھەممىمىز دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى ۋابا.
***
ئەمىليەت بىلىمنىڭ ئانىسى، كانى،
بىلىم ئۇ تۇرمۇشنىڭ چىرىغى -جانى.
ئارزۇيۇم :ھەر كىملەر بىلىم ئېگەللەپ،
ئازلىسا بولاتتى ناداننىڭ سانى.
***
تاغ پىسەنت قىلمايدۇ بوران گۈكرىسە،
چىغ تۇرار پەرۋاسىز توشقان ھۈركىسە.
تۈگەمدۇ بىرادەر نىجاسەت ھىدى،
ئېشەك بار ئېغىلغا ئەتىر پۈركىسە.
***
ئالۋاستى ئەسلىدە قورققىدەك ئەمەس ،
قورققۇلۇق تەخسىكەش خوشامەتچىدىن.
ئېغىزى قىزىلچا ،كۆڭلى قىزىلمۇچ،
گەپ-سۈزى چىرايلىق پەيلى ئەسكىدىن.
***
تۈلكە ئۇ بولسىمۇ ھەر قانچە مەككار،
تېرىسى دۇكاندا ئېسىقلىق تۇرار.
ئۆزىنى بەك زىرەك چاغلىغان قۇۋنى،
خالايىق ئاشۇنداق سازايى قىلار.
****

مەنبىئە :ئۆزۈم .

  
  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 02:21:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ پەيزى چىقىپتۇ ماۋۇ شېئىر...
بولۇپمۇ مەزمۇنى ئاخىرقى كوبلىتتا ناھايتى ياخشى خۇلاسىلىنىپتۇ.  رەھمەت، قەلىمىڭىز بەرىكەت تاپسۇن !

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 02:38:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113529
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 98
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2015-1-24
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 03:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ،بۇلۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى كۇپلىتنى بەكرەك ياقتۇردۇم،بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى يازمىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12648
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 03:52:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى ئۆتكۈر چىقىپتۇ.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 04:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى مولكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4084
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 06:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ،رەھمەت سىزگە...

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1734
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:39:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلاردىن سوراپ باقسام، ئورخان پامۇكنىڭ (باشقىچە رەڭلەر— خەنزۇچە ئىسمى 别样的色彩) ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى نەشىردىن چىققانمىدۇ؟كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولارمۇ؟ بىلىدىغانلار جاۋاب بېرىۋەتكەن بولساڭلار.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1931
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 704 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 07:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققانى ئاكىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك قەلىمىگە بەرىكەت ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 966
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10285
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2357 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 08:42:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ  بەكمۇ ياقتۇردم ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش