تىزگىندىن تىزگىنەككىچە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( E/ |/ |$ {3 B: X! ]' b% C
(ھىكايە)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ H( k: j- I3 a
خاسىيەت ئابلىمىت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 q0 I2 ^! D/ z" g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 t- {$ j6 l2 P/ Sتىزگىنلىك ئېشەكنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق . ئاياغلىرى چاققان، قۇلاقلىرى شىڭتىيىپ تۇرىدىغان ، دۈمبىسىدە يېغىرى يوق ، تۈكلىرى پارقىراق شاش ئېشەكنى يايداق ئۇچرىتىپ قالغان ئادەمنىڭ ئۇنى تۇمشىقىدىن باغلاپ تىزگىنلەپ قولىغا بارماقتەك ئەگرى تاياقتىنبىرنى تۇتىۋېلىپ –گەرچە ئېشىكىنىڭ ئايىقىنىڭ چاققانلىقىدىن سۆڭگىچىگە نوقۇغۇسىكەلمىسىمۇ - مىنىۋالغۇسى ياكى يۈكىنىئارتقۇسى كىلىدۇ ،شۇڭا ئۆزى ياۋاش ،نەرسە بەرسە -بەرمىسە رازى بۇلۇپ ئۈن-تۈنسىز ئىشلەيدىغان ، ئوشۇق جىدىلىيوق ئادەمنى بەزى خورىكى ئۈستۈنلەر "مۇنۇ ئادەم ئېشەكتەك بېشىنى ئىچىگەتىقىۋېلىپ ئىشلەيدىغان مۆڭ جۇمۇ ..."دىيىشىدۇ . مۇنداق سۈپەتنى بىرەر ئېشەك ئاڭلاپقالسىدى ، ئۆزىنىڭ ئىشچانلىقتا ۋە قانائەتگەرلىكتە تەمسىل بولغىنىدىن تۆت پۇتىنى كېرىپ ، بوينىنى سوزۇپ ، قويرۇقلىرىنىشىڭتايتىپ تۇرۇپ ، ئىچىنى بوشۇتۇپ بىر ھاڭرىۋالماي قالمايدۇ . نىمىشقا ھاڭرىمىسۇن ؟ چۈنكى ئۇنىڭدا شۇنىڭغامۇناسىپ ھەقدارلىق باردە ؟...
ئەمما بەزى ئادىمىلىك سۈپىتىدىن چەتنەپ كەتكەن ، تۈپپاڭدەسسەپ يۈرىيدىغانلارنى"ھۇ ئېشەك !" دىگۈچىلەرنى كۆرسەم ياكى كەينىدىن"ئېشەك" دەپ لەقەم قۇيۇپ يۈرگۈچىلەرنى ئاڭلىسام، شۇنداق دىگۈچىلەرنى ئېشەكئېغىلىم بولسىدى -ئالداپ ئاپىرىپ (ئەلۋەتتە ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلالمايمەن ئەمەس ،قىلمايمەن .) ئېغىلنىچۆرگىلىتىپ چىقاتتىم ، «ئېشىكىم كېپەك ئالتۇن ئارىلاش كېپەك يەۋالدىمۇ تاڭ –بىلمىدىم، ئالتۇن ساڭقايدىغان بولىۋالدى » دىسەم ئېشەكنى كۆرسە تۆت كۈنلۈك يەرگە قاچىدىغانئادەممۇ ئېغىلىمغا بېشىنى تىقماي قالماس ئەلۋەتتە . ئاشۇ ياۋاش ، ئادىمىزاتتىلىدىن زۇۋانسىز ، خوخا بىلەن ساماننى تۆكۈپ بەرسىمۇ كۆزىدىن مىت ياش چىقارمايتۇرۇپ يۈتىۋىتىدىغان بىچارە ئېشەكتە نىمە گۇناھ ؟! ئۇنىڭ نامىنى بۇلغاپ ، كىشىلەرگە ئېشەكچىلىك ئەجىر قىلىپ بەرمەيدىغانچاپان ئوغرىسى ناكەسلەرنى "ئېشەك " دىيىش ئېشەككە ئۇۋال قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئېشەكلەر توپىدا مەسلىھەت كېڭىشى بولغان بولسىدى ، شۇنداق دىگۈچىلەرنىئارىغا ئېلىپ تۇرۇپ تازا پەشۋالاپ ،دۈمبىلىرىنى قاشلايدىغان توپىلاڭدا ئېغىنىتىۋەتكەن بولاتتى . شۇڭا مەن دەيمەن : تاپتىنچىققانلارنى " قىلىقى ئادەمگە ئەمەس ، ئېشەككە ئوخشاپ قالدى" دەپ ،ئىشەك نامىدا سەتلىسەڭلار تازا ئادىل بولمايدۇ ، چۈنكى ئېشەك قىلسا ئۆزىگە يارىشىدىغاننى قىلدى ، ئۇنىڭغا زۆرۈرى شۇ ، ئەمدى «ئېشەك » دەپ سۈپەتلەيدىغىنىڭلار ئۆزىگە خوپكىلىدىغىنىنى بىلمەمدىكەن ؟ ئۇ ئۆزىمۇ بۇنى ئويلىشىپ كەتمىسە كېرەك، شۇڭا كۈنپاتاردىن تاڭ ئاتارغا بېشىنى ياستۇققا چۆكۈرۈپ ئۇخلايدىغانلار - بېشىنى شىرەگە قويۇپئوخلايدىغانلاردىن كۆپ . ئادىمىزاتقا چاھارپايلار توپىدىن سۈپەت ئىزدەش بېمەنە ئىش . ئېشەك ھىچ بولمىغاندا ئۆزىگە تىزگىنسېلىنغاننى بىلىدۇ ، تىزگىن قاياققاتارتسا شۇياققا خىزمەت قىلىشنى بۇرچى دەپ قارايدۇ ، «كىتاپ ئوقۇيالايدىغان»ئىشەكتىن ھۆكۈمدار" كىتاپنى قانداق ئوقۇدۇڭ؟ " دەپ سوراپ باقتىمۇ ؟ بۇسۇئالغا ئېشەك بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويماي جاۋاپ بېرەلەيدۇ ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاراقلارنى تىلى بىلەنئاۋايلاپ ئېچىپ قېتىدىكى قوناقنى يىيىشنى بۇرچى دەپ بىلگەن ، "ئوقۇغان " كىتاۋىدىن ئالغانتەسىراتىنى ئۆز تىلى بىلەن دەپ بولدى ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئېشەك تىلىدىن خەۋىرى بارئەقىلدارلار بىلىدۇ ، ئىشەككە تىزگىنسالغان ئادەم ئۆزىنىڭ تىزگىنىنى بىلمەي قالارما ؟ بىلىدۇ ، ئۆزىنىڭ تىزگىنىنىمۇ بىلمەيدىغانلار ئىشەكنىچۈشەنمەيدىغانلاردۇر ...........
بىر كۈنى ، خەۋەردىن تىكئۇچارئايرۇپىلاندىن پاراشوت بىلەن سەكرىتىلگەن بىچارە ئېشەكنىڭ يەرگە چۈشكىچە يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ ئېشەكنىئۇچۇرماقچى بولغان پۇلدارنى "ئالۋاستىكەنسەن " دىدىم ، ئاسماندىن يەرگە چۈشكىچە يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلگىنى- ئېشەك بولمىغان بولسا ئۇمۇ ئالۋاستى بولمايتتى ، بۇ دىگەن تەڭلىمە ، ئىسپات كەتمەيدىغانئاكسىيوما . چۈنكى ئۇمۇ ئالۋاستى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن تەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىقنى ئويلاشقان بولسا ھىچ بولمىسائىشەكنى ناركوز قىلىپ ئۇخلىتىپ قۇيۇپ ئۇچۇرغان بولاتتى . ئۆزىنىڭ ئىشەكتىن ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىنىئىسپاتلايمەن دەپ ئالۋاستىدىنمۇ رەزىل بىرنىمىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمىگەندىكىن ،بىزگە ئەمدى ئۇنى ئۆزىخالىمىسىمۇ « ئالۋاستى بىلەن ئادەمنىڭ ئارىلاشمىسى » دەپ چۈشەنمەي ئامال يوق .بىرقاراپ كۆرسە ، ئادەمنىڭ ئەقىللىقلىقىنى ئسپاتلاش ئۈچۈن ئېشەكنى ئۇچۇرۇشتىن باشقىمۇچارىلەر تېپىلاتتىغۇ ؟
مەن دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بۇ ئادەم ئىشەك كۆرۈپ چوڭ بولۇپتىكەن ، خېلى ۋاقتىلارغىچە ئېشەكنى ئىشقىمۇ سالغانمىش ، لىكىن كىيىنچە ئېشەكتىن تىپىك يەپ كەتتىمۇ –تاڭ،يىرگىنىدىغان بۇلۇپ قېلىپ ئېشەك بار جايدىن ناھايىتى يىراققا قاچىدىغان بولۇپقاپتۇمىش ، قولىدىكى تىزگىن بىلەن تاياقنىمۇچۆرىۋېتىپتۇ . ھازىر كىم ئېشەكنىڭتىزگىنىنى چاڭگاللاپ يۈرۈشنى خالايدۇ دەيسىلەر ؟ ھازىر دىگەن ئادەملەرنىڭ بويۇنلىرىدا چىرايلىق شارپىلار ، رەڭگارەڭ گالىستۇكلار ، كېپىنەك گالىستۇكلار ، بەزەنلەرنىڭ بوينىداقارا مەشۈتكە ئۆتكۈزۈلگەن قۇت بەلگىسى ،تۇمارلار ، بەزىلەرنىڭ بوينىدا چىمچىلاقتەك توملۇقتا ئالتۇن زەنجىرلەر ، يەنەبەزىلەرنىڭ بوينىدا ئىگىزدىكىلەر كۆرمەيدىغان ، پەستىكىلەرگىلا كۆرىنىدىغانبۇيۇننى ئاغرىتمايدىغان "كىبىر "، «ئىمتىياز » ماركىلىق ئالاھىدە گال ئاسقۇلار بار ، بىراق مەن بىلىدىغان ھېلىقى ئادەميۇقۇرقىلارنىڭ قايسىلىرىنى بەكرەك ياقتۇرىدىكىن بىلمىدىم ، ئەمما ئۇ «بېزەك»لەرنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ بەزىلىرىدەتېپىلمايدىغان تەئەللۇقاتلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئادەمدىن تېپىلىدۇ ، قايسىلىرى دەڭلار ، مەسىلەن : ئۆيىدىكى تىلۋىزۇر تىزگىنىكى ، ھاۋاساپلىغۇچ تىزگىنىكى ، چىراقتىزگىنىكى ، توڭلاتقۇ تىزگىنىكى ، بىخەتەر ئىشكاپ تىزگىنىكى ، ماشىنا تىزگىنىكى ، ئۆيىنىڭ ئاپتۇماتىك ئىشىكنىڭ تىزگىنىكى ، ۋاي - ۋۇي ....قايسى بىرىنى دەپ بۇلاي ؟ بۇئادەم ئۆزىنىڭ پۇللىرىنى ساقلايدىغان بانكىنىڭ يەرئاستى ئۆيىدىكى ئىشكاپنىڭ ئىشىكىگىمۇ تىزگىنەك ئورناتتىغۇدەيمەن ، شۇڭا ئۇنىڭ پۇل - مېلىغا كۆز قىزارتقۇچىلار ئۇنى يېرىم كېچىدە توسىۋېلىپبۇلىۋالىمىز دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا دائىم دىگۈدەكئۆزىگە بەش مىتىر دائىرە ئىچىگە رۇخسەتسىز بۈسۈپ كەلگۈچىلەر بايقالسا ساقچىئىدارىسىگە ئاپتۇماتىك مەلۇمات بىرىدىغانقەدەم تىزگىنلىگۈچ بار ، بۇمۇ تىزگىنەك ،شۇڭا يېقىن -يورۇقلىرىمۇ ئالدىراپ ئۇنىڭ پۇل - مېلىنى قانداق تاپتى ، ئورنىنى قانداق تەڭشەپ تۇردى ، تىزگىنەكلىرىنى قەيەردىن سېتىۋالدى ،دىگەندەك ئىشلىرىنى بىلەي دەپمۇ بىلەلمەيدۇ . بۇ ئادەم ئاشۇنداق تىزگىنەكلەرنى ئىشلىتىۋېرىپ ، نىمىنى قانداقباشقۇرىدۇ ، قايسى تىزگىنەك نىمىنىكونترول قىلىدۇ ، كىمنى قانداقتىزگىنلەيدۇ ، تىزگىنەكسىز بۇيۇملارنىقانداق ئىشلىتىدۇ ، تىزگىنگە كۆنىمىگەنلەرنى قانداق ئەيۋاشقا كەلتۈرىدۇ ، ئىگىزرەكيەرگە تىزگىن سېلىش توغرا كەلسە پۇتىغا نىمە قويىدۇ ؟ دىگەندەك مەسىلىلەردە خېلىمۇتەخەسىس بۇلۇپ قالدى . بۇ ئىشلاردائۇنىڭ بىلمەيدىغانلىرى ئاز . لىكىن قانداقجايدا ئېشەكنىڭ ئاۋازىنى بېمەھەل ئاڭلاپ قېلىپ ئۆزىنى بىئارام قىلىۋېتىدىغانلىقىنىبەزىدە ئۆزىمۇ بىلمەي قالىدۇ ، بۇنى ئېتىراپقىلمايمۇ ئامالى يوق . نۇرغۇن ئادەملەريېرىم كېچىدە ئېشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازىنى تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالسا نىمە دەپ جاۋاپقايتۇرۇشنىمۇ بىلمەيدىغۇ دەيمەن ، "كېچىدە ئىشەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىمۇ جاۋاپ قىلامدۇئادەم ؟" دىمەڭ ، بىلگەن ئادەم جاۋاپ قىلالايدۇ ، مانا بۇ ئادەم بىلمەيدۇھەقىچان ، بىلگەن بولسا ئېشەكلەر بارمەھەللىدىن ئۇنچىۋالا نېزىقاپ كەتمىگەن ،ئۆزى ئېشەك مىنىپ چوڭ بولغان تۇرۇقلۇق ئېشەكتىن سەسكىنىپ يۈرمىگەن بولاتتى . ئېشەكيېرىم كىچىدە نىمىشقا شۇنداق قاتتىق ھاڭرايدىغاندۇ ؟ بۇنىڭدا بىرلا سىر بار : تازايېرىم كېچىدە ھەممە ئادەملەر ئۇيقۇغا چۆككەن ،ياكى ئەيشى -ئىشرەتلىك تاماشىغاچۆمگەن چاغدا ، شەيتان كىملەرنىدۇ چۈشىدە قارا باستۇرۇپ ، شىرىن ئۇيقۇسىنى ھارامقىلىپ ياكى كىملەرنىدۇ ئويۇندا تاپتىن چىقىرىپ ئازدۇرۋېتىش ئۈچۈن ئالدىراش - تېنەشپەشلىرىگە دەسسەپ ، پالاقشىپ ماڭغاندا ، بىرەرتى ئېشەك شەيتاننىڭ ئۆتەر يولىدابولۇپ بولسا ، شەيتاننىڭ تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئۇنى كۆرۈپ قالارمىشۋە ئادىمىزاتقا بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن ئادەمزاتنى شەيتاندىن ئاگاھلاندۇرۇش ، شەيتاننىقورقۇتۇپ قاچۇرىۋېتىش ئۈچۈن ئاشۇنداق قاتتىق ئاۋازدا جان-جەھلى بىلەن ھاڭراپ كىتەرمىش ، بۇنى بىلمىگەنلەر تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتكىنىدىن: "ھۇ ئۆلگۈر ئېشەك ! زۇۋانىنىڭ سەتلىكىدىن جېنىم چىقاي دىدا؟...." دەپ يۈرىكىنى تۇتسا ، بىلىدىغانلار :"توۋاقىلدىم ، كېچىنى ۋە مىنى ،ئۈنىنى ياقتۇرمىسىمۇ ئاشۇ ئاۋازى بىلەن قۇشۇپ ئېشەكنىياراتقان ئىگەم ، مىنى شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىغىن " دەپ يۈزىنىسىپىلايدىكەن ......شۇڭا سەھرالاردا بەزىلەرنىڭ ئىلكىگە موتسىكىلىت بىلەن ماشىنا ئۆتسىمۇ ھازىرغىچە ئېشەكلەرنى سەھرادىن قوغلىۋەتكىنى يوق،شۇنىڭدىنكۆرە قايناق شەھەرلەردىمۇ بىرەرتى يېرىم ئىشەكنىڭ بولىشى ھىچ بولمىغاندا ئېشەك كۆرۈپباقماي چوڭ بولغانلارنىڭ كۆزىگە پايدا .............
بۇ ئادەم نىمىشقا ئېشەكنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ دەيمەن ، شۇڭائۇ ئۆزىمۇ ئېشەكنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باشقىلارنى لەقەملەيدۇ ، ئۇنىڭ ھايۋانات -ئۇچار قۇشلارنىڭ نامىنىئىشلىتىپ باشقىلارغا قويغان لەقىمىمۇ ئازئەمەس ، ئەتىراپىدىكىلەرنى تىزگىنلەپ كۆنۈپ قالغاننى ئاز دەپ ، ئاسماندىكى ،تۈزلەڭدىكى ، تاغدىكى جانۋارلاردىنمۇتىزگىنلەپ قويغانلىرى بارمىكىن يا ؟ ... ئۇنىڭ ھەممە بېساتلىرىنىڭ تىزگىنىكىبولغان بىلەن تىلىنىڭ تىزگىنىكى بولمىسا كېرەك ، شۇڭا بەزىدە سورۇن ۋە ۋاقىت تاللىماي ئەر - ئايال ، چوڭ- كىچىك دىمەستىنئاق - قارا ، قىزىل - سېرىق ، يېشىل -سۆسۈن گەپلەرنى بىر-بىرىگە ئۇماش قىلىپ دەۋىرىدۇ ، دىيىشنىغۇ دىسۇن يامىنى ھالال- ھارامنى ئايرىماي يەۋىتىدىغان يەرلىرىمۇبار . ئىگىز باراڭدىكەن ، قاراتۇپراقتىكەن ، بىراۋنىڭ يانچۇقىغاتەئەللۇق ئىكەن دىمەي ، پۈۋلىمەي ، پاساڭداپ-چاڭگاللاپ ئاغزىغا سېلىۋىرىدۇ ،شۇنىڭغا قارىغاندا قورسىقىنىڭمۇ تىزگىنىكى بولمىسا كېرەك ، ھەممىلا تىزگىننى بازارغا سالىۋەرمەيدۇ-دە؟.....
تۇتقان ئۆيى ، ماڭغان -تۇرغىنى ، يىگەن - ئىچكىنى تىزگىنەكلىشىپكەتسە ئاپتۇماتىك ئادەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس- ھە؟ ، ھەممىلا تىزگىنەكنىئىشلىتىپ يىتىشەلىگەندىكىن مېڭىسىنى ئۆزى خېلى ئوبدان تىزگىنلەيدىغانئوخشايدۇ ، بەزىدە ئۇنى «ئىچكىئەزالىرىغىمۇ تىزگىنەك بېكىتىۋالغانمىدۇ؟ » دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن . مەسىلەن : ئاشقازىنى قانچىلىك يەپ - ئىچىش ، قاچان يىيىش ، قاچان تويۇش-ئادەمغۇ تويۇپ ئۆتمەيدۇ ، توپىغاتويمىغىچە -ئۆپكىسى قانچىلىك سىغىمدىكى ئوكسىگىننى سۈمۈرۈش ، قانچىلىك كاربۇن تۆت ئۆكسىدنى قويۇپبىرىش ، جىگىرى بىر كۈندە قانچىلىكئىسپىرت زەھىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ، بۆرىكى بىر كۈندە قانچىلىك ئاقسىل ، قانچىلىك شىكەر ، قانچىلىك ئورىيانىچىقىرىۋېتىش ، ئۈچەيلىرىنىڭ خىزمەتسىغىمىنى دىمىسەممۇ بولا ، ھالال ، ئاز ساز يىگىنى سىڭىدۇ ، ئارتۇقىنى كۈزۈڭلارنىيۇمۇۋالساڭلارمۇ بىلىسىلەر ، ھە يەنە يۈرىكى قاپتۇ يۈرىكى ، يۈرىكى بىر كۈندە پاسكىنا قاندىن قانچىلىكسىقىپ چىقاردى ،پاكىز قاندىن قانچىلىك .... يۈرەكتە قانلا بۇلامتى ؟جانمۇ يۈرەككە ئۇۋۇلايدىغان تۇرسا ؟ مەن ھەممىنى سىتاتىسكىلاپ بولالمىغۇدەكمەن ،بۇنى ئۆزى يېقىندا يۈرىكىنىڭ تىزگىنى قولىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالغاندادوختۇرغانىغا بېرىپ «سىتاتىستىكىلاتقان » بولسا كېرەك ، ئاشقازىنىنىڭ تىزگىنىنى سەل تارتقانلىقىنى سەمىمىلىك بىلەندەپ بەردىغۇ - تاڭ ؟ مەن ئۇنىڭ تىزگىنەكلىرىنىدەپ كىلىۋېتىپ يۈرىكىدە توختاپ قالدىم . يۈرەكتىكى قان بىلەن جاننىڭتىزگىنى نىمە ؟ بۇ ئادەم بۇنىڭغىمۇ تىزگىن سېلىۋالغانمىدۇ ؟ بەزىدە تىزگىننى ئادەم ئېشەككە سالغاندەك ئادەمئادەمگە سالىدۇ ، بىرسى دەۋاتاتتى"يولۋاس يولۋاسنى يىمەيدۇ ، لىكىن ئادەم ئادەم بىلەن سەمرىيدۇ " دەپ ،دەل شۇنىڭغا ئوخشاش ئېشەك ئېشەككە تىزگىن سالمايدۇ ھەم ئىشقا سالمايدۇ- يۇ ، بىراقئادەم ئادەمگە تىزگىن سالالايدۇ ھەم ئېشەكنى باشقۇرغاندەك باشقۇرالايدۇ ، مانا بۇ ــــ ئادەمنىڭ ئېشەكتىن بىر پەللەيۇقۇرى تۇرىشىدىكى سەۋەپ بولسا كىرەك ، تىزگىنتۇتۇشقا ئۇستىلار بەزىدە بىلدۈرۈپ سالىدۇ__كۈلۈپ -ئېگىلىپ تۇرۇپ ، ھىجىيىپ تۇرۇپسالىدۇ ،بۇنداق تىزگىنلەرگە بەزىلەر ئۆزى خالاپ بوينىنى تۇتۇپ بىرىدۇ . چۈنكى بۇخىل تىزگىنلەرنىڭ يەنە بىر ئۇچى خىلمۇ - خىل "مەئىشەتلەر"بىلەن تولغان"توۋرا" لارغا چېتىلغان بولىدۇ . بەزىدە بىلىندۈرمەي سالىدۇ ، يەنە بەزى تىزگىنلەر بىز بىلىپ - بىلمەيبىزگە سېلىنىپ قالىدۇ . مەن بىلىدىغان بۇئادەم ھەممە نەرسىگە تىزگىنەك ئىشلىتىپ يۈرگىنىبىلەن ، بىرلا نەرسىگە تىزگىنەك سالمىساكېرەك ، ئۇ بولسىمۇ نەپسىگە ، راست ، يالغۇز ئۇنىڭلا ئەمەس خېلى كۆپ ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىدە تىزگىنەكلىكقۇرۇلمىلار بولغان بىلەن نەپسىلىرىنىڭ تىزگىنىكى يوق ، بۇنى ئۇلار نەدىن ئېلىشنىمۇ بىلمەيدۇ . نەپسىنىڭ تىزگىنىكى بىزنىڭ بۇ جاھاننىڭ تاللابازارلىرىدا يوق . تىزگىنەك تۇتۇپ ، باشقىلارنى تىزگىنلەپلا يۈرىيدىغانلارنىڭ باشبوينىغا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ كۈچىيەتمەيدىغانراق بىرەيلەننىڭ تىزگىنىكىچۈشۈپمۇ قالىدىغانلىقىنى يا ئويلايدىغاندۇ يا ئويلىمايدىغاندۇ . يەنە قانداقتىزگىنلەرنىڭ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك ، ئۇ ئۆزى ، سىز، ۋە مەنلا بىلىدىغان بۇئادەمنىڭ كىملىكىنى يەنىلا " تىزگىنەكلىك ئادەم " دىيىش بىلەنلا قانائەتتاپايلى خالاس ، چۈنكى ئادەم دىگەن زۆرۈرتىپىلغاندا تىلىنىڭ تىزگىنىنى تارتىشنى بىلمىسە باشتىن كىتىپ قالىدىغان گەپ ...............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-2 08:40 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ R h/ m1 \+ w8 Yبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% o( L! d/ ^$ r% ?. N/ v% @* S