داتاڭ جۇڭگۇدىكى ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلغان ، پاكىز ، مەنزىرىسى گۈزەل يېزىلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە خەلقئارالىق پايپاق شەھەرچىسىدۇر.
پۈتۈن يېزىدا 4273 پايپاقچىلىق كارخانىسى بولۇپ ، بۇ كارخانىلار ئىچىدە 3289 كارخانا پايپاق تىكىدۇ ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن سەككىز مىليارد سەككىز يۈز مىليون يۈەنلىك پايپاق سودىسى بولىدۇ .
جېجىياڭ ئۆلكىسى جۇجى شەھىرىدىن غەربىي جەنۇپقا قاراپ توققۇز كىلومېتىر ماڭسىڭىز ، خەلقئارالىق پايپاق شەھەرچىسى _______ داتاڭ بازىرىغا كېلىسىز .
浙江省诸暨市大唐镇
رايۇن نۇمۇرى : 0575
پوچتا نۇمۇرى : 311800
داتاڭدا پايپاق تۇقۇلۇپ سېتىلىپلا قالماستىن يەنە پايپاق تۇقۇش ئۈسكىنىسى ، پايپاق تۇقۇشقا كېرەكلىك ماتىريال ، پايپاق بويايدىغان بوياق .... قاتارلىق پايپاقچىلىق كەسپىگە ئائىت سىز ئىزدىگەننىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.
شىياۋشەن ئايرۇدۇرىمى 萧山国际机场 بۇ بازارغا يېرىم سائەتلىك يول بۇلۇپ قاتناشمۇ قولاي.
دىيارىمىزدىن پويىزدا ئولتۇرۇپ جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن پويىز ئالمىشىپ جۇجى شەھىرىگە بارسىڭىزمۇ بولىدۇ . ( خاڭجۇ بىلەن جۇجىنىڭ ئارلىقى 90 كىلومىتىر )
ماقالە تەييارلىغۇچى: ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن ئادالەت
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-1 03:47 PM
|