ئەسسالاممۇئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ، قانداق ئەھۋالىڭلار ، ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر ؟ يېقىندا مىسرانىم تورىغا چىقسام ساپلا ئەلى مۇئەللىم توغۇرلۇق گەپ-سۆرلەر بولۇپ كېتىپتىكەن ، شۇڭا چىقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن بۈگۈن چىقسام مىسرانىم تورىمۇ خېلىلا ئەسلىگە كېلىپ قاپتۇ ، مەنمۇ بىر تېما يوللاي دەپ يۇقىرىدىكى تېمىنى يوللىشىم . مەن سىلەرندىن سوراپ باقسام «بالىلارنىڭ تەبىئەتكە بولغان ئۇقۇمى قانچىلىك ؟».
نەق گەپكە كەلسەك دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ، پاكار ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى ئېگىز-ئېگىز بىنالار ئېلىۋاتقان ، ئېتىز-دالىلارنىڭ ئورنىنى بولسا چىملىق ، ئاسفالىت يوللار ئىگەللىگەن ۋاقىتلاردا بالىلىرىمىز بىلەن تەبىئەتنىڭ قانچىلىك يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باقتۇقمۇ ؟
بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئېتىز-دالىلاردا توپىدا ئېغىناپ ، لاي-توپا يەپ ، ھەرخىل ھايۋان ، ھاشارەتلەرنى تۇتۇپ ئوينايتۇق . شۇ ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزنى ھېچ نىمە دېمەيتى . بىراق بىز شەھەردىن يېزا-قىشلاقلارغا بارساق ، بالىلىرىمىزنىڭ كىيىمىگە ئازراقلا توپا يۇقىشىپ قالسا ئەيىبلەپ كېتىمىز ، نىمىشقا ؟ ئۇلار كىيىمىنى مەينەت قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ ؟ ياكى ئۇلار توپا يەپ ئەقلىنى بۇلغاپ قويارمۇ ؟
بىزنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمىز بىلەن ھازىرقى شەھەر مۇھىتىدا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى نەدە ؟ بۇنىڭ جاۋابى بىزدە ، بىز ئۇلارنىڭ تەبىئەت بولغان نۇرمال ئالاقىسىنى توسۇپ ، ھەتتا قوي-كالىلارنىمۇ پەرىقلەندۈرەلمىگۈدەك ھالغا كەلتۈرۈپ قويدۇق . ئۇلار پەقەت كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ھايۋاننىلا بىلىدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ، قانداق كۆپىيىدىغىنىنى كىتابى بىلىمى بىلەنلا بىلەلەيدۇ .
نەچچە قېتىم مۇشۇ توغۇرلۇق تېما يوللاشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ بەزى سەۋەبىلىك يوللىيالمىغانىدىم ، بۈگۈن ئاخىرى يوللىدىم ، تۆۋەندە سىلەرگە بىر كىنونى تۇنۇشتۇرسام ، بەزىنلىرىڭلار كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن ، بەزىنىڭلار كۆرمىگەن بولىشىڭلار مۇمكىن . كۆرگەنلەر شۇ كىنودىكى ئاساسلىق ئىپادىلەيدىغان بىر نۇقتىنى بىلەلىدىڭلارمىكىن ؟ «نارنىيا رىۋايىتى» جەمئىي ئۈچ بۆلۈملۈك كىنو بولۇپ ، بۇ كىنودا ئىپادىلەنگەن بالىلار تەبىئەتنى ھەقىقىي چۈشىنىشنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرالايدۇ . شۇڭا سىلەرمۇ مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا بىر كۆرۈپ چىقساڭلار ھەم ھېسىياتىڭلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىساڭلار .
كىنونى يوللاپ قوياي تۆۋەندىن كۆرۈڭلار :
1-بۆلۈم :
كۆرەلمىگەنلەر بۇيەرنى بېسىڭ
2-بۆلۈم :
كۆرەلمىگەنلەر بۇ يەرنى بېسىڭ
3-بۆلۈم :
كۆرەلمىگەنلەر بۇ يەرنى بېسىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قىران123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-31 12:00 AM