مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2896|ئىنكاس: 25

نىمە ئۈچۈن ياپونلۇقلارنىڭ ساپاسى يۇقىرى؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113624
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2015-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 10:39:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۆۋەندىكى ياپونىيە قانۇنلىرىغا قاراپ باقساق ياپونلۇقلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ساپاسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرقىسمىنى بىلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.


1. ئۆچرەتكە قىستۇرلىۋىلىش
100مىڭ يىندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش،شۇنداقلا 24سائەت توختۇتۇپ قويۇش.

ياپونىيە قانۇنى ئۇششاق ئىشلارغا ئارلىشىۋىلىشقا ئامراق كىلىدۇ. ئەگەر كىمكى ياپونىيەدە ئۆچرەتكە قىستۇرلىۋالسا قىستۇرلىۋالغۇچى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ياپونىيە "يىنىك جىنايەت قانۇنى"1-ماددىسى13-نۇمۇرلۇق بەلگىلىمىسىدە :قاتارغا قىسىلۋالغۇچىنىڭ ئەھۋالنىڭ ئىغىر يىنىكلىكىگە ئاساسەن،100مىڭ يىندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ،شۇنداقلا 24سائەت توختۇتۇپ قويۇلىدۇ.


2.كىرا ماشىنىسى ئىچىدە قۇسۇش
ھەق تەلەپ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا جەرىمانە قويۇلىدۇ.
كىراماشىنىسىغا ئولتۇرغىنىڭىزدا مەيلى قانچىلىك كۆپ ئىچىملىك ئىچىڭ ياكى يەڭ ،ئىھتىياتسىزلىقتىن قۇسۇپ سالسىڭىز ئۇنداقتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىز، چۈنكى كىرا ماشىنىسى ئىچىدە ياندۇرۇش ياپونىيە ھەق تەلەپ قانۇنىىدىكى "پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىش "بولۇپ جەرىمانە قويۇش، شۇنداقلا ماشىننى تازلاش ھەققى تۆلەپ بىرىشكە بۇيرۇلىدۇ.



3.دوئىېلغا چۈشۈش جىنايىتى
6ئايدىن يۇقىرى 2يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.(بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياپونىيەگە كەلگىنىگە شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ قالايمىقان ئۇرشۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆرمىگەنلىك سەۋەبلىرىنىڭ بىرى )
ئىلگىرى سامورالار ياپونىيەدە ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۆزئارا دويىلغا چۈشۈش ئارقىلىق كۈچ سىنىشىش، يۇقىرى-تۆۋەنلىك تالىشىش، ئەرلەر ئارىسىدىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش  قاتارلىقلار ئادەتتىكى ئىشلار ھىسابلىناتتى. بىراق بۈگۈنكى ياپونىيەدە دويىلغا چۈشۈش بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى، چۈنكى "جامائەت بىخەتەرلىك قانۇنى"دىكى بەلگىلىمىلەردە: مەيلى قانداق سەۋەپلەر بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ،قانۇنغا خىلاپ ھالدا شەخىسلەر ئۆزئارا زورلۇق ۋاستىلەر ئارقىلىق دوئىلغا چۈشۈش قىلمىشلىرى "دوئېلغا چۈشۈش جىنايىتى"ھىسابلىنىپ،6ئايدىن يۇقىرى 2يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.


4.باغچىدا تۈكۈرۈش
1000يىندىن 10مىڭ يىنغىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىلگىرى جىنايەت سادىرقىلغانلىق ئارخىپىغا كىرگۈزىلىدۇ.
ياپونىيە"يىنىك جىنايەتلەر قانۇنى"دا باغچىدا ياكى باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا تۈكۈرگەنلەرگە1000يىندىن يۇقىرى 10مىڭ يىندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شۇنداقلا  ئىلگىرى جىنايەت سادىر قىلغانلىق ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.  پەقەت تۈكۈرۈپ تۇتۇلۇپ قالسىڭىزلا ، شۇقىلغان كىچىككىنە ئىشىڭىز سەۋەپلىك سىزئۈچۈن مەخسۇس جىنايى ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدۇ دىگەنگەپ.


5.روخسەتسىز ئۆزمەيلىچە جەنۇبىي قۇتۇپقا بىرىش
500مىڭ يىندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ .
يىقىنقى يىللاردىن بىرى،ئىنسانلار پائالىيتىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپقا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى "يەرشارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پاك زىمىننىڭ "مۇھىت مەسىلىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەزگىلدە ياپونىيە ئەڭ ئاكتىپلىق بىلەن مۇھىت قوغدىغۇچى سالاھىتىدە ئوتتۇرغا چىقتى،ياپونىيەنىڭ"جەنۇبى قۇتۇپ مۇھىتىنى قوغداش "قانۇنىدا: ياپونىيە پۇخرالىرى جەنۇبى قۇتۇپقا بارماقچى بولسا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرشى، 4ئوقۇش سائىتىلىك "جەنۇبىي قۇتۇپ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار بىلىملەر"توغۇرسىدا جىددىي تەربىيلىنىشى،شۇنداقلا ئىمتاھاندىن ئۆتكەندە ئاندىن جەنۇبىي قۇتۇپقا بىرىش تەستىقىغا ئىېرىشىپ ئاندىن بىرىشى كىرەك. ئۇنداق بولمىسا 500مىڭ يىندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.


6.بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋاقىتتا ئەخلەت تاشلاش
5يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى، شۇنداقلا 10مىلىيون يىندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ياپونىيەدىكى بىرقىسىم رايونلۇق ھۆكۈمەتلىرى يولغا قويۇلىۋاتقان ئەخلەتلەرنى تۈرلەر بويچە باشقۇرۇش نىزامنامىلىرىدە ئىنىق ھالدا چۈشەندۈرگەن: دۈشەنبە-كۆيىدىغان ئەخلەتلەرنى تاشلاش، سەيشەنبە-كۆيمەيدىغان ئەخلەتلەرنى تاشلاش، چارشەنبە-بوتۇلكا تۈردىكى ئەخلەتلەرنى تاشلاش............ دىگەندەك. ئەگەر بەلگىلىمىدىكى تۈر ۋە ۋاقىت بويچە ئەخلەت تاشلىماي ، ئىېھتىياتسىزلىقتىن تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىزدە "تاشلاندۇق نەرسىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش قانۇنى"دىكى بەلگىلىمىلەر بويچە 5يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى، شۇنداقلا 10مىلىيون يىن جەرىمانە قويۇلىدۇ. خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 600مىڭ يۈۋەن.


7.ئارتۇق بىرىپ سالغان پۇلنى قايتۇرماسلىق
"ئالدامچىلىق جىنايىتى"ھىسابلىنىپ جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىغىر بولسا قاماققا ئىلىش جازاسى بىرىلىدۇ.
پۇلنى ئارتۇق بىرىپ سالغانلىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئارتۇق قىسمىنى  قايتۇرۇپ بەرمەي كىتىپ قالسىڭز، ياپونىيە ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى "ئالدامچىلىق جىنايىتى"ھىسابلىنىپ، قىلمىشىغا قاراپ جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىغىر بولسا ھەتتا قاماققا ئىلىنىشىڭىز مۇمكىن .


8.ئىستولبىغا يامىشىش
توك توختاپ قىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئىقدىسادىي زىيان شۇنداقلا بىريىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
ياپونىيە ھەق تەلەپ قانۇنىدا ئىستولبىغا ياماشقۇچىلار چوقۇم "ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرغۇچى تىخنىك" سالاھىيتىگە ئىگە بولغان بولىشى كىرەك، بۇ جوڭگودىكى"توكچىلىق كىنىشكىسى"گە ئوخشىشىپ كىتىدۇ. سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئىرىشىشتىن ئىلگىرى ئىستولبىغا ياماشقانلار " سالاھىيەت سىرتىدىكى پائالىيەت ئىلىپ بىرىش جىنايىتى" ئۆتكۈزگەن بولۇپ جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئىغىر بولسا ، مەسىلەن چوڭ كۆلەملىك توك توختاش دىگەندەك، جەرىمانە قويۇپلا قالماي، توك توختاش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بارلىق زىياننى تۆلەش ، شۇنداقلا بىريىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ .


9.ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش.
10يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، شۇنداقلا بىر مىلىيون يىندىن تۆۋەن جەرىمانە ، 3يىلدىن10يىلغىچە پىراۋا ئىلىشنى مەنئىي قىلىش.
ياپونىيەدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە "يول قاتناش قانۇنى"بۇيچە :پىراۋىسىنى بىكار قىلىش، 10يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىش، بىرمىلىيون يىندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش، شۇنداقلا 3يىلدىن 10يىلغىچە قايتا پىراۋا ئىلىشنى مەنئىي قىلىش جازاسى بىرىلىدۇ.


10.ھاراققا زورلاش
قاماققا ئىلىش،10مىڭ يىن ئىچىدە جەرىمانە تۆلەش،48سائەتتىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش
ئەگەرسىز ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا ھاراققا زورلاشتەك ناچارقىلىقنى ھەرگىز ياپونىيەگە ئىلىپ بارماڭ، چۈنكى "ھاراق ئىچىپ جەمىيەت بىخەتەرلىكىنى قالايمىقان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلش قانۇنى"نىڭ 2-ماددىسىدا:مەجبۇرىي ھاراققا زورلىغان قىلمىشلارغا قارىتا 48سائەتتىن تۆۋەن قاماق جازاسى، 10مىڭ يىن جارىمانە تۆلەيدۇ. ئەگەر زورلانغۇچى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە ياكى ھادىسە تۇغدۇرسا ، ھاراققا زورلىغۇچى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 11:26 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3371
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11734
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 3127 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:47:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق  باشقۇرمىسا  زادى  ئادەم  باشقۇرماق  بەئىي  مۈشكۈل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1900 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:54:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساپا دىگەن ئىلغار مائارىپ تۈزۈلمىدىسىن ،مۇتلەق قانۇن ئىجراسىدىن شەكىللىنىدۇ .ياپونلار دەل 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن ،دۇنياغا يىڭى بىر ئوبراز بىلەن تونۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كەسكىنلىك ئۆزگەرتتى .شۇڭا ،بۇلاردا ساپا بار .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1025
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 12:02:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ قانۇنلار دەھشەتكەن . ئادەتتە ئۇ يەرلىك ئانداق مانداق دىيىشتىن ئىلگىرى مۇشۇنداق ماھىيتگە قارىسا تىخىمۇ چۈشۈنىشلىك بولىدىكەن .

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113497
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2015-1-23
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 12:33:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10 مىلىيۇن يىېن . نىمانچە كۆپ بىز نىڭ پۇلمىزغا قانچىلىك پۇل بۇ ؟؟؟؟؟؟

سەۋىر قىل سېنىڭ ئىشلىرىڭمۇ ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1617
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10912
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2216 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 12:57:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ساپايىمىزمۇ خېلى يوقىرىغۇ باللا.........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 01:29:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ياپونلارنىڭ كىت ئوۋلىشى پەقەت كۆزۈمگە سىغمايدۇ.

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13265
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 01:43:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ ساپالىق ،ئەتراپمىزدىكىلەر ساپاسىىزلار ھەممەيلەننى ساپاسىزدەك كۆرسۈتۈپ قويۋاتدۇ ، سەل جېق ئەمەسمۇ ئۇلار

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 03:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىب قانۇنلىرى باركەن بۇلارنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5439
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1549 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 03:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇخەينىڭ پاخپاق خەۋەرلىرى    ئۇلارچە بولغاندا ياپۇنلىقلارنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمىنى قانۇن ئارقىلق چەكلەپ تېزگنىلەپ تۇرمىغاندا ئۇلاردا ساپادىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس     جۇڭگۇدا ئۇخىل چەكلەش قانۇن قاھىدىللىرى يوق ھەم كىرىكى يوق    شۇڭا ئۇلارنىڭ ساپاسى بىزنىڭكىدىن تۈۋەن   ياكى ئەشۇنداق چەكلەش قانۇنلىرى بولغاچقا ئۇلار سۈنئى ساپالىق دېمەكچىغۇ    ما خەخ ئۆزلىرىچە  ..   
خۇددى ئېنىگىلاسلار  جۇڭگۇلۇقلارنىڭ چوشقا بېقشى ۋە ئېستمال قىلشى يەرشارى كېلماتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇراتتى كېسەللىك تاراتتى دەپ ماقالە ئىلان قىلسا بۇلارمۇ ئېنگىلسلار كالنى كۆپ يەيدۇ ھەم كۆپ باقدۇ   كالنىڭ ئۆپكىسى كاربۇن تۆتنى كۆپلەپ قۇيۋىتىپ يەرشارى ئوزۇننى بۇزۇپ تېمپىراتورىنى ئۆرلىتۋەتتى كالا ھۈتىلىنى ۋە كالا تەمرەتكىسىنى تاراتتى  دىگەندەك     ئېشقىلىپ يامان بۇلار    ئالدىراپ ئىتراپ قىلمايدۇ ۋە ئالدىراپ بۇزەك بولمايدۇ  ..    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kudiratjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-30 03:55 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ay.sadap + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش