 |
 |
 |
 |
ئەسسالامۇ لەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تور داشلار.
ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنۋېرسىتېتى ماگىستىر ئاسپرانتى ئېرپان يارمۇھەممەت رىژىسورلۇق قىلغان، ۋە ئۇ قۇرغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كارتون گۇرپىسى ئىشلىگەن ئەڭ يېڭى كارتون فىلىمنىڭ تەشۋىقات فىلىمى رىۋايەت تورىدا ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خەلقئارادا يېڭىچە ئۇسلۇپتا تىنىمسىز تەشۋىقات قىلىپ كەلگەن، ئىرپانجانغا ئاپرىن ئوقۇش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتون گۇرۇپپىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمىز.شۇنداقلا تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆرەلىشى ئۈچۈن كۆپلەپ ھەمبەھەرلىشىنى شەخسەن ئۆزەم ئۈمىد قىلىمەن.
رىۋايەت تورىدىن ئېلىندى
http://rivayat.com/ur/forum.php?mod=viewthread&tid=1787
------------------------------------------------------------------------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدىرلىك كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كارتون گۇرۇپپىمىزنى يېقىندىن چوللاپ كەلگەن بارلىق تورداشلار.
گۇرۇپپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى قىسقا ۋەقەلىك مۇزىكىلىق كارتون فىلىمى ‹ ھايات مىلودىيىسى›نىڭ تەشۋىقات فىلىمى 1- ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېلان قىلىنىپ، مىكرو بلوگ ۋە ئۈدىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن بېرى، نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا، 1- ئاينىڭ 26 - كۈنى ياپونىيە ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ئاكادىمىيىسىنىڭ دىگىتال مۇھىت يارىتىش تۈرىدە ئېلان قىلىنىپ، ئۇچۇر ۋە مېدىيا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخىسى 3 - ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، 2015- يىلى ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر تۈرلۈك كارتون فىلىم فىستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلماقچى. كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ‹ كارتون فىلىم› دېگەن يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدا دۇنياغا تارقىلىشى ئۈچۈن گۇرۇپپىمىز ۋە بىز ئىشلىگەن ‹ ھايات مىلودىيىسى› نى داۋاملىق قوللاپ قۇۋەتلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر،ياپونچە خەتلىك
خەنزۇچە خەتلىك
|
 |
 |
 |
 |
|