ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 11:33 AM 
ئەمىسە كىيىنچە بوش ۋاقىت چىقىرىپ ئوكسىگىن ئايرىشنى بى ...
كالىي پىرمانگىرات(مەرگونسوپ)نى پىروبىركىدا قىزدۇرۇپ نەيچە ئارقىلىق سۇ تولدۇرۇلغان بوتولكىغا كىرگۈزىمىز،قىزىپ گازھاسىل بولغاندا بوتولكا ئىچىدىكى سۇنى ھەيدەپ چىقىرىپ پەقەت گازلا قالىدۇ.
سۇغا ئازراق تۇز كىسلاتا قوشۇپ ئىككى پىروبىركىغا سۇ تولدۇرۇپ ئۇنى يەنە سۇ تولدۇرۇلغان داسقا دۈم قىلىپ سالىمىز،ئاندىن باتارىيەگە سىم ئۇلاپ پىلوس قۇتۇبى ۋە مىنوس قۇتۇبىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا پىروبىركا ئىچىگە كىرگۈزىمىز.پىلوس قۇتۇبى تەرەپتە ئوكسىگىن مىنوس قۇتۇبىدا ھىدروگېن گازى ھاسىل بولىدۇ.توكنىڭ كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا گاز شۇنچە تىز ئايرىلىپ چىقىدۇ،ئەمما بۇ ئۇسۇل سەل خەتەرلىك.ئوكسىگىننىغۇ ساقلاش ئاسان ئەمما ھىدروگىن گازىنىڭ پارتلاش خەۋىپى بار.