مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 968|ئىنكاس: 17

ئەدەبىي تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6706
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1075 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 06:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەرلىك شىۋە تىل، دىئالىكىتلارغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرايلى
ئەھەد موھىدىن كارۋانى
مەن مەيلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسۇن، مەيلى خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىم بولسۇن ۋە ياكى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان چاغلىرىم بولسۇن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ يورتنىڭ ئولۇغلاپ، چوڭ بىلىپ بىرىنىچى ئورۇنغا قويۇپ ئۆزگە يۇرتنىڭ يەرلىك شىۋىسىنى ۋە يەرلىك دېئالىكىتلىرىنى كەمستىۋاتقان زاڭلىق قىلىۋاتقان، كۆزگە ئىلمەيۋاتقان، تۆۋەن ئورۇنغا قويۇۋاتقان گەپ-سۆزلىرىنى ۋە ئىش- ھەرىكەتلىرىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇلىمۇ ئازاپلاندىم، تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندىم، تۇلىمۇ غەزەپلەندىم.ھەتتا ئۆتەپ تىشىپ شۇ يورتتىكى خەلىقلەرنىڭ غۇرۇر-ۋىجدانىغا تىگىدىغان ئۇچىغا چىققان يورتۋازلىق مېنى تۇلىمۇ ھەيران قالدۇردى. تالاي قېتىم توۋا دېدىم بىز ئۇيغۇرلار دېگەن ئاجايىپ بىر مىللەت ئىكەنمىز دەپ چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئويلىنىپ قالدىم.
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل بولسا يەرلىك شىۋە تىل ۋە دىئالىكىت ئاساسىدا شەكىللەنگەن، بېيىغان، مۇكەممەللەشكەن ۋە تەرەققىي قىلغان. بەزى يازغۇچى شائىرلىرىمىز يەرلىك شىۋە تىل ۋە دىئالىكىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ، ئەسەرلىرىنىڭ تاۋالاپ چىققان، بىيتقان تىلى ئىنتايىن ياخشى بولغان شېئىر-داستانلارنى، ھېكايە، پوۋىست، رومانلارنى يىزىپ چىققان.
مەسىلەن: تىيىپچان ئىلىيوف شېئر يازغاندا بىر بوغۇم ئارتۇق بولۇپ قالغان يەنى چىرايلىق دېسىمۇ ئىككى بوغۇم، سەت دېسىمۇ ئىككى بوغۇم، كۆركەم دېسىمۇ ئىككى بوغۇم قالغان. ئاخىرى خوتەن دىئالىكىتلىرىدا «ئۇز»دېگەن بىر بوغۇملۇق سۆزنى ئىشلەتكەن.شۇنداق قىلىپ بۇ قىينچىلىقتىن قوتۇلۇپ قالغان.
بىز تۆۋەندە ئەدەبىي تىل، ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل، يەرلىك شىۋە تىل، دىئالىكىت توغرۇلۇق توختۇلۇپ ئۆتەيلى.
ئەدەبىي تىلى دېگىنىمىز – بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولغان، شۇ مىللەت تىلىنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۇپ بىرەلەيدىغان، بەلگىلىك قائىدە- قانۇنىيەتلەرگە ئىگە، قىلىپلاشقان تىلدۇر.
ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل دېگىنىمىز- ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەلۇم قانۇنىيەت بۇيىچە پىشىقلانغان ۋە قىلىپلاشتۇرۇلغان، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئورتاق ئالاقە قۇرالى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان تىلىدۇر.
دىئالىكىت دېگىنىمىز- بىر مىللىي ئورتاق تىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا قوللىنىدىغان، مەلۇم جەھەتتىن ئۆز-ئارا پەرقلىنىپ تۇرىدىغان رايۇن خاراكتىرلىك تارماق تىلىدۇر.
شىۋە دېگىنىمىز- بىر دىئالىكىت ئىچىدىكى رايۇنلارنىڭ بىر-بىرىدىن مەلۇم جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان يەرلىك تىلىدۇر.
ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەركىزى دىئالىكىت، خوتەن دىئالىكىتى، لوپنۇر دىئالىكىتى دەپ ئۈچ دىئالىكىت  بۆلىنىدۇ.«مەدەنىيەت بوستاننى» پروگراممىسنىڭ رىياسەتچىسى ئابلەت ئابدۇرېھىم ئولۇغ تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوفىتىن ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۈچ دىئالىكىتىقا بولۇشىدىكى سەۋەپنى سورىغاندا ئۇ «قىلىمىز» دېگەن سۆز مەركىزى دىئالىكىتتا «قيلىمىز»خوتەن دىئالىكىتتا «قىلىتمىز» لوپنۇر دىئالىكىتتا «قىلادۇرمىز» دەپ ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈچ دىئالىكتقا بۆلۈشىدىكى ئىلىمىي ئاساسىنى يەنى«قىلىمىز»دېگەن ئورتاق ئەدەبىي تىلىنى قىلىپلاشتۇرۇشىدىكى ئىلىمىي ئاساسىنى ئۇتتۇرىغا قويىدۇ. يەرلىك شىۋە ۋە دىئالىكىت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر  كۆرسەتسە كۆرسىتىدىكى ھەرگىزمۇ سەلىبى تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يەرلىك شىۋە ۋە دىئالىكىتنى چەتكە قېقىش، كەمستىش، دەپسەندە قىلىش ئانا تىلىمىزنى چەتكە قېقىش، كەمستىش، دەپسەندە قىلىشتىن ئىبارەت.
ئەگەر يەرلىك شىۋە تىل، دىئالىكىت بولمىسا ، ئۇيغۇر ھازىرىقى پاساھەتلىك، كۆپ ئىپادىلىك، مۇكەممەل، رەڭدار تىلىمىزمۇ بولمىغان بۇلاتتى. چۈنكى يەرلىك شىۋە تىلى، دىئالىكىت ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ جان-جىگىرى، يۈرەك پارىسى ئەمەسمۇ؟

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-24 11:59:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇنلۇق تەشەببۇس.كىرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.ھەممىدىن يامىنى تاشنىڭ يوقلىغى ياكى بارىنىڭ يوقاپ كېتىشى.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10843
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 01:52:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەرلىك شىۋە بولسا، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ بۇرۇندىن قوللىنىپ كېلۋاتقان ئاتالغۇلىرىدۇر.. ئۇنى كەمسىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ..........

مەسىلەن:  بىز تەرەپلەرنىڭ بىرقىىسم يېزىلىردا،  يەر ھەيدەپ كەلدۇق دەيدۇ،،، يەنە بەزى يەرلەردە  يەر ئاغدۇرۇپ كەلدۇق دەيدۇ، يەنە بىرقىسىم جايلىردا يەرگە قوش سېلىپ كەلدۇق دەيدۇ.........

بىرقىسىم كىشىلەر دەيدۇكى..... يەرنىمۇ ھەيدەمدۇ... ئۇنى ئاغدۇردۇق دەيمىز ..... يەنە بىرقىسىم كىشىلەر دەيدۇكى.. يەرنىمۇ ئاغدۇردۇق دەمدۇ... قوش سېلىپ كەلدۇق دەيدۇ.....
مانا مۇشۇنداق بىر- بىرىنىڭ يەرلىك ئاتالغۇلىرغا ئۆكتە قوپىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن زاڭلىق قىلىپ ئۇ كىشىلەرنى كەمسىتۋاتقان........


ئەڭ ئاددىسى........  بۇرۇن مەن چوڭ بولسام   بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان، ئاتا- ئانىمىزدىكى   ئاتا نى  ئاتام دەيتۇق.......  ھازىر دادام دىيىش ئۇمىمىيلىشىپ كەتتى.. بىرەسى ئاتام دىسە  ئاتام  ئاتام ئاتام  دەپ قايتا- قايتا تەھرارلاپ ئۇنى زاڭلىق قىلىشىدىغان بوپ قاپتۇ.......   شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە ئوقىۋاتقان پەرزەنتلەرمۇ تەببىيلا  دادام دەيدىغان بوپتۇ.......   ئاتام دىسە مەتو ھىساپلىنامىش....



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1001 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 02:19:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنۇ ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ، لېكىن مەن يەنە ئازراق كېڭەيتىپ يازغۇدەك بوشلۇق بار دەپ قارايمەن، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ سۆزلۈك ئادىتى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ قىلىپلىشىشىدا ئەدەبىي تىلىمىز ۋە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۆھپىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم، شېۋىلىرىمىز بىزنىڭ بايلىقىمىز، بىر سۆزنىڭ ئارتۇق بولۇشى تىلىمىزنىڭ ھۆسنىنى بىر ھەسسە زىيادە قىلىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86365
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-10-22
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 11:01:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىپەك يولى ساداسىدا كۆپ ئاڭلايمەن  :ناخشىنى ئالامەت ئوقۇدۇڭ دەپ....ناخشىنى ئەسلى ئەدەبىي تىلدا ناخشا ئېيتىش دەيمىزغۇ ....كىتاپنى ئوقۇيمىز...ناخشىنى ئېيتىمىز مەخمۇت سۇلايمان كۆپ ئىشلىتىدۇ بۇ گەپنى....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 1177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 2362 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 03:50:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان تېمىكەن

[ھازىر بىچارە ئوقۇتقۇچىلار بىلىمنى بالىلارنىڭ مېڭىسىگە ئەمەس بەلكى خاتىرە دەپتەر ۋە ئاخىپ خالتىللىرىنىڭ ئېچىگە يېزىۋاتىدۇ .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1130
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 04:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108389
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 347
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-7-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 05:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىمۇ قاراقاشنىڭ شىۋىسى شۇنداق چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ جۇمۇ

تىرىك دىسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق، ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە باھانە يوق. كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش كۈندە غەم. دەردىم ئېيىتسام دەرتكە دەرمان دانا يوق.

ئىنسان،،،،،،ئۆزۈڭنى بىل.!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113303
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 358
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2015-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 07:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى ياخشى پىكىر،‹ئاپا›سۆزىنى مەركىزى دىئالىكىت تا ‹ئانا›دەپ تۇغقان ئانىسىغا قارىتا دەيدۇ ئەمما خوتەن كېرىيە دىئالىكىتتا يەڭگىسىنى ياكى ھاممىسىنى ‹ئاپا›دەيدۇ ،مەركىزى دىئالىكىت ئاپپاي سۆزىگە ئوخشاش

ئۇلۇغلۇققا يەتسەڭ بۇزما ئۆزۈڭنى،
ئەتلەس كىيسەڭ ئۇنۇتما كىيگەن بۆزۈڭنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1704
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 07:13:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا  ۋىلايەتتىكىلەر  خوتەن دىئالىكتىنى  مەسخىرە  قىلسا  بەك ئاچچىقىم  كېلەتتى     ،   

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش