 |
 |
 |
 |
خەلقئارالىق ئۇششاق تاۋارلار توپ بازىرى -يىۋۇ شەھىرى
(国际小商品城———— 浙江省义乌市)
ئابلىكىم ئاۋۇت
جېجىياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرى-خەلقئارالىق ئۇششاق تاۋارلار توپ تارقىتىش بازىرى بولۇپ، بۇ شەھەردە بەش كۆلەملەشكەن خەلقئارالىق سودا شەھەرچىسىدىن باشقا يەنە تۇقۇلما بۇيۇم،ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى،ياغاچ ماتىرياللىرى،كۆزئەينەك،لۆڭگە،مەدەنىيەت بۇيۇملىرى....قاتارلىق كەسىپلەشكەن توپ تارقىتىش بازارلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ئاچقان 60 مىڭدىن ئارتۇق دۇكان بار .كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭگۇ ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئۇششاق ماللىرى مۇشۇ بازار ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقايدۇ.
نەشىريات-باسمىچىلىق،ئوراش بۇيۇملىرىنىڭ لاھىيلىنىش سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى،باھاسى ئىنتايىن ئەرزان.
يىۋۇ شەھىرىدە دائىم تۇرۇپ سودا قىلىدىغان ،شىركەت ئاچقان ،يىۋۇ سودا ئىنىستىتوتىدا خەلقئارا سودا ۋە تور سودا كەسپىدە ئۇقۇيدىغان،چەت ئەل شىركەتلىرىدە تەرجىمانلىق قىلىدىغان نەچچە مىڭ ئۇيغۇر بار.
بۇ خەلقئارالىق سودا شەھىرى -دىيارىمىزدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ ،كارخانىچىلارنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچىگە ۋە خەلقارا بازارغا تۇنۇتىشىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تىجارەت سۇرۇنىدۇر.
ھېچقانداق تەبىئىي بايلىقى بولمىغان يىۋۇنىڭ __ ئىگىلىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ خەلقئارالىق ئۇششاق تاۋارلار شەھەرچىسى بۇلالىشىدا يىۋۇ سودا ئىنىستىتوتىنىڭ رۇلى زور بۇلۇپ،بۇ مەكتەپ 1993-يىلى قۇرۇلغان. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ،كارخانىچىلارنى تەربىيلەشنى ئاساس قىلغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك مەكتەپ.مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 1000 مودىن ئارتۇق بۇلۇپ،ئىلىكتىرونلۇق سودا كەسپى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش كەسپى ناھايتى داڭلىق.ھازىر بۇ مەكتەپتە جوڭگۇ ،چەتئەلدىن بولۇپ 10000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. مەكتەپ تور بەت ئادرىسى:http://www.ywu.cn/
يىۋۇ شەھىرىنىڭ تور سودىسى ۋە ئەشيا ئوبرۇت (تېز يەتكۈزۈش ) كەسپىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان . بۇ شەھەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ مەخسۇس مۇسۇلمانلار ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان كۆلەملەشكەن بازارمۇ بار. ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىنمۇ ئون نەچچىسى بار.
مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زاۋۇتلاردا بېسىلىپ قالغان ماللارنى ئەرزان باھادا بىر تەرەپ قىلىدىغان ، كۆلەملەشكەن بازارمۇ يىۋۇنىڭ سودىسىغا ئۆزگىچە ھۆسىن قوشقان .
ئەگەر يىۋۇ شەھىرىگە كەلمەكچى بولسىڭىز ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ،يىۋۇغا بارىدىغان پويىزغا ئاملىشىسىز ياكى خاڭجۇدىن يىۋۇغا ئاپتۇبۇستا بارىسىز.
ئاپتۇر:ئەقىدە قاشگەرلىكىدىن
|
 |
 |
 |
 |
|