مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3205|ئىنكاس: 11

بېل گايتىسنىڭ ئاتا - ئانىسى بالىلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەن؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106583
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1295
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2014-5-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 04:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.jpg

يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى داڭدار شەخىس بېل گايتىس ھەممىمىزگە ئىنتايىن تونۇشلۇق. مۇشۇنداق مەشھۇر شەخىسنىڭ قانداق تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولغانلىقىغا قىزىقامسىز؟

بېل گايتىسنىڭ دادىسى ۋېليام ھېنرى گايتىس يېقىندا نەشردىن چىققان بىر كىتابىدا ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدىن چىققان دۇنيا بويىچە ئەڭ باي كىشىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ھەمدە شۇ مەزگىلدە قوبۇل قىلغان ئائىلە تەربىيەسىنى تەسۋىرلىگەن.

2.jpg

گايتىس ئەپەندى كىتابىدا ئەڭ ئاۋۋال كىشىلىك ھاياتتا نېمە ئەڭ مۇھىم؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: كىشىلىك ھاياتتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئائىلە ئەزالىرى، دوستلار ھەمدە ئاممىۋى مۇلازىمەت. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر ئائىلىنىڭ چوقۇم مۇنتىزىم باشقۇرۇش مىزانى بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ كىتابىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ مۇنتىزىم بولغان ئۆزگەرمەس ئائىلە تۈزۈمى «يەكشەنبىلىك كەچلىك غىزا» نى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان:«بۇ بارلىق ئائىلە ئەزالىرى شەرتسىز بويسۇنىدىغان تۈزۈم، شۇنداقلا ھەر كىمنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن قاتناشماسلىقىغا يول قويۇلمايدىغان ئائىلە ئەزالىرى يىغىلىشى. ئەمەلىيەتتە ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىڭىز ئۈچۈن مۇنداق «كەچلىك غىزا»غا ئۇلار بىلەن بىللە داخىل بولۇش ئىنتايىن مۇھىم ئىش. «يەكشەنبىلىك كەچلىك غىزا»دا بىز پەرزەنتلىرىمىز بىلەن بىر ھەپتىدىن بۇيان كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمىز توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىمىز. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. نەسىھىتىم شۇكى، مەيلى قانچە پەرزەنتىڭىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا باشقىلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەت باغلاشنى، قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىتىڭ ۋە بۇنى ئائىلىدىن باشلاڭ. مانا بۇ ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئورۇنداشقا تېگىشلىك ئىشى. ھەرقانداق ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىمۇ دەل شۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى ۋە خاسلىقىنى نامايەن قىلىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىدۇ. ئۆز ئارا ئۆگىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل دوستلۇق ئۆز نۆۋىتىدە پەرزەنتىڭىزنى دائىم يالغۇزسىراش، باشقىلارغا، تۇرمۇشقا ۋە ھاياتقا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشتىن ساقلاپ، ئۇلارنى ئەڭ مۇھىم ياشاش ئىقتىدارىغا، يەنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ».

3.jpg

گايتىس ئەپەندى كىتابىدا يەنە بالىلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتناشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، شۇنداق قىلغاندىلا بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ «ھەر قانداق بىر ئادەم جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتىن ئوزۇق ئالىدىغان مايسا، شۇڭا ھەر ۋاقىت جەمئىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك» دېگەن ئىدىيەنى يېتىلدۈرگىلى ھەمدە ئۇلاردا ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، جۈملىدىن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلىگىلى بولىدىكەن.


مەنبە؛ نۇرتورى




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13015
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 08:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاممىۋى مۇلازىمەت---بىزنىڭ سىياسى تىلىمىز بويىچە ئېيىتقاندا «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»،دىنىي تىلىمىز بويىچە ئېيىتقاندا«ساۋابلىق ئىشنى جىق قىلىش»دېيىلىدۇ.مۇشۇ مەنالاردىن ئېيتقاندا بىل گايتس ھازىر دۇنيادا ھەممىدىن كۆپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى ۋە ھەممىدىن كۆپ ساۋاپلىق ئىش قىلغۇچى ھېساپلىنىدۇ.چۈنكى ئۇ ھەر يىلى مىليارتلاپ دوللارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھتاجلارغا ۋە كېسەللىك تەتقىقاتلىرىغا سەرپ قىلىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulpukar + 59 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 08:51:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10838
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 09:01:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 08:14 PM
ئاممىۋى مۇلازىمەت---بىزنىڭ سىياسى تىلىمىز بويىچە ئېيى ...

ناھايتى توغرا............  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 09:20:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنت ئۈچۈن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئائىلە تەربىيىسىدىن ئىبارەت.....


ئەھمىيەتلىك يازمىكەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13015
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 593 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 10:42:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە تەربىيىسىنى موھىم دېگىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە،لېكىن ھالقىلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئەگەر ھالقىلىق بولىدىغان بولسا بىلگايتىسنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى داڭلىق باي،شى جىنپىڭنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى باش سېكىرتار بولغان بولاتتى.يەنىلا ھەممە ئادەمنىڭ ئېڭى ۋە تىرىشچانلىقى موھىم ھەم ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.

  مىسال،ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بو شىلەينىڭ ئاتىسى بو يىبونىڭ پەرزەنت تەربىيىسى جۇڭگودا ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيە ھېساپلىناتتى.ئەپسۇسكى بۈگۈنچۇ؟ بوشىلەينىڭ پارىخور ئەمەلدار بولۇپ چىقىشى بىلەن ھېچكىم ئۇنداق دىمەيدىغان بولدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 10:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 177
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 10:50:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپىنچىمىز ئىجتىمائي ئالاقىنى جەمىيئەتتە كۆپ ئىشلاردا تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلەپ ئاندىن ئۆگىنىمىز ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ماھىرلىق بەزىدە تەبىئي خارەكتېرگىمۇ ئازراق باغلىنىشلىق ، قالغىنىنى تەربىيە ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار تولۇقلايدۇ...

ئىجتىمائىي ئالاقىدە ماھىرلىق-كۆپ ئىشلاردا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ay.sadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 02:42 AM  


ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 11:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلغار يەرلىرى ھەقىقەتەن كۆپكەن ...تەشەككۈر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106310
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1050 سائەت
تىزىم: 2014-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 12:53:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
»بىلگەيتىسنىڭ نېمە غېمى بار «
بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان نەرسىگە ئېرىشىپ »تويغان« ئادەم نىڭ نىمە غېمى بار ؟ ئىچىمىزدە ئۆزىمىزنى شۇ ئادەمنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ بىر »تەسەۋۋۇر«قىلىپ باقساق دېگەن ئۈمىددىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 330 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:35:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كىتاپ بىر ئەقىل   ئاز بولسىمۇ بىلىمگە ئىگە بولىۋالدىم رەخمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش