مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 15

ئاشلىقنى تۆكمەڭ،يامان بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113013
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 129
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 09:43:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

           ئاشلىقنى تۆكمەڭ .‹يامان›بولىدۇ.

1: تىلىۋوزۇردىن كۆرگىنىم :سۈرىيە كىرزىسىنىڭ كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ ،سۈرىيەدىن قوشنا دۆلەتلەرگە،جۈملىدىن لېۋىيەگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ،سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپەيگەن .بۇ يىل 11ئايغا قەدەر سۈرىيەلىك  كۆچمەن مۇساپىرلار سانى 1مىليون 300مىڭغا يەتكەن .بۇ لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن چوڭ بىسىم ئىلىپ كەلگەن .دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسنىڭ ،مۇساپىرلارغا تەمىنلىگەن ئاشلىقى يەتمىگەنلىكتىن ،نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ ھاياتى ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەن .مۇساپىرلار ئىلاجسز تىلەمچى بولۇشقا ،لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئاشلىقىنى كۆكتات، مال چارۋىللىرىنى بۇلاشقا ئوغۇرلاشقا كىرىشكەن.مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا ،دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 3دىن 1قسىم مۇساپىرلارنىلا ئاشلىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.تىلىۋوزۇردا مۇشۇ سوزلەر چىقىش بىلەن بىرگە ،5ياشلىق ،7 ياشلىق، 11 ياشلىق   ئۈچ بالىنىڭ ئاپىسى بىلەن بىللە ،ئىتىزلىقتىن ئوت –چۆپ كولاپ يەۋاتقان كۆرنىشى ،ۋە بىر تۈركۈم مۇساپىرلارنىڭ ئەخلەت ساندۇقىدىن تالىشىپ ئەخلەت تىرىۋاتقىنى ،ۋە كۆكۈرۇپ كەتكەن بولكىلارنى ئاپتاپتا قاقلاپ دىزىنفىكسيە قىلىپ يەۋاتقان كۆرنىشى چىقىۋاتاتتى ،

ئاچلىقتىن كۆزلىرى مۆلدۇرلەپ تۇرغان سەبى بالىلارغا قاراپ ،كۆزلىرىمدىن تامچە ئاقتى.يۈرۈكۇم ئاچچىق ئىچىشتى .

2: رادىئودىن ئاڭلىغىنىم ماتىرياللاردىن كۆرگىنىم :دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ(World Food Programme) بۇ يىلقى دوكلاتىغا قارىغاندا ،ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 1مىليارد نوپۇس ،ئاچارچىلىق ۋە يىرىم ئاچارچىلىق ھالەتتە ياشاۋاتقان بولۇپ ،

بۇلارنىڭ 500مىليونى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئىكەن .ھەر كۈنى دۇنيادا 800مىليون بالا ئاچ قوساق ،كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلايدىكەن .ھەر يىلى 5 مىليون ئادەم ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن .بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار بولۇپ ھەر كۈنى 15000 بالا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن.يەنى 5سىكۇنىتتا بىر بالا ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن.

بۇ مەھكىمىنىڭ كۆرسىتىشىچە ،ئاچارچىلىق ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان بولۇپ ،ئىغىرراق دۆلەتلار ،ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتورا قىسمىدىكى دۆلەتلەر ۋەغەربى جەنۇبى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە ،ۋە ئۇرۇش بولۇۋاتقان بەزى دۆلەتلەردە ئىغىر ئىكەن .بۇ يىل ئومومى جەھەتتىن ئاچارچىلىق نىسپىتىدە ،ۋە نامرات نوپۇس سانىدا تۆۋەنلەش بولغان بولسىمۇ ،ئومۇمى دۇنيا تەۋەسىدىن  ئېيىتقاندا .ۋەزىيەت كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەن .

3:ئاتا-ئانامدىن ئاڭلىغانلىرىم :7پەرزەنىت ئىدۇق،ئائىلىمىزنى ئانچە باياشات دىگىلى بولمايتتى .يەنە كىلىپ رەھمەتلىك ئانام ئىسىمنى بىلسەملا ئاغرىقچان ئىكەندۇق .ھىلىمۇ ئىسىمدە ،كىچىك ۋاقلىرىمدا ،ئۆيىمىزدە پات-پات ئاشلىق تۈگەپ قالاتتى.ئانام دادامغا تاپا قىلاتتى ،دادام نەلەردىندۇر ئاشلىقنىڭ غىمىنى قىلاتتى .مەن بەزىدە زاغرا ناننى ياراتماي ،بۇغداي نان دەپ غەلۋە قىلاتتىم .شۇنداق چاغدا دادام بىزگە ئاچارچىلىق چاغلاردا ،كوممىنا دەۋرىدە بولغان ۋەقەلەرنى سوزلەپ بىرەتتى .

(مەمەتكامنىڭ بالىسى ئادىل ،ئاچارچىلىق يىللار يەيدىغان نەرسە يوق ،قوناقنىڭ مەدىكىنى ،سۈپۈرگۈنىڭ ئۇرۇقىنى ،ئۈرۈكنىڭ شاكىلىنى جىق يەپ ،قورسىقى ئاغرىپ تۈگەپ كەتكەن )دەيتتى دادام .

ئاناممۇ سۆز باشلايتتى ،(ئۆيدە ئاشلىق تۈگىگەن بىر كۈنى قورسۇقۇم ئاچتى دەپ يىغلاپ كىتىپتىمەن ،ئانام ئىتىزغا چىقىپ ،بۇغداي باشاقلىرى ۋە دانىلىرىنى تىرىپ ،ئىككى قاچا بۇلىماق ئىتىپ ،ھەر بىرىمىزگە بىر قوشۇقتىن يالىتىپ ئۇخلىتىپ قويۇپتىكەن،لىكىن مەن يەنىلا ئۇخلىماي يىغلاپتىكەنمەن) بۇنداق گەپلەر بىز تاماقىنى تاللىساق ،ئاشۇرۇپ قويساق ،تۆكسەك بىزگە تەربىيە يوسۇنىدا دىيىلەتتى .1994 يىل ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدىم ،يىشىم كىچىك ،ئۇ چاغلاردىكى شارائەت ياخشى بولمىغاچ ،ئۆيدىن ۋاقتىدا پۇل كەلمەي ،مەكتەپتىمۇ كۆپ قىتىم ئاچ قالغان ئىدىم .ھەتتا بىر ھورنان بىلەن بىرەر نانغىمۇ پۇلۇم قالمىغان چاغلار بار ئىدى .ھازىر بەزى تاماقلارنى كۆرسەم شۇ چاغلارنى ئويلاپ قالىمەن .بىزنىڭ مەھەللىدە 90 ياشقا كىرگەن بىر  

بوۋاي بار ئىدى .ھاسا تاياق تىيىنىپ مەسچىدكە نامازغا كىلەتتى ،داۋاملىق خىرە كۆزلىرى بىلەن يەرگە قاراپ ماڭاتتى .يەردىن كىچىك نان ئۇۋاقىلىرى ،جىگدە،گۈلە قاق ،ھەتتاكى كىچىك ئوتۇن پارچىللىرى بولسىمۇ تىرىپ ،يانچۇقىغا سالاتتى .ياكى يول چەتتىگە قويۇپ قوياتتى .بوۋىللىرىمىز نىمە دىگەن ئۇلۇغ ھە ؟

4: ھازىر دىيارىمدا كۆرۈۋاتىقىنىم :مەن سۈت ساتىدىغان يەردىن 50مىتىر ۋە 100 مىتىر كىلىدىغان 2 جايدا 2 ئەخلەت ساندۇقى بار .2 ساندۇق ئىككى قورۇغا تەۋە ،مەن ھەر ۋاقىت بۇ ساندۇقلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ تۇرۇمەن.ئەخلەت ساندۇقىنىڭ بىر بۇرجىكە مەخسۇس ئىشىپ قالغان يىمەكلىك ۋە ئاش نانلار تۆكىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ،سەل ۋاقتى ئۆتكەن ئۇن گۈرۈچ،نان ،لەغمەن ،پولۇ ،ھەرخىل قورۇمىلار،كۆكتاتلار،ھەتتا گۆش ياغلارنىمۇ ،ئاشخانىلاردىن چىققان تەييار تاماقلارنىمۇ ئۇچراتىقىلى بولىدۇ.تۆكۈلگەن تاماقلارغا قاراپ ئىچىڭىز ئاچچىق بولىدۇ .مەن ھەر كۈنى ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قىتىم بۇ ئەخلەت ساندۇقى يىنىدا توختاپ ،تاشلىۋىتىلگەن بەزى ئاشلىقلارنى تىرىۋالىمەن.مەن ئاشلىق تىرىۋاتقان دەل شۇ پەيىتتە ،مىنىڭ يىنىمدىن نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتۈپ تۇرىدۇ.چىرايىلىق قىزلار ئەخلەت ساندۇقىغا قارىسا ،سەتلىشىپ كىتىدىغاندەك ،لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تەتۈر قاراپ ماڭىدۇ.سۆلەتلىك ئەپەندىملەر ئىچ ئاغرىتىپ ،ھىسداشىلىق قىلغاندەك قاراپ قويۇشۇپ كىتىشىدۇ.لىكىن مەن ھىچقانداق بولمايمەن.ئاشۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىغىنىمدىن خوشال بولىمەن.ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇ تاماقلارنى ئىستىمال قىلمايمەن.تۆكۈلگەن ئەخلەتلەرنى تىرىۋىلىپ ،قوي كالسى ،توخۇسى بار كىشىلەرگە يەتكۈزۇپ بىرىمەن. بۇ مىنىڭ كۆز ئالدىمدىكى 2 ئەخلەت ساندۇقىدا كۆرۈۋاتىقىنىم .بىزدە مۇنداق ئەخلەت ساندۇقىدىن قانچىسى باردۇ ھە؟ تۆكۈلۈۋاتقان ،ئىسراپ بولۇۋاتقان ئاشلىقتىن قانچىلىك باردۇ ھە ؟ ئسىت ئىسىت .....؟؟؟؟

:5مىنىڭ تەۋسىيەرىم :ئاشىلىق ھاياتلىقىمىزنىڭ –كاپالىتى ،راسىت ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى ،پۇلىمىز بار بولدى ،ماشىنىمىز بار بولدى ،شەھەردە يىزىدا ئۆيىمىز بار بولدى .يەيدىغانلار مول بولدى .ئەمما ماددى جەھەتتىن باي بولغان بىلەن روھىمىز ئىنتايىن گاداى،ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتا قورسۇقىمىز تويغان بىلەن يۈرۈكىمىز شۇنداق ئىچىرقاپ كەتكەن .شۇڭا ئۆزىمىزنى بىلمەي ،ئەتراپقا قارىماي ،ياخشى ياماننى ئۇنتۇپ ،ئاشلىقنى تۆكۈۋاتىمىز ،تاشلاۋاتىمىز .بۇ بىزنىڭ دىنىمىزغىمۇ .ئەخلاقىمىزغىمۇ ،مەدىنىيىتىمىزگىمۇ ،ئۆرۈپ –ئادىتىمىزگىمۇ توغرا ئەمەس .

يەر شارى كىلىماتى ئۆرگىرەۋاتىدۇ ،تەبىئى ئاپەتلەر كۆپۈيىۋاتىدۇ ،يەر تەۋرەش ،كەلكۈن،ئوت ئاپىتى ھەر ۋاقىت يۈز بىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ ،تۇپراق بۇلغىنىۋاتىدۇ ،قۇملىشىۋاتىدۇ ،ئىقىپ كىتىپ بارىدۇ ،ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش خىرسىقا دۇچ كىلىۋاتىدۇ .لىكىن ئاش يەيدىغان نوپۇس ئىىشىپ بىرىۋاتىدۇ .دىمەك ،كەلگۇسىمىز ئەندىشىلىك ۋە خەتەرلىك .شۇڭا ئەزىز قىرىندىشىم ،كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ ،ئۇبدان ئويلىنىپ ،ئاشلىقىنى قەدىرلەيلى .ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرەيلى ،ئۆزىمىزگە لايىق ئىستىمال قىلايلى ،توي - تۆكۈنلەردە ھەشەمەتچىلىك قىلمايلى . ئاددى ساددى ياشايلى مۇبادا ئىشىپ قالغان ئاشلىق بولسا ،مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلايلى .

6: يىڭى يىللىق سوۋغام : ھەممەيلەننىڭ 2015 يىلى خەيىرلىك بولسۇن ،تىنىڭلار سالامەت بولسۇن ،ياخشى نەتىجىلەر يار بولسۇن . ئاشلىقنى خار قىلمايلى .بىز خار قىلغان نەرسىلەر بىزنى خار قىلىپ قويمىسۇن .ئاشلىقنى تۆكمەڭ (يامان )بولىدۇ .يەڭلار ئىچىڭلار ئسراپ قىلماڭلار!

                                        ئاتاۋۇللا ئەداخون (سۈتچى )                                                           2014يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى     ئۈستۇنئاتۇش


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
قورغان + 108 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

جاندىن كەچمىگۈچ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 2108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7883
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 10:34:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ھازىر بىزدە موشۇنداق يىمەكلىككە بولغان ئىسراپچىلىق بەك ئېغىر .
ئاللاھ قۇرئاندا  ، يەڭلار ئېچىڭلار ئىسراپ قىلماڭلار . ھەقىقەتەن ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ،  ئۆزىمىز يەپ بولىشىغا ئېلىپ ئىستىمال قىلساق ، ئىسراپ قىلمىساق ! تېمىڭىزغا رەھمەت
تېمىڭىزنىڭ ماۋزۇسىنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ قويغان بولسىڭىزمۇ بوپتىكەن ، ئەسسىلامىلەيكوم  غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109415
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 10:56:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمىيتىمىزدە ئۆزى تويىدۇ،  كۆزى تويمايدۇ ..   بەزىلارگە ھەەران بوپ قالىمەن ،،  توي - تۇركۈن ،،  ئولتۇرۇشلاردا شۇنداق ئولتۇرىدىكىن قورسىقى كوركىرغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ ، ناز بىلەن قاراپ ئولتۇرىدۇ ،،  ياكى بىر ئىككى چولىكا يەپ  قويۇپ  بولدۇ قىلىدۇ ..  مۇشۇمۇ  ئابىرويم ؟؟  توۋا دەيمەن   زادن

ھەقىقەت ئېگىلەر سۇنماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1598
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 11:22:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئاشلىقنى ئىسراپ قىلساق يامان بولىدۇ، مەنمۇ ئىسراپ قىلغانلارنى ئۇچراتسام دەپ قويىمەن بۇنداق قىلماڭلا يامان بولىدۇ دەپ، بۇنداق دىسەم سول كۆزىدە قارايدىغانلار بولۇپ قالسا ئۇلارغىمۇ دەپ قويىمەن ، مانداق قىلساڭلا شى رەئىس خاپا بولايدۇ جۇما،

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 11:40:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 603 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 11:46:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ياخشى تىمىنى يوللىغان ئەسەر ئىگىسىگە رەھمەت.مەنمۇ قايسى كۈنى توردا سۈرىيەدە سوغوقتا ساپما كەش بىلەن قاردا تۇرغان بالىلار كىشىلەرنىكۈرۈپ ئىچىم سىرىلدى،ئۇ كىشىلەرنىڭ پتى قىزىرىپ بىرقىسما....؟نۇرغۇن كىشىلەر سوغوقتا توڭلاپ ئۈلۈپ كەتكەن ئۇچۇرمۇ بار   يەنە تويغۇدەك تاماقمۇ يىيەلمەيۋاتقان كىشىلەر بەزىللىرى قۇرۇق گۈرۈچنى پۇشۇرۇپ سەيمۇ سالماي يېۋاتقان كۈرۈنۈشلەر.شۇلارنى ئاڭلاپ كۈرۈپ بۇ كۈنلەرگە مىڭ- مىڭ شۈكۈرلەر ئېيىتتىم....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 12:21:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ئاش نانىنى خالىساق زادى يامان بولىدۇ، كۈپۈنچە تاماقخانلاردا ئاش ھاياتنىڭ يىلتىزى دىگەن شىئېرنى  تامغا چاپلاپ قويۇپتۇ،كىرگەنلەر ئۇقۇپمۇ قويىدىكەن بىراق ئەھۋال يەنىلا ئېغىر،ئاش تاماقنىڭ ئىسراپى بىزنى ھامان بىر كۈنى تۇتۇدىغۇ دەپ ئويلاپ كىتىمەن ،ئائىلەمدە باللىرىمغا تەلىپىم قاتتىق بولسىمۇ لېكىن مەكتەپلەردىكى تاماق ئىسراپچىلىقى ئېغىر،ھازىرلاردا بىزنىڭ يۇرتتا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تاماق بىرىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن ياخشى بولغان شارائىتلار يارتىلدى،شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق خىللاپ ياكى ياراتماي دىگەندەك ئاشنى ئىسراپ قىلىشى،يۇق ئەمەس كەڭ جپقكەش ئۇستازلار ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىشىغىمۇ دىققەت قىلىپ باللىرىمىزنى ئاشلىقنى قەدىرلەش جەھەتتىنمۇ تەربىيلىسە دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90482
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 12:52:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mamatkurban يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 12:21 AM
بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ئاش نانىنى خالىساق زادى يامان بول ...

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش ، تىما ۋە ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلسىڭىز بوپتىكەن مەسىلەن ( بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ئاش نانىنى خالىساق زادى يامان بولىدۇ) دىگەن جۈملىدە ئىككى يەردە ئىملا خاتالىغى كۆرۆلگەن، بۇنىغۇ تۈزىتىپ ئوقوغىلى بولدى ، بىراق ئاخېردىكى ( كەڭ جپقكەش ئۇستازلار) دىگەن سۆزنى قانداق ئوقوشنىمۇ بىلمىدىم . (  شەخسى تەكلېۋىم ) .

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90482
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 12:56:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەقىقەتەن تاماقنى ئىسراپ قىلغانلىق تۇزكورلوق ۋە گەدەنكەشلىكتۇر ، ( ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپخورلارنى دوسىت تۇتمايدۇ ) .

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 616 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 01:51:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار ياخشىمۇسملەر، ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن . تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۆزلەپ قويدۇم، كەچۈرگەيسىلەر. رادىئو ئاڭلاپ تۇرىدىغان، بولۇپمۇ مەركىز خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان تورداشلار بىلىشى مۇمكىن. رادىئو ژۇرنىلى پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى سۆزلىگەن ۋاقىتتا كىرىشتۈرگەن تەگ مۇزىكىسىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم، بۇ مۇزىكىنى تورلاردىن ئىزدەپمۇ پەقەتلا تاپالماي قالدىم، ئەگەر تورداشلاردا مۇشۇ مۇزىكا بولسا ياكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى بىلىدىغانلار بولسا تەمىنلەپ بەرسەڭلار، ئىلتىماس. ھەممىڭلارنى ئاۋارە قىلىۋەتتىم، كەچۈرگەيسىلەر، رەھمەت

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش