فىلىم نامى:
ئۇيغۇرچە: يوشۇرۇن پادىشاھلىق
ئىنگىلىزچە: The Hidden Kingdoms
ۋاقتى: 2014- يىلى
دۆلىتى: ئەنگىلىيە
تىلى: ئىنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
قىسىم سانى: ئۈچ قىسىم
IMDB دا ئېرىشكەن نومۇرى: 8.6\10
IMDBئۇلىنىشى:
http://www.imdb.com/title/tt3737220/
ئورگان تورى:
http://www.bbc.co.uk/programmes/p01nppg8
ژانىرى: ھۆججەتلىك فىلىم
ئۇزۇنلۇقى: 177 مىنۇت (ئۈچ قىسىم)
رېژىسسور: Simon Bell / Gavin Maxwell
بايان قىلغۇچى: Stephen Fry
رازمېرى: p1080
قۇشۇمچە: بۇ فىلىم جەمئىي ئۈچ قىىسىم، ھەپتىدە بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ.
كەسمىسى:
قىسقىچە مەزمۇنى:
بىزنىڭ پېلانېتىمىز سان-ساناقسىز ھايۋاناتلارنىڭمۇ ماكانى، چوڭ، كۈچلۈك ھايۋانلار ئاسانلا دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. لېكىن بۇ يەردە سۆزلەيدىغان باشقا بىر ھېكايە بار. پۇتىمىزنىڭ ئاستىدا ئاجايىپ، سىرلىق دۇنيا يۇشۇرۇنغان. بۇ يەردە ھەر خىل-ھەر ياڭزا كىچىك ھايۋاناتلار ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ دۇنيا باشقىچىلا تۈسكە ئىگە: چۈشۈپ كەتكەن دۇب ياڭىقى خۇددى چۈشۈپ كەتكەن مېتېئورىت تېشىدەك؛ تۇيۇقسىز كەلگەن كىچىك ئېقىن خۇددى دېڭىز شاۋقۇنىدەك؛ ھەممە رەقىب خۇددى گىگانىت مەخلۇقنىڭ ئۆزى.
1-قىسىم
چۈشۈرۈش
1- قىسىم: ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى ۋە شىمال ئورمانلىقىدىكى ھاياتلىق ھېكايىسى
2- قىسىم: ۋاراڭ-چۇرۇڭ قاينىمى ئىچىدىكى رىئو ۋە كەلگۈسى پۇراققا تويۇنغان توكيودىكى ھاياتلىق ھېكايىسى
3- قىسىم: ئافرىقا تۈزلەڭلىكى ۋە ئامېرىكا قىتئەسى سونورون قۇملۇقىدىكى ھاياتلىق ھېكايىسى
بۇ فىلىم ئەسلى قۇتيار تور بېكىتىدە ھەقلىق يوللانغان. بالىلارنى تەتىلگە قۇيۇپ بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyhur007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-16 12:59 PM