ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 14-يانۋار خەۋىرى؛ 14-يانۋار، جۇڭگۇ ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى 2015-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر ۋە سەپلىمە تەنھەركەتچىلەر تىزىملىگىنى رەسمىي ئىلان قىلدى.
2015-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-18-كۈنى بىيجىڭ دۆلەتلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايونى چولپانلار كوماندىسىغا تاللانغان سەپ شەكلى؛
شىمال رايۇن؛
ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر؛ خەن دىجى، خېتىيەن جۇ، گوئەيلۇن ( لىياۋنىڭ ) ، ماربول ( بىيجىڭ )، ئاندىرى بىراچ (شىنجاڭ ) .
سەپلىمە تەنھەركەتچىلەر ؛ خادىرسىن ( لىياۋنىڭ )، قىرانبېك ماقان ( شىنجاڭ )، لى شىياۋشۇ ( لىياۋنىڭ ) ، لىيۇۋىي ( شىنجاڭ )، سۈن يۇ، لى گېن ( بىيجىڭ )، دۇۋەن جاڭ پىڭ ( شەنشى ).
جەنۇپ رايۇن؛
ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر؛ يىجىيەنلەن، جۇفاڭيۈ ( گۇاڭدۇڭ )، گوچۇەن ( دۇڭگۇەن )، زىڭ لىڭجۇ ( فوشەن )، جاۋ تەيلۇڭ ( فۇجىيەن ).
سەپلىمە تەنھەركەتچىلەر ؛ لىن جېجى ( گۇاڭشىيا )، بى سېلى ( شاڭخەي )، بەينام ( گۇاڭدۇڭ )، جاڭ بو ( ئازاتلىق ئارمىيە )، لى يى ( جىياڭسۇ )، مەيك لوم ( جېجىياڭ )، ۋاڭ جىلىن ( فۇجىيەن ).
ياش يۇلتۇزلار مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىن جۇچى، 1 -ئاۋغۇسىت كوماندىسىدىن پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئارسلان ئادىلجانمۇ قاتنىشىدۇ.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئەزالىرىدىن ئاندىرى بىراچ ، قىرانبېك ماقان، لىيۇۋىي قاتارلىق ئۈچ نەپەر تەنھەركەتچى 2015-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى قاتنىشىدۇ. ئەسلىدە جۇچى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر تىزىملىگىدە ئىلان قىلنغان بۇلۇپ يارىسى سەۋەبىدىن لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن لى شىياۋشۇ جۇچىنىڭ ئورنىغا سەپلەنگەن.
بىز ۋاسكىتبول مەستانىلىرى تەڭرىتاغ ئەزمەتلىرىمىزنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىىگە تىلەكداشمىز.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛
http://waskitbol.com/forum.php
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waskitbol0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-15 12:57 AM