مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 9

دادا، مېنى دېھقان بولغىلى قوي!(6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112006
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 11:38:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇنداق قىلىپ كەسىپكىمۇ قەدەم قويدۇق ،ماتىماتىكا كەسپىنى دېمىسەممۇ بىلسلەر ، شۇ كۈندە سان – سېپىر ، ھېساب، شەكىل بىلەن ھەپلىشىپلا يۈرىيدىغان گەپ. تاپشۇرۇقلارنىڭ جىقلىقى تېخى، ھەي نېمىسىنى دەي ، كەسىپكە چىقىپ شۇ كۆرگەن مەنزىرە شۇ بولدى . ھەپتىدە 22سائەت دەرس بار بولۇپ، بەزى كۈنلىرى چۈشتىن كىيىن، بەزى كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن تولۇق دەرس يوق ئىدى . كەسپىكە چىققاندىن كىيىن بىردىنبىر خۇش بولغۇنۇم شۇ ۋاقىتنىڭ يېتەرلىك بولۇشى بولدى .بىكار بولساملا ھەيۋەتلىك بەش قەۋەت سېلىنغان كۈتۈپخانىغا يۈگرەيتىم . نۇرغۇن تارىخى رومانلارنى، پىسىخىكا بىلىملىرى ، ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرىنى، تىخىنكا خارەكىتدىكى كومپىيۇتېر كىتابلىرى ، تىببىي كىتابلار ، مەسئەل – چۆچەك ، ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى ...ئىشقىلىپ قايسى كىتاپ ئالدىمغا كەلسە ئوقۇۋېرەتتىم . داڭلىق كىشلەرنىڭ تۇرمۇشى يېزىلغان كىتابلارنى سۆيۈپ ئوقۇيتۇم . سەل چارچاپ قالغۇدەك بولسام، مەكتەپنىڭ ئىلكتىرونلىق كۈتۈپخانىسغا كىرۋېلىپ ، باللار بىلەن ئويۇن ئوينايتۇق . ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ئاندىن كىيۇ – كىيۇ قاتارلىق ئالاقە دېتاللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم ، باللارمۇ مىنى مازاق قىلغاندەك قىلىپ، ماڭا بۇ ئادەتتىكى نەرسىلەرنى ئۈگىتىپ چىقتى .

يەنە شۇ كونا كېسىلىم قوزغىلىپ ، سىرتتا بىر ئىش قىلىش ئويى بىلەن كوچىلارنى كېزىپ ماڭدىم . بەزى دۇكان- سارايلارنىڭ ئىشىكلىرىگە<< ئادەم ئالىمىز ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز>> دىگەندەك ئېلانلارنى كۆرۈپ ، ئاستا كىرىپ خوجايىن بىلەن سۆزلىشىپ چىقتىم . نۇرغۇن ئورۇنلار ئادەمگە ئېھتىياجىلىق بولغان بىلەن ، ئەمما مەندەك قىسقا مۇدەتللىك، يەنە كىلىپ شەنبە-يەكشەنبە ئىشلەيدىغان ئادەمنى ئالمىقى بەكلا تەسكەن . شۇڭلاشقا نۇرغۇن جايلاردىن ئۈمىدسىز قايتىشقا مەجبۇر بۇلدۇم . نېمىسنى دەي ، پۇل تاپماق ئاسان ئەمەس ئىدى .

مۇشۇ چاغلاردا مەن كومپىيۇتېر جەھەتتە ئازراق ئاساسقا ئىگە بولدۇم ، مۇشۇ خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى توردىن تاپقىلى بولارمۇ دىگەن ئۈمىدتتە ، تور بەتلەرنى ئىزدەپ باقتىم . 2010-يىللاردا ئۇچۇر تورى يېڭى ئېچىلغان ۋاقىتكەنتۇق . قارسام نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار ، ماڭا ماس كەلگۈدەك ئۇچۇرلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك . بۇ تور بەتنىڭ يەنە بىر ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى بارلىقىنى مەن كىيىن بايقاپ ، مەنمۇ ئالاقلىشىش نۇمۇرۇمنى قالدۇرۇپ ، بىر ئۇچۇر يوللىۋەتتىم .ئاردىن بىر ھەپتىلەر ئۆتكەندىن كىيىن بىرەيلەن ماڭا ئۇچۇر قىپتۇ . ماڭا مۇۋاپىق كەلگۈدەك بىر خىزمەت باركەن . مەن شۇنداق خۇش بولدۇم ۋە ئادېرسىنى سورۋېلىپ ، تاكسىغا چىقىپلا باردىم .

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېنى كىلىڭ

تەخمىنەن 20 نەچچە ياشلاردىكى چرايلىق بىر قىز مىنى كۈتۋالدى.

مەن تورغا خىزمەت ئىشى توغۇرلۇق ئۇچۇر يازغاتىم، سىز ماڭا ئۇچۇر قىپتىكەنسىز، شۇڭا مەن كەلگەنتىم.

ھە ، ياخشى كەپسىز ، قېنى ئولتۇرۇڭ .

كونكىرىت ئىشلارنى بىر سۆزلەشكەن بولساق.

بولىدۇ ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىگەن باشقىچىدە . مۇنداق ئىش. بۇ بىر كىچىك تىپتىكى شېركەت ، يەنى بىز باشقىلارغا خىزمەت تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىمىز . ھازىرچە مەن يالغۇز ئىشلەيتىم ، سىز كەلدىڭىز ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى بولدۇق ، ئىشخاندا سىز ئولتۇرسىڭىز مەن سىرىتقا چىقىپ ئۇچۇر ئىگەلەپ، ئىسىم كارتسى ، تەشۋىقات ئېلانلىرىنى چاپلاپ كىرىمەن . سىرىتقا چىققاندا ئاساسەن ، ھەر قايسى سودا ساراي، مېھمانخانا، ئاشخانا ، تورخانا ، زاۋۇت ، تاللا بازىرى ، مال يەتكۈزۈش ..،....دىگەندەك ئورۇنلار بىلەن ئالاقلىىشىپ ، كۆرىشىپ ئۇچۇر ئىگەلەيمىز، ئۇلاربىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ، ئۇلار خىزمەتچى لازىم دىگەن ۋاقىتتا ، بىزگە خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلەرنى ئۇلارغا تونۇشتۇرىمىز . مۇشۇنداق ئىش .

ئۇنداقتا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ، خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلەر بىلەن ، خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟

ماۋۇسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ھەر قايسى ئورۇنلارغا تەمىنلەنگەن ئادەم كۈچى، شۇنداقلا مۇلازىمەت ھەققىنىڭ تالونلىرى .

قارسام يۈز يۈئەنلىك تالوندىن 20نەچىسى كېسلىگەن ئىدى . دېمەك ھەپتە ئىچىدە 2000يۈئەن كىرىم قىلدى دىگەن گەپ .

ئۇنداقتا مۇئاش تەمىنات جەھەتتە سۆزلىشىپ باقساق.

مۇئاشنى قېنى ئۆزىڭىز بىر نىمە دەڭ.

مەن بىلمىدىم، سىز قانچىلىك بېرەلەيسىز؟

مەن بۇ ۋاقىتقىچە مۇنداق ئىشلاردا سۆزلىشىپ باقمىغان بولغاچقا ، نىمى دىيىشمنى ، قانچىلىك ئىش ھەققى ئالىدىغىنمنى ھېسابلىلىيالمىدىم. ئەمما ھازىر ئويلاپ باقسام شۇ ۋاقىتتا خېلى جايدا گەپ قىپتىكەنمەن .

سىز شەنبە يەكشەنبە پۈتۈن كۈن چىقىسىز، ھەپتە ئارلىقىدا ئۈچ يېرىم كۈندىن بىر يېرىم كۈن ، ئايدا جەمئئىي 15كۈن ئىشلىيەلەيدىكەنسىز. مۇنداق بولسۇن . مۇقىم ئىشلەيدىغانلارنىڭ مۇقىم مۇئاش ۋە ئۈنۈم مۇئاش بېرىلەتتى . سىزگە مۇقىم مۇئاش 600 يۈئەن بولسۇن ، قالغىنى ئۈنۈمگە قاراپ يەنە مۇكاپات بېرىمەن .

600يۈئەن؟

مەن سەل ئىككلەندىم، ئۆيدىكلەر ماڭا ئىككى ئۈچ ئايدا بېرىدىغان تۇرمۇش راسخۇتىنى بۇ يەردە بىر ئايدا تاپاتتىم.ئىچىمدە راست خۇش بولدۇم، يەنە تېخى ئۈنۈم مۇئاش باركەن، قېنى سىناپ باقمايمەنمۇ.

ھەئە ، يەنە تېخى ئۈنۈم مۇئاش بار. بەلەن ئىشلىسىڭىز جىق پۇل تاپالايسىز .

ئەمسە شۇنداق بولسۇن . توختام ياكى يازمىچە بىر نەرسە يېزىشامدۇق؟

ئۇنى يېزىشىنىڭ ئورنى يوق . ماڭا كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىدىن بىرنى بېرىڭ . ماۋۇ ئىشىخاننىڭ ئاچقۇچى . يېنىڭىزدا تۇرسۇن .

نېمانچە ئاددىي ، مەن ھەيران قالدىم ، ئەمما توختام يازمىسام قانداق بولار دىگەننى ئويلىدىم ، ئەمما يازمايلى دىيىشىپ ئشلەشنى باشلىۋەتتىم .

بۈگۈن نەق شەنبە ، تۇنجى تولۇق ئىشلەيدىغان كۈنۈم . ئەتىگەندە ئىشخانىغا باردىم ، ئىشخاننىڭ تېمىدا شېركەتنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەت – كىنىشكىلىرى ئېسىقلىق ئىدى . قىسقىغىنە تازلىق قىلۋەتكەندىن كىيىن ، كومپىيۇتېر ئۈستلىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ، ئورۇندۇقتا ئاستا ئولتۇرۇپ، كىيىم – كىچەكلىرىمنى تۈزۈشتۈرۋەتكەندىن كىيىن ، تور ئارلاشقا باشلىدىم . توردىن بىزگە ئەسقاتقۇدەك ئۇچۇرلار بولسا ئالاقە دەپتىگە خاتىرلەپ قويدۇم .

بۇ قىزنىڭ ئىسمى جەمىلە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھيسىدىن بولۇپ ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۈرسىتى بولمىغىنىغا قارىماي ، بۇ شەھەردە مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ بىر شېركەتنى قۇرۇپ تېرىشچانلىقنى نامايان قىلۋاتقان ئىدى ، تەق تۇرقى ناھايتى رەتلىك ، ئۆزى بىرخىل ئۇماق بولۇپ ، ئاۋازى يېقىملىق خۇشخۇي بىر قىز ئىدى . توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاجىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرچە مۇشۇ شەھەردە تۇرۋاتقانلىقىنى قىسقىغىنە سۆھبەتتىن بىلدىم .

ماۋۇ كىچىك زېرەكنى سىز ئىشىلتىڭ ، ۋىلايەت ئىچىگە چەكسىز تېلفۇن قىلغىلى بولىدۇ.

جەمىلە شۇنداق دەپ ماڭا ئۇ يانفۇننى ئۇزاتتى.

قىسىقلا يىغىن ئېچۋالغاندىن كىيىن ئىكىلىمىز خىزمەتكە كىرىشپ كەتتۇق ، مەن قايناق شەھەر مەركىرى ، بازار دىگەندەك جايلاردا ئىسىم كارتىسى تارقاتتىم . ئاممىۋىي قاتناش، بىكەت ، بازار دوقمۇشى دىگەندەك جايلارنىڭ ھەمىسىگە ئېلانلارنى چاپلاپ چىقتىم . جەمىلە بولسا بىر قانچە زاۋۇت ، كارخانا ، ئاشخانا دىگەندەك يەرلەرگە بېرىپ ئۇچۇر ئىگەلەپ كەلگەن ئىدى . چۈشىتىن كىيىن بىز ئىشخاندا چاي ئىچىپ ئولتۇرشىمىزغا تېلفۇنلار ئۈزۈلمەي كىلىۋەردى. ئارقا –ئارقىدىن ئىشخانغا ئادەملەر يېغىپ كەتتى .

خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلەرگە بىر ئادەمگە يۈز يۈئەندىن مۇلازىمەت ھەققى ئىلىپ ، ئۇلارنى تاكسى بىلەن ئىشلەيدىغان ئۇرۇنغا ئاپىرىپ قوياتتۇق . نۇرغۇن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلەر بىزگە رەھمەت ئېيتىشىپ، خىزمەت ئورۇنلىردا قېپ قېلىشاتتى . بەزى ئاز ساندىكى ئادەملەر خىزمەت ئورنىدىن قايتىپ كىلىپ خىزمەتنى قايتىىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشنى ھاۋالە قىلاتتى . ئادەتتە ئېلىنغان يۈز يۈئەن مۇلازىمەت ھەققى قايتۇرۇلمايتى ، ھەمدە پۇل تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئايغىچە خىزمەت تۇنۇشتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولاتتى .

شۇنداق قىلىپ تۇنجى ئايمۇ توشاي دەپ قالدى ، دەرسلىرىمۇ جايدا، تاپشۇرۇقلار يىغىلىپ قالماي ۋاقتىدا ئىشلىنىپ ماڭدى . ئوقۇۋاتقىنىمغا خۇش بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئاز بولسىمۇ ئىقتىسات يارتىپ كىلۋاتقىنىمغا ئىچ- ئىچىمدىن خۇشلۇقۇم بار ئىدى . بۇ ئاي تۇشۇپ ، قولۇمغا نەق 1100يۈئەن پۇل تەگدى ! بەك خۇش بولدۇم، ھاردۇقۇممۇ چىققاندەك قىلاتتى .

(ئەزىز قېرىنداشلىرىم، خىزمەت مۇناسۋىتى بىلەن بۇ يازمامنى ۋاقتىدا يوللاپ تۇرالمىدىم ، ئەپۇ قىلغايسىلەر ، مىنىڭمۇ تېز يېزىپ ، تورداشلاغا سۇنغۇم بار ، ئەمما خىزمەت سەل ئالدىراش بولۇپ قالدى ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 11:22 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: A# L6 U5 x; k( Q, {

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( K. a7 A/ W% }1 G: X" b

ئابدۇبەگ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109286
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 980
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 01:24:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىسام مەكتەپداش ئىكەنمىز . باشتىن ئاخىر يازمىڭىزنى ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن . ياخشى يىزىۋاتىسىز . . . ھارماڭ !

دۇنيالىقىمدا تۇنجى ۋە بىردىنبىر سۆيگەن ئادىمىم ___  ئاپام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 01:28:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ  ئۇزۇندىبى يازدىڭھاۋا ، ئالدىراش بوپ كىتپارامسىيا،

بۇ دۇنيادا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار دىيىلسە، ئۇ مۇھەببەت، دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 01:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى يىنىك ئاممىباپ ياخشى چىقىۋاتىدۇ بۇ تىما ھارناڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 02:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3998
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 03:04:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىنكاسلارنىڭ قىززىقلىقىنى

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3998
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 03:04:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىنكاسلارنىڭ قىززىقلىقىنى

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6052
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 11:36:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھمانلارنى ئۇزىتىپ بولالماپسىز ھە ؟ ياخشى يېزىۋاتقانتىڭىز ، بەك ساقلاپ كەتتۇق …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113564
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 11:50:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنىدىشم ئاخىرنى تىزراق يوللاڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108506
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 203
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يازسىڭىز بولاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش