ئۇلۇغ دادام
ئېھ،دادا،سەندۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان .سەن قەلىب تۆرۈمدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە
سازاۋەرئىنسان.
سەن ماڭا مېھىر-مۇھەببىتىڭنى بەردىڭ،ھەممىنى بارلىغىڭنى بەردىڭ.ھەممىنى بىلدۈردۈڭ
ئۇقتۇردۇڭ.سەن ئارقىلىق ئادىمىيلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم،سەن ئارقىلىق
ئىگىلمەس روھنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقتۇم.شۇنداق،ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئەدەپ-ئەخلاق
قائىدىلىرىنى سەن ئارقىلىق،پەقەت سەن ئارقىلىقلا ئۇققان،بىلگەنمەن.
مەن،سەن بولغاچقىلا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن.ھەر قېتىم «قىزىم،بالام»دەپ
چاقىرىشلىرىڭنى ئاڭلىغىنىمدا ھۇجۇدۇم پۈتمەس،تۈگىمەس شادلىققا تولىدۇ.
دادا،سېنىڭ ھەربىر نەپسىڭدە ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭ بار،سېنىڭ ھەربىر تامچە تەرىڭدە
ئائىلىگەبولغان ئىللىق مېھرىڭ بار،سېنىڭ ھەربىر باسقان قەدىمىڭدە پەرزەنتلىرىڭگە بولغان
مۇھەببىتىڭ بار.
دۇنيا ھەركىمنىڭ،ھەرخىل مۇھەببەت بېرىشى بىلەن گۈزەلدۇر.ئاشۇ مۇھەببەتلەر ئىچىدە
سېنىڭمۇئىللىق مېھرىڭ بار دادا.
بىر ئائىلە،بىر ئۆي.سەن شۇ ئۆينى كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر تۆۋرۈكسەن.«دادا»سېنى ھەربىر دادا
دېگەندە ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىنساندەك ھېس قىلىمەن.
دادا،مەن سېنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن.سېنىلا ئەمەس ھەممە ئىنساننىڭ ئاتىلىرىنى قەدىرلەيمەن.
سىلەرنى قەدىرلىگىنىم ھەممە جاپاكەشلەرنى قەدىرلىگىنىم،ھەممە ئۇلۇغلارنى قەدىرلىگىنىم.
ئەزىز تىنىڭلار ئامان بولسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmuxuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 11:44 PM