قىشلىق تەتىل يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ ھاياتىدىن ئىلھام ئېلىپ، ياشاشقا بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۈتۈرۈشنى ئويلىسىڭىز تۈۋەندىكى كىتاپلارنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1 .يىقىلماس توغراق (بۇ كىتاپنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز قولىڭىزغا لۈڭگە ياكى ياغلىق ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ)
2. ئاق سارايدىكى قارا ئەتتىرگۈل
3. ئىزدىنىش
4. ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر
5. ئۇنتۇلغان كىشىلەر
6. تەڭرىتاغ بۈركۈتى
7. ئۆمۈر داستانلىرى
8. پولات قانداق تاۋلاندى
ئەگەر تەسسەۋۋۇر ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇراي، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ھەق بىلەن ناھەق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك ھەققىدكى كۈچلىك سېلىشتۇرمىلاردىن ھوزۇرلىناي دىسىڭىز تۈۋەندىكىدەك كىتاپلارنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.
1.ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
2. مىڭ بىر كىچە
....... دىگەندەك چۆچەك كىتاپلارنى
ئۆزلىك ۋە كىملىك ھەققىدكى تەپەككۇرىڭىزنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىستىسىڭىز:
ئابدىقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، زۇلپىقار بارات، ئەسەت سۇلايمان قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كىتاپلىرى ۋە ماقالىلەر توپلاملىرىنى ئوقۇڭ .
ئەگەر بۇرۇندىن كىتاپ ئوقۇشقا ئادەتلەنمىگەن، ئەمما ھازىر كىتاپ ئوقۇي دىسىڭىزمۇ كىرىشىپ بولالمايۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىراقلا توم-توم كىتاپلارغا ئېسىلۋالماي ئالدى بىلەن ژورناللارنى كۈرۈڭ، گېزىت كۈرۈڭ . كۆرگەنلىرىڭىز ئىچىدە سىزگە تەسىر قىلغانلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بىرىڭ. بۇنداق قىلىشنى بىر مەزگىل قەتئى داۋاملاشتۇرسىڭىز بارا-بارا كىتاپ ئوقۇشقا نىسبەتەن سىزدە بىر خىل ئىشتىياق تۇغۇلىدۇ...
يەنە بىرسى سىزدە ئۆزىڭىز ئوقۇغان كىتاپتىكى مۇھىم سۆز-جۈملىلەرنى، ئىبرەتلىك ھىكايەتلەرنى، ماقال-تەمسىللەرنى ئىشقىلىپ سىز ياقتۇرغانلىرىڭىزنى خاتىرلىۋالدىغان كىچىك بىر خاتىرىڭىز بولىشى كېرەك. بۇنداق قىلالىسىڭىز كىتاپ ئوقۇشىڭىزنىڭ قىممىتى يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەن بولىدۇ. نىمىشقا دەمسىز؟ مانا مۇشۇنداق خاتىرە يېزىش دەل سىزنىڭ كىيىنكى كۈنلەردىكى تەتقىقاتىڭىزنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بوپ قالىدۇ ھەم بۇ خاتىرىڭىز ھاياتلىقىڭىزدىكى مۇھىم ئەستىلىككە ئايلىنىدۇ.
مەن قىزىمغا ھەر بىر ئوقۇغان كىتاۋىنىڭ مۇۋاپىق بىر يىرىگە ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى خاتىرلەپ قۇيسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دىگەن مەسلىھەتنى بەرگەن ئىدىم. قىزىم بىر ئىككى كىتاپقا خاتىرلەپ بېقىپ، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش خاتىرە تۇتىمەن دەپ بەك چىرايلىق بىر خاتىرىنى كۈتۈرۋاپتۇ، مۇشۇنىڭغا يازسام بەك بەلەن بۇلىدىكەن دەپ. قېنى سىزمۇ كىتاپ ئوقۇش بىلەن خاتىرە قالدۇرۇشنى بىرلىكتە ئېلىپ مېڭىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزەنگەچ، كىتاپ ئوقۇشنى باشلاپ كىتىڭ ئەمىسە.........
2015-يىلى 14-يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روھسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 01:03 PM