 |
 |
 |
 |
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 2015-يىلى1-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 00؛6دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇز بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى يىڭى ساھىپخان مەيدانى سانجى تەنتەربىيە سارىيدا جېجىياڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسىدىن جۇچى بىلەن شىرئەلىجان داۋاملىق مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى، تەڭرىتاغ كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا ئاندىرى بىراچنىڭ 43 نومۇر، 29 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك ئالاھىدە ئىپادىسىگە تايىنىپ باشتىن ئاخرى ئۈستۈنلكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 123-98 نەتىجە بىلەن رەقىبى جېجىياڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشتا مىھمان مەيدانىدا 128-107 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 43 نومۇر، 29 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر 14 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 21 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 16 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇۋىي 9 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ لىيۇشۇنەن 8 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ساۋفىي 6 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ؛ يۈچاڭدۇڭ 4 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 2015-يىلى1-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق يىڭى ساھىپخان مەيدانى سانجى تەنتەربىيە سارىيدا جېجىياڭ گۇاڭشىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php
|
 |
 |
 |
 |
|