باھادىرنامە ھەققىدە ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن سۆھبەت
(«ئاپتۇر بىلەن سۆھبەت» پىروگراممىسى، 6-سان)
ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولغىنىدەك، ياسىنجان سادىق چوغلان دەۋرىمىزدىكى ئەل سۆيگەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بېرسى. ئۇ ئۆز خەلقىگە، «باھادىرنامە»، «جاللات خېنىم»،«ئادالەت ھامىيسى – سەئىدخان» قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى تەقدىم قلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، «باھادىرنامە» ناملىق 6 قىسىملىق تارىخىي رومانى نەشىر قىلىنغان2010-يىلىدىن بېرسى، خەلقىمىز ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەر بولۇپ كەلمەكتە. شۇتۈپەيلى، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا، ياسىنجان سادىق چوغلان قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، بۇ شەخس بىلەن ئۇنىڭ ئەسىرى «باھادىرنامە» ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ئىستىكى تۇغۇلغان ۋە كۈنسىرى كۈچەيگەن.
ئوقۇرمەنلەرنى بۇ بۈيۈك ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش مەقسىدىدە، بىلكۈچ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىلەن بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى «ئاپتۇر بىلەن سۆھبەت» پىروگراممىسىنىڭ 6-سانىدا، داڭلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن ئۇنىڭ سىمۋوللۇق ئەسىرى «باھادىرنامە» ھەققىدە يۈزتۇرانە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى.
سۆھبەت ۋاقتى: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى(يەكشەنبە) 1:30 دا (شىنجاڭ ۋاقتى)
يېڭى يىللىق سوۋغات: بۇ قېتىمقى سۆھبەتكەقاتناشقانلارغا، بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى بىر يىلغىچە كىتاب ئارىيەت ئالغىلى بولىدىغان49 يۈەنلىك «بىلكۈچ كۈمۈش كارتىسى» سوغا قىلىدۇ.
قوشۇمچە مۇلازىمەت: قاتناشقۇچىلار چاي ۋە قەھۋەلەردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ
رىياسەتچى: "بىركىتاب بىر ئالەم" پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات مۇئەللىم
ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (يەنئەن يولى، رۈيدا چىگرا رايون دۇنيا سودا مەركىزى 12-قەۋەت)
ئالاقەلىشىش تېلېفون نومۇرى:2556408 -0991، 13999980408
قۇشۇمچە پائالىيەت: ئاخىرىدا ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تىزىملىتىش ھەققى: 100 يۈەن، 10 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 50% ئېتىبار قىلىندۇ.