مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 517|ئىنكاس: 0

ھايات چەشمىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94716
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 759
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2013-4-12
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 12:21:12 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                       ھايات چەشمىلىرى
                  تاھىر تۇرغان (دىلكان)
                             (1)


        قەدەم بولسا مىھىر دەرۋازىسىنى چىكەلمەي ھەسرەت ياشلىرىنى تۆكمەكتە،ھەسرەتلىك ياشلار بولسا ئ‍ۇھ سىنغان پېتى ئ‍ەلەملىك خىياللارغا پاتماقتا،مۇھاببەت ئ‍ۆز ئ‍ورنىنى تاپالماي پاتقاقلىق كوچىلاردا سەرسان بولۇپ ھەسرەتلىك نادامەت قوينىدا تولغانماقتا،مىھىر بولسا خىياللار ئ‍ىلكىدە ياشاپ كۈلكىگە زورلانماقتا……
           ھەي ھايات،ياشاپ باققىن قانچىلىك دەۋرانىڭ ،قانچىلىك مىھرىڭ،قانچىلىك سۆيگۈڭنى ئ‍ۆزگىلەرئ‍ۈچۈن بەخىش ئ‍ىتەلەيسەن…
         نەقەدەر ئ‍ازاپلىق كارتىنىلار باغرى بۇ،ھارماي ئ‍ىشلەيسەن يۇ، قىلغان ئ‍ىشنىڭ تايىنى يوق .ئ‍ارمانلار ئ‍ىلكىدە يۈرەكنى گۈپۈلدىتىپ سوققۇزۇپ باقىسەن يۇ،ئ‍اقىۋەت بىردەملىك ھىسيات سۈپىتىدە دەۋران  سۈرىسەن،ئ‍ەمدى نەپايدا بار،نە زىيان. تارازاڭدا ئ‍ۆلچەپباق خىياللىرىڭ قانچە كىلوگرام كېلىدىكىن،رىئ‍اللىقنى ئ‍ۆلچەپباق خىياللىرىڭدىن ئ‍ارتۇقمىكىن.
         كەلگىن!ھەممىنى تاشلا بىللە ئ‍وينايمىز چىلاشقىدەك كەيىپ ئ‍ىچىدە بىلىق كەبى ئ‍ۈزۈپ باقىمىز،ئ‍ۆز-ئ‍ارا غاجىشىپ تويۇپكەتكەن يۈرەكلەرنى قاغدالمىلار باغرىدا شىلتىڭ ئ‍اتقۇزىمىمىز …   
            كەل دۇنيا، كەل كەل سابا دەپ بىللە توۋلايلى بەللەرنى تولغاپ،لەۋلەرنى يالاپ ئ‍ۇلارمۇ كەلسۇن،ھايات پەيزىنى بىللە سۈرەيلى.ھەر بىر قىلغان شوقلۇقلاردىن گۈللەر ئ‍ۈنسۇن،بىز تارىخقا ئ‍ايلانغاندا ئ‍ەۋلادلار بىزدىن قالغان يالداما گۈللەرنى پۇراپ تۇرۇپ بىزدىن پەخىرلەنسۇن،شۇچاغدا كۈلگىدەك مادار پۇتلارغا يامىشار مىكىن ...
2015-1-7

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش