زىۋىدە خانىمنىڭ يازمىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلار ھەققىدە مىسرانىمداشلارغا ئىككى كەلىمە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم:
2014-يىل ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان كۈنلەردە 2015-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلى بولىشى كېرەك دىگەن تەشەببۇسنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، جەمىيتىمىزدە بەلگۈلىك زىل-زىلە پەيدا قىلغاچقا، كۆڭۈللىرىمىز يورۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى «كىتاپ ئوقىمىغان مىللەتنى كەلگۈسى تاشلىۋېتەتتى».
ھالبۇكى يېڭى يىلنىڭ كىرگىنىگە ھەپتە ئون كۈن بولا بولمايلا، پىسخولۇگىيە پەنلىرى دوكتۇرى زىۋىدە خانىمنىڭ ئەلى مۇئەللىمنىڭ مىللەتلەر ئۇنۋىرستېتىدىكى لىكسىيەسى(خانىم يازمىسىدا مەن بۇ يازمىنى ئەلى قۇربانغا ئاتاپ ئەمەس، بۇ لىكسىيەنى ئاڭلىغۇچىلارغا ئاتاپ يازدىم دەپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ئەمما يازمىدا ئەلى مۇئەللىم ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان) ھەققىدە يازغان يازمىسىنىڭ باغداش ۋە مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىزنىڭ نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بىر نەچچە تەرەپ بولۇپ بۇ يازما ھەققىدە، زىۋىدە خانىم ھەققىدە، ئەلى مۇئەللىم ھەققىدە ھەتتا بىر-بىرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يوللىشىپ مۇنبەرلەردىن «ئوت» چىقىرۋەتتى.
ئەلىي مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەسى ۋە بۇ لىكسىيە ھەققىدىكى كۆز قاراشلار ئەمەلىيەتتە شۇ كەسىپ ئەھلىلىرى ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئىلمىي مۇنازىرە بولغاچقا مەن لىكسىيە ياكى لىكسىيەگە يېزىلغان مۇلاھىزە ھەققىدە توختالمايمەن ھەم توختىلالمايمەن. ئەمما زىۋىدە خانىمنىڭ يازمىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى بىر چەتتە تۇرۇپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا كاللامدا تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل پىكىر تۇغۇلۇپ قالدى
ئۇيغۇرنىڭ ئالىمى بولماق بەسىي مۈشكۈلمۇ قانداق؟
ئۇيغۇردا داڭ چىقارغان ئادەم بولماق بەسىي مۈشكۈلمۇ قانداق؟
ئۇيغۇردا باشقىلار ھەققىدە ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلماق بەسىي مۈشكۈلمۇ قانداق؟
ئۇيغۇردا يول ئېچىپ ئىلگىرلىمەك بەسي مۈشكۈلمۇ قانداق؟
ئۇيغۇردا ئىتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىش بەسىي مۈشكۈلمۇ قانداق؟
مەن مۇنبەرداشلار ئوتتۇرغا قۇيۇۋاتقان تۈرلىك ئىنكاسلارنى ئوقۇش جەريانىدا « شور پىشانە مىللەت تاپا-تەنىچى كېلىدۇ » دىگەن بىر گەپ ئىختىيارسىز ئىسىمگە كىپ قالدى.
ئەسلىدە بەزى ئىشلارغا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ ئىدى. ئەمما مۇنبەرداشلارنىڭ كەيپىياتىنى كۈرۈپ سۈكۈت قىلغۇم كەلمىدى.
بىز بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئىلمىي مۇلاھىزە قىلساق، ئىلمىي يۇسۇندا مۇنازىرلەشسەك تامامەن بولىدۇ. ئەمما نىمە ئۈچۈن مەلۇم بىر ئادەم ياكى مەلۇم بىرئىشنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ بىر- بىرىمىزگە تاپا- تەنە قىلىمىز؟ ئۈچۈن بىر- بىرىمىزگە نەشتەر سانجىيمىز؟ نىمە ئۈچۈن بىر- بىرىمىزنىڭ ئۇلىنى كولايمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىر- بىرىمىزنى تار كوچىدا قىستايمىز؟ نىمە ئۈچۈن بىر- بىرىمىزنى چۈشۈرۈشكە ئۇرىنىمىز؟ ھەتتاكى بىر- بىرىمىزنى ھاقارەتلەيمىز؟
ئەمما مەن شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنمەنكى خەلقىمىز ھامان دان بىلەن ساماننى ئايرىيالايدۇ. تارىخ ھامان ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا قېرىنداشلار قېنىمىزنى قىززىق قىلمايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى.
ئاخىردا ئارزۇ قىلىدىغىنىم ئاكتىپ ئىنىرگىيە تارقىتىپ بىر-بىرىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەيلى!!!
ئاكتىپ ئىنىرگىيە مىسرانىمدىن، باغداشتىن تارقالسۇن!!! ئاكتىپ ئىنىرگىيە ھەر-بىرىمىز ياشاۋاتقان ماكاندىن جايدىن تارقالسۇن!!! ئاكتىپ ئىنىرگىيە بىز ياشاۋاتقان بۇ ئانا تۇپراقنى قاپلاپ ئىشلىرىمىزدا رۇناق تېپىشىمىزدىكى مەنىۋىي تۈۋرۈككە ئايلانسۇن!!!!!
( قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەر ئىلغار زىيالىلىرىمىزنىڭ سۆزى ئىدى. يەنە باشقا بىر مۇلاھىزىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىگىسىنى ئەسكەرتىمىدىم)
ئاخىردا بارلىق قېرىنداشلىرىمغا تۈۋەندىكى ھېكمەتنى سوۋغا قىلىمەن:
«چۆكەر ئەلنىڭ بالىلىرى بىر-بىرىنى تىللايدۇ، ئۆسەر ئەلنىڭ بالىلىرى بىر-بىرىنى داڭلايدۇ»
بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلەپ: قېرىندىشىڭلار روھساندىن.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روھسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-8 12:36 PM