مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1008|ئىنكاس: 2

ئاكتىپ ئىنىرگىيە ئالغا بېسشىمىزدىكى مەنىۋى كۈچكە ئايلانسۇن!!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106910
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2014-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 06:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

              مىسرانىمداشلارغا ئىككى كەلىمە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم:

2014-يىل ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان كۈنلەردە 2015-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلى بولىشى كېرەك دىگەن تەشەببۇسنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، جەمىيتىمىزدە بەلگۈلىك زىل-زىلە پەيدا قىلغاچقا، كۆڭۈللىرىمىز يورۇپ قالغان ئىدى. چۈنكى «كىتاپ ئوقىمىغان مىللەتنى كەلگۈسى تاشلىۋېتەتتى».

ھالبۇكى يېڭى يىلنىڭ كىرگىنىگە ھەپتە ئون كۈن بولابولمايلا، پىسخولۇگىيە پەنلىرى دوكتۇرى زىۋىدە خانىمنىڭ ئەلى مۇئەللىمنىڭ مىللەتلەر ئۇنۋىرستېتىدىكى لىكسىيەسى(خانىم يازمىسىدا مەن بۇ يازمىنى ئەلى قۇربانغا ئاتاپ ئەمەس، لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلارغا ئاتاپ يازدىم دەپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ئەمما يازمىدا ئەلى مۇئەللىم ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان) ھەققىدە يازغان يازمىسىنىڭ باغداش ۋە مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىزنىڭ نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بىر نەچچە تەرەپ بولۇپ بۇ يازما ھەققىدە، زىۋىدە خانىم ھەققىدە، ئەلى مۇئەللىم ھەققىدە ھەتتا بىر-بىرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ئىنكاسلارنى يوللىشىپ مۇنبەرلەردىن «ئوت» چىقىرۋەتتى. مەن ئىنكاسلارنى بىر چەتتە تۇرۇپ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىش جەريانىدا كاللامدا تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل پىكىر تۇغۇلۇپ قالدى؟

1. ئۇيغۇرنىڭ ئالىمى بولماق بەسىي مۈشكۈلمۇ قانداق؟

2. ئۇيغۇردا داڭ چىقارغان ئادەم بولماق بەسىي مۈشكۈلمۇ قانداق؟

3.   ئۇيغۇردا باشقىلار ھەققىدە ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلماق بەسىي مۈشكۈلمۇ قانداق؟

4. ئۇيغۇردا يول ئېچىپ ئىلگىرلىمەك بەسي مۈشكۈلمۇ قانداق؟

5.ئۇيغۇردا  ئىتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىش بەسىي مۈشكۈلمۇ قانداق؟

مەن مۇنبەرداشلار ئوتتۇرغا قۇيۇۋاتقان تۈرلىك ئىنكاسلارنى ئوقۇش جەريانىدا « شور پىشانە مىللەت تاپا-تەنىچى كېلىدۇ » دىگەن بىرگەپ ئىختىيارسىز ئىسىمگە كىپ قالدى.

ئەسلىدە بەزى ئىشلارغا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ ئىدى. ئەمما مۇنبەرداشلارنىڭ كەيپىياتىنى كۈرۈپ سۈكۈت قىلغۇم كەلمىدى .

بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە تاپا-تەنە قىلىمىز؟ بىز نىمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە نەشتەر سانجىيمىز؟

بىز نىمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ ئۇلىنى كولايمىز؟

بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى تار كوچىدا قىستايمىز؟

بىز نىمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى چۈشۈرۈشكە ئۇرىنىمىز؟

ئەمما مەن شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنمەنكى خەلقىمىز ھامان دان بىلەن ساماننى ئايرىيالايدۇ. تارىخ ھامان ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا قېرىنداشلار قېنىمىزنى قىززىق قىلمايلى، يۇقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازاربەرمەيلى.

ئاخىردا ئارزۇ قىلىدىغىنىم ئاكتىپ ئىنىرگىيەتارقىتىپ بىر-بىرىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەيلى!!!

ئاكتىپ ئىنىرگىيە مىسرانىمدىن، باغداشتىن تارقالسۇن!!! ئاكتىپ ئىنىرگىيە ھەر-بىرىمىز ياشاۋاتقان جايدىن تارقالسۇن!!! ئاكتىپ ئىنىرگىيە بىز ياشاۋاتقان بۇ ئانا تۇپراقنى قاپلاپ ئىشلىرىمىزدا رۇناق تېپىشىمىزدىكى مەنىۋىي كۈچكە ئايلانسۇن!!!!!

( قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەر ئىلغارزىيالىلىرىمىزنىڭ سۆزى ئىدى. يەنە باشقا بىر مۇلاھىزىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىگىسىنى ئەسكەرتىمىدىم)

بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلەپ: قېرىندىشىڭلار روھساندىن.

            2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روھسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 06:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5650
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 11:56:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز نىمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ ئۇلىنى كولايمىز؟
بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى تار كوچىدا قىستايمىز؟
بىز نىمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى چۈشۈرۈشكە ئۇرىنىمىز؟


كوپىرنىك قوياش مەركىزى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا تۈۋرۈككە باغلاپ كۆيدۈرۋىتىلىپتىكەن، ئۇنىڭغا سىلىشتۇرغاندا بۇ ئىشلار نورمال. ھەر قانداق بىر يېڭىلىق ياكى يېڭى ئىدىيە ئوتتۇرغا قويۇلغاندا ‹ ئۇلىنى كولاش، تار كوچىدا قىستاش، چۈشۈرۈش › تەك تاۋلاشلاردىن ئۆتۈپ مۇئەييەنلىشىدۇ...

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2995 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 09:10:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداق بىر مەسىلە بار : سەمىمىي ،مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىر ۋە قەستەنلىك بىلەن ئېيتىلغان قۇسۇرنى ئارلاشتۇرۋەتمەيلى.
توغرا ئۇسۇلدا يىتەرسىز يىرىنى كۆرسىتىپ بەرسەك ياخشى ئىش،لېكىن تەكلىپ پىكىر بەرگەنلىك سىياقىغا كىرىۋېلىپ  ئورا كولاپ قۇسۇر ئىزدىسەك ئەلى مۇئەللىم دەپ ئۆتكەن قىسقۇچپاقىغا ئوخشاپ قالىمىز

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش