مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 666|ئىنكاس: 7

كىتاب ۋە بىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24797
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16630
تۆھپە نۇمۇرى: 1059
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 09:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىتاب-ئەقىل گۈلىنىڭ ياپرىقى، ياپراق گۈل-گىياھلارنىڭ زىننىتىدۇر. زىننىتى بولمىغان گىياھنىڭ نە ئۇز ھۆسىن-جامالى بولسۇن؟ ئەقىل كۆچىتىنىڭ ياپراقلىرى بولمىش كىتاب ئۆزىدىن بىخلىنىپ چىققان نوتىلار ئىچىدە زىننەت بولسا، ئۇ ئاشۇ زىننەتلىرى بىلەن باشقىلارنى مەھلىيا قىلىشنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ، پەسىلسىز ياشىرىپ، كىشىلەرگە باھارنى ھېس قىلىدۇرىدۇ. ھەر نەرسە باھاردا ياشىرىدۇ، باھاردا جان تاپىدۇ، باھاردا قۇۋۋەتلىنىدۇ…


كىتاب- تەسەۋۋۇرنىڭ مېۋىسى. خۇددىي باغۋەن قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئەمگىكى بەدىلىگە مېۋىلىك باغ بەرپا قىلغاندەك، بىزگە بىلىم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئالىم، ئۇستازلارنىڭ ئەقىل مېۋىسى كىتاب ئارقىلىق سۇنۇلدى. بۇ تەملىك مېۋىگە ئېغىز تېگىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى ھېس قىلالىغانلار بارا-بارا ئۆزىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى باشقىچە بىر گۈزەل دۇنياغا ئايلاندۇردى. شۇ ئارقىلىق بۇ ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىنى، چىن ماھىيىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ھاياتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل تۇيۇلدى…


كىتاب-روھنىڭ يىلتىزى. يىلتىزى بەردەم بولغان كۆچەتنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن بولىدۇ، بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى زور بولىدۇ. كى گىياھنىڭ يىلتىزىسىز قايسى ھالدا بولۇر؟ قاقشال، قۇرىغان ياپراقلىرى ئۈمىدسىزلىك ئاتا قىلسا، يىلتىزى قۇرىغان ھەر نەرسىدىن ئۈمىد كۈتمەكلىك ئەخمەقلىك ئېرۇر.شۇڭا، كىتاب ئەقىل بېغىنىڭ گۈلىستانىنى باراقسان قىلىدىغان قۇرىماس يىلتىزدۇر. ئۇنىڭدىن چىققان ھەر شاخ، ھەر گىياھ ئۆز مەۋجۇدلىقىنى زىنھار يوقاتمايدۇ!


كىتاب-تەپەككۇرنىڭ ئوزۇقى. بۇ ئوزۇقتىن ئوزۇقلانغان مەنىۋىيەت قاناتلانغان تەپەككۇر بىلەن ئىلىم-پەن ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلغۇسى. ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق ئىجاد قىلغان، شۇنداقلا تەپەككۇرى بىلەن روياپقا چىقارغان تالاي نەرسىلەرنى ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلدۇردى. ھەمدە ئەقىلنىڭ كۈچىدىن ئاپىرىدە بولغان دۇردانىلەرنى ياغاچلارغا، تاشلارغا، تېرە-سۆڭەكلەرگە، كېيىنچە رەخت-يىپەكلەرگە، قەغەزلەرگە پۈتۈپ، ئۆز قىممىتىنى ياراتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىز ۋاراقلاۋاتقان، بىز كۆرىۋاتقان كىتاب مەيدانغا كەلدى.


كىتاب-تاڭ قۇياشى. تۈن پەردىسى يېپىلغان شۇ دەملەردە دۇنيانىڭ زىننىتىگە زىننەت قوشىۋاتقان ئىنسان- كىتابنى مەشئەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ پارلاق بۈگۈنىنى ياراتتى! يەنە شۇ كىتاب ئارقىلىق ئەتىسىنى يارىتىۋاتىدۇ…قۇياش ئۆزىنىڭ نۇرانە خىسلىتى بىلەن تالاي جانلارغا ئۈمىد ئاتا قىلدى. ئۈمىد چىرىغىنى ئۆچۈرمىگەنلەر كىتاب ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىدى، قىممەتلىك نەرسىلەر ئۆز قەدىرى بىلەن ئەتىۋارلىنىدۇ.قولدىن قولغا ئۆتسىمۇ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ.


كىتاب تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، تارىخ كۆزى بولۇپ كەلگەن قەھرىمان، پالۋانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىمىزنى زامان-زامانغا باغلاپ كەلگەن پۈتۈككە ئايلاندى. ئىنساننىڭ قىممىتىنى مىڭ يىلدىن، ھەتتاكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن يىل ساقلاشتا كىتاب ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى.


مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قولىدا كىتاب، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قولىدا كىتاب، نەۋائىنىڭ قولىدا كىتاب، بىلال نازىمىنىڭ قولىدا كىتاب… ئۇلارنىڭ يولىدىكى، قولىدىكى كىتاب ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىن گۆھەر مىسالى دۇردانە، بىردانە كىتابلارنى تۇغدى!دېمەك، ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزى بىر كىتاب! كىتاب ئۆز قىممىتى بىلەن كىشىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.


كىتاب-سۈيى خورىماس بۇلاق. ئۇنىڭ چەشمىلىرىدىن ئوخچۇپ چىققان زىلال سۇلىرىنىڭ ھەر تامچىسى ھەر قۇرلاردا بايان قىلىنىۋاتقان ھېكىمىتى بىلەن نادانلىق دەشت-چۆللىرىمىزنى قاندۇرغۇسى. توپا باسقان، نۇرسىز چىرايىمىزنى نۇرلاندۇرغۇسى. قالاقلىقتىن بەتبۇيلىشىپ كەتكەن مال دۇنياغا ھېرىس روھىمىزنى شۇنداقلا تېنىمىزنى پاكلاپ، جۇلالاندۇرغۇسى! ئىنسان ئۈچۈن سىرىتى زەر تونلار بىلەن پارقىراپ تۇرغىنىدىن روھى دۇنياسى، جۈملىدىن مەنىۋىيەتنىڭ پاكلىنىپ تۇرغىنى مىڭ ئەۋزەلدۇر.


كىتاب ئىنساننىڭ قېنى بىلەن باراۋەردۇر. تەندە قان بولمىسا روھسىز، مادارسىز، ھەتتاكى جانسىز مۇردا سۈپەت تۇرغاي. ئول كىتابنى قان مىسالى مۇھىم بىلەن ئەقىلنىڭ تېنى بەردەم بولۇپلا قالماي، بەلكى تەننىڭ قۇۋۋىتى زىيادە بولغاي!« چىرايىنىڭ قېنى يوق »دەپ ئېيتىلغان ئىبارىلەردەك روھنىڭ قېنى يوق ياشىماق ئىنسان ئۈچۈن نومۇسلۇق ئىشتۇر!ئۆزۈڭ گاداي بولساڭمۇ، روھىڭ باي بولسا تالاي بايدىن بايسەن…


كىتاب قىممىتىمىزنى ئەسىرلەردىن-ئەسىرلەرگە ساقلاپ قالالايدىغان ئەڭ بىخەتەر گۆھەر ساندۇق. كىتاب ھەممىمىزنى ئەقىل دۇنياسىغا باغلاپ تۇرىدىغان ئالتۇن ئارغامچا. كىتاب كۆزىمىزنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، دىلىمىزنى نۇرلاندۇرىدىغان ئۆچمەس چىراغ!


ھاياتنى مەڭگۈ خورىماس مېۋىلىك باغ قىلاي دېسەك، ئۇنىڭ يىلتىزى كىتاب بولسۇن، چۈنكى ئۇ مەنىۋىيتىمىزنى گۈزەل باغقا ئايلاندۇرىدۇ. مەنىۋىيەت بېغىمىزنى پەرۋىشلەيلى دېسەك، كىتابنى باغۋەن قىلايلى!بۇ باغۋەن بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەرۋىشكاردۇر. چۈنكى ئۇ مىننەتسىز ئەجىر قىلغۇچىدۇر.


شۇ باغنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىمۇ كىتاب، ئۆكسىمەس ئەلۋەك سۈيىمۇ كىتاب، خورىماس نۇرىمۇ كىتاب! كىتاب-ھاياتلىق ئالىمىنى چىن مەنىسىدە گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى قىلىدۇ. بۇ گۈزەللىك بىلەن جاھان نۇرلىنىدۇ، بۇ تەشنالىقنى كىتاب قاندۇرىدۇ، كىتاب باغلاردىن، تاغلاردىن يول ئاچىدۇ. ھاڭلارغا، دەريالارغا كۆۋرۈك سالىدۇ. بۇزۇلماس كۆۋرۈك، يىقىلماس تۈۋرۈك-كىتابتۇر، كىتاب! كىتاب – مەڭگۈ قۇرىماس بۇلاق، كىتاب-نۇرى ئەبەدىي ئۆچمەس چىراغ. كىتاب ئۆزىنىڭ قۇياشتەك ئىللىق نۇرى بىلەن قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇپ، ئاجىز كۆزلەرنى نۇرلۇق قىلسا، تەنگە شىپا زىلال سۈيى بىلەن نىمجانلارغا  جان ئاتا قىلىدۇ، تىلى ئاجىزلارغا تىل بېرىدۇ. شۇڭا، كىتابنى ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزىمىزگە ئەبەدىي ھەمراھ قىلايلى!…


بۇزۇلماس كۆۋرۈك، يىقىلماس تۈۋرۈك -كىتاب!



ئاپتورى :قەلەندەر




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:25:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب ھەقىقەتەن بىر گۆھەر ئېدى ، ئەمما مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە كىتابقا بولغان كۆز قارىشىمىز سەل تەۋرىنىپ قالدىمۇ ، قۇلىدا كىتاپ تۇتۇپ ئولتۇرغان كىشىلەردىن تېلىفۇن ئويناۋاتقانلار كۆپلەپ قېلىۋاتىدۇ . ئەلۋەتتە تېلىفۇندىمۇ كىتاب ئوقۇغۇلى بۇلىدۇ . ئەمما يەنىلا كىتاپنى سېتىۋېلىپ ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ ...

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111930
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:33:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ تولۇق ئوتتورا مەكتەپتىكى مۇئەللىمىمىز‹‹دۇنيادا ئەڭ ئاسان ئىشلارنىڭ بىرسى- باھانە تىپىش ›› دىگەن ئىدى، شۇنىڭدەك بىز ۋاقىت ئالدىراش دىگەندەك ھەر خىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى بەزلەپ كەلدۇق قىسقىسى كىتاپنى قولىمىزدىن چۇشۇرۇپ قويدۇق . . .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:36:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپنى ئوقۇشنى تاشلىغانلىق-ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تاشلىغانلىق .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111976
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 302
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 03:49:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                       بىر دانا توختىماي قىلاتتى خىتاپ،
                                       «كىتاپسىز يۈرگەنلەر ئەما ۋە بىتاپ»
                                        مەن دىدىم،«ئەملەشنىڭ دورىسى نىمە؟»                              
                                        ئۇ دىدى،« كىتاپتۇر،كىتاپتۇر،كىتاپ.»


                                      كىتاپ  بىلىمنىڭ زەر -ئالتۇن كانى.
                                     كىتاپ ئىنساننىڭ ئۆرلەش ئىمكانى .
                                     كىتاپ بىلەن ئىلكىڭگە ئۆتىدۇ جاھان،
                                     كىتاپسىزنىڭ قولىدىن كىتەر ماكانى.
               
                                    
كىتاپ شۇنداق بىر سەمىمىي دوستكى ، ھىچقانداق بىر دوست ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئۇ سىنى مەڭگۈ ئالدىمايدۇ، ساڭا ئەسلا خىيانەت قىلمايدۇ، ساڭە زىيان يەتكۈزمەيدۇ ، سىنىڭ قەلىپ كۆزۈڭگە نۇر بىغىشلايدۇ،غەملىك كۈنلىرىڭدە غېمىڭگە غەمناك. دەرتلىك كۈنلىرىڭدە دەردىڭگە مۇڭداش، قىيىن كۈنلەردە سەمىمىي قولداش بولىدۇ. كىتاپ ساڭا  مىھرى مۇھاببەتلىك،  غەيرەت -جاسارەتلىك ،ئەدلۇ- ئادالەتلىك،ئىنساپ - دىيانەتلىك ، نەپسى قانائەتلىك ، ھەقىقىي بىر ياخشى ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىدۇ. كىتاپسىز ئۆتكەن ئادەم ئۆزىنى ئادەم ھىساپلىمىسىمۇ بولىدۇ .ئەگەرسىز ئۆزىڭىزنى مىللىتىڭىزگە يۈز كىلەلەيدىغان بىر ئۇيغۇر بالىسى دەپ بىلسىڭىز ،ھىچ بولمىغاندا ئايدا بىر پارچە كىتاپ سېتىۋىلىپ ئوقۇشنى قولىڭىزدىن بىرىپ قويماڭ. چۈنكى سىز ئوقىغان كىتاپنى ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى مىللىتىڭىزئۈچۈنمۇ ئوقۇيسىز .
                                    




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24797
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16630
تۆھپە نۇمۇرى: 1059
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 10:01:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭلارغا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 11:54:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتىم كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلاش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100225
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 645
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 10:10:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايا، دوستلار كىتاپ بىزگە ھەمىشە نۇر چىراق ئەسلى ،
ئۈگەنمەككە ئەجەپ لايىق ھاياتنىڭ نەۋقىران پەسلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش