 |
 |
 |
 |
يېڭىلا كۆزىنى ئاچقان قۇياشنىڭ جامالىنى تاماشا قىلىشنى ئىستەپ ،دېرىزە پەردىسىنى ئاستا قايرىدىم.پاھ.....مەن تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن قار ئاخىرى يېغىپتۇ.نەچچە كۈندىن يېرىم بولغان كۆڭلۈم باشقىچە كۆتۈرۈلۈپ قالدى.تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تىلفۇن ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى.

-دېرىزىنىڭ ئالدىغا كىلە
مەن دېرىزىنىڭ ئالدىدا يىراققا قاراپ تۇرۇپ پەسكە قارىمىغان ئىكەنمەن.دېرىزەمنىڭ ئۇدۇلىدا سەن ماڭا قاراپ تۇراتتىڭ.سەن ياقتۇردىغان رەڭدىكى شارپامنى بوينۇمغا چىڭ ئوراپ سىرتقا چىقتىم.
-ئاخىرى قار يېغىپتۇ.
ساڭا قاراپ سۇسقىنا كۈلۈمسىرىدىم.كۈلكىلىرىم قار گۈلى ئارىسىغا سىڭىشىپ كەتتى.
باشقا گەپ قىلمايلا قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ،قولۇڭ بىلەن قوشۇپلا چاپىنىڭنىڭ يان يانچۇقىغا سالدىڭ،بۇ قىلىقىڭغا شۇنچە كۈلگۈم كەلسىمۇ چاندۇرمىغاندەك قىلىۋىدىم،لىكىن سەن يەنىلا بىلىپ قالدىڭ.
-قولۇڭ تىز مۇزلايدۇ سېنىڭ،توڭلاپ كەتمىسۇن دەيمەنغۇ ئەمدى؟-شۇ گەپلەرنى دەپ ماڭا قاراپ تاتلىققىنا كۈلدۈڭ.ئەتىراپىمزدا ئەتىگەندە ئىشقا مېڭىش ئۈچۈن ئالدىرىشىپ ئۆز مەنزىلى تامان ئالدىرىشىپ يۈرۈشكەن تالاي گەۋدىلەر...پەقەت ئىككىمىز ھېچقانداق ئىشىمىز يوقتەك ،بىر خىل رېتىمدا كىتىپ بارىمىز.ياق ياق...ئۇنداق ئەمەس،بۈگۈننى بىز تولىمۇ ئۇزۇن كۈتكەن.
-سەن بىلەن قارياغقان يولدا قارنى غاراسلىتىپ دەسسەپ ماڭغۇم بار.
قىش كۈنلىرىنىڭ دەسلىۋىدىلا سەن تۇرغان جايدا قارياغقاندا مەن ساڭا شۇنداق دىگەن ئىدىم.سەن جاۋابەن:ھامان شۇنداق كۈن كىلىدۇ دىگەن ئىدىڭ.مانا بۈگۈن ،قولۇم قوللىرىڭدا ،ساڭا يۆلىنىپ دىگۈدەك كىتىۋاتىمەن،ئىككى قېتىم قارئۈستىدە تېيىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم،يېنىمدا سەن بولمىغىنىڭدا يىقىلىپمۇ ئۈلگۈرەتتىم.
-ئۇرۇقلىقىڭغا باقماي نىمانچە پالاكەت سەن؟تولا تېيىلىپ كىتىدىكەنسەن،چىڭ چىڭ دەسسەپ ماڭ ..
بۇ گەپلىرىڭگە خۇيلاندىميۇ يەنە پەرۋا قىلماي قەستەن تېيىلىپ سېنىمۇ قوشۇپ يىقىتماق بولدۇم.لىكىن سەن سېزىپ قېلىپ يىقىلىشقا يول قويمىدىڭ.تۇيۇقسىز قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزۈڭگە قارىتىپ:
-مەن بار يەردە يىقىلىمەن دەپ خام خىيال قىلما! سېنى يىقتمايمەن.بىلدىڭمۇ؟
بۇ سۆزلىرىڭگە چىرايمنى پۈرۈشتۈرۈپ ،شەيتانلىق بىلەن جاۋاپ بىرىپ قولۇڭدىن يۇلقىنىپ چىقىپ قاچتىم.
-كىچىك بالىنىڭ ئۆزىغۇ سەن...قارنى بەك سېغىنىپسەن ھە؟
-سېغىنمامتىم ئەمىسە؟ بۇرۇندىن شۇ بەك ئامراق مەن قىشتا قارغا،يازدىكى يامغۇرغا....
قولۇمغا ئېلىۋالغان قار پومزىكىنى ئۇ قولۇمدىن بۇ قولۇمغا ئېلىپ ئوينىغاچ جاۋاپ بەردىم.سەن كۆزلىرىڭنى مەندىن ئۈزمەي گېپىمنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتىڭ.بەلكىم گېپىمنى ئاڭلاشتىن بەكرەك مىنىڭ كەينىمچە مېڭىۋېرىپ يىقىلىپ چۈشۈشۈمدىن ئەنسىرەپ دىققىتىڭ ماڭا مەركەزلىشىپ قالغان بولغىيدى.

ئاپئاق قارنىڭ يۈزۈمگە ئۇرۇلىۋاتقاندىكى سالقىن سېزىمى بىلەن سېنىڭ يېقىملىق قاراشلىرىڭ قوشۇلۇپ ،قەلبىمدە ئاجايىپ بىر ھاياجانلىق تۇيغۇ ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.تۈنۈگۈنلا قارىيىپ تۇرغان دەرەخلەر بۈگۈن كۈمۈش تون كىيىشكەن،سەنمۇ چاچلىرىڭ،كىرپىكلىرىڭگە قونغان قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قار ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدىڭ.شۇ تاپ مېنىڭ نەزىرىمدىكى سەن قارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدىڭ.ئاق رەڭگە ئامراقلىقىمدىن قارغا ئامراقمۇ ياكى قارغا ئامراقلىقىمدىن ئاق رەڭنى ياقتۇرامدىغاندىمەن؟ ئىشقىلىپ ئەتىراپىم ئاقلىق بىلەن بويالغان.سەن مىنىڭ ئاقكۆڭۈلۈم،يېنىمدا ...سەن يېنىمدا مەن شۇنچە خاتىرجەم،چۈنكى قوللىرىم قولۇڭدا .
يولنىڭ چېتىدىكى ھېچكىم دەسسىمىگەن قار ئۈستىگە ئىككىمىزنىڭ ئىسمىنى يازدىم ئۆزۈمچە چىرايلىق قىلىپ .
-ئەجەپ چىرايلىق يازدىم ھە؟
-ئادەم چىرايلىق،ئىسمىمۇ چىرايلىق بولغاچ ،يازسىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ .-سەن چىرايىڭنى ئۆزگەرتمەي شۇنداق جاۋاپ بەردىڭ.
-ئۆزۈڭنىلا دەمسەن؟ مەنچۇ؟-مەن خۇيلىنىپ دومسايدىم.
-ئاللا ،ئاللا...ماڭا قارىغىنە؟ سەن چىرايلىق بولغاچ مەن شۇ ئەتىراپىڭدىن كىتەلمەيۋاتمامدىم؟ چىرايلىقلىقىنىڭ دىمىسەم نىمە بار يېنىڭدا؟
مېنى تېخىمۇ تىرىكتۈرۈشكە باشلىدىڭ.يەنە گەپ قىلساڭ مىنىڭ يىغلايدىغىنىمنى سېزىپ قېلىپ گېپىڭنى توختىتىپ،ماڭلاي چاچلىرىمغا قونغان قارنى ئاستا چۈشۈرۋەتتىڭ.
-ماڭا قارا...قاردىنمۇ قىزغىنىۋاتىمەن سېنى،يۈزۈڭدە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى.چىدىمىدىم بىلىۋاتامسەن؟
كۆزلەر كۆزلەرگە تىكلگەن شۇ دەقىقە...كۆزۈڭ كۆزۈمدىن ئۆزىنى ئىزلەۋاتاتتى.كۆزۈم كۆزۈڭدىن يۈرىكىمنى سوراۋاتاتتى.قاراۋىرىشكە بەرداشلىق بىرەلمەي بېشىمنى ئاستىغىنا ئەگدىم.سۈكۈت بىزنى قوينىغا ئالدى.
ئىككىلىمىزگە ئايان بىر كەچمىشلەر...ئىككىلىمىزگە ئايان بىر كەلمىشلەر....قېچىپ مۇمكىن ئەمەس ھەم قېچىشنىڭمۇ ئورنى يوق.
بۈگۈنكى بۇ قارياغقان سەھەردىكى سەيلىنىڭ بىزگە يەنە قاچاندا نىسىپ بۇلىدىغىنى ھەر ئىككىمىزگە قاراڭغۇ بولغاچ ھەر ئىككىمىز ،ئەتىراپىمىزدىكى ئىلىقلىقنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ،يۈرىكىمىزنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاۋاتقان ئىدۇق.
 قولۇم قولۇڭدا،ساڭا يىنىك يۆلەنگىنىمچە كىتىۋاتىمەن.كەلگەن يولىمىزغا قايتتۇق.مەن كىرىپ كەتمەكچى بولغاندا كەينىمدىن ئىسمىمنى چاقىردىڭ.
ئاستا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ھەيرانلىقتىن نىمە قىلىشنى بىلمەي ،قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىۋالدىم.
سەن بايىقى ئورنۇڭدا بىر تال قىزىل ئەتىرگۈلنى ماڭا سۇنغىنىڭچە تۇراتتىڭ.
-قوبۇل قىلغۇڭ يوقمۇ نىمە؟
-ياق ياق...مەن گۈلنى قولۇمغا ئالدىم.شۇ تاپ گۈل بەرگىدىكى تىتىرەش ماڭا كۆچكەن ئىدى.ھاياجاندا گەپمۇ قىلالمايۋاتاتتىم.
-قار ياغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن! سېنى ھەر كۈنى بۈگۈنكىدەك خۇشال كۆرسەم دەيمەن.
-رەھمەت ساڭا...ئاۋازىمنى ئۆزۈممۇ ئارانلا ئاڭلىيالىدىم،قار ئۇچقۇنلىرىغا سىڭىپ كەتكەن ئاۋازىمنى بەلكىم سەن ئاڭلىدىڭ.

يۈرەك يۈرەككە قوشۇلۇپ كەتسە شۇنداق بۇلامدىغاندۇ؟ سۈكۈت ئىچىدە بىر-بىرىمىزگە جىمجىت قارىشىپ تۇرغاندىمۇ يەنە بىر بىرىمىزنىڭ نىمە ئويلىغانلىقىنى بىلىپ قالغىنىمىزدا بەزىدە مېنى قورقۇنچ بېسىپ قالىدۇ،خۇددى ئەمدى بىزگە پاراڭلىشىشنىڭ ئورنى قالمىغاندەكلا...لىكىن يۈرىكىم بۇ مۇدىھىش خىياللارنى دەرھال يىراقلارغا سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ.
جېنىم،يەنە بىر قارياغىدىغان سەھەرنى سەن بىلەن بىللە سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىمەن...
Ay bargi 2015.1.2 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-3 01:30 PM
|
 |
 |
 |
 |
|