ئاكتىپ ئەزا
خىيال سۈرۈپ كېچىدە يانۋارغا يۆلەندىم چاراسلايدۇ ئاسماندا يېڭى يىللىق تىلەكلەر ، سوزۇلماقتا قۇلىقىم خۇش خەۋەرنى سېغىنىپ . بېرەلمىدى جاۋاپنى پۈتۈن سانلىق ئىپادەم، قەبرىلەنگەن ئۆتمۈشۈم قايتىپ كېلەر تىرىلىپ . كىچىكلەيدۇ ھاۋادا خاسىيەتلىك ئاھاڭلار ، كېسىلمەكتە توساتتىن ناخشىلارنىڭ ئۈچىيى . ھاياجىنىم مۇزلىدى ھارارىتىم يىراقلاپ ، قوروق چۈشتى ئاھىمغا قېنىقلىشىپ يىلسىرى . قىممىتىڭنى بىلمىدىم كەچۈر، مېنى كونا يىل ، ئېقىپ كەتكەن بىھۇدە كۈندۈزلەرگە يىغلايمەن . شەجەرەمگە قالدۇراي بىرەر جۈملە ۋەسىيەت ، پەسىللەردىن نائۈمۈد بىرەر مىنۇت سورايمەن . سۈكۈتلەرنى پارچىلاپ قار يىمەكتە خىيالىم ، ئەركىلىگەن سوغۇقلار قارچۇقىمنى چەنلىدى . ئەندىشەمگە رەڭ بېرىپ قاپاق تۈرەر ئىمتىھان ، ئويلاپ مۇزدەك ئەتىنى قىياپىتىم تەرلىدى . چۈشلىرىمنى چىمدىغان كېچىلىرىم قايتىڭلار ، رىئاللىقىم پۈرلىگەن داستانلىرىم يىرتىلدى . دوقمۇشلاردا جان ئۈزگەن گۇگۇملارغا يىغلايمەن ، قوۋۇرغامدا مېھىر يوق ، ئەرزان پۇلغا سېتىلدى ! بۇلۇتلارغا پىچىرلاپ چاي ئىچىدۇ تولۇنئاي ، خىيال سۈرۈپ كېچىدە يانىۋارغا يۆلەندىم . قۇۋەت ئىزلەپ قەۋمىمنىڭ يىلتىزىغا چىرمىشاي ، تۇپرىقىمغا قايتىدىم سازاڭ بولۇپ تۆرەلدىم . ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
يىـڭى ئــەزا
دائىملىق ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ