مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 20234|ئىنكاس: 19

ئىسپېرمىنىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان 6 چوڭ قاتىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 05:15:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسپېرمىنىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان 6 چوڭ قاتىلى


يەر شارى تورى ساغلاملىق قانىلى: ئامېرىكا ياخۇ ئاخبارات تورىنىڭ 12-ئاينىڭ17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالىملارنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسىنىڭ سانى، سۈپىتى، ھەرىكەتچانلىقى ۋە ئىمكانىيەتچانلىقى پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تۆۋەندىكىلەر ئېىسپېرمىغا زىيان سالىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان ئالتە ئامىل:

بىرىنچى: ساغلاملىق. يېقىندا ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالاقىدارتەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى بىلەن ئەرلەرنىڭ تەن ساغلاملىق ئەھۋالى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ( جىنسىي ساغلاملىقى بىلەن قانداق زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقى كۆرسىتىلمىگەن). تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇغماسلىق كېسىلى بولغان 9387 ئەرنىڭ %44 دە باشقا ساغلاملىق مەسىلىسى بار ئىكەن. تېبابەت ياردەمچى پروفېسسورى مايكول ئېسېنبېرگ (MichaelEisenberg):«ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشلەردە بۇنداق مۇناسىۋەت ئەزەلدىن بايقالمىغان. بۇ تەكشۈرۈشلەردىكى ئوبيېكىتلاردا يۇقىرى قان بېسىم، تېرە كېسىلى ۋە ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كېسەللەر بار، ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىرى بولغان. شۇڭا بىز بەدەن ساغلاملىقى بىلەن ئىسپېرما سۈپىتى ئارىسىدا ناھايىتى زىچ مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايمىز. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دوختۇر ئەرلەرنىڭ تۇغماسلىق كېسىلىنى داۋالىغاندا ئالدىن ئۇنىڭغا بىر قېتىم پۈتۈن بەدەن ساغلاملىق تەكشۈرۈشى قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر» دېدى.

ئىككىنچى: ئاليۇمىن قوبۇل قىلىش مىقدارى. «كۆپىيىش ۋە توكسىكولوگىيە» ژۇرنىلىدىكى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاليۇمىن ئىسپېرما سۇيۇقلىقىنى بۇلغايدىغان بولۇپ، ئىسپېرما سانىنى ئازايتىپ، ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ تاشلايدىكەن. زەھەرلىك ماددىلار ۋە كېسەل تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە بايقىشىچە، ئەرلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەقسەتسىزلا نۇرغۇن ئاليۇمىنلىق ماددىلارنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئاليۇمىن تەركىبى بار بۇ نەسىلەر ئادەتتە تەبىئىي ماددىلار (ماي، سۇ ۋە ھاۋا)، يېمەكلىك (ئۇن، ئېچىتقۇ، رەڭلىگۈچ) ۋە ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى -گىرىم بۇيۇملىرى ۋە دورا)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تامامەن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتىدىغان كۆپلىگەن ئاماللار بار، مەسىلەن:ئامال بار سودالىق گاز سۈيىنى ئاز ئىچىش، ئەينەك ياكى داتلاشماس پولات ماتېرىياللىق قاچا، قازان-قومۇچلارنى ئاليۇمىن قاچىلارنىڭ ئورنىغا سەپلەش ھەمدە ئاليۇمىن تەركىبى بار پۇراق يوقىتىش دورىسى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار.

ئۈچىنچى: ھاراق. «ئەنگلىيە تېبابەت ژۇرنىلى» 1221 نەپەر دانىيەلىك ئەر ئۈستىدە بىر قېتىملىق ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى قىلغان، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 18 ياشتىن 28 ياش ئارىسىدا بولۇپ، ھەربىر ئادەم ئىسپېرما ساغلاملىقى بەدەن تەكشۈرۈشى قىلغان ھەمدە ھاراق ئىچىش ئادىتىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش قەغىزىنى تولدۇرغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ھاراق ئىچىشكە ئادەتلەنگەنلەرنىڭ (پىۋا، قىزىل ھاراق ۋە ناچار ھاراقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆپىيىش ھورمۇنى سەۋىيەسىدە تۇراقسىز ئۆزگۈرۈش كۆرۈلگەن، ھاراقنى قانچە كۆپ ئىچسە ئىسپېرما سۈپىتى (سانى ۋە ھالىتى،چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ نىسبىتى قاتارلىقلار) شۇنچە ناچارلاشقان. ھاراق مىقدارىنى ئازايتسا ئىسپېرما سۇيۇقلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ يوق دېگەننى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئەرلەر قەتئىي ھاراق ئىچمەسلىكى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر ھەپتىدە ئىچكەن ھاراق مىقدارى 5 بىرلىك (ئىككى ئىستاكان پىۋا ياكى 3 ئىستاكانقىزىل ھاراق)دىن ئېشىپ كەتسە، ھورمۇن مىقدارىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن. ھاراق ئىچىدىغانلار ھەر ھەپتىدە ھاراق مىقدارىنى 25 بىرلىكتىن ئارتۇق (9 ئىستاكانپىۋا ياكى 12 ئىستاكان قىزىل ھاراق) ئازلاتسا، ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى ئاندىنتۇراقلىشىشقا باشلىغان.

تۆتىنچى: نەشە. ئىنسان كۆپىيىش ئىلمى تەتقىقاتىدا بايقىشىچە، ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ئىسپېرمىنىڭ ھالىتى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەنگلىيە شېففېلد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مانچىستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى ئەنگلىيەدىكى1970 نەپەر ئەرنىڭ ئىسپېرما ئەۋرىشكىسى، داۋالىنىش تارىخى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نەشە چېكىش مىقدارى بىلەن ئىسپېرما بىنورمال بولۇش ئارىسىدازىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى ھەمدە 30 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن روشەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپېرمىنىڭ شەكلى ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

بەشىنچى: كۆچمە تېلېفون. كۆپچىلىككە ئايان، يانفون كۈچلۈك رادىياتسىيە پەيدا قىلىپ، راك كېسىلى قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى قوزغايدۇ. ئەمما ناھايىتى ئاز كىشىلەر بۇ خىل رادىياتسىيەنىڭ ئىسپېرمىغا زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 10 تۈرلۈك خەلقئارامۇھىت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى بىلەن مۇھىت ئارىسىدازىچ مۇناسىۋەت بار ئىكەن. تۇغۇت بۆلىمى ۋە تەتقىقات مەركىزىدىن كەلگەن 1492ئەۋرىشكىدە %55 دىن %58 كىچە بولغان ئىسپېرما نورمال پائالىيەت قىلغان. لېكىن تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا كۆچمە تېلېفون سەپلەپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ سان %8 چۈشكەن.شۇڭا، يانفوننى دائىم ئىشتان يانچۇقىغا سېلىۋالىدىغان ئەرلەر دىققەت قىلىشى كېرەك، ئۇزۇن مەزگىللىك ئېلېكترماگنىت رادىياتسىيەسى ئىسپېرمىغا ناھايىتى چوڭ زىيان سالىدۇ. بۇ تەتقىقات بايقىشى تۇغماسلىق گىردابىدا تۇرۇۋاتقان ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن كىلىنكىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش يەنىلا قىلىنماقتا.

ئالتىنچى: تۇرمۇش بېسىمى. پىسخىك بېسىم ئىزچىل ئادەم ساغلاملىقىنىڭ قاتىل بولۇپ كەلمەكتە، كولومبىيەئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى بىلدۈرۈشىچە، بېسىم ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەتقىقاتتا 193 نەپەر ئەرنىڭ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقىنى ئالغان، يېشى 28 ياشتىن 49 ياش ئارىلىقىدا بولغان. ئالدى بىلەن، تەتقىقاتچىلار ئۇلارغا تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى سىنىقى قىلغان، نەتىجىدە خىزمەت بېسىمى نىسبەتەن چوڭ ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان سۈپىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان، خىزمىتى يوق ئەرلەرنى ئىسپېرما سۈپىتى خىزمىتى بارلارغا قارىغاندا كۆپ ناچار بولغان. مۇتەخەسسىس:«ئەرلەر ئىسپېرما قويۇپ بېرىش ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا ئىسپېرما غەلىتە بولۇپ قالدىمۇ يوق ياكى سۈپەتسىزلىك كۆرۈلگەن كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆزىتىشكە سەل قارايدۇ» دېدى.


ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 05:25 PM  


تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4708
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 05:51:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ھاراق بىلەن نىشىگە مەن تازا ئىشىنىپ بولالمىدىم.چۈنكى ھاراقكەش نىشىكەش بوپ كەتكەن باللارنىڭ خۇتۇنلىرى تۇغىدىكەن ،بىرىنىڭ ئۈچ ئوغۇل،بىرىنىڭ ئۈچى قىز،قالغانلىرىنىڭمۇ بار بىر ئىككىدىن،يەنە كىلىپ ساغلام،يا چىنىقمايدۇ،ئەمما جىن يالىۋەتكەندەك ئۇرۇق.
كۆچمە يانفۇنغا ئىشىنىمەن.ھەقىقەتەن زىيانلىق،ئەمما بەزىدە ئامال يوق ئىشلىتىمىز.بوپمۇ يانفۇن ئويناش بىزدە سەل ئىغىرراق.

تۇرمۇش بىسىمىمۇ مۇھىم مەسىلە.جىنسى تۇرمۇش داۋامىدا كاللىسىغا تۇيۇقسىز ئۆتۈپ كەتكەن بىر كۆڭۈلسىزلىك كىرۋالسىمۇ چىقارغان ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى  ياكى ئايالنىڭ چىقارغان تۇخۇمىدا سۈپەت تۆۋەنلەش كۆرۈلدىغان ئىشكەن.بەزىدە دىققەتنى يىغۋالاي دىگىلى بولمىسا يا.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4708
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 05:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوكيان سالونى:گىپىڭلاردا تۇرىسىلەر جۇمۇ.1.1 كۈنى ئىلان قىلىمىز دەپ شۇ كۈنى ئۈندىداردا ئىلان قىلدىڭلار.مانا بۈگۈن مۇنبەردە كۆرىۋاتىمەن.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10710
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 06:03:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت

جاھان

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10837
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2207 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 06:47:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا تىبابەت دىگەن..........   كىشىلەر  ئۇچۇق- ئاشكارە دىيىشكە بولمايدۇ دىگەن نەرسىلەرنى ئاشكارلايدىغان...........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 07:31:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 05:51 PM
ما ھاراق بىلەن نىشىگە مەن تازا ئىشىنىپ بولالمىدىم.چۈنك ...

ھاراق ۋە نەشە ھەقىقەتەن ئۇرۇق سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ...
لېكىن ئۇرۇقنى ئۆلتۈرۈپ تۇغماس قىلىپ قويىدۇ دېگىنى يوق، پەقەت سۈپەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپتۇ.
ئاددىيسى ئېتىزغا تېرىغان ئۇرۇقلار سۈپەتلىك بولسا، زىرائەتمۇ سۈپەتلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ...

تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 07:32:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 05:52 PM
ئوكيان سالونى:گىپىڭلاردا تۇرىسىلەر جۇمۇ.1.1 كۈنى ئىلان  ...

ئەلۋەتتە تۇرىمىز دە...بۇ خىلدىكى تېمىلارغا ساغلاملىق نۇقتىسىدىن قارىساق، خىجىل بولغۇدەك ئىشلار ئەمەس. بىزدە كۆپ قىسىملار بۇ تېمىدىن ئېغىز ئېچىشتىن ئۇيۇلىدۇ.

تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 08:06:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
س د م ئا   نۇسقىدىكى تىلفۇنلارنى رادىيەتسىيەسى يوق زىيان قىلمايدۇ دەيدىغۇ

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20178
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2249 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 08:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xxxYxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 08:06 PM
س د م ئا   نۇسقىدىكى تىلفۇنلارنى رادىيەتسىيەسى يوق زىيا ...

تۆمۈر-تەسەك بولسىلا رادىئاتسىيەسى بولىدۇ....
تېلگىرافنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 08:50:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ھەر قانداق تېلېفوننىڭ رادىئاتسىيىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش