ئاتامنىڭ سۈرىتى پاتمىغان ئالبۇم
ئېسىمنى بىلىپ ئاق -قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئەڭ قىممەتلىك ، ئەڭ ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن . چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خۇشاللىقىمنىڭ ، غەم قايغۇمنىڭ شاھىدى . ئەلۋەتتە ئالبۇممۇ كەم ئەمەس . چۈنكى ئالبۇم ئەسلىمىنىڭ قاتۇرۇلغان نۇسخىسى ،ھايات كارتىنىلىرىنىڭ نامايەندىسى .
تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئالبۇمنى كۆرۈش ئىستىكى قوزغىلىپ قالدى .ئالبۇمنىڭ بىرىنجى بېتىنى ئاچتىم . ئۇنىڭدا ئاغىنىلىرىم بىلەن چۈشكەن بىر نەچچە پارچە سۈرەت تۇراتتى . ئىككىنجى بېتىدە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن چۈشكەن سۈرەت بار ئىدى . ھەي ! نەقەدەر گۈزەل چاغلار ئىدى ھە ! شۇنداق شېرىن خىياللار ئىلكىدە ئالبۇمنى ۋاراقلاپ ئەڭ ئاخىرقى بەتكە كەلگەندە كۆزلىرىم بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قالدى . چۈنكى بۇ يەردە ئانامنىڭ سۈرىتى تۇراتتى . پەقەت ۋە پەقەت بىر پارچە سۈرەت. تېخى سۈرەتنىڭ بىر بۇرجىكى يىرتىق . شۇ ھامان تېزلىكتە ئالبۇمنى ۋاراقلىدىم . ۋاراقلىغانسېرى قوللىرىم ئاستىلىغىلى تۇردى.مەن ئالبۇمنى كۆرمەسلىكنى قارار قىلدىم . چۈنكى بۇنىڭدا تۈۋرىكىم دادامنىڭ سۈرىتى يوق . مېھرىبانىم ئانامنىڭ پەقەت بىر پارچە سۈرىتى بار ئىدى .
مەن ئۆزۆمگە نەپرەتلەندىم . مەن ئۈچۈن گۈلدەك ئۆمرىنى خازان قىلغان ، ئۇلار بولمىسا ياشىيالمايدىغان ئەڭ سۆيۈملۈك ، ئەڭ قەدىرلىك ئىنسانلارنىڭ سۈرىتى ئالبۇمۇمدا يوق . ئۇلار يېقىنلىرىم ، دوست - بۇرادەرلىرىم بەرگەن مۇھەببەتتىن ، خۇشاللىقتىن نەچچە ھەسسىلەپ بەرگەنىدى. ئەجىبا ئۇلارنىڭ ئەجرى ئالبۇمدىكى سۈرەتچىىلىك بولالماسمۇ ؟!
مەن ئاپاراتىمنى ئالدىم .ئاتام بىلەن ئانامنى ئەڭ مەنزىرىلىك جايغا ئاپاردىم . چۈنكى بۇجاي ئاتام بىلەن ئانام بولغاچقىلا سۈرەتتە ئۆز قىممىتىنى تاپقان.
ئاتا! ماڭا قاراپ بىر كۈلگىن ، سېنىڭ كۈلگەندىكى چىرايىڭنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ساقلىۋالاي! ئانا ! چىرايىڭنى ئاشساڭچۇ ، نە ھاجەت ئارتۇقچە غەم ، ئارتۇقچە ئەندىشە. بىردەم بولسىمۇ چىرايىڭدىن نۇر يېغىپ تۇرغان تەبەسسۇمىڭنى كۆرەي !
يىللار سىلەرنى قېرىتتى . سىلەرنىڭ قامەتلىك بەدىنىڭلارنى ، ئەۋرىشىم بەللىرىڭلارنى مۈكچەيتتى . يىللار خۇددى ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى يازماقچى بولغاندەك ، خۇددى بۇ زىمىنغا يەنىلا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك سىلەرنىڭ يۈزلىرىڭلارغا يول- يول قورۇقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى . خەير ، بىز ۋاقىت ئالدىدا ئامالسىز . ئەمما بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى ئاشۇ ئۆتكۈنچى ۋاقىتتا ئەڭ يېقىنلىرىمىز بىلەن ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇش !
مەن ئاتام بىلەن ئانامنىڭ سۈرىتىنى ئالبۇمۇمنىڭ تۇنجى بېتىگە قىستۇرۇپ قويدۇم . گەرچە يىللار ئۆمۈرنى ئېلىپ كەتكىنى بىلەن ، مەن ئۆمۈردىن ئارىيە ئېلىۋالدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 01:10 PM