روھىي مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش
1. روھىي كېسەللەر روھىي مېيىپلىققا تەۋەمۇ؟
روھىي كېسەللىك نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان تۇردىكى كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالىلىق مەزگىلىدە قوزغالغان روھىي كېسەللىكمۇ بار، قۇرامىغا يەتكەندە ياكى ياشانغاندا قوزغالغان روھىي كېسەللىكمۇ بار. دەرىجىسىگە ئاساسەن ئېيتقاندا، بىر قىسىم روھىي كېسەللەر بىر قەدەر ئېغىر، بىر قىسىم روھىي كېسەللەر بىر قەدەر يېنىك بولىدۇ، ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي كېسەللىك روھىي مېيىپلىققا تەۋە بولۇپ، روھىي يېتىلىشى كېچىكىش، بالىلاردىكى تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكى، ئېلىشىپ قېلىش كېسەلىككى، ئېغىر دەرىجىدىكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىقلار. بۇ روھىي كېسەللىكنى ئالاقىدار كەسپى ئورۇنلار بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ ئېلىمىزدە روھىي كېسەللىكنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن دىئاگونوز قويىلىدۇ ۋە دەرىجىگە ئايرىيدۇ.
2. روھىي كېسەل بىمارلىرى قورقۇنۇچلۇقمۇ؟
بىر قىسىم كىشىلەر روھىي كېسەل بىمارلىرىنى ئۆزىنى بېسىۋالالمايدۇ، نەرسە – كېرەكلەرنى بۇزىدۇ، كىشىنى زەخمىلەندۈرىدۈ، بەك قورقۇنۇچلۇق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. پەقەت ئاز ساندىكى بىمارلاردىلا ھاياجانلىنىش، نەرسە – كېرەكلەرنى بۇزۇش قىلمىشى كۆرۈلىدۇ، كۆپ ساندىكى بىمارلار بىر قەدەر تېنىچ بولىدۇ، ئۇلار روھىي كېسەللىكنىڭ ئاسارىتىگە (مەسىلەن: سەۋەپسىز باشقىلار ئۆزىنى ھاقارەت قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىش؛ كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار) ئۇچرايدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ ئازابلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا روھىي كېسەللىك بىمارلىرى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. روھىي كېسەللىك بىر چوڭ تۈردىكى روھىي جەھەتتىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئومومىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي كېسەللىك، يېنىك دەرىجىدىكى روھىي كېسەللىك، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە رەسمىي، مۇنتىزىم داۋالاش ئارقىلىق بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. ئېلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ بىر قىسىم بىمارلارنى كېلىنكىلىق داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ.
3. قانداق قىلغاندا روھىي كېسەللەرنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟
روھىي كېسەللەرنى قانچە بالدۇر داۋالىغاندا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، شۇڭىلاشقا روھىي كېسەللىكنى بالدۇر بايقاش ئىنتايىن موھىم.
بىرىنجىدىن: ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆزىنىڭ روھىي ھالەت ئەھۋالىنى بالدۇر كۈزىتىپ بايقاش كېرەك. مەسىلەن: غايىبتىن ئاۋاز ئاڭلانسا ئەكسىنچە ئۆيدىكىلەر ۋە باشقا كىشىلەر ئاڭلىمىغان بولسا؛ ئەتراپتىكى كىشلەر ئۆزى ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى دىيىشىۋاتقاندەك بىلىنسە؛ ياكى بىرسى ئارقىغا چۇشىۋالغاندەك، ئۆزى قەسىت قىلماقچى بولغاندەك سېزىلسە؛ كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ، مەيلى قانداقلىكىن قىلىپ بولسۇن كەيپىياتىنى كۆتۇرەلمىسە؛ قايتا – قايتا ئۆلىۋېلىشنى ئويلىغان بولسا، ئۇيقىسى كەلمىسە؛
ئىككىنجىدىن: بىر قىسىم روھىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن بىمار ئۆزىنىڭ كېسىلى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، خۇددى ئۆزىدىكى روھىي ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى نورمالدەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭىلاشقا ئائىلە ئەزالىرى بىمارنىڭ بىنورماللىقىنى بالدۇرراق بايقىشى كېرەك. ھەمدە بىمارنى داۋالىتىشى، دوختۇرلار بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ مۇناسىپ دىئاگونوز قويۇپ داۋالىشى، ئائىلىسىدىكىلەر بىمارنىڭ دورا ئىستىمال قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.
4. غايىۋانە ئاۋازنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزى ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىگىنىڭ ئۆزىمۇ؟
ئۇنداق دىيىشكىمۇ بولمايدۇ. غايىۋانە ئاۋازنى ئاڭلاش ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىكى دائىملىق كېسەللىك ئالامىتى، بۇ يەنە غايىبنى ئاڭلايدۇ دىيىلىدۇ. كۆپۇنچە ھاللاردا ئۆز – ئۆزىگە گەپ قىلىش ۋە ئۆزىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈش بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، غايىۋانە ئاۋازنى ئاڭلاشنى ئالدى بىلەن ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. باشقا روھىي كېسەللىكلەردىمۇ غايىۋانە ئاۋازنى ئاڭلاش بولىدۇ مەسىلەن: ئېلىشىپ قالغان بىمارلاردىمۇ غايىپ ئاۋازنى ئاڭلاش مەۋجۇت بولىدۇ. لېكىن ئەسەبىيلىشىش كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ غايىپ ئاۋازنى ئاڭلاش ئەھۋالىمۇ تەدىرىجى يوقىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئېغىر دەرىجىدىكى مۈچە مېيىپلەردىمۇ غايىپ بىلەن سۆزلىشىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، غايىۋانە ئاۋازنى ئاڭلاش ھەرگىزمۇ ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، چوقۇم روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرىغا دىئاگونوز قويغۇزۇش ۋە داۋالىتىش كېرەك.
5. ئەسەبىيىلشىش كېسىلى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالامدۇ؟
ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كەيپىياتى تۆۋەن بولغاندا، ھەر قانداق بىرئىشنى ئەھمىيەتسىز دەپ ئويلاپ، تۇرمۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ، بىر قىسىم بىمارلار ھەتتا ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشىراق دەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئۆيىدىمۇ بولىدۇ، بىر قىسىم بىمارلار ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدۇ. لېكىن ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بولغان بىمارلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالمايدۇ، ئەلۋەتتە بۇ تۈردىكى بىمارلاردا گەرچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئويى ياكى ھەركىتى بولمىسىمۇ، لېكىن كەيپىياتى تۆۋەنلىگەن ۋاقتى ئۇدا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە مۇمكىن قەدەر تىزراق كېسەلنى كۆرسىتىش ياكى ئەسەبىيلىشىشنى تىزگىنلەيدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلغۇزۇپ داۋالاش كېرەك.
6. تاماق يىگىسى كەلمەسلىك، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشمۇ ئەسەبىيلىشىشقا تەۋەمۇ؟
ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا تاماق يىگىسى كەلمەسلىك، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، لېكىن، بۇ ئىككى خىل ئالامەت كۆرۈلسىلا ئەسەبىيلىشىش كېسىلى دىگىلى بولمايدۇ.
ئەسەبىيلىشىش كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى ئۇدا ئىككى ھەپتە كەيپىياتى تۆۋەن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاساستا، تەپەككۇرى ئاستىلاش، كاللىسى ياخشى ئىشلىمەسلىك كۆرۈلىدۇ – دە، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايدۇ. بىمار كۆڭۇل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قىزىقمايدۇ، ئىلگىرى قىزىقىدىغان ئىشلارنىمۇ ھازىر قىلغىسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، كۆپ قىسىم بىمارلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ ياكى تامىقى ئازلاپ كېتىدۇ، كېچىلىك ئۇيقۇسى ناچارلىشىدۇ، ئۇخلىشى تەسلىشىدۇ، بالدۇر ئويغۇنۇپ كېتىدۇ.
7. قايسى ئامىللار ئەسەبىيلىشىش ۋە ئېلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1) ئىرسىي تەسىرلىنىشچانلىق. ئېلىشىپ قېلىش ۋە ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن دەرىجىدە ئىرسىيەتچانلىققا ئىگە. نۆۋەتتە ئېلىشىپ قېلىش بىلەن ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى كۆپلىگەن تەسىرلىنىشچانلىققا ئىگە گېن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇرەككەپ كېسەل دەپ قارالماقتا. شۇڭىلاشقا، ئائىلىسىدە ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى ئارىسىدا روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار بولسا كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، لېكىن بۇ چوقۇم مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ قالىدۇ دىگەنلىك ئەمەس.
2) ناچار تۇرمۇش ئەھۋاللىرى. ھەر بىر كىشى ئىجتىمائى تۇرمۇشتا ناچار تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنىڭ تۇرلۇك تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئاساسلىقى ئىشسىزلىق، ئاجرىشىش، يېقىنلىرى قازا قىلىش، سودىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش قاتارلىقلار. ناچار بولغان تۇرمۇش ھادىسلىرى روھىي كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولۇپ، روھىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۇرۋاتىدۇ ياكى ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3) ئىچ مىجەزلىك، كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر بولماسلىق. قىيىنچىلىق ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا باشقىلارغا دەردىنى تۆكمەسلىك ياكى توغرا بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق. باشقىلاردىن گۇمانلىنىش، نەپرەتلىنىش، ھەسەتخورلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەزگۈرلۈك ۋە گۇمانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8. مۈچە مېيىپلىقىمۇ روھىي بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
مۈچە مېيىپلىقىمۇ روھى بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغىنى مېڭە قىسمىدىكى كېسەللىك. مەسىلەن: مېڭە نوكچىسى، مېڭىسىگە قان چۈشۈش، مېڭىسىنىڭ سىرتقى زەخمىلىنىشى قاتارلىقلار. يۇقارقى مېڭە كېسەللىكلىرى مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ، بىماردا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى نىرۋا بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئېغىر دەرىجىدىكى مۈچە كېسەللىكلىرىمۇ روھىي كېسەللىك ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل كېسەللىك مۈچە كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھى توسالغۇسى دەپ ئاتىلىدۇ، روھى كېسەللىك ئالامىتى مۈچە كېسەللىكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. يەنى: مۈچە كېسەللىكى ئېغىرلاشسا، روھىي كېسەللىك ئالامىتىمۇ ئېغىرلىشىدۇ؛ مۈچە كېسەللىك ئالامىتى يېنىكلىسە روھى كېسەللىك ئالامىتىمۇ ياخشىلىنىدۇ؛ بۇ خىل روھىي كېسەللىك ئالامىتىنى كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا داۋالاش كېرەك، لېكىن مۈچە (گەۋدە) كېسەللىكنى داۋالاشنى ئاساس قىلىش لازىم.
9. ئۆيدىكىلەردىن ياكى دوستلىرىدىن كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەگەر ئۆيىڭىزدىكىلەردىن ياكى دوستلىرىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى تۆۋەنلەپ كەتكىنىگە ئۇدا ئىككى ھەپتىن ئاشقانلار بار بولسا، ئۇلارنى روھىي كېسەللىكلەر مەخسۇس بۆلىمىگە ئاپىرىپ دىئاگونوز قويغۇزۇپ، داۋالىتىڭ. كۆپىنچە كىشىلەر كەيپىياتىنىڭ تۆۋەن بولىشى پىسخىك مەسىلە، ئۇنى پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەپ، پاراڭلىشىپ، نەسىھەت قىلغاندىلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. پاراڭلىشىش، نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ئادەتتىكى كەيپىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ئەسەبىيلىشىشنىڭ ئالامىتى كەيپىيات تۆۋەنلەش بولۇپ چوقۇم ئەسەبىيلىشىشكە قارشى دورا بىلەن داۋالاش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پىسخىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
10. روھىي كېسەل بىمارلىرى چوقۇم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەكمۇ؟
روھى كېسەل بىمارلىرى دوختۇرخانىدا ياتماي داۋالانسىمۇ بولىدۇ.
بىرىنجىدىن، روھى كېسەلنىڭ تۈرلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي كېسەل مەسىلەن: ئەسەبىيلىشىش ۋە ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىگى، شۇنداقلا نىرۋا كېسەللىكلىرى (مەسىلەن: تەشۋىشلىنىش كېسەللىگى ۋە ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە) قاتارلىقلار. شۇڭىلاشقا نىرۋا كېسەللىكلىرى مەخسۇس دوختۇرلىرى بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ دىئاگونوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
ئىككىنجىدىن: بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىگى ئوخشاش بولمايدۇ. يەنى گەرچە ھەممىسى ئوخشاشلا ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بولسىمۇ لېكىن بىر قىسىم بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك بولىدۇ، بىر قىسىم بىمارلارنىڭ ئېغىرراق بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەكلىرى بولسا ئامبولاتورىيىدە داۋالاشنى تاللاپ، دائىم ئەسەبىيلىشىشكە قارشى دورا ئىستىمال قىلىپ، قەرەللىك تۈردە ئامبولاتورىيىدە قايتا تەكشۈرۈتۈپ بەرسە بولىدۇ؛ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا ھەم روھىي كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزدىن كونتىرول قىلغىلى ھەم كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلالماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
11. ئەسەبىيلىشىش كېسەللىكى، ئېلىشىپ قالغانلار چوقۇم دورا ئىستىمال قىلىشى كېرەكمۇ؟
ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى ۋە ئەسەبىيلىشىش كېسەللىكى ئوخشاشلا سوزۇلما خارەكتىرىلىك تەدىرىجى ئېغىرلاپ بارىدىغان كېسەللىك بولغاچقا چوقۇم دورا ئىستىمال قىلىش كېرەك. بىر قىسىم ئائىلىلەر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۆزلىگىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا قاراش. بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بەلكىم بىر قانچە كۈن ياخشى بولۇپ، بىر قانچە كۈن ناچار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ھەرگىزمۇ ئۆزلىگىدىن ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ، نۆۋەتتە بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل روھىي كېسەللىككە قارشى دورا ئىستىمال قىلىشتىن ئىبارەت. روھىي كېسەللىككە قارشى دورا بىلەن داۋالاشنى ئىمكان قەدەر بالدۇر ئېلىپ بارغاندا بىمارنىڭ روھىي كېسەللىك ئەھۋالىنى بالدۇرراق كونتىرول قىلغىلى، يەنىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن. ناۋادا بىمار ئەسەبىيلىشىشى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان دورىنى ئىستىمال قىلغىنى ياخشى. چۇنكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش غەرىزى ۋە ئويى بولىدۇ، ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە قارشى دورىنى بالدۇرراق ئىستىمال قىلغاندا كەيپىياتىنى تىزراق ياخشىلاپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
12. پىسخىك داۋالاشنىڭ ئەسەبىيلىشىش كېسىلى، ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكىگە قارىتا رولى بارمۇ؟
پىسخىكىلىق داۋالاش ئەسلىگە قايتىش مەزگىلى ۋە پەسىيىش مەزگىلىدىكى ئەسەبىيلىك ۋە ئېلىشىپ قېلىشقا قارىتا ئۈنۈمى بار، لېكىن پىسخىك داۋالاش پەقەت ۋە پەقەت قوشۇمچە داۋالاشتىن ئىبارەت خالاس. ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ۋە ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنىڭ جىددى قوزغىلىش پەيتىدە ئەسەبىيلىككە، ئېلىشىپ قېلىشقا قارشى دورا بىلەن داۋالاشنى ئاساس قىلىش تەكلىۋى بېرىلىدۇ. چۇنكى جىددى قوزغىلىش پەيتىدە بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ شۇنداقلا ئۆزىنى داۋالىنىشىم كېرەك دەپ قارىمايدۇ. بىمار پىسخىك داۋالاشنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ، شۇڭىلاشقا پىسخىك داۋالاش ئارقىلىق كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
13. روھى جەھەتتىن يېتىلىشى ئاستا بولۇش دىگەنلىك يېتىلىشى ئاستا بولۇشنى كۆرسىتەمدۇ؟
بۇ جاۋاپ ئەتراپلىق بولمىغان. روھى يېتىلىشى ئاستا دىگەنلىك روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىنىڭ كېچىككەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ ھەرگىزمۇ ئاددىغىنا فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن يېتىلىشىنىڭ ئاستا ئىكەنلىگىنى كۆرسەتمەيدۇ. روھىي يېتىلىشىنىڭ كېچىكىشىنىڭ كېلىنكىلىق ئىپادىسى تىل، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەڭ ياشلىق بالىلاردىن كىيىن يېتىلگەنلىگىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئەقىل بۆلۈنمىسى سەۋىيىسى، ئىجتىمائى تۇرمۇشقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن يېنىك، ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەپ ئۈچ تۇرگە ئايرىلىدۇ. نۆۋەتتە روھىي يېتىلىشىنىڭ ئاستىلىقىنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا تېپىلغىنى يوق، ئاساسلىقى ئالاھىدە مائارىپ تەربىيىسى ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، بىمار بالىنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ.
14. بالىلارمۇ روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە. بالىلاردىكى روھىي كېسەللىك بالىلار روھىي كېسەللەر بۆلىمىنىڭ دىئاگونوز قويۇپ داۋالاش كاتگورىيىسىگە تەۋە. بالىلاردىكى روھىي كېسەللىك دائىم كۆرىلىدىغان روھىي كېسەللىك ۋە مەخسۇس بالىلىق دەۋرىدە كۆرۈلىدىغان روھىي كېسەللىك دەپ ئىككى تۇرگە بۆلىنىدۇ. دائىم كۆرىلىدىغان روھىي كېسەللىك دىگىنىمىز ئەسەبىيلىشىش كېسەللىكى، ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى، ھېسىيات توسالغۇسى، تەشۋىشلىنىش كېسەللىكى، ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە قاتارلىقلار. مەخسۇس بالىلىق مەزگىلىدە قوزغۇلىدىغان روھىي كېسەللىكلەر. بۇلار روھىي جەھەتتىن يېتىلىشى كېچىكىش، بالىلاردىكى تەنھالىقنى خالاش، دىققىتىنى يىغالمايدىغان كۆپ ھەرىكەت قىلىش كېسەللىكى (ئاتا – ئانىلار بۇنى يىغىنچاقلاپ جىم تۇرالماسلىق كېسەللىكى دەپ ئاتايدۇ)، تارتىشىپ قېلىش كېسەللىكى، ئەخلاق توسالغۇسى قاتارلىقلار. ئوخشىمىغان كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ چارىسى ئوخشاش بولمايدۇ، بىمار بالىنى بالىلار روھىي كېسەللىكلەر مەخسۇس بۆلىمىگە ئېلىپ بېرىپ دىئاگونوز قويغۇزۇش ۋە داۋالىتىش كېرەك.
15. تەنھالىقنى خالاشمۇ روھىي كېسەللىكمۇ؟
تەنھالىقنى خالاش روھىي كېسەللىككە كىرىدۇ. تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكى كەڭ دائىرلىك يېتىلىش توسالغۇسى ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ ياش ئىچىدە كېسەللىك قوزغۇلىدۇ. كېلىنكىدا ئۈچ خىل يادرولۇق ئىپادىسى بار: ئىجتىمائى ئالاقە توسالغۇسى، پىكىرلىشىش ۋە ئالاقىلىشىش توسالغۇسى، ئۆلۈك ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە مۇقىم ھەرىكەت سېستىمىسى؛ بىمار بالا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە قۇرداشلىرى بىلەن نورمالنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلىپ بارالمايدۇ، ئاساسلىقى ئىپادىسى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ، كىچىك دوستلار بىلەن بولغان دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ، ئەڭ ئاددىسى كىچىك دوستلار بىلەن ئوينىمايدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتىمۇ ئويۇن خارەكتىرىلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئوينىيالمايدۇ، ئىسمىنى چاقىرسىمۇ ئىنكاسى يوق بولىدۇ. يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بىمارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېنىق تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ باشقا كىشىلەر بىلەن نورمال ئالاقە قىلالمايدۇ، ئىجتىمائى قائىدىنى بىلمەيدۇ، جەمئىيەتكە قوشۇلالمايدۇ، ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى كۆرىنەرلىك تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭىلاشقا، تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىمۇ روھىي كېسەللىككە تەۋە.
16. پەرزەنىتلىرى تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاتا – ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟
بىرىنجىدىن: ئاتا – ئانىلار پەرزەنتىنى بالىلار روھىي كېسەللىكلەر مەخسۇس بۆلىمىگە ئېلىپ بېرىپ دىئاگونوز قويغۇزۇشى، مەخسۇس بۆلۇم دوختۇرلىرىنىڭ بىمار بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا بولغان ئانالىزى ۋە ئالاقىدار تەكلىۋىنى ئاڭلىشى كېرەك؛
ئىككىنجىدىن: تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگى دىگەن نىمە، قانداق داۋالايمىز دىگەننى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى كېرەك.
ئۈچىنجىدىن: بالىغا قارىتا قاراتمىلىق ھالدا ئارلىشىش مەشىقىنى ئېلىپ بېرىش لازىم. بالىنى تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىنى مەخسۇس مەشىقلەندۇرۇش ئاپپاراتىغا ئېلىپ بېرىپ مەشىقلەندۇرۇش، ئالاقىلىشىش ۋە تىل ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتا – ئانىلارمۇ بالىنى مەشىقلەندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۈگىنىشى كېرەك.
توتىنجىدىن: ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشىشى كېرەك. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار پەرزەنىتلىرىدە كېسەل بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، ھەممە يەرگە قاتراپ يۇرۇپ تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگىنىڭ «خىسلەتلىك دورىسى» نى ئىزدەيدۇ. ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتە تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى يوق، ئەڭ ياخشى ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋاستىسى قاراتمىلىق ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىدىن ئىبارەت.
17. بالىلاردىكى تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىنى قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟
ئەڭ موھىمى تەنھالىقنى خالاش كېسەللىك ئالامىتىنى ئېتىراپ قىلىش. پەرزەنتىدە تەنھالىقنى خالاش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۇلگەندە ئۆز ۋاقتىدا دىققەت قىلىش، تىزدىن روھىي كېسەللىك مەخسۇس دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ بالىلار ئامبولاتورىيىسىدە دىئاگونوز قويغۇزۇش لازىم. تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ئىجتىمائى ئالاقە توسالغۇ. بىمار بالا بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رىشتىسى كەمچىل، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھ بولىشىغا قارىتا بىپەرۋا قارايدۇ، باشقا كىچىك دوستلار بىلەنمۇ ئوينىمايدۇ.
ئىككىنجىدىن: بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ، بىر قىسىم بالىلارنىڭ تىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، بىر قىسىم بالىلار گەپ قىلمايدۇ ياكى سۆزى ئىنتايىن ئاددى بولىدۇ. تىكىلىپ قارىشى ئاجىز بولىدۇ؛ باش چايقاش، باش لىڭشىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەلىۋىنى ئىپادىيەلمەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۆلۈك ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە مۇقىم ھەرىكەت توسالغۇسىمۇ تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. بىمار بالا نورمال بالىلار ئامراق ئويۇنچۇقلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ئەكسىنچە تېلىۋىزىيە ئېلانى، تۇرلۇك ماركىلارغا قىزىقىدۇ؛ ھەركىتى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، مۇئەييەن مۇقىم يول بىلەن مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قولىنى پۇللاڭلىتىپ، ئۆزىنىڭ قولىنى ئوينايدۇ، ئۆزىنىڭ قولىنى كۆرىدۇ قاتارلىق ھەرىكەتنى كۆپ قىلىدۇ.
18. تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىنى بالىنىڭ زىيادە تەنھالىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ ياكى ئاتا – ئانىلارنىڭ زىيادە ئىچ مىجەزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟
ھەممىسىلا ئۇنداق ئەمەس. بالىلاردىكى تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگى بوۋاقلىق، بالىلىق مەزگىلىدىلا كۆرۇلىدۇ، ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى كېسەللىك قوزغۇلىدۇ. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالا كىچىك ۋاقتىدا ئۇچراشقان ئادەملەر ئاز بولسا، باشقا كىچىك دوستلىرى بولمىسا ياكى ئاتا – ئانىسى ئەسلىدىنلا ئىچ مىجەز بولسا بالىنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ ھەممىسى خاتا.
نۆۋەتتە تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگىنى ئېرسىيەت ئامىلىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئىرسىيەتچانلىق تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ ھەرگىزمۇ ئاتا – ئانىسىدا تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگى بولغاندىلا ئاندىن بالىسىغا ئىرسىيەت قالىدىغانلىقى ئەمەس. كۆپلىگەن تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى تۇققانلىرى ئارىسىدا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار يوق. تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگىنى كۆپلىگەن ئاسان تەسىرلىنىدىغان گېنلارنىڭ ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن قوزغىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتايىن ئاز ساندا موھىت ئامىلىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقارقى ئامىللارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ ئەڭ ئاخىرىدا كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
19. تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى بارمۇ؟ پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بارمۇ؟
نۆۋەتتە تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگىنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى يوق، ئەكسىنچە تەنھالىقنى خالاش كېسەللىگى ھەرگىزمۇ پىسخىك مەسىلە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانمۇ ئەمەس. شۇڭىلاشقا، بالىغا نىسبەتەن ئادەتتىكى پىسخىك داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەممىسى پەرزەنتىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۇمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ قالايمىقان دوختۇرغا كۆرىنىش خاھىشى يۈز بېرىدۇ، ئاللىقانداق بىر دورىنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىگە داۋالاشقا ئۈنۈمى بارلىقىنى ئاڭلىغان ھامان شۇ دورىنى ئېلىپ سىناپ باقىدۇ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە غەيرى رىتسىپلارنى ئىزدەپ سۇرۇشتۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال پەقەت بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كېچىكتۇرۇپ، بالىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار مۇشۇ يولدا مېڭىپ كېيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلتۇرۋالالمايدۇ. شۇڭىلاشقا، ئاتا – ئانىلار ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە داۋالاش تەدبىرى ئۇستىدە ئىزدەنمەسلىكى كېرەك. چۇنكى خەلقئارادا قوللىنىۋاتقان تەنھالىقنى خالاش كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ئالاھىدە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىدىن ئىبارەت.
20. بالىلارنىڭ يېتىلىشىدىكى مەسىلىنى قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىۋالغىلى بولىدۇ؟
بىرىنجىدىن: ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ يېتىلىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. قۇرداشلىرى بىلەن بولغان پەرق بەك زور بولغاندا چوقۇم دىققىتىنى تارتىش لازىم. مەسىلەن: بالا 2 ياشقا كىرگەندىمۇ گەپ قىلالمىسا بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار «كىيىن گەپ قىلسا پىششىق سۆزلەيدۇ» دەپ چوڭ بولغانسىرى ئۆزى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ، ئاقىۋەتتە بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشىنى كېچىكتۇرۇپ قويىدۇ.
ئىككىنجىدىن، بالا بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېرىش، بالىنىڭ قىزىقىشى، ياخشى كۆرىشى ۋە ھەركىتىگە دىققەت قىلىش لازىم. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۇرۇپ بالىسى بىلەن ئوينىغىدەك ۋاقىتمۇ چىقىرالمايدۇ، بالىسىنى چوڭلارغا تاشلاپ قويۇپ ئەھۋال سورىمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم بىنورمال ئەھۋاللارنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاش قىيىنغا چۇشىدۇ.
ئۈچىنجىدىن: مەسىلىنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر دىئاگونوز قويغۇزۇش لازىم. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىسىدىكى بىر قىسىم مەسىلىنى بالدۇر بايقىسىمۇ لېكىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ، بالىسىدا مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمايدۇ. بۇ توغرا ئەمەس.