ئەقلىي ئىقتىدار مېيىپلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
1. ئەقلىي ئىقتىدار مېيىپلىقى دىگەن نىمە؟
ئەقلىي ئىقتىدار مېيىپلىقى يەنە ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال ئادەملەرنىڭ سەۋىيىسىدىن روشەن تۆۋەن بولغان ھەمدە ماسلىشىش ھەرىكىتى قوشۇلۇپ كېلىدىغان توسالغۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى مېيىپلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدار توسالغۇسى سەۋەبىدىن شەخسنىڭ ھەرىكىتى ۋە قاتنىشىشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ. موھىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، كەڭ، چەكلىك ۋە ئارىلاپ – ئارىلاپ قوللىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدار مېيىپلىقى ئەقلىي ئىقتىدارى يېتىلىش باسقۇچىدا (18 ياشتىن بۇرۇن) تۇرلۈك زىيانلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى سۇسلاش ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن تۇرلۈك زىيانلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەقلىي ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش ياكى ئەقلىي ئىقتىدارى روشەن چېكىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولسىلا ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقى بولامدۇ؟
ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ كۆرىنەرلىك تۆۋەن بولۇش ئۆلچىمىگە ماس كەلگەندىن سىرت يەنە بىر ۋاقىتتا كۆرىنەرلىك بولغان ماسلىشىش ھەركەت توسالغۇسى بولىشى كېرەك، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۇش كېرەككى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقىنىڭ ئېنىقلىمىسىدىكى ماسلىشىش ھەركىتى توسالغۇسى مەسىلىسى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلارنىڭ كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاج ئىكەنلىگىنى چۇشەندۇرىدۇ.
3. ماسلىشىش ھەركىتى قايسى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ماسلىشىش ھەركىتى كىشىلەرنىڭ مۇستەققىل تۇرمۇشىدا مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئېلىش ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇقۇم ماھارىتى (مەسىلەن تىلنى چۈشۈنۈش ۋە ئىپادىلەش، پۇل ئۇقۇمى قاتارلىقلار)، ئىجتىمائى ماھارەت (مەسىلەن: كىشىلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش، قانۇن تۈزۈمگە رىئايە قىلىش، ئۆزىنى قوغداش قاتارلىقلار) ۋە ئەمەلىيەت ماھارىتى (مەسىلەن: تاماق يىيىش، كىيىم كىيىش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش ماھارىتى ۋە كەسپى ماھارەت) قاتارلىق ئۇچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. ئەقلىي ئىقتىدار مېيىپلىقىنى قانچە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ؟
ئەقلىي ئىقتىدار مېيىپلىقى توت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، 2- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلاردىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۇرۇشتە قوللىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدار مېيىپلىگىنى دەرىجە ئايرىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك.
ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى
دەرىجىسى
| دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى
|
تەرەققىيات بۆلۇنمىسى(DQ) 6~0 ياش
| ئەقىل بۆلۇنمىسى(IQ) 7 ياشتىن يۇقىرى
| ماسلىشىش ھەركىتى (AB)
|
1- دەرىجە
| 25≥
| 20≥
| ئىنتايىن ئېغىر
|
2- دەرىجە
| 39~26
| 34~20
| ئېغىر دەرىجىدە
|
3- دەرىجە
| 54~40
| 49~35
| ئوتتۇراھال دەرىجىدە
|
4- دەرىجە
| 75~55
| 69~50
| يېنىك دەرىجىدە |
ئىزاھات: تەرەققىيات بۆلۈنمىسىگە دىئاگونور قويۇشتا گەيسار تەرەققىيات بۆلۈنمىسى دىئاگونوز قويۇش جەدۋىلى (Gesell) قوللىنىلىدۇ. ئەقىل بۆلۈنمىسىگە دىئاگونوز قويۇش قورالى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ۋېيشى بالىلارنىڭ ئەقىل ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ئاددى جەدۋىلى (WISC_CR)، (16~7 ياشلىق) ۋە ۋېيشى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ئاددى جەدۋىلى (WAIS_CR)، (17 ياشتىن يۇقىرى) قوللىنىلىدۇ. ماسلىشى ھەركىتىنى باھالاشتا قۇرالىدا ئادەتتە بوۋاقلاردىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەش جەدۋىلى (6 ئايلىقتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلار) ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى باھالاش جەدۋىلى (16 ياشتىن يۇقىرىلار) قوللىنىلىدۇ.
5. ئەقلىي مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟
2- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلاردىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۇرۇشتە ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىق ئامىلىنى سەككىز تۇرگە ئايرىلدى. 1) ئېرسىيە ئامىلى (خروموسىمىنىڭ بىنورماللىقى ۋە غەيرىلىك، مىتابولىزىمنىڭ تۇغما غەيرىلىكى)؛ 2) يېتىلىش كەمتۈكلىكى (ھامىلە ۋە تۇغۇلغان چاغدا تۇنجۇقۇپ قېلىش، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، تۇغۇلۇش تەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش ياكى كېيىن تۇغۇلۇش، يېتىلىش غەيرىلىكى، ئوزۇقلۇق ناچار بولۇش)؛ 3) كېسەللىك (يۇقۇملۇق مېڭە كېسەللىكلىرى، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، ماددا مېتابولىزىمى، ئوزۇقلۇق كېسەللىكى، ئىچكى ئاجراتما توسالغۇسى، تارتىشىش خارەكتىرلىك كېسەللىك، روھىي كېسەللىك)؛ 4) زەخمە ۋە تاساددىپى زەخمىلىنىش. (قورساقتىكى چېغىدا سىرتقى زەخمىگە ئۇچراش ۋە فېزىكىلىق زەخمىلىنىش، تۇغۇت زەخمىسى، ئىش ئۇستىدە زەخمىلىنىش، قاتناش ھادىسىسىدە زەخمىلىنىش ۋە باشقا زەخمىنى كۆرسىتىدۇ)؛ 5) زەھەرلىنىش ۋە باشقا زىيادە سىزىمچانلىق ئىنكاسى؛ 6) ناچار بولغان مەدەنىيەت ئامىلى (مەدەنىيەتتىن مەھرۇم قىلىنىش، تەربىيلىنىش مۇۋاپىق بولماسلىق، سەزگۈ ئەزالىرىدىن مەھرۇم قىلىنىش)؛ 7) باشقىلار. 8) سەۋەبى ئېنىق ئەمەس.
ھازىرغىچە بىزگە ئايدىڭ بولغان ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىچىدە ئالدىنقى 3- ئورۇندا تۇرىدىغانلىرى: يۇقۇمسىز كېسەللىكلەردىن مېيىپلىنىش؛ ئىرسىيەت خارەكتىرىلىك مېيىپ بولۇش قېلىش ۋە يېتىلش كەمتۈكلىكىدىن كېلىپ چىققان ئىرسىيەتسىز مېيىپلىقتىن ئىبارەت. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقى ھەرگىزمۇ نوقۇل بىرلا ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىقمايدۇ، ئەكسىنچە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
6. ئوخشىمىغان ياشلىق كىشىلەر توپىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىق ئامىلىنىڭ ئالاھىدىلىگى نىمە؟
ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا ياشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۇغما مېيىپلىقنىڭ (ئىرسىيەت خارەكتىرلىك مېيىپ ۋە يېتىلىش كەمتۈكلىكى ئىرسىيەتسىز مېيىپلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئومومىي سان ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلسىرى تۆۋەنلىمەكتە، ئەكسىنچە ئىككىلەمچى مېيىپلىقنىڭ نىسبىتى يىلسىرى ئاشماقتا.
2- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلاردىن نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى 1) 0 ~ 14 ياشلىق ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلار ئىچىدە ئېرسىيەت ئامىلىدىكى مېيىپلار ٪12.46 نى ئىگىلەيدىكەن؛ بالدۇر تۇغۇلۇش، تۇغۇلۇش تەن ئېغىرلىقى يېنىك ۋە ئانا قورسىقىدىكى چاغدا زەخمىلەنگەن قاتارلىق تۇغما ئامىللار ٪32.43 نى ئىگىلەيدۇ؛ 2) 59~15 ياشلىق ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلار ئىچىدە مېڭە كېسەللىكلىرى ٪25 نى ئىگىلەيدۇ، ئېرسىيەت ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك ٪15.15 نى ئىگىلەيدۇ؛ 3) 60 ياشتىن يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلار ئىچىدىكى مېڭە كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار ٪56.87 نى ئىگىلەيدۇ؛
7. بالىلاردا ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېرسىي كېسەللىكلەر قايسىلار؟
بالىلاردا ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېرسىي كېسەللىك ئاساسلىقى تاڭشى ئۇنۋىرسال كېسەللىكى (Down ئۇنۋىرسال كېسەللىكى، تۇغما دۆتلۇك دەپ ئاتىلىدۇ)، چۈرۈكلۈك تىپلىق X ئۇنۋىرسال كېسەللىكى ۋە فېنىل كېتۇن سىيىش كېسىلى قاتارلىقلار؛
1) تاڭشى ئۇنۋىرسال كېسەللىكى. دائىمىي خروموسۇم قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بالىلار خروموسوم كېسەللىكىدىكى دائىم كۆرىلىدىغان بىر تۈرى، كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى (600-800)/1 بولىدۇ، ئانىنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولغانسىرى كېسەلنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بىمار بالا تۇغۇلغان چاغدىلا ئىككى كۆزىنىڭ ئارلىقى كەڭ، پاناق بۇرۇن، كۆز يوچۇقى كىچىك، كۆزى سىرتقا ئۇستىگە قىيپاش قاتارلىق قىياپەت ئالامەتلىرى بولىدۇ.
2) چۈرۈكلۇك تىپلىق X ئۇنۋىرسال كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى تاڭشى ئۇنۋىرسال كېسەللىكىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاساسلىقى X خروموسۇم شەكىللىنىش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئۆزگۇرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئوغۇللاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى قىزلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى قىزلارنىڭكىگە قارىغاندا ئېغىرراق بولىدۇ.
3) فېنىل كېتۇن سىيىش كېسىلى بىر خىل ئامىنو كىسلاتا ماددا ئالمىشىشىنىڭ قالايمىقانلىشىش كېسىلى. مېتابولىزىم جەريانىدا مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنىڭ فېنىل ئالانىننىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ ئىنتايىن ئاز ساندا بىر قىسىمىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان ئېرسىيەت خارەكتىرلىك مېتابولىزىم قالايمىقانلىشىشى كېسەللىكىنىڭ بىرى.
8. بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەدبىرلىرى قايسىلار؟
بالىلاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەدبىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ئىرسىيەتشۇناسلىقتىن مەسلىھەت سوراش ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىئاگونوز قويغۇزۇش، ئىرسىيەت خارەكتىرلىك ماددا مېتابولىزىم قالايمىقانلىشىش ۋە خروموسۇم غەيرىلىكى قاتارلىق كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش؛
2) ھامىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلىنىشنىڭ تەڭپۇڭ بولىشىغا دىققەت قىلىش. زىيانلىق خېمىيىۋى بويۇملار ۋە رادىئاكتىپلىق نۇر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقۇملىنىشتىن ۋە ھامىلدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاتولوگىيىلىك بوشىنىش (قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش، تۇغۇت قىسقۇچى بىلەن تۇغۇتقا ياردەم بېرىش قاتارلىقلار) دىن ساقلىنىش؛
3) تەشۋىقات تەربىيىنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك تۇغۇپ سۈپەتلىك تەربىيلەشنى تەشەببۇس قىلىش، يېقىن تۇققانلار ئارا توي قىلىش ۋە چوڭ ياشتا ھامىلدار بولۇشتىن ساقلىنىش؛
4) بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشنى كۈچەيتىش، بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلىقىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىش، مەركىزىي نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ، مېڭىنىڭ سىرتقى زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
5) بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن تىزدىن فېنول كىتون سىيىش قاتارلىق تۇغما مىتابولىزىم قالايمىقانلىشىش كېسەللىكىنى بايقاش ھەمدە تىزدىن مۇناسىپ داۋالاشنى ئېلىپ بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنىڭ داۋاملىق قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
6) ناچار مەدەنىيەت ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بالىلاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ. جەمئىيەت، ئائىلە ۋە مەكتەپنىڭ سېستىمىلىق ھالدا ئورتاق ماسلىشىشىنى، بىمار بالا ئۈچۈن بىخەتەر، ساغلام، مۇۋاپىق غىدىقلاش رولىنى ئوينايدىغان ئۆسۇپ يېتىلىش موھىتىنى ھازىرلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
9. بالىلاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنى بالدۇر بايقاشتا قايسى توپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
تۆۋەندىكى ئىككى توپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم.
1) ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىق خەۋىپ ئامىلى يۇقىرى بولغان ئانا – بالىلار توپىغا دىققەت قىلىش لازىم. 1) ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى – كەينىدە ۋېروستىن يۇقۇملىنىش تارىخى بولغان، ئەر – خوتۇن بىر تەرەپنىڭ يېشى زىيادە چوڭ، ئادەت خارەكتىرلىك بويدىن ئاجراش، بالدۇر يەڭگىش ياكى ھامىلە ئۆلۇپ قېلىش تارىخى بولغان ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىق نەسەب تارىخى بولغان ھامىلدار ئاياللار؛ 2) ئانىدا ھامىلدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكى، پاتولوگىيىلىك بوشۇنۇش تارىخى ھەمدە بالدۇر يەڭگىش، مۇددەتتىن كېيىن يەڭگىش ۋە تۇنجۇقۇپ قېلىش قاتارلىق ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى خەۋىپ ئامىلى بار بولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار؛
2) ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنىڭ يۇقىرى خەۋىپ ئالامىتى كۆرۇلگەن بالىلار. يەنى تۇغۇلغان جايدا بىنورماللىقى بايقالمىغان، لېكىن ئۆسۇپ يېتىلىش جەريانىدا نىرۋا، روھىيەت ھەرىكەت يېتىلىشى ئاستا ۋە مەلۇم پەرق بولغان بالىلار؛
10. ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنىڭ خەۋىپ ئامىلى بار بولغان ئانا – بالا توپىغا قارىتا بالدۇر بايقاش تەدبىرىنى قوللىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسىلار؟
بۇ توپتىكى كىشىلەرگە قارىتا بالدۇر بايقاشنىڭ تەدبىرى تۆۋەندىكىچە ئۈچ تۇرلۇك.
1) ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىق خەۋىپ ئامىلى بار بولغان ھامىلدار ئاياللارغا قارىتا ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، ئوتتۇرا مەزگىلىدە تۇغۇتتىن بۇرۇن تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە دىئاگونوز قويۇش ئارقىلىق، تاڭشى ئۇنۋىرسال كېسەللىكى، چۈرۈكلۈك تىپلىق X ئۇنۋىرسال كېسەللىكى قاتارلىق ئېرسىيەت كېسەللىكىنى بالدۇر بايقاش لازىم؛
2) يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈشنى ئوموملاشتۇرۇپ، فېنول كىتون سېيىش كېسىلى، تۇغما قالقانسىمان بەز ھورمونى ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق تۇغما ماددا مېتابولىزىمى قالايمىقانلىشىش كېسەللىكىنى بالدۇر بايقاش؛
3) ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقىرى خەۋىپ ئامىلى بولغان يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى قەرەللىك تۇردە ئۆسۇپ يېتىلىشىنى تەكشۈرۈپ، ئىز قوغلاپ ئېنىقلاش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىش؛
11. بوۋاقلار، بالىلاردىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنىڭ بايقاشنىڭ قانداق ئۇسۇلى بار؟
ئەگەر بوۋاقلار، بالىلاردا تۆۋەندىكى كۆپ خىل ھەرىكەت ئالامىتى بولسا، تىزدىن مەخسۇس ئاپپاراتلارغا ئاپىرىپ ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقنى تاللاپ تەكشۈرتۈش لازىم.
1) تۇغۇلۇپ 10-16 ھەپتىلىك بولغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا كۈلۈمسىرمەسلىك؛ (باققۇچىغا قارىتا ئالاقىلىشىش خارەكتىرىلىك كۇلۇمسىرەش)، ئاۋازغا قارىتا ئىنكاس بولماسلىق، باشقىلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماسلىق؛
2) ئىمىش، شوراش ئىقتىدارى ئاجىز، چايناش ئىقتىدارى كېچىككەن، تاماق يىگۈزۈش قىيىن، قاتتىق نەرسىلەرنى يىگۇزگەندە ئاسانلا يۇتۇشى قىيىنلىشىدىغان ياكى ياندۇرۋېتىدىغان؛
3) يىغىسى قاتتىق ياكى چىقىراق، كۈچسىز، ئاۋاز ئۆزگىرىشى يوق بولسا؛
4) كۆرۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ياخشى ئەمەس، ئەتراپتىكى ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلمايدىغان، نەزەر سالمايدىغان، كۆزى شەيئىلەرنىڭ ھەركىتى بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلمايدىغان؛
5) 8 ئايلىق بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ئۆزىنىڭ قولىنىڭ ھەركىتىگە دىققەت قىلىدىغانلار؛
6) بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا داۋاملىق شۆلگەي ئاقىدىغانلار؛
7) 2 ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا نەرسىلەرنى قەستەن يەرگە تاشلىۋېتىدىغان بولسا؛
8) 2-3 ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق قولىدىكى ئويۇنچۇق ۋە ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزىغا سالىدىغانلار؛
9) پۇت قولىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز. 2-3 ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ ماڭغاندا دائىم ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پۇتلىشىدىغان؛
10) ئويغاق ۋاقتىدىمۇ چىشىنى غۇچۇرلىتىدىغان؛
11) كۆپ ئۇخلايدىغان، تېنىچ ئۇخلىمايدىغان، تەستە ئۇخلايدىغان ياكى ئاسانلا ئويغىنىپ كېتىدىغان؛
12) ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە قىزىقمايدىغان ياكى قىزىقىشى كەمچىل ۋە ياكى قىزىقىشى قىسقا مۇددەتلىك، دىققىتىنى يىغالمايدىغان، ئىنكاسى ئاستا؛
13) ئاسان تېرىكىدىغان، چۆچۈيدىغان، سەۋەپسىز كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغان؛
14) پۇت قولنىڭ ئىختىيارى ھەركىتى ئاز، ھەركىتى قوپال؛
15) ھەرىكەت ۋە ھەرىكەت يېتىلىشى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشلىق بالىلاردىن كۆرىنەرلىك ئارقىدا قالغانلار؛
12. نىمە ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارغا بالدۇر ئارلىشىش زۆرۈر دەيمىز؟
بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقىنى بايقىغاندىن كېيىنكى ئەڭ موھىم مەسىلە تىزدىن بالدۇر ئارلىشىش. بالدۇر ئارلىشىش دىگىنىمىز بالدۇر تەربىيلەشنىڭ ئۇسۇلىنى خەۋىپلىك يېڭى تۇغۇلغان بالىلار ياكى تەرەققىياتى نورماللىقتىن چەتنەپ كەتكەن 5-6 ياشتىن كىچىك بالىلارغا بولۇپمۇ 3 ياشتىن كىچىك بالىلارغا قارىتا تىزدىن ئالاھىدە بالىلاردىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، تىزدىن ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيىتىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، ئالاھىدە بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىلار مېڭە كېسەللىكى ئىلمى ۋە بالىلار پىسخىكا ئىلمىنىڭ تەتقىقاتى ئالتە ياشتىن ئىلگىرى بولۇپمۇ ئۇچ ياشتىن ئىلگىرى ئادەم مېڭىسى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ تىز، ئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ كۈچلۇك، ئەتراپتىكى موھىتىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭىلاشقا، پۇرسەتنى قولدىن ئۆتكۇزۋەتمىگەن ئاساستا تىبابەت، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مائارىپ، مەھەللە نوقتىسىدىن تۇرۇپ ئەقلىي مېيىپ ياكى ئەقلىي مېيىپلىق خەۋىپى يۇقىرى بالىلارغا بالدۇر ئارلاشقاندا بالىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى، ئىدراكى، بىلىش ئىقتىدارى، تىل ئالاقە ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋىپنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
13. ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارغا دەسلەپكى مەزگىللىك سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنىڭ مەزمۇنى قايسىلار؟
ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى قانچە بالدۇر قىلسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. مەشىقلەندۈرۈش جەريانىدا ئاتا – ئانىلار، مەھەللە ۋە كەسپىي خادىملار ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك، مەشىق مۇمكىن قەدەر ئويۇن شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىشى، بالا بۇنىڭغا خوشاللىق بىلەن قاتنىشىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1) سەزگۈ مەشىقى. كۆرۇش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، تىگىشش سېزىمى، پۇراش سېزىمى، تەم سېزىمى ۋە تەڭپۇڭلۇق سىزىمى قاتارلىقلار؛
2) ھەرىكەت ئىقتىدار مەشىقى. بۇ باشنى كۆتۈرۈش، بوينىنى تىك تۇتۇش، ئۆرۈلۈش، ئۆمىلەش، مېڭىش، يۇگۈرۈش، سەكرەش قاتارلىق چوڭ ھەرىكەتلەرنى ۋە تۇتۇش، چىمداش، ئىگىش قاتارلىق قول – كۆز ماسلىشىدىغان ئىنچىكە ھەرىكەت مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
3) تىل ئالاقە ئىقتىدارى مەشىقى. باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۇشۈنۈش ۋە باشقىلار چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىۋىنى ئىپادىلەش؛
4) بىلىش ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرۈش. دائىم ئۇچرايدىغان بويۇملارنى تونۇش، تۇرمۇش ۋە تەبىئەتتىكى ئاددى ساۋاتلارنى بىلىش ھەمدە مۇناسىپ توغرا ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىقلار؛
5) تۇرمۇشتا مۇستەققىل بولۇش ئىقتىدار مەشىقى. مەسىلەن: كىيىم كىيىش، تاماق يىيىش، ئۆزىنىڭ شەخسى تازلىقى، مەسىلەن: ھاجەتخانىغا كىرىشتە مۇستەققىل بولۇش قاتارلىقلار؛
6) جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدار مەشىقى. باشقىلار بىلەن دوستانە ھەمكارلىشىشنى ئۈگىنىش، ياخشى بولغان ئالاقىنى بەرپا قىلىش ۋە ساقلاش، جەمئىيەتنى تونۇش ۋە چۈشۈنۈشنىڭ ئادەتتىكى بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئارقىلىق جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش؛
14. ئوقۇش يېشىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلار مەكتەپكە كىرسە بولامدۇ؟
ئوقۇش يېشىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالايدۇ.
ئېلىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش مېيىپ بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر بالىنىڭ ئاساسىي ھوقوقى، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. پەقەت ئېلىمىز دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان ئوقۇش يېشىدىكى ھەر بىر بالا مەيلى مېيىپ بولۇش ياكى بولماسلىقى، مېيىپلىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى بالىلار يېقىن ئەتراپتا ئوقۇش پىرىنسىپغا ئاساسەن مەكتەپكە كىرسە بولىدۇ، ھەر قانداق بىر مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
15. ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىىپ بالىلار قايسى ئورۇنلاردىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىدۇ؟
نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارغا بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ئاساسلىقى ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، ئادەتتىكى مەكتەپلەردە قوشۇمچە تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە مائارىپ سىنىپى ۋە ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىدا بىرگە ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۇچ خىل شەكلى بار.
ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى بىلەن ئادەتتىكى مەكتەپلەردە قوشۇمچە تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرى مەخسۇس مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان مائارىپ ئەندىزىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىۋېتىلگەن بولىدۇ. ئادەتتىكى مەكتەپ سىنىپلىرىدا بىرگە ئوقۇشتىن ئىبارەت مائارىپ ئەندىزىسى بولسا تەربىيلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئىدىيىسدىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، ئالاھىدە ئېھتىياجغا مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارنى ئادەتتىكى سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۈرۈپ، نورمال ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە تەربىيلەشتىن ئىبارەت. بەلگىلىمە بويىچە ئادەتتىكى بىر سىنىپتا بىرگە ئوقۇيدىغان ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچتىن ئاشماسلىقى كېرەك.
16. ئاتا – ئانىلار ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىق ئەھۋالى يېنىك دەرىجىدە ياكى قىسمەن ھالدا ئوتتۇرا دەرىجىدىكى بالىلار تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسا، روشەن بولغان كەيپىيات ھەركىتى بولمىسا، ئادەتتىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش سىنىپلىرىدا بىرگە ئوقۇشنى تاللىسا بولىدۇ. ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئۈگىنىش ۋە پائالىيەت ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىئولوگىيە، پىسخىك جەھەتتىكى كەمتۈكلىكىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرىدۇ.
ئەقلىي ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ ۋە كەيپىيات مەسىلىسى بار، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغان ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلەردە ۋە ئادەتتىكى مەكتەپلەردە قوشۇمچە تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇشنى تاللىسا بولىدۇ. چۇنكى بۇنداق ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرىدى كىچىك سىنىپتا ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەر بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 10 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆپۇنچىسى ئالاھىدە مائارىپ تەربىيىسى بويىچە تەربىيلەنگەن ۋە خىزمەت ئىشلىگەنلىك ئارقا كۆرىنىشى بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارنى ئايرىم تەربىيلەش مائارىپ پىلان بويىچە تەربىيلەيدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارنى مائارىپ تەربىيلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى تاللاش بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى، ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە بالىنى ئادەتتكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سىنىپىدا بىرگە ئوقۇتۇشنى تاللىماسلىق ياكى ھىچقانداق تاللاش بولمىغان ئاساستىلا ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇش تازا ئاقىلانە بولمىغان تاللاشتىن ئىبارەت.
17. ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇسا ئاتا – ئانىلار ئۇنىڭ تەربىيلىنىشىدىن غەم قىلمىسىمۇ بولامدۇ؟
ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلىق ئۆمۈرلۈك توسالغۇ، ئائىلە ۋە ئائىلە تەربىيىسى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارنىڭ پۈتۈن ئومرىدە ھىچقانداق نەرسە ئورنىنى باسالمايدىغان موھىم ئورۇنغا ئىگە، بالىلارنى تەربىيلەش ئاتا- ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى. بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئاتا - ئانىلار پەرزەنىتلىرىنىڭ كىيىم – كېچەك، يىمەك – ئىچمەك، يۈرۈش – تۈرىشغا كۆڭۈل بۆلگەندىن سىرت يەنە ئوقۇتقۇچىغا ماسلىشىپ، بالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرىكەت ئادىتى، ئىقتىدارى ۋە ئېھتىياجىنى كۈزىتىشى، دائىم ئوقۇتقۇچى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىنى مۇناسىپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىشى كېرەك. بالىغا قارىتا ئايرىم تەربىيلەش پىلانىنى تۈزەشكە ئاكتىپ قاتنىشىشى ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىرلىكتە ئىشلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۈگىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئائىلە تەربىيىسىنى مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ داۋامى قىلىش لازىم. ئەلۋەتتە جەمئىيەتمۇ ئاتا – ئانىلارنى زورۈر قوللاش بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.
18. ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلار كەسپى مائارىپ بويىچە تەربىيلەشكە ئېھتىياجلىقمۇ؟
مۇئەييەن ساندىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسى ۋە مۇۋاپىق كېلىدىغان كەسپى مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بىرەر كەسىپنىڭ ئەھلىگە ئايلىنىپ، ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايدىغان ئەمگەكچىگە ئايلىنالايدۇ، شۇڭلاشقا ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلار كەسپى مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق.
19. ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان كەسىپلەر قايسىلار؟
ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان كەسىپ دائىرىسى كەڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىچە:
مۇلازىمەت كەسپى: مەسىلەن: تازلىق ئىشچىسى، دۇكان مۇلازىمەتچىسى، ئاشخانا – رىستۇران كۈتكۈچىسى، مال يۆتكەش ئىشچىسى قاتارلىقلار؛
يېزا ئىگىلىك. مەسىلەن: ئاشلىق، سەي – كوكتات تېرىش، مىۋىلىك – مىۋىسىز دەرەخ ئۆستۇرۇش، ئوي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، بېلىقچىلىق قاتارلىقلار؛
سانائەت: مەسىلەن: سلېسارلىق، ياغاچچىلىق، كېسىمچىلىق، توقۇمچىلىق، باسمىچىلىق، سىرچىلىق، قۇرۇلۇش ئىشچىسى قاتارلىقلار؛
ئېلىمىزدىكى ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپى مائارىپ مەزمۇنى ئاشپەزلىك، باغۋەنچىلىك، مۇلازىملىق، كېسىملىك ۋە توقۇمچىلىق، كومپىيوتىر تۆۋەن دەرىجىلىك قوللىنىش ھەمدە گۇزەل سەنئەت، مىتال – ياغاچ كەسپى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
20. ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلارنى قوللاش خارەكتىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەن نىمە؟
قوللاش خارەكتىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دىگىنىمىز ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپلار ئاساسى مائارىپ ۋە كەسپى مائارىپ تەربىيىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن بالىلىقتىن قۇرامىغا يەتكەنلەر قاتارىغا كىرگەندە مۇئەييەن تۇردىكى سىجىل ئۈنۈملۈك قوللاش ۋە قوللاش سېستىمىسى ئارقىلىق مۇمكىن قەدەر ئۇلارنى نورمال خىزمەت موھىتى بىلەن تەمىنلەپ، نورمال كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خىزمەت ئارقىلىق ئەمگەك ھەققى ۋە خىزمەت ئورنىغا ئېرىشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىز ئەمەلىيىتىدە قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئېچىپ، ئاندىن خىزمەت شارائىتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ماس كېلىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئۇلارنى توپلاپ مەشىقلەندۇرۇپ، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئىز قوغلاپ قوللاشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىۋاتىدۇ. قوللاش خارەكتىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەقلىي ئىقتىدارى مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق يولى بولۇپ قالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇددۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 04:12 AM