مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 791|ئىنكاس: 6

سورۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111191
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 12:11:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
- ۋەي قانداق ئاداش ياخشىمۇ؟ يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟
- ياخشى ،شۇ ئالدىراشچىلىقتا كۈرۈشىپمۇ بولامىدۇق ،ئۆزىڭچۇ ياخشى تۇرغانسە؟
_ ھە ئوبدان ئاغىنە ،ياخشى، گەپنىڭ پوس كاللىسغا كەلسەم، بۈگۈن يۈسۈپ كۆمەچنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەم  يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سۇرۇن تۈزمەكچى . كەچ سائەت ئالتىدە سىرلىق قەسىردە يىغىلمىز ،سەنغۇ سۇرۇن دىسەكلا بارمايسەن ،خاتىرجەم بول بۇ قېتىم ھاراق سۇرۇنى ئەمەس ،كەلمىسەڭ بولمايدۇ! كىچىكىمىزدىن بىرسىنىپتا ئوقۇپ چوڭ بولغان ئاغىنىلەرنىڭ سورىنى بۇ چوقۇم كەل ھە! - دېدى مەمەت چىۋىن .
  دېمىسمۇ بۇ ئايىغى چىقماس سۇرۇندىن مەن تولىمۇ بىزرا  ،ھاراق ئىچمىگەچكە ئۇلارنىڭ مەس - غەرەق بۇلۇپ دىيىشكەن تاقا- تۇققۇ سۆزلىرى پەقەتلا كۆڭلىمگە ياقمايتى .شوڭا ھەرقېتىم بانا -سەۋەپ كۆرسىتىپ بارماس بولغان ئىدىم.
بۇ قېتىم يېڭى يىل ھارپىسى ھەم 9 يىللىق ساۋاقدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن چىرايلىق يىغىلىپ،2015-يىلنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىشىنى  تەشۋىق قىلغاچ ، يېڭى يىلنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن باشلاش توغرىسدا ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ سۇرۇنغا باردىم.
-ۋوي ۋوي ۋوي ،بىزنىڭ شىرئەلى باھادىر كەلدى ئاغىنىلەر قارشى ئالايلى!-دېدى مەمەت چىۋىن ،ھەم ئورنىدىن تۇرۇپ كۈرۈشكىلى قول ئۇزاتتى،-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ... ھەممەيلەن بىلەن كۈرۈشۈپ بۇلۇپ يۈ زەنجاڭنىڭ يېنىدا ئولتادىم.-ھە شىر ئەلى باھادىر ئالتىنچى ئاينىڭ پاقىسدەك يوقاپ كەتتىڭلار ئادەمنى سېغىندۇرۇپ،ھايات كەنسىلەر ھە ؟- دېدى پەرھات تاز...بېرەقۇر ئۆزۈر-خالىق ئېيتىشىشلاردىن كىيىن ئۈستەلگە تاماق تاتىلدى...- ھە كۆمەچ ئاق ئىچىمىزمۇ قىزىلمۇ؟ -دېدى مەمەت چىۋىن ،- كۆك كۆك ئالدىنقى قېتىم ئىچكىننى ئىچىلى ،_-ھاي ھاي باللا ھاراق ئىچمەيدىغان سۇرۇن دىگەنغۇ؟ -دېدىم مەن-  ئەمدى شۇ سۇرۇندا ھاراق بولمىسا ھازىر تۆت ئادەم بىريەگە كىلىپ دىيىشكىدەك گەپ چىقمايدۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇرۇنمۇ قىزمايدۇ دېدى ياسىن كاللەك،- ۋوي باللا بۇ ھاراق ئىچىپ مەس كىرىپ كەتمەكچىما يېڭ يىلغا دىسەم- يۈ زەنجاڭ گەپ باشلاپ ؛-دىگىنىڭىز توغرا،  ئەسلى يۈسۈپ كۆمەچنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئەتە يېڭى يىل كۈنى ئىدى، يېڭى يىلنى ھاراق ئىچىشتىن باشلاپ بىر يىل ھاراق ئىچىپ مەس يۈرمەيلى دەپ كۆپ ئويلىشىشش ئارقىلىق بىركۈن ئالدىغا سۈردۇق دېدى.- يائاللا ھەلىم بولسا كاللا قاتۇرۇپسىلەن دىدىم باشقا گەپ قىلىشنىمۇ خالىماي ... مانا سۇرۇن باشلىنىپ قېپى قىزىل،قۇتسى كۆك ،ئىسمى ئاق ،قىرلىق ئىستاكاندا قۇيۇلۇپ ئىچىلىشكە باشلاندى ...
  -سالام بۇرادەرلەرررر ، ئەڭ ئاخىرقى ئەزىز مىھمان ئالىم شاڭجاڭمۇ كەلدى - يائاللا شاڭجاڭ كەسىلە يۇقۇرغا !ئۆزلىرىلا كەم ئىدىلە ،ۋوي توختاپ تۇرسىلا ئۇرۇندۇقنى سۇرتۇپ بېرەي -مەمەت چىۋىن ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كاسىسى بىلەن ئىككىنى ئوڭ سولغا سۇرۇپ ھەممەيلەننى كۈلدۈرۋەتتى، - ئالىم شاڭجاڭ- چىۋىن قونۇپ قويغان يەردە ئولتۇرغىلى بولامۇ دىيىشگە پەرھات تاز قوپۇپ- ھەي مەمەت چىۋىن داۋۇت چۆپچىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ يۇقتىمۇ نىمە؟
- سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ دەپ،سىنىڭ يېنىڭدا  ئولتاماپتىكەنمەن ھېلىمۇ، بولمىسا چېچىم چۈشۈپ خوتۇن ئالاماي يۇرەكەنمەن سەندەك، داۋۇتنىڭ يۇققىنى سەل ياخشى ھىچ بولمىسا شاڭجڭ ،شاڭجاڭ دەپ ئالىم شاڭجاڭنىڭ كەينىدە يۇرسەم ۋاچچىدە ئۈسۈپ قالامدىم تېخى دېدى مەمەت چىۋىن.- ئۆدەك بىلەن غاز ئوينايدۇ چىۋىن بىلەن تازدەپ نىمە ئىككىڭلار ئوينىشىپ كەتتىڭلار،دېدىم  مەنمۇ بۇ ئىككىسنىڭ لەقىمنى تەڭلا  كەلتۈرۈپ، شۇنداق بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسنىڭ دىگۈدەك لەقىمى بار بۇلۇپ،بۈگۈن بۇ سۇرۇنغا مەمەت چىۋىن، يۈسۈپ كۆمەچ، پەرھات تاز ، ياسىن كاللەك ،يۈ زەنجاڭ ، مەردان تۆت كۆز ، داۋۇت چۆپچى ،ئالىم شاڭجاڭ ... قاتارلىق بالىلار يىغىلغان ئىدى.
  ئىككى ئۈچ رومكا ئايلىنىپ قانلىرى قىزىشقا باشلىدىمۇ ئەيتاۋۇر يۈسۈپ كۆمەچ ،ئالىم شاڭجاڭنىڭ كەچتە دىجورنى مەن قايتاي دىگىنىگە  ئۇنماي چوڭ ئىستاكانغا لىقلاپ قۇيۇپ زورلاشقا باشلىدى، -چوڭ باشلىقلار بىلەن ئولتاسىڭىز خۇي ئىچىسىز،شاڭجاڭ دەپ ھۆرمىتىڭىزنى قىلىپ قويساق بىزدەك ئون يىللىق ساۋاقداشلارنى كۆزگە ئىلمايسىز شۇندامۇ؟ -يۈسۈپ كۆمەچ ئالا - تاغىل سۆزلەشكە باشلىدى .- ياق ياق ئاغىنىلەر،خاتا چۈشەنمەڭلار بۈگۈن كەچتە دىجورنى تۇرمەن ،يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ ھۇشارلىقنى كۈچەيتىپ ،مۇقۇملۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمسەك بولمايدۇ .ئەپۇ قىلىڭلار بۇ ھەرگىزمۇ كۆزگە ئىلمىغنىم ئەمەس،ھېلىغۇ شاڭجاڭ بولاي ۋالى بۇلۇپ كەتسەممۇ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە ھەرگىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ .-ھەي شاڭجاڭ يەنە شۇ خىزمەت گىپى مەن ئاغىنىڭىزمۇ ئەمەسمۇ ؟-دېدى يۈسۈپ كۆمەچ تىلنى چايناپ ،-ئەگەر ئاغىنە ئورنىدا كۆرسىڭىز بۇنى ئىچىڭ بۇ كۆڭۈل ھاراق ئەمەس،.-ئالىم شاڭجاڭ ھەرقانچە چۈشەندۈرۈپ بېقىپ مەس بىلەن تەڭ بولماي دېدىمۇ رومكىنى ئالدى دە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ بىر كۆتۈرۈپلا ئىچۋەتتى.- ئوغۇل ئوغۇل ، ماۋۇ لوبو سەيدىن بىر كاپام،- داۋۇت چۆپچى دەرھال سەينى ئالىم شاڭجاڭنىڭ ئالدىغا قويدى ، شۇنداق قىلىپ ئالىم شاڭجاڭمۇ مىڭ تەسلىڭتە خوشلىشىپ سۇرۇندىن چىقىپ خىزمەت ئورنىغا ماڭدى ..
ئەمدى نۆۋەت مەردان تۆت كۆزگە كەلدى،- مەن بالدۇر قايتاي دوسلار خوتۇن ئۆيدە يالغۇز... - ھە، خوتۇن بالدۇر قايتىپ تاماق ئەت دەمدا؟يۇسۇپ  كۆمەچ ئۆز گىپىنى يورغىلتىپ - بىزمۇ خوتۇن ئالغان مانا ، ئەمما مەن ئۆيگە قاچان قايتقۇم كەلسە شۇچاغ قايتىمەن، ئوغۇل بالا دىگەننىڭ گىپى خوتۇنغا  ئۆتۈشىى كېرەك. ھازىرلا بۇنداق يامان ئۆگىتىپ قويساڭ شىللەڭگە مىنىدۇ، ياكى بولمىسا ئىسمىڭنى سايىماخونغا ئۆزگەرت بولمىسا قىسىپ جىم ئولتا.
-ۋوي ئادىشىم ،ئايالىمنىڭ بويىدا بار ئىدى، - ئايالىڭنىڭ بويىدا بولسا ھازىرلا تۇغامتى يا مە ئالە بىرنى ئىچە مەندەك شىر بولسەن.
-مەردان تۆت كۆزنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغىنى بىلسىمۇ زورلاشقا باشلىدى.- ئوغۇل بالا دىگەن ئىچىپ ،چىكىپ ،ھەممىنى قىلىپ باققۇلۇق قارسا كىتاپتىن بېشىڭنى كۆتۈرمەيسەن، يا ئىچمىسەڭ، يا چەكمىسەڭ بۇ دۇنياغا پوق بار دەپ كەلگەنما؟- سۇرۇندىكى كاللا قىزغان مەسلەر يۇسۇپ كۆمەچنىڭ بۇ گىپىدىن خۇددى ھېسامكامنىڭ يۇمۇرنى ئاڭلىغاندەك قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى .- مەردان تۆت كۆز قاپىقىنى تۇرۇپ -ئاغىنلەر ئەسلى بۈگۈن ئەھمىيەتلىك سۇرۇن قىلايلى دەپ يىغىلىشقان يەنە كونا قايدەڭلەر بۇيچە شىر كەيىپ بۇلۇپ ئولتادىڭلار،بىز قاچانغىچە يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرشىمىز ؟ - ھەي ھەي تۆت كۆز بىلمەن سەن بىر پىرىنسىپچان بالا، ئەمما بۇ سىنىڭ كىتاۋى نەزىريەلىرىڭ بۇ جەميەتتە ئاقمايدۇ ،تېخى يىڭى جەميەتكە چىقتىڭ ،بۇ مۇرەككەپ جەميەتنى چۈشەنمەيسەن. ھەرخىل كىشلەر بىلەن مۇناسۋەت باغلاپ ئۇ بۇ ئىشلىرىڭنى يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ ھاراق -شاراپ ئىچمىسەڭ ،داۋۇت چۆپچىدەك يۇرمىسەڭ، بىر ئۆمۈرئاشۇ يېزىدا مالىم بۇلۇپ ئۈتۈپ كېتسەندە  ،ھە قېنى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئىچە - باشقىلارمۇ يۈسۈپ كۆمەچكە بۇلۇشۇپ  زورلاشقا باشلىدى.  ئاخىر ئۆيگە بىر ئاز ئولتۇرۇپ قايتىش بەدىلگە مەردان تۆت كۆز بۇ رومكىدىن قۇتۇلدى...
  - ھەي مەردان تولا تېلفۇن كوچۇپ ئولتۇرالماي قالدىڭيا ،دېدى يۈ زەنجاڭ قىزىل چايدىن ئوتلىغاچ، - بىلمەيۋاتامسىلەر خوتۇنى دەرھال كەلمىسەڭ تاناۋىڭنى تارتىمەن دەپ ئۇچۇر يوللاپ شوڭا بۇ ئاغىنىمىزنىڭ كۈزى تۆت - يا بۇ تۆت كوزنىڭ كۈزى ئەمدى سەككىز دەپ يۈ زەنجاڭنىڭ سۇئالىغا ياسىن كاللەك جاۋاپ قايتۇردى. ھەرخىل ماز چاقچاق، ئەپسانە گەپلەرگە چىداپ ئولتۇرۇپ ئاخىرى ئۇمۇ سۇرۇندىن قۇتۇلۇپ ئۆيىگە يول ئالدى...
  سۇرۇن داۋاملاشماقتا ...
- ‹‹ باشقىلاردا لىق چاچ ،مەندە بىر تۈكمۇ يوق››  ئادىشىم بۇلۇر ھەيرانە ھەيرانە .
      دەرت -ئەلەمگە پايلىماي بۇلۇشىغا ئىچىپ مەس، يۈرەر مەيخانە مەيخانە ،
      ئىشىق  ئوتىدا پەرۋانە كۆيەر مەردانە مەردانە .
     چاش ئىشقىدا پەرھاتمۇ يۇرەر سەرسانا سەرسانە،
ئەمدى مەي شاراپنىڭ تەسىردە بۇلارغا باشقىچە ئىلھام كەپ ، لەقىملىرنى چىشلەپ شئېر -چاقچاققا ئۆتتى . ئاساسلىق بۇ چاقچاقلار پەرھات تازغا مەركەزلەشكەن ئىدى .
- كىردۇق يەنە بىر ياشقا ،
    بەخىت قونسۇن ھەر باشقا .
    نىسىپ قىلىپ خۇدايىم،
    ما تازمۇ ئېگە بولسۇن لىق چاشقا.
-مەمەت چىۋېننىڭ بۇ قوشىقىدىن ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى ،-پەرھات تازمۇ بوش كەلمىدى -
رەھمەت دەيمەن دوسلارغا ،
چىۋىن قوندى باشلارغا .
پالاق يەيسان ھېلى بېكا،
چاقچاق قىلما چاشلارغا .
- ھا ھا .... چىۋىن قونسمۇ سىرىلىپ تۇرماس ئايدىڭ كاللىدا،
- شۇ سىيرىلىپ چۈشۈپ كتىپ تۇرالماي  ھازىرغىچە بەخىت قۇشمۇ ئۇچۇپ كەتكەچكە بويتاق يۇرمەمدۇ،
-  چىۋىن دىگەن كاللەككە ئولىشدىغان ھاشارەت
- ھە مۇنداق دە پوققا بەك قونغان ئوخشىمامدۇ ئۇ‹‹ بەخىت قۇشى››
- ۋوي داۋۇت چۆپچى - ياسىن كاللەك- مەمەت چىۋىن .... بۇلار بەس -بەستە بىر - بىرگە ھۇجۇم قىلغىلى تۇردى ،- ھاي ھاي بولدى باللا ،ئەمدى بۇ گەپلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇڭلار! بارغانچە قاملاشمىدىڭلار ،مەن بىر ئىككى ئېغىز سۆزلەي دىيشىمگە داۋۇت چۆپچى چاۋاك چېلىپ ، -گەپلىرمىز قاملاشمىسا قاملاشقان يىگىت قاملاشتۇرسۇن دەپ ماڭا گەپ ئاتتى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماي - ھېلىمۇ نۇرغۇن يىللاردىن بىرى ئىسمى بايراملا ئاتالغان دەم ئېلىشلاردا نىمە بايرىمى بىلەن ھېساپلاشماي ،ھەتتا قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى دېسمۇ  سۇرۇن تۈزۈپ تەبرىكلەۋاتىمىز ئاغىنىلەر ... - يا ئاللا شىر ئەلى باھادىر بۈگۈن بىر سۇرۇنغا ئېزىپ-تېزىپ كەپ قاپتىكەنسەن ،خۇددى دائىم بىز بىلەن ئولتۇرۇش قىلدىغاندەك تەبرىكلەۋاتمىز دەيسەنغۇ ؟- دېدى ياسىن كاللەك .- گېپىمنى بۆلمە ئەينە ۋاقىتتا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر-:
   باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ ،سۇدا ئۈزۈپ يۈرۈپ كەتتى ،
   مەن تېخى يالاڭ ئاياغ تىكەن دەسسەپ ماڭارىمەن .
  دەپتىكەن ،بىز تېخچە بۇ ھەقتە ئويلانماي  مۇشۇنداق بىر نان تاپساق داپ چېلىپ بىر- بىرمىزنى مازاق قىلىپ كۆڭلىمىزنى خۇش ئىتىپ يۇرۇشمىز ،يېڭى يىل كىلىش ھارپىسدا ئەسلى يېڭى يىلدا نىمىلەرنى قىلىش ،قانداق قىلىش توغرىسدا ئويلانساق بولاتتى... - ھە توغرا بىز پۇل تېپىشمىز كېرەك .چىت تۇۋىدىن ھۇشۇ ساراڭ چىققاندەك يۇسۇپ كۆمەچ سوز باشلىدى،- يېقىندىن بىرى  كۆپ پۇل تېپىش توغرىسدا ئويلىندىغان بۇلۇپ قالدىم ،
- قارغاندا كۈندە كۆمەچ يەپ يۇردىغان غۇربەتچىلىك كۈنلەردىن زىرىكىپسەندە دەپ سەت ھىجايدى پەرھات تاز،- ياق پۇل تېپىپ بېشىڭغا چاچ ئۈندۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ  سېنى مۇشۇ دەرت -ئەلەمدىن قۇتۇلدۇرۇپ بىر ساۋاپلىق ئىش قىلاي دەيمەنغۇ ، ھا ھا ... بىردەمدىلا گەپ ئايلىنىپ بىر بىرنىڭ لەقىمىنى چىشلەپ -تارتىشىپ چاقچاقلار يەنە باشلاندى .
-مەن بىر يۇمۇر سوزلەي دېدى مەمەت چىۋىن گەپنى باشلاپ -شەھەر گە كىرىپ باقمىغان مۇشۇ پەرھاتنىڭ خوتۇنى بىركۇنى شەھەرگە كىرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ئەينەكنى كۈرۈپ قاپتۇ ،... ئۆمۈردە ئەينەك كۈرۈپ باقمىغانكەندە ،ئەينەككە قاراپلا ۋوجون رەھمەتلىك ئانام تۇردىغۇ ،ئۈلۈپ كەتكىلى نەچچە يىل بولغان تۇرسا دەپ ئەينەكنى سېتۋاپتۇ ،ئويگە كەلگەندىن كىيىن ئېرىم ئانامغا ئوچ ئىدى دەپ سامانلىققا يۇشۇرۇپ قۇيۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن كۈندە نەچچە ۋاق كىرىپ‹‹ ئانىسنى ››كۈرۈپ تۇرۇپتۇ .بۇنى بايقاپ قالغان پەرھات بۇ قېرى دائىم سامانلىققا كىردىغان بۇلۋالدى بىرگەپ بار توختا دەپ  خوتۇنى يوق ۋاقىتتا سامانلىققا كىرىپ قارىسا ئەينەك تۇرغان، نىمىدۇ دەپ يېقىن كەپ ئەينەكتىكى ئۈزۈىنى كۈرۈپ جان ئاچچىقىدا ما قېرىنى كۈندە نەچچە ۋاق سامانلىققا يۈگرەيدىكىن دىسەم ئەسلى مايەدە بىر سەت تازغا كۈيۈپ قاپتىكەن دە دىگۈدەك...- ۋاھا ھا ھا...- سۇرۇندا كۈلكە سادالىرى كۆتۈرۈلدى
- پى پى تۇماق سەرالىق...
- چاچلىق بولمەنمىكىن دەپ بېشىغا ھەسەل سۈرتۈپ كىگىزدە موللاق ئاتقان تاز ...
-تېلفۇن سىگنال تارتمىسا بارى يوق ئۈچتال چېچىنى چىقىرىپ  سىمسىز تور تارقاتقان تاز...
  ھەرخىل ھەزىل چاقچاقلار ئارقا - ئارقىدىن چىقىشقا باشلىدى .
-خاتىرجەم بول ئاداش بىزنىڭ لوبەن شىرئەلى باھادىر مۇ تۇرۇپتۇ يىغىش قىلىپ چېچىڭنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرايلى ،-دېدى داۋۇت چۆپچى - شۇنداق ئىشمۇ بارمىكەن ؟- بار دەيمەن يۈسۈپ كۆمەچ ،كۆمەچداندىن چىقماي قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك يۇرمەي جاھاننىڭ ئىشلىردىنمۇ خەۋەردار بۇلۇپ قوي ،ئاڭلىسام داڭلىق ناخشا چولپىنى شاكىرەنىڭ كاسىسى بىر مىليونغا بوشەنكەن.
-داۋۇت چۆپچى چالۋاقاپ ھەرخىل تېتىقسىز گەپلەرنى قىلىشقا باشلىدى .شۇ تەرىقىدە ھەرخىل تىما،ھەرخىل تەپەككۇردا ئۇلار بەس -بەستە سۆزلىمەكتە...
- ئاغىنىلەر بولدى ئەمدى ئاساسلىق گەپكە كېلەيلى ، يېڭى يىلمۇ مانا كەپ قالدى ئۆتكەن بىر يىلنى خۇلاسىلەپ يېڭى يىلنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشتىن باشلىساق بولاتتى،-راس يېڭى يىلدا يېڭى ئىش قىلايلى ئاۋۇ تۆت كوچا دوخمۇشتىكى KTV نى ئۆتكۈزدىكەن سىلە مەبلەغ چىقىرىڭلار شىر ئەلى باھادىر ،بىز بىرلىكتە ئاچايلى دېدى يۈسۈپ كومەچ قىزارغان كوزلىرنى يوغان ئېچىپ ،- ھەم بېزەكلىك ھەممە نەرسىللىرى تۇلۇق،- توك كىتىپ قالسا پەرھات بازىلنى ئوتتۇردا تۇرغۇزۇپ قويساق ھەممە يەرلەر ۋاللىدە يۇرۇپ كېتىدۇ - ھې ھې  مەمەت چىۋىن يەنە گەپنى پەرھات تازغا بۇراپ.- ئۇنداق قىلماڭلار مەمەت چىۋىن بېكالىق دەپ رومكىمۇ رومكا قۇنۇپ بىردەمدىلا بىر تەرەپ بولىدۇ شاراپنى بۇلغاپ دېدى پەرھات تاز .- ۋوي قونساممۇ سىنىڭ بېشىڭغا قونمىغاندىكىن نىم كارىڭ - ھوي باللا ئەمدى شۇ ئىش بار ئىدى ھە بىز قىلمىغان دىيشىمگە -راس بۇ ئىش چۇقۇم ئاقىدۇ ،ئۆزىمىز ئاچقاندىكىن مىللى بالىلار قوللايدۇ . ئويلاپ باقسام ھازىر مۇشۇنىڭدىن باشقا بىز دىمەتلىك باللا پۇل تاپىدىغان يولمۇ يوقكەن- دېدى يۇسۇپ كۆمەچ يوق ساقىلنى سىلاپ ،- ھە مۇسۇلمانچە KTV دەڭلار ،يېڭلىق قوللايمىز - داۋۇت چۆپچىمۇ ئاۋاز قوشتى...
- ئەپسۇس ئەسلىدە بۇلار بىلەن يېڭى يىلنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش تېمىسدا پاراڭلىشىپ ،پىكىر ئالماشتۇرۇپ يېڭى يىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسى بىلەن كەلگەن ئىدىم ...
- ئىچمىگەنلەرگە زورلاندى .
  ئەيپى بارلار خورلاندى،
  يېغىر تاتلاش بەدىلگە.
  سۇرۇندىكىلەر شادلاندى.
-سۇرۇن بولار مۇشۇنداق بولار ، كىم بەك كۆتۈردۇ ؟ ئۇلار ئۈچۈن ھاراقنى ئەڭ كۆپ ئىچكىنى بېرەر مۇسابىقىدە ئالتۇن مىدال ئالغانغا ئوخشاش چوڭ ئىش .
بىز ئەزەلدىن چىقىشقاق مىھمان دوس، قىزغىن خەلىق ،سۇرۇنلىرمىز ناھايتى كوپ ،ئەمدى ئاياللاردىن ئەرلەرگىمۇ قاتا چاي يۇقۇپتۇ ،بۇ قاتا چايمۇ ياكى خاتا چايمۇ بىلمىدىم ، قىممەتلىك ئەزىز ۋاقىتلىرمىز مۇشۇنداق تۈگمەس سۇرۇنلاردا ..... مانا بۇ سۇرۇنمۇ تاكى ساقچىلار ئارامگاھنى تاقاتقۇچە داۋاملاشتى.
- ئاخىردا بۇلارنىڭ بىرى ئۈستەلگە بېشىنى قۇيۇپ ئۇخلاۋاتقان ،بىرى ھە دەپ ياندۇرۋاتقان ،بىرى مەشۇقىغا تېلفۇن قىلىپ ئالا -تاغىل سوزلەۋاتقان .ھىچكىم چىھكىم بىلەن كارى يوق .بىر- بىرلەپ ماشىنىغا سېلىپ بارار جايىىغا ئاپىرىپ قۇيۇپ ،ئاخىردا ئوزۈم يالغۇز ئاستا كىتۋاتمەن، ئەتراپ جىمجىت .توۋا دەيمەن بۇلار دەۋرىمىزنىڭ ياشلىرى ئىدىغۇ ؟نىمە سەۋەپ مۇشۇنداق كەيىپ -ساپاغا بىرىلىپ كېتىدۇ ؟دائىم نىمە دەردىڭ بار دەو سورىسام ئۇلارنىڭ جاۋابى ئوخشاش- سەندە بار، ئۇنىڭدا بار بۇ دەرت ھەممىمىزدە بار.....ھەممەيلەنگە ئورتاق بولغان بۇ زادى نىمە دەرت؟
گەرچە ئۇلار ئاشۇ سۇرۇندىن خوشاللىق ئىزدەپ بىر- بىرنى مازاق قىلپ كۆڭلىنى خۇش قىلغاندەك قىلسىمۇ ئەمما ئۇلار ھەقىقى كۈلمىدى ... يەنىلا بىرخىل ئۈمۈدسىزلىك ،چۈشكۈنلۈك . -تەپسىلى سىنچىلاپ قارىسا بۇنى بىلىش تەس ئەمەس .
كاللامدا ھەرخىل چىگىش خىياللار بىلەن مانا ئويگىمۇ كەلدىم  ، كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كېلدىغاندەك ئەمەس ،2015-يىلنى چىگىش مۇرەككەپ خىياللار بىلەن كۈتۋالدىم.ئۇندىدارىمنى ئېچىپ قارىسام بىر دوستۇمنىڭ - ئۈمۈدىڭىزدىن ۋاز كەچمەي ،زور ئىشەنچ  ،جاسارەت بىلەن يېڭى يىلنى كۈتۋېلىڭ !ھەركىم ئۆز تەغدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ھەركەت قىلمايدىكەن تەڭرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.دىگەن يېڭى يىللىق تەبرىكلەش ئۇچۇرىنى كۆردىم دە قەلبىم ۋىللىدە يۇرىغاندەك بولدى.                   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   antina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 12:29 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 02:08:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز...

بىچارىلەر... يېڭى يىلغا مەست پىتىلا كىرىپ كىتىپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111191
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 02:29:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  قوللىغىنىڭىزغا ، سىزگە يېڭى يىلدا يېڭى ئۇتۇق ئامەتلەر يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 851
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6699
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 02:34:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93698
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2013-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 03:49:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسىدۇر بىر كىتاپتىن( تەڭىرنىڭ   يارتىشنى مەن ياراتتىم   يارىلىشىڭ ئوزەڭدىن  ئەگەر بىز ياشاش جەرياندا ئوزمىزنى قايتىدىن يارتىشقا ئۇرۇنمايدىكەنمىز ئاخىرقى ھىساپتا تەڭىرنىمۇ ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويمىز)
دىگەننى ئوقوغىنىم ئىسىمدە
ھەركىمنىڭ  تەغدىرى ئوز قولدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 566 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 06:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى مۇشۇنداق خاتا تەبرىكلەش سۇرۇنلىرى قاچانمۇ تۈگەر.كۈزىمىزنى يوغان ئېچىپ قارىساق بىزدىمۇ ئەھمىيەتلىك سۇرۇنلار خېلې كۆپقۇ،شۇلارنى ئۈلگە ئۆرنەك قىلساق بولمامدىغاندۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 07:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hadrat يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 06:11 PM
بىزدىكى مۇشۇنداق خاتا تەبرىكلەش سۇرۇنلىرى قاچانمۇ تۈ ...

ئابدۇكىرەم ئابلىز بىلەن تۆمۈرخان روزى   بىللە سەھنىگە ئېلىپ چىققان «كۆڭلۈم» ناملىق ئېتوتتنىڭ سەلبى تەسىرىنىڭ كۈچىمۇ بار.................

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش