بىكەتكە كىرىپ بېلەت ئېلۋالغاندىن كىيىن، ماشىنا ساقلاش ئورنىدا ئالاھەزەل ئون مىنۇتلار ساقلاپ قالدىم . ماشىنا كەلگەندىن كىيىن بېلەتتكى ئورۇنۇمغا بېرىپ ئولتۇرۋالدىم ، ئېلۋالغان بىر قۇتا سۇنى قۇلۇمدا تۇتقىنىمچە دەرىزە سىرتىغا قاراپ ئولتۇردۇم. ماشىنا قوزغالدى، شۇ بۇرۇنقىدەك بۇ ماشىندىمۇ شاڭگاڭنىڭ بىر كىنوسى قويۇلدى ، بەزىلەر سەپەر ھەمراھلىرى بىلەن پاراڭلىشۋاتاتتى ، بەزىلەر كىنو كۆرۋاتاتتى ، يەنە بەزىلەر كۆزلرىنى يۇمۇپ ئۇۇقۇغا سەپەر قىلۋاتاتتى . مەن دەرىزە سىرتىدىكى ئاراقمىزدا قېلۋاتقان مەنزىرلەرنى ئۇزتىپ قويغاچ ، كېلۋاتقان مەنزىرلەرگە كۆز سالغاچ ئولتۇرۋاتىمەن. ماشىنا قەدىمىي شەھەر ، ئالىي مەكتەپكە قاراپ كىتۋاتاتتى ......
شەھەرگىمۇ يېتىپ كەلدۇق ، كۆز ئالدىمدا ئىگىز - ئىگىز بىنالار نامايەن بولۇشقا باشلىدى .بىكەتكە يېتىپ كەلگەندىن كىيىن ، نەرسە- كېرەكلىرىمنى ئېلىپ ، ئاممىۋىي ئاپتۇبۇس بىلەن مەكتەپكە كىلۋالدىم ، مەكتەپتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى . مەكتەپ ھويلىسىدىكى گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەر بىخ سۈرگەن بولۇپ ، باش باھاردىن خەۋەر بېرۋاتاتتى . ياتاق بىناسى ئەتراپىدىكى چىملىقلاردا ئۆسكەن ئۈچ قۇلاقلار كۆپكۆك بولۇپ كەتكەندى . ياتاققا كىرسەم ، بىرنەچچە ساۋاقدىشىم كىلىپ بولغاندى .ئۇلار بىلەن بىرقۇر سالاملىشۋەتكەندىن يۈك-تاقلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ تۇرسام، سىنىپ مەسئۇلىمىز ياتاققا كىرىپ كەلدى ھەمدە يېڭى ماۋسۇملىق كىتابلارنى ئېلۋېلىشنى ئېيتىپ، كىتاپ تىزىملىكى ۋە تالونلارنى بېرىپ چىقىپ كەتتى . مەن سىنىپ باشلىقى بولغاچقا باش بولۇپ ، بىر قانچە ساۋاقدىشىمنى باشلاپ، كىتاپ -ماتىريال بۆلىمگە باردۇق ، كىتابلارنى ساناپ ، باغلام - باغلام قىلىپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ، سىنىپقا ئەكرىپ قويدۇق .
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى باشلىنىپ، ھەممە فاكۇلتېتىكى ساۋاقداشلار تەنھەركەت مەيدانىغا يىغىلىدۇق، دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ بولۇنغاندىن كىيىن ، ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى ئوقۇش باشلاش نۇتىقى سۆزلىدى . ئادەتتە ئالىي مەكتەپلەردە چوڭ يىغىن ، نۇتۇقلار ئېلىپ بېرىلسا ، ھەممە ئوقۇغۇچى ئاساسەن دىگەندەك شەخسىي پاراڭ بىلەن بولاتتى ، بۇ ئومۇمىي ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەندى . بىز يېڭى ئوقۇغۇچى بولغاچقا باشتا جىم تۇرۇپ ، نۇتۇق ئاڭلىغان بولساق، يۇقىرى يىلىقتىكى بالىلارنىڭ قىلغانلىرىغا قاراپ ، بىزمۇ ئىختىيارسىز پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق .
مۇراسىم ئاخىرلاشتى ، ھەممەيلەن سىنىپقا مېڭىشتۇق. سىنىپقا كىرگەندىن كىيىن، مۇئەللىم قىسىقىلا يىغىن ئېچۋەتكەندىن كىيىن ، بۇ ماۋسۇملىق ئۈگنىش- ئوقۇش پىلاننى يەتكۈزدى . ئاندىن ئارقسىغا ئۇلاپلا دەرسلەر باشلىنىپ كەتتى . مۇنتىزىم سەككىز سائەتلىك ئوقۇش يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك ، بىرخىل رېتىمدا كىتۋاتاتتى . ھەر سائەتلىك دەرستە سىناق ئېلىناتتى . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتكى چاغلاردا تاپشۇرۇق ئاز ، ئەمما ساز بېرىلەتتى . ئالىي مەكتەپتە بولسا تاپشۇرۇق ھەجىمى جىق ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولدى . بەزىدە كۆچۈرۈپ، بەزىدە ئۆچۈرۈپ دىگەندەك تاپشۇرۇقلار جاي-جايدا ئىشلىنۋاتاتتى .
مەن شۇ بىكار تۇرۇشنى پەقەت ياقتۇرمايتتىم ، سىنىپتىكى بىر قانچە دېھقان پەرزەنتلىرى مەسلەھەتلىشىپ، شەنبە ،يەكشەنبە سىرىتتا ئىشلەيدىغان بولدۇق . بۈگۈن شەنبە بولغاچقا بىز ئادەتتكى بىر قۇر كىيىمنى كىيۋېلىپ ، يەنە بىر قۇز كىيىمنى سومكىغا سېلىپ ، ئىشلەمچىلەر بازىرىغا چىقتۇق . بۇ <<مەدىكار>> بازىرىدا ئادەم بەك كۆپ ئىدى . قاياقتىن بىرەر ئادەم كىلىپ بولغۇچە، ئادەملەر شۇ يەرگە قاراپ مېڭشاتتى . بىز بىردەم ئەتراپتكى مۇھىتنى كۈزىتىپ تۇرغاندىن كىيىن ، بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئادەم كەلسىلا گۈررىدە بارىدىغان بولدۇق . شۇنداق قىلىپ بىرەر - يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ، بىر ئادەم كىلىپ ئۆزىگە ئون ئىشچى لازىم ئىكەنلىكىنى ، قۇرۇلۇش ئىشلىرى بارلىقنى ئېيتتى .
ئاكا ، بىز ئۈچ ئادەم ، جانلىق ئىشلەيمىز، بىز بارايلى !
ئاكا ، بىزمۇ شۇ ، بىز بارايلى !
كۈنلىكىمىزگە قانچە بېرسىز؟
كۈنلىكىڭلارغا 70كوي بېرىمەن ، چۈشتە بىر ۋاق تاماق بار!
ماقۇل ئاكا ، بىز بارايلى !
بىز بارايلى، بىز بەلەن ئىشلەيمىز!
شۇنداق تالىشىپ يۈرۈپ ، ئۈچەيلەن باردىغان بولدۇق . ئۇ ئاكىمىز بىر ئۈچ چاقلىق موتۇنى كىرا قىلپ بىزنى ئېلىپ ماڭدى . ئون مىنۇت ماڭغاندىن كىيىن ئىش ئورنىغا كەلدۇق . ئەسلى بۇ يول قۇرۇلۇش ئورنىغا توغرا كىلىدغان ئۆي بولۇپ ، بۇ ئادەم بىكار يەر قويماي، نەچچە مو يەرگە ئۆي سېلۋالغان ئىدى . ئىش تەقسىماتى بويچە ، مەن خىش ۋە لاي توشۇشقا، بىر دوستۇم لاي ئېتىشكە، يەنە بىر دوستۇم قۇرۇلۇش جازىسىغا لاي خىش ئېلىپ بېرىدىغان بولدى . بىز تۇنجى چىقىشىمىز بولغاچقا بەك كۈچەپ ئىشلەۋاتتاتتۇق .
چۈش بولماي تۇرۇپ ، بىز سەل چارچاپ قالدۇق . بىلەكلەر تېلىپ ، تىرناقلىرىمىز ئېچىشىپ، بەللەر ئۇيۇشۇپ ئارام بەرمەيۋاتاتتى . شۇنداق بولسىمۇ بىز لېۋىمىزنى چىشلەپ ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ كەتتۇق . چۈشكە يېقىن ھېلىقى ئاكىمىز بىزگە نان ۋە چاي ئېلىپ كەلدى . دەسلەپتە ئۈچەيلەن بىر - بىرىمىزگە يالىت قىلىپ قارشىشىپ قويدۇق ، چۈشلۈك تاماق دىگىنى مۇشۇ شۇكەندە... مەن تېخى .....جىق ئويلاپ كىتىپتىمەن.
شۇنداق ئىشلەپ ئاران كۈننى كەچ قىلدۇق . ئون نەچچە ئادەم كەچكىچە بىر مو كەلگۈدەك يەرگە ئۆي سېلىپ بولدۇق ، بۇ ئۆيلەر شۇ ئۆرۈلۈپ كەتمەي، تاملار تۇرۇپ بەرسىلا بولدىغان ئىش ئىدى . قۇرۇلۇشقا شۇ تام تۈۋىدىكى توپىنى كولاپلا سۇ قوشۇپ لاي قىلدۇق . ئىشلەتكەن خىشلارمۇ قەيەردىكى چېقۋەتكەن قۇرۇلۇشتىن ئېلىپ كىلىنگەن بولۇپ، پارچە -پۇرات خىشلار ئىدى . كەچتە بىز كىيگەن كىيىم كىچەكلىرىمىزنى ئېلۋالغان كىيىمگە ئالماشتۇرۇپ قايتىشقا تەمشەلدۇق . ئۇ ئاكىمىز ئۈچەيلەنگە 210كوي پۇلنى بەردى . ئەمما بىزنى ئاپرىپ قويۇشقا ئۇنمىدى . ئامال يوق بىز بىرەر سائەت مېڭىپ ، پەقەت بولالماي، بىر ئادەمنى كىراغا سېلىپ مەكتەپكە كىلۋادۇق . قورساق سەت ئاچقان ئىدى. مەسلەھەت بىلەن بىز ئوخشىتىپ لەغمەن يەپ كىلىدىغان بولدۇق. تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن مۇنچىغا باردۇق. ئاخشىمى كارۋاتقا چىقىپ ياتسام ، بېلىم ، پۇت -قوللىرىم ئۇيشىپ ئاغىرۋاتاتتى . ئۆمرۈمدە پۇل تېپىشنىڭ تەسلىكنى تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ھېس قىلغان ئىدىم . بۇنىڭدىن كىيىن بەدخەجلىك قىلماسلىققا ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم .
كىيىنكى كۈنلەردە مەن ئانچە مۇنچە بالىلار بىلەن سىرىتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىدىغان بولدۇق . ئەمما بۇ ئىشلار بارا-بارا تەس كىلۋاتاتتى . مەكتەپتكى بايۋەتچە بالىلارغا قاراپ ئىچىم بىر خىل بولۇپ قالاتتى، بىر ئازدىن كىيىن يەنە ئوڭشىلىپ قالاتتىم .... مەن تۇيۇقسىز ھازىرغىچە ئۈگەنگەن بىلىملىرىمنى ئىشلىتىپ پۇل تاپقلى بولماسمۇ دىگەن ئوي خىيال كىلىپ قالدى . چۈنكى ئېغىر بولغان قارا ئەمگەك بىزدەك باللارنى بەكلا قىيناپ قوياتتى .
شۇ سۇئال كاللامغا كىرۋالغاندىن كىيىن ، مەن ئۇيەر-بۇيەردىن ئۇقىشىپ يۈرۈپ، بىر ئېلانچىلىق شېركەتنىڭ تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىدغان ئىشنى ئۇقۇشۇپ ئۇ ئشىنى قولۇمغا ئالدىم. ھەر ھەپتىسى ئىككى كۈن ، ھەر كۈنلىكىگە 50كوي بېردىغان بولدى .
بۇ يەرە تۇنجى كۈنى نەچچە يۈز ۋاراق ئېلاننى كۆتۈرۈپ، شەھەرنىڭ مەركىزىدىن چېتىگە قاراپ، غوللۇق كوچىلارنى نىشان قىلىپ تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقاتتۇق . بۇ ئىش پاكىز بولغان بىلەن، پۇتقا بەك ئەلەم بولاتتى ، بۇ ئېلانلارنى تارقىتىپ بولغىچە ، ئاز دىگەندە ئوتتۇز كىلومىتىر يولنى پىيادە ماڭاتتۇق . بەزىدە يەنە بۇ ۋاراقچىلارنى كىشلەر ئالغىلى ئۇنماي، بەزىلەر قاقشاپ ، كوچا تازلىقچىلىرى بىزنى قوغلاپ كىتەتتى .... (شۇڭا قېرىنداشلىرىم، مۇشۇنداق تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارتىۋاتقان كىشلەرنى كۆرگەندە ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ قويۇڭ ، ئۇلار مۇشۇنى تارقىتىش بەدىلىگە ئاز تولا كىرىمگە ئىگە بولىدۇ، بۇنى ئېلىپ قويسىڭىز سىزگە پەقەت زىيىنى يوق ، يا بولمىسا ئەخلەت تۇڭىغا سېلۋەتسىڭىز بولىدۇ .)
مۇشۇنداق ئىشلەپ يۈرۈپ ، تومۇز ئايلىرىدا ماۋسۇم ئاخىرى بولۇپ قالدى ، ئىمتاھانلار ئېلىنىپ، خەنزۇتلى ئۆتكىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن بالىلار كەسىپكە چىقتى . سىنىپ مەسئۇلى ھەرقايسى كەسىپتىكى باللارنى يىغىپ بولغاندىن كىيىن، تەقسىم بولغان دەرسخانىغا چىقىپ، ئۆز -ئارا تونۇشۋەتكەندىن كىيىن ، كەسىپ ھەققىدە قىسقىلا توختالدى . ئاندىن كىيىن تەتىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى . قارىغاندا بۇ ماۋسۇممۇ تۈگەپ قالغان ئىدى، كەسىپكىمۇ قەدەم قويغاندەك قىلاتتۇق........