مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2236|ئىنكاس: 17

‹‹ شىنجاڭ مائارىپ›› ژۇرنىلغا بىر قانچە تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100433
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 05:33:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 12-سانى قولۇمىدا، بەت بۇسغىسنى ئېچىپ مۆشتەرىلەر سەمىگە كۆز يۈگىرەتتىم. قۇرلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:<< <شىنجاڭ مائارىپ> دۇرنىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنۋاتقان ئايلىق كەسپى ژۇرنال. دۇرنىلىمىز يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەزمۇننىڭ يېڭلىقى، سۆپىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، سەھىپلىرنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن 70 مىڭىدىن ئارتۇق ئۆقەرمەننىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكسى ئەتتۈرۈش ۋە مەنىۋيىتىنى بېيتىشتا تېگىشلىك رۇلنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خادىملىرنىڭ ياخسى باھاسىغا ئىرشىپ كەلدى.>>
دەر ھەقىقەت، << شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلى مىللى مائارىپمىزدىكى قىزىق نۇقتىلار، دەرس ئىسلھاتىدىكى يېڭلىقلار، ئۆزگىچە مۇھاكىمىلەر، تەنقىدى پىكىرلەر ئارقلىق كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى يېتەكلەپ كەلدى. دېمەڭ <<شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلى بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىقىن سىردىشى، دۇستىغا ئايلىنىپ، چاڭقىغان مەنۋىيتمىزىگە بۇلاق كەبى ئۆز مىھىرنى ئاتاقىلدى.
لىكىن << ئىسىنىڭ دەردىنى مورا بىلىدۇ>> دېگەندەك مەنمۇ ئاشۇ 70 مىڭ ئۆقەرمەننىڭ بىرى بولۇش سۆپىتىم بىلەن << شىنجاڭ مائارىپ>> دۇرنىلغا بىر ئاز تەكلىپ بېرشنى لايىق تاپتىم.
1.ژۇرنالىنىڭ مۇقاۋىسى ھەققىدە: مۇقاۋىنىڭ رەڭدارلىقى ژۇرنالغا ئۆزگىچە سالاپەت، زىننەت ئاتاقىلىدۇ. مۇقاۋا-بىر ژۇرنالنىڭ ماركىسى، ھۆسىنى، قىياپىتى. ژۇرنال مۇقاۋىسى كىشىگە قانچە سىھىر، گۈزەللىك بىغىشلىسا، تەپپەككۈرنى ئۇيغاتسا، كىشىگە يىقملىق تۇيغۇ ئاتا قىلالىسا مېنىڭچە ژۇرنالنىڭ ئۆقەرمەنلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنى تېخمۇ يۇقۇرلاپ بارىدۇ.
<< شىنجاڭ مائارىپ >> ژۇرنىلىنىڭ يىقىنقى سانلىرىغا كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن دىققەت قىلساق.<< ئۇخشاش قىلىپتىن چىققان، كىسەكتەك>> << شىنجاڭ مائارىپ >> ژۇرنىلى ئالدىمىزدا يېيىلىپ تۇرىدۇ.
دېققەت قىلىڭ: قاتتۇرۇپ كېيىنگەن بىر كىشى ( بىر مۇئەللىم) ئىلگىرى چىققان << شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلىنى قۇلتۇقىغا قىسىپ چۆشكەن قىياپىتى (ئادەم ئالمىشىدۇ ،مەنزىرە ئۆزگەرمەيدۇ) بىر يىللىق 12 سان ژۇرنالدىن كۆرۈپ تۇرۇپتۇق. ياكى <. شىنجاڭ مائارىپ>>ژۇرنىلى شۇنداق بۇلامىدۇ، بىلمىدۇق.
مېنىڭچە ژۇرنال مۇقاۋىسىنىڭ بىر قىلپتا قۇيغاندەك ئۇخشاش چىقىشى، مۇشۇ ژۇرنالنى سۆيۈپ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ككڭۈل بىلمىگەنلىك بۇلىدۇ ئەلۋەتتە. ژۇرنالنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ، ئۆقەرمەنلەرنىڭ ئىستىتىك ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مۇقاۋىنى ئۆزگەرتىش بەك مۇھىم بۇلسا كېرەك.
مەسلەن: بەدئىي سۆرەتلەر( دۇسكىغا بالاپانلاردەك تەلمۇرۇپ قاراپ تۇرغان قار كۆزلەر، مىھىر بىلەن دەرس ئۆتۋاتقان ئوقۇتقۇچى، مائارپىقا ئائىت يىڭلىقلار، داڭلىق پىداگۈكلارنىڭ فۇرتىرىتى) قاتارلىقلارنى مۇقاۋىغا ئالساق تېخمۇ رەڭدار بۇلاتتى.
مۇقاۋىنىڭ 2-بېتىدە ئاساسەن ئىلغار تىپلار تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇ خىل تۇنۇشتۇرۇش بەلگىلىك ئۆلگىلىك رۇل ئوينىسمۇ، لىكىن ژۇرنالنىڭ سۆپىتىگە، رەڭدارلىقغا تەسىز كۆرستىدۇ.<< شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلى، << شىنجاڭ مەدىنيىتى>، ژۇرنىلىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، 2-بەتتە مىللى مائارپىمىزىغا تۆھپە قۇشقان مەرھۇملارنىڭ، پىشقەدەملەرنىڭ، ياشلارنىڭ ، ئىلغار تىپلارنىڭ سۆرتىنى بېرىپ مىغىزلىق ھالدا ئۇلارنى تونۇشتۇرۇسا كىشىنىڭ تېخمۇ ئېسىدە قالاتتى.
مۇقاۋىنىڭ 3-بېتىدە رايۇنمىزدىكى ئىلغار مەكتەپلەر تونۇشتۇرىلىدۇ. لىكىن تۇنۇشتۇرۇشلاردىكى مەزمۇن، سۆرەتلەر ئادەمگە بىر خىلدەك تويۇلىدۇ.
تۇۋاەندىكى مەزمۇنلارغا دېققەت قىلايلى: << قابىل رەھبەرلىك كۈلىكتىپى>>،<< ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئۆگىنشتە>>، << ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتىر مەشغۇلاتىدا>>،<< فۇتبۇل مەشىقى>>،<. ئوقۇغۇچىلار قىرائەتخاندا>>،<< ئىككىنچى دەرسخانا پائاليىتىدە>> سۇنئى ھالدا تارتىلغان، بىرخىلدىكى چۆشەندۇرۈشلەر بىزنى بۇنىڭىدىن باشقا ئۆزگىچە پىكىردىكى مەزمۇن يۇقمۇ دېگەن پىكىرگە كەلتۇرىدۇ.
بۇ ئورۇنغا ئۆزگىچە مەنە بېرىدىغان، كىشلەرگە تارىىي تۇيغي بىغىشلايدىغان كونا مەكتەپ كۆرۈنىشلىرى، ئاشۇ يىللاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىياپىتى، رۇھى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىدىغان سۆرەتلەرنى بەرسە. << ئىلى دەرياسى>> ژۇرنىلىنىڭ بىر قىممىتى مۇشۇ يەردە.
مۇقاۋىنىڭ 4- بېتىدە كۆپرەك رەسساملارنىڭ ئىجادىيەتلىرى بېرىلىدۇ. بۇنىڭىدا كۆپ مەسىلە يۇق. ئەمما رەسمىلەر بەك سىغدىلىپ كەتكەچكە ، ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەققى ھۈزۇرىنى سۈرەلمىدۇق.
مېنىڭچە؛مۇقاۋىنىڭ 4-بېتىگە تاللاپ تۇرۇپ بىر پارچە ئىجادىيەت (رەسىم، ھۆسىنخەت) بەرگەن بۇلسا كۆرەرمەنلەرنىڭ تۇيغۇسغا يىقىنلشىدىغان، بۇشلۇق، زۇق بىلەن تەمىنلىگەن بۇلاتتى. يۇقىرىقىلار مېنىڭ مۇقاۋ ھەققىدە دەيدىغانلىرىم.
70 مىڭ تىراژ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنۋاتقان ژۇرناللار ئىچىدە تىراژ ئەڭ كۆپ نەشىر قىلىندىغان ژۇرنال بۇلسا كېرەك.
تۇۋەندىكىگە دېققەت قىلايلى: << بۇ ژۇرنال ناھىيە(شەھەر)لىك مائارىپ ئىدارلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى يىللىق بىر تۇتاش مۇشتىر قىلشقا مەسئۇل بۇلىدۇ>>(2014-يىللىق 12-سان مۇشتىرلار سەمىدىن)
دېمەك ژۇرنالغا مۇشتىر قۇبۇل قىلىش ئىختىيارلىقىنى ئەمەس، مەجبۇرلاش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇنداق ژۇرناللاردا رىقابەت، ئۆزگىچىلىك، يېڭلىق ئاز بۇلىدۇ. 70 مىڭ تىراژدا نەشىر قىلىنغان ژۇرنال، مەجبۇرلاشنى ئەمەس ئىختىيارى مۇشتىر بولۇشنى يۇلغا قۇيسا بۇسان شىدەت بىلەن تۇۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. مەكتىپمىزدىكى 100 غا يىقىن ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ژۇرنالغا نەچچىسىنىڭ مۇشتىر بولۇشى مەن ئۈچۈن بەك ئىنىق.
شۇڭا ژۇرنالىنىڭ سۆپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەزمۇننى يىڭلاش، سەھىپىسىنى رەڭدارلاشتۇرۇش، ماقاللارغا قويۇلدىغان تەلەپنى ئاشۇرۇش، ئۇنۋان ئۈچۈن ماقالە قوبۇل قىلماي بەلكى مىللەتىنىڭ ، مائارپىنىڭ سۆپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىگىشلىك ھەقىقى نەپ بېرىدىغان مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى ئىشىلتىشنى چىڭ توتۇش كېرەك.
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلان قىلغان ماقاللەردا كۆپىرەك رەنجىش تېپىدىكى ماقاللار ئىلان قىلىندى. بۇنداق ماقاللەرنىڭ ئىلان قىلىنىشى، ئۇىلاپ قالغانلارنى نوقۇپ ئۇيغاتقان بولسمۇ، لىكىن مەنۋىيتى ئۇيغانمغان بىر قىسملار يەنىلا << بەز يېگەن مۆشۈكتەك>> پارقىراپلا تۇرپتۇ. بۇنداقلارنىڭ كۆپى << شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلى ئەمەس ئۆزى ئۆتۋاتقان دەرسلىكىنى ھەقىقى مەندە قىتقىنىپ ۋاراقلاپ باققانلار ئەمەس. ئەمما ئىزدىنگۈچىلەر ئۈچۈن، ھەقىقى نەپ ئالدىغانلار ئۈچۈن بۇماقاللەر ئۇلارنىڭ ئوسسىغان يېرىگە بارالمايۋاتىدۇ.
مائارپىقا ئائىت ئۆتكۈر پىكىرلىك ماقاللەر <<شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇۇرنىلىدا ئەمەس << شىنجاڭ مەدەنىيتى>،<< ئىلى دەرياسى>> قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىلان قىلىنۋاتىدۇ. شۇڭا << مەنىۋىتمىزىگە تەسىزر قىلدىغان ماقاللەرنى يازىدىغان<< يالقۇن رۇزى>>، <. ئابدۇقادىر جاللاللىدىن>> << زۇلپىقار ئۆز باش>> قاتارلىق ئاپتۇرلارنى ئەتراپقا تېىمۇ ئۆيىشتۈرۈش كېرەك.<< شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ << شىنجاڭ مەدەنىيتىگە>> ئايلاندۇرۈش كېرەك.
(2)چوڭقۇر پىكىرلىك سۆھبەتلەرنى ئويىشتۈرۈش ئارقلىق سۆھىبەت خاتېرسى ئىلان قىلىش كېرەك. رەڭدار دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ نەق مەيدان خاتېرسىنى بېرىش
(3) ئوتۇق قازانغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسلىمىلىرنى ئىلان قىلش.
(4) تەبئىي پەنگە ، تەبئيى پەن ئوقۇتۇشغا ئائىت ئىسىل ماقاللەرنى ئىلان قىلش.
(5) دۆلىتمىز،چەتئەل مائارپىدىكى ئىلغار ئوقۇتۇش ئەندىزلىرنى ئىلان قىلىش .
بەت ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە:
بەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەڭدارلاشتۇرۇش، مۆكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مېنىڭىچە << شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلغا بېرىلۋاتقان << شەربەت بۇلاق>>، << گۈلىستاندىن گۈلدەستە>>،<< ساغلاملىق يېتەكچىسى>> قاتارلىق سەھپىلەرنى ئىلگىركىدەك ژۇرنالنىڭ ئوتتۇرا قىسمغا رەڭلىك قىلىپ بەرسە، مەزمۇن بىلەن شەكىلى تېخمۇ ئۆز-ئار جىپسىلاشتۇرۈلسا ئۆقەرمەنلەرنىڭ مەنىۋىيى ئىھىتىياجى، ئىستىتىك زۇقى قانغان بولاتتى. بۇنداق قىلشنى << شىنجاڭ ياشلىرى>> ژۇرنىلىدن ئۆرنەك ئالسا.(ماۋزۇ، قىستۈرما سۆرەت، خەت ئۆرنەكلىرى تېخمۇ كۆركەم، سەر خىل بۇلسا)
<< بەت بوسۇغىسى>> نى ياخشى لايھىلىسە چىرايلىق نەقەشلەپ ئادەمىنىڭ يۈركىنى تىتىرەتكۈدەك، ئىسىدىن چىقمايدىغان، ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغۇدەك مەڭگۈ خاتىرسىدىن كۆتۈرۈلمەيدىغان ئەقىلىيە سۆزلەر، قىسقا ھېكايەتلەر ئارقىلىق بىز مۇئەللىملەرنى << شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلىنىڭ پايانسىز دالاسىدا ئات چاپتۇرىدىغان جەڭچىلەرگە ئايلاندۇرسا، تۇنجىقان كۆڭۈللەرگگ تاغ شامىلىدەك مۇھەببەت ، ئىلھام بەرسە، ھەر بىر ساندىن ئۆزگىچە مەنە، ئۇخشاش بولمىغان پىكىر يۇلى تاپساق، بىزنىڭ << شىنجاڭ مائارىپ>> ژۇرنىلى دۇنيادا بىر سانىلاتتى.

غۇلجا ناھىيە مازار ئوتتۇرا مەكتەپتىن: مۇزەپپەر ئالىم

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10973
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2225 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 08:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقارقى  يازمىدا  ئىملا خاتالىقى ناھايتى كۆپكەن، ئاشۇ خاتالىق  ئاشۇ ژۇرنالدا بارمىكەن ياكى سىز يېزىش جەريانىدىكى ئىملا خاتالىقىمۇ؟  ھىچ ئاڭقىرالمىدىم..........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101369
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2013-12-26
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:15:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
www.alnure.com  ئەلنۇرى مۇنبىرى

مەن «قاشتېشى» شۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107304
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 12:05:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەكلىپنى مائارىپ رورنىلىنىڭ تەھرىر بولىمىگە ئەۋەتمەي بۇ يەرگە يوللىغىنى نىمىسى ؟ ياكى بۇ مىسرانىم تورى ياكى بىزلەر بۇنى ھەل قىلالمىساق ؟ بىزنىڭ قولىمىزدىن پەقەت مىسرانىم تورىغا نىسبەتەن تەكلىپ پىكىرلەرنى بىر تەرەپ قىلىشلا قولىمىزدىن كىلىدۇ. بۇ يەردە سىزگە قوشۇلۇپ پىكىر قىلساق غەيۋەت قىلغان بولۇپ قالمامدۇق.

پەقەت مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن قاشتېشى ھەرگىزمۇ تور ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمايدۇ.

مەن «قاشتېشى» شۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107304
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 761
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 12:05:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەكلىپنى مائارىپ رورنىلىنىڭ تەھرىر بولىمىگە ئەۋەتمەي بۇ يەرگە يوللىغىنى نىمىسى ؟ ياكى بۇ مىسرانىم تورى ياكى بىزلەر بۇنى ھەل قىلالمىساق ؟ بىزنىڭ قولىمىزدىن پەقەت مىسرانىم تورىغا نىسبەتەن تەكلىپ پىكىرلەرنى بىر تەرەپ قىلىشلا قولىمىزدىن كىلىدۇ. بۇ يەردە سىزگە قوشۇلۇپ پىكىر قىلساق غەيۋەت قىلغان بولۇپ قالمامدۇق.

پەقەت مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن قاشتېشى ھەرگىزمۇ تور ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4166
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 01:02:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرگە ئەۋەتكىنىمۇ بولۇپتۇ. ئىشقىلىپ قۇلاقتىن -قۇلاققا ئېقىپ يۈرۈپ ، شۇلارنىڭ قۇلىقىغا بىر كۈنى يېتىپ بارسىمۇ ئوخشاش.  يوقۇرىدا دېيىلگەندەك مەسىلىلەر بۇ ژۇرنالدا ھەقىقەتەن مەۋجۇت. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى. مېنىڭ بۇ ژۇرنالدا ئەڭ ياقتۇردىغىنىم ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغۇرسىدىكى تەھلىل بايانلىرى ، ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى قاراشلار( بۇمۇ ئارىلاپ چىقىپ تۇرىدۇ).. بىراق يېقىندىن بۇيان بۇ ژۇرنالدا دادلاش، قۇرۇق ۋالاقلاش بەك ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئاللىقانداق بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر .... ئىشقىلىپ ئوقۇغان ئادەم ئۆزىنىمۇ گۇمانغاسېلىپ قويىدۇ. بىر تۇرۇپلا شۇنداقمۇ مەكتەپلەر بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ، بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىچىدە مەن 17يىلدىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان ، ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى شۇ ژۇرنالدىن ئاڭلايمەن ،كۆرىمەن. شۇڭا قىسمەنلىكنى ئومۇملۇق سۈپىتىدە بۇنداق باشقىلارغا تاڭماسلىقىنى ۋە ياكى بىر قىسىملارنىڭ ئىچىنى بوشىتىۋالىدىغان ئورنى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنچە بولسا يوقارقى پىكىرلەر ناھايىتى جانلىق پىكىر بولۇپتۇ. مومكىن بولسا شۇ پىكىرلىرىڭىزنى ئىملاغا، قائىدىگە ئۇيغۇن قىلىپ قايتا تەھرىرلەپ يېزىپ شۇلارنىڭ ئۆزىگە ئەۋەتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك . ئۆزگەرتمىسىمۇ ، ئويلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ھايات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 01:21:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ياخشى بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ،ھەم ياخشى تەكلىپلەرنى بىرىپسىز .
ئەگەر مەجبۇر قىلمىسا بۇنداق تېتىقسىز ژورنالغا قانچىلىك ئادەم مۇشتىر بۇلار؟
      مەن ھەر يىللىق مۇشتىر  ھەققىنى يىغقىلى كەلگەندە بۇ ژورنالغا مۇشتىر بولغىلى ئۇنىمىغانلىقىم سەۋەپلىك، باشقا ئىككى خىل ژورنالغا مۇشتىر بولۇش جازاسىنى  قۇبۇل قىلغانمەن .
ئەمىلىيەتتىغۇ مەن 3 خىل گېزىت ،5 خىل ژورنالغا مۇشتىرى بولىمەن .
      «شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژورنىلىدەك بولۇش ئۈچۈن باشقىچە مۇھەررىر، تەھرىر كېرەك .ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ساپاسىنى يىغىپ كەلسەك ،سىزدەك بىر كەسپ ئەھلى ئەمەس ئادەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساپاسىغا يەتمىگۈدەك . چۈنكى تەكلىپلىرىڭىزنىڭ بىرسىمۇ خاتا ياكى ئارتۇق ئەمەسكەن .
      «شىنجاڭ مائارىپى» دىگەن بۇ ژورنالدا ، ئادەمگە بىزنىڭ مائارىپىمىز ئەمدى پەيدا بولغاندەك تەسىر بىرىدۇ ................................  
      « شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلىدىنلا، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى كۆرىۋالغىلى بولۇدۇ .
ئۇلار ھېلىمۇ بۈگۈنگىچە نۇمۇس قىلماي تىراژ ھىساپلاپ يۈرۈيدۇ .

دەرۋىش
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 12:41:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 12:41:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 07:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ماۋۇ يەردە « دىبو » دەپ ئاتايدۇ يەنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى دىگەن گەپمىكىن دەيمەن .بىراق بۇ پۇلنى قاتار  سەپ بولۇپ بىر - بىرلەپ ئالىدۇ .
     «شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى تەھرىراتىدىكىلەر» شۇ قۇتقۇزۇش پۇلى(دىبو)نى مەمۇرى بۇيرۇق ۋاستىسى بىلەن، ئىزادىن خالى ھالدا بەھۇزۇر ئېلىۋاتقانلىقى،  بەلكى بىزنى بىلمەيدۇ ياكى بۇنى بىلسىمۇ سەزگۈدەك دەرىجىدىكى ئىدراكتىن يىراق دەپ تۇنۇغانلىقى بولسا كېرەك .بولمىسا بۇ چاققا قىلىۋاتقان ئىشلىرى توغرىسىدا ئزدەنگەن بۇلاتتى .

دەرۋىش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش