مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 928|ئىنكاس: 6

مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى (مۈچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54565
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3935
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1161 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 05:06:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۈچە مېيىپلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش


1. مۈچە (پۇت قول) مېيىپلىقى دىگەن نىمە؟

مۈچە مېيىپلىقى دىگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت سېستىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۈچرىغاندا، پۇت قولنىڭ كەمتۈكلىكى ياكى پۇت قول، گەۋدىنىڭ سىپازمىلىنىشى (پالەچلىك)، غەيرىلىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يوقىتىشى ھەمدە پائالىيىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ياكى ئىجتىمائى پائالىيەتكە قاتنىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ.

پۇت قول ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقىتىش دىگىنىمىز تىبابەتتە پۇت قوللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بالىلار پارالىچ كېسەللىك ئاسارىتى بىمارلىرىنىڭ تىزىنى تۈزلىيەلمەسلىك ياكى پۇتىنىڭ كۈچى بولماسلىقنى تىزنى تۈزلەش ئىقتىدارىدىن يوقىتىش دەپ ئاتايمىز. ئانگىمىيە بىمارلىرى پۇتىنىڭ ئۇچىنى كۆتىرەلمەيدۇ، بۇنى ئوشۇق بوغۇمىنىڭ ئارقىغا ئىگىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش دەپ ئاتايمىز.

پائالىيىتى چەكلىمىگە ئۇچىراش دىگىنىمىز تۇرمۇشتىكى تۇرلۈك پائالىيەتنى تاماملىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بالىلار پارالىچ بىمارلىرى تىزىنى تۈزلەش ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن، يول ماڭالمايدۇ، بۇنى يول مېڭىشى چەكلىمىگە ئۇچراش دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن: يۇقىرى بېلەكنىڭ كۈچى بولمىغانلىقتىن ئۆزى غىزالىنالمايدۇ، بۇنى غىزالىنىشى چەكلىمىگە ئۇچراش دەپ ئاتايمىز.

جەمئىيەتكە قاتنىشىشى چەكلىمىگە ئۇچراش دىگىنىمىز بىر قىسىم بىمارلار جەمئىيەتكە قايتىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىدىكى ئامىللاردۇر. مەسىلەن: يول ماڭالمايدىغانلار چاقلىق ھارۋىدا ئولتۇرسا بولىدۇ، لېكىن سىرتتىكى يول، باغچا، بېكەت، سودا سارىيى، كىنو تىياتىرخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا توسالغۇسىز موھىت كەمچىل بولغانلىقتىن  ئاممىۋى ئەسلىھەلەردىن بەھىرلىنىشتە توسالغۇ شەكىللىنىدۇ؛ يەنە مەسىلەن: ساغلام ئادەم بىلەن ئوخشاش خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە مېيىپ كىشى شەخىسنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن كەمسىتىلىشى سەۋەبىدىن ئوخشاش بولغان خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشتا توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. دائىم كۆرىلىدىغان مۈچە مېيىپلىقى قايسىلار؟

مۈچە مېيىپ كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيىتىنى مۇستەققىل تاماملاشتا ئوخشاش بولمىغان توسالغۇغا دۇچ كېلىدۇ. دائىم كۆرىلىدىغان مۈچە مېيىپلىقى ئاساسلىقى پۇت قول پالەچلىكى، كەسمە پالەچ، يارتا پالەچ، مېڭە پالەچلىكى، ئۆمۇرتقا سۆڭىكى تۈزلىكى ياكى غەيرىلىكى، قول ياكى پۇتنىڭ قىسمەن ياكى پۇتۇنلەي كەمتۈكلىكى، بىر ياكى ئىككى قول باش بارمىقىنىڭ كەمتۈكلىكى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا توت بارماقنىڭ كەمتۈكلىكى، ئىككى پۇت بارماقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كەمتۈكلىكى ياكى ئىقتىدارىنى يوقىتىشى شۇنداقلا بوي ئىگىزلىگى 130 سانتىمىتىرغا يەتمەيدىغان پەتەكلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار قاتارلىقلار؛

3. مۈچە مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر قايسىلار؟

مۈچە مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ. تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئېلىمىزدە مۈچە مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالدىنقى 10 تۈرلۈك سەۋەپ: مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرى، بالىلار پارالىچ كېسەللىكى، ئىش ئۇستىدە يارلىنىش، قاتناش ھادىسىسى، يېتىلىش غەيرىلىكى، نىرۋا خارەكتىرلىك پالەچلىك، يۇلۇن كېسەللىكلىرى، يۇقۇملىنىش ۋە يەرلىك كېسەللىكلەر. بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبلىك مۈچە مېيىپلىقى شەھەرلەردە ٪25 نى ئىگىلەيدىكەن؛ سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مېيىپلىق يېزىلاردا ٪19 نى ئىگىلەيدۇ. نىرۋا خارەكتىرلىك پالەچلىك، يېتىلىش غەيرىلىكى ۋە تۇغما يېتىلىش غەيرىلىكى قاتارلىقلار 14~0 ياشلىق مۈچە مېيىپ بالىلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى. بالىلار پارالىچى، باشقا تاشقى زەخمە، قاتناش ھادىسىسى، ئىشتا يارلىنىش قاتارلىقلار 54~25 ياش، ئوتتۇرا ياشلىق مۈچە مېيىپلىرىنىڭ مېيىپ بولۇش قېلىشىدىكى موھىم سەۋەب. مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرى ۋە باشقا تاشقى زەخمە قاتارلىقلار 55 ياش ۋە 55 ياشتىن يۇقىرى ياشانغان مۈچە مېيىپلارنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.

4. يارتا پالەچ دىگەن نىمە؟

يارتا پالەچ دىگىنىمىز تاشقى زەخمە ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، بەدەننىڭ بىر تەرىپىنىڭ سىزىمى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى ھاللاردا سۆزلەش، چۇشۈنۈش، ئەستە تۇتۇش، كەيپىيات قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مەسىلە كۆرىلىدۇ. يارتا پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار مېڭە قان تومۇردىكى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال، مەسىلەن: مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە مېڭە توسۇلمىسى. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كېسەللىك قوزغىلىش يېشى بارغانسىرى ياشلىشىپ بارماقتا دائىم يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، دىئابىت، بىرلەمچى مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، قاندىكى ماينىڭ بىنورماللىقى، سېمىزلىك، تۇزلۇق يىمەكلىك، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

5. نىمە ئۈچۈن يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاتقاندا يارتا پالەچلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەيمىز؟

يۇقىرى قان بېسىمى سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى. مەيلى قىسقىراش بېسىمى ياكى كېڭىيىش بېسىمى يۇقىرى بولسۇن، ئوخشاشلا سەكتىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۋاتىدۇ. قان بېسىمى قانچىكى يۇقىرى بولسا خەتەرلىك دەرىجىسى شۇنچىكى يۇقىرى بولىدۇ. چۇنكى قان بېسىمى يۇقىرى بولغانسىرى، ئاسانلا مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشى بىلەن قان چىقىش تىپىدىكى مېڭە قان تومۇرى ھادىسىسى شۇنچىكى كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن يارتا پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى بىمارلارنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولسىمۇ بېشى ئاغرىيدىغان، بېشى قايىدىغان ئالامەتلەر بولمايدۇ. بۇ تېخىمۇ خەتەرلىك. شۇڭىلاشقا قەرەللىك تۇردە قان بېسىمىنى ئۆلچىتىپ، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاش كېرەك. قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىگىنى بايقىغان ھامان ئۇزۇن مۇددەت ئىلمى دورا ئىستىمال قىلىش، قان بېسىمىنىڭ نورمال، تۇراقلىقلىقىنى ساقلاش، سەكتىنىڭ خېيىم خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

6. نىمە ئۈچۈن يۈرەك، مىڭە قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرىنى يارتا پالەچلىكتىن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك دەيمىز؟

يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان بېسىمى مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر يارتا پالەچلىكنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قان تومۇرلىرىدىكى ئاجراپ چۇشكەن قان نوكچىلىرى قان ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ مېڭىنىڭ مەلۇم بىر بۆلەكلىرىگە بېرىپ مېڭە قان نوكچىسىغا ئايلىنىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ دە، بۇنىڭ بىلەن يارتا پالەچلىك كېلىپ چىقىدۇ. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدىن ٪30_٪10 ئەتراپىدا مېڭە قان نوكچىسى كۆرىلىدىغان بولۇپ، نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا 5 ھەسسە كۆپ. ئەگەر بىمارنىڭ قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولسا، ئۇ ھالدا قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭىلاشقا يۈرەك كېسىلى بىلەن يارتا پالەچلىك زىچ مۇناسىۋەتلىك دەيمىز. يۈرەك، مىڭە قان تومۇر بىر سېستىما بولۇپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن يارتا پالەچلىك كۆرۇلگەندە يۈرەكنى كۈزىتىش كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يىمەكلىكنىڭ ياغسىز بولىشىغا دىققەت قىلىش، قاندىكى ياغنى قەرەللىك تۇردە تەكشۇرتۇپ تۇرۇش كېرەك.

7. دىئابىت يارتا پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

دىئابىت سەكتە بولۇپ قېلىشتىكى خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى. دىئابىت ئارتېرىيەنىڭ قېتىشىشىنى تىزلەشتۇرۋېتىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا دىئابىت بىمارىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋاتىدۇ، داۋاملاشقانسىرى ئاسانلا مېڭە قان تومۇرلىرىدا قان چىقىش كۆرۈلۈپ، يارتا پالەچلىك كۆرىلىدۇ. شۇڭىلاشقا، دىئابىت بىمارلىرى قان شىكىرىنى قاتتىق كونتىرول قىلىشى، قەرەللىك تۇردە قان شىكىرىنى ئۆلچىتىپ، دىئابىت كەلتۈرۈپ چىقارغان يارتا پالەچلىكنىڭ خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

8. سېمىزلىك بىلەن يارتا پالەچلىكنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟

يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي يۇقىرىلىق، دىئابىت بىلەن سىمىزلىكنىڭ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋىتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىئابىت بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىمۇ ئىنتايىن روشەن مۇناسىۋەت بار. يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي يۇقىرىلىق، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، دىئابىت كېسىلىنىڭ ھەممىسى يارتا پالەچلىكنىڭ ئىنتايىن موھىم بولغان خەتەرلىك سەۋەپلىرى. شۇڭىلاشقا گەرچە سىمىزلىك بىۋاستە يارتا پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن يارتا پالەچلىكنىڭ كۆرۈلىشىنىڭ ۋاستىلىق خەتەرلىك سەۋەبىدۇر. شۇڭىلاشقا، سىمىزلەر يىمەك ئىچمەكنى كونتىرول قىلىپ، ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئورۇقلاپ، يارتا پالەچلىكنىڭ يۈز بېرىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

9. يارتا پالەچلىكنىڭ ئالدىن ئالامەتلىرى قايسىلار؟

سەكتىنىڭ يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى دائىم بىر قىسىم ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىش، ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ئالدىنى ئېلىپ، يارتا پالەچلىك يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم. تۆۋەندىكىسى دائىم كۆرىلىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبارەت:

1) قوزغىلىشچان باش قېيىش؛ 2)  قوزغىلىشچان بىر تەرەپ قاراڭغۇلىشىش ياكى تۇيۇقسىز كۆرەلمەسلىك؛ 3) تۇيۇقسىز گەپ سۆزى راۋان بولماسلىق؛ 4) تۇيۇقسىز بىر تەرەپ كۈچسىزلىنىش ياكى پۇت قولى كۈچسىزلىنىپ قېلىش؛ 5) تۇيۇقسىز بىر تەرەپ سىپازمىلىنىش (ئۇيۇشۇپ قېلىش)؛

10. قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشنىڭ يارتا پالەچلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى قانداق؟

نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ھىچقانداق ئالامىتى بولمايدۇ ياكى كېسەللىك ئالامىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ ھەم دائىم سەل قارىلىپ قالىدۇ. مەسىلەن: بىر قىسىم يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا باش ئاغرىش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ؛ دىئابىت بىمارلىرىدا تاماقنى كۆپ يەيدىغان، ئۇسسۇزلۇقنى كۆپ ئىچىدىغان، تەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان تىپىك ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭىلاشقا، قان بېسىمى، قاندىكى قەنىت، ماينى قەرەللىك تۇردە تەكشۇرتۇپ تۇرۇش، ھەر يىلى ئەڭ كەمىدە بىر قېتىم ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلىمى، نىرۋا سېستىمىسى بۆلىمىدە ئوموميۇزلۇك تەكشۈرۈتۈش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرىشى كېرەك. قەرەللىك تەكشۈرۈتكەندە يۇقىرى قان بېسىمى، قاندىكى ماي يۇقىرىلىقى، دىئابىت قاتارلىق يارتا پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك كېسەللىك ئالامىتىنى بالدۇر بايقىغىلى، شۇنىڭ بىلەن ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، يارتا پالەچلىكنىڭ  يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

11. بالىلاردىكى مېڭە پالەچلىكى دىگەن نىمە؟

بالىلاردىكى مېڭە پالەچلىكى دىگىنىمىز بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مەلۇم ئامىللار سەۋەبىدىن تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن مىڭە توقۇلمىلىرىنىڭ زەخمىلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مېيىپلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى ھەرىكەت توسالغۇسى ۋە قىپايەت بىنورماللىقىدىن ئىبارەت.

1) ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ئارقىدا قېلىشى ياكى ھەركىتىنىڭ ئازىيىشى. مەسىلەن: ئۇچ ئايلىق بوۋاقلارنىڭ دۇم ياتقاندا بېشىنى كۆتۇرەلمەسلىكى؛  4-5 ئايلىق بولغاندا نەرسە كېرەكلەرگە قول ئۇزارتماسلىق؛ 6-7 ئايلىق بولغاندىمۇ ئولتۇرالماسلىق قاتارلىقلار.

2) مۇسكۇلنىڭ قىسقىراش كۈچىنىڭ بىنورماللىقى. مېڭە پالەچلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمار بالىلارنىڭ مۇسكۇل قىسقىراش كۈچى نورمال بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بەدەن دائىم قاتتىق ھالەتتە تۇرىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىمار بالىلاردا مۇسكۇلنىڭ قىسقىراش كۈچى تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرىلىدۇ.

3) قىياپەت غەيرىلىكى. مېڭە پالەچلىكىگە گىرىپتار بولغان بالا بېشىنى ئارقىدا تارتىشتۇرۇپ تۇرىدۇ. 6 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنى ئولتۇرغۇزغاندا ئارقىغا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئىككى پۇتىنى چىڭ قىسىۋالىدىغان بولۇپ، كىچىك تەرەت قىلىشى ۋە زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش قىيىن بولىدۇ.

4) ئىنكاس غەيرىلكى. مەسىلەن: قۇچاقلاش رىفلىكىسى (چۆچۈپ كەتكەندىكى ئىپادىسى)، ئالتە ئايلىقتىن كېيىنمۇ يەنىلا يوقىمايدۇ قاتارلىقلار.

12. مىڭە پالەچلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللار قايسىلار؟

سىتاتىستىكىدىن مەلۇم بولىشىچە يېرىمدىن كۆپرەك مېڭە پالەچلىككە گىرىپتار بولغان بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالا ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپلەر: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش، يەڭگىشنىڭ ئالدى - ئالدى كەينىدە تۇنجۇقۇپ قېلىش، تۇغۇتتا زەخمىلىنىش، يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى مېڭىگە قان چۇشۇش، يېنىك تۇغۇلۇش، تۇغۇلۇش ئېغىرلىقى قانچىكى تۆۋەن بولسا مېڭە پالەچلىكىنىڭ كۆرۇلۇش نىسبىتىنى شۇنچىكى يۇقىرى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى ئېغىر دەرىجىدە سېرىقلىق چۈشۈشتىن كېلىپ چىققان بىلىرۇبىنلىق مېڭە كېسىلى؛ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مېڭە توقۇلمىسىنىڭ زەخمىلىنىشى؛ ئانىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۇرلۈك بىنورمال ئەھۋاللىرى قاتارلىقلار؛ مەسىلەن: ھامىلە غەيرىلىكى ۋە كۆپ گىزەككە ھامىلدار بولۇش قاتارلىقلار؛ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە قوش كېزەكتە مېڭە پالەچلىكىنىڭ كۆرۇلۇش نىسبىتىنى يالغۇز كېزەككە قارىغاندا 6 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. تەخمىنەن ٪25 مېڭە پالەچ بىمار بالىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا كۆپلىگەن سەۋەپلەر بالا مىڭىسىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

13. ئاتا ئانىلار پەرزەنىتلىرىنىڭ قايسى خىل بىنورمال ھەرىكەتلىرىدىن مىڭە پالەچلىكىنى بىلەلەيدۇ؟

مېڭە پالەچلىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئىپادىسى نورمال بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئاتا ئانىلار دىققەت بىلەن كۈزىتىشى كېرەك. بايقىغان ھامان تىزدىن مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ يەنىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈتۈشى كېرەك.

1) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ياكى ئۈچ ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلاردا ئاسان چۆچۈش، يىغلاپ توختىماسلىق، تەستە ئۇخلاش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا؛

2) شورىشى كۈچسىز، يۈتۈش، چاينىشى قىيىن بولسا، تاماق بەرگەندە دائىم قاقىلىپ كېتىش سەۋەبىدىن تەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىشى ئاستىلاپ كەتسە؛

3) شاۋقۇننى ئاڭلىغاندا ياكى ئۆزىنىڭ بەدىنىنى ئوڭشىماقچى بولغاندا قۇچاقلىغاندەك قورقۇش رىفلىكىسى بىلەن تەڭ يىغلىسا؛

4) 100 كۈنلۈك بولغاندىمۇ يەنىلا بېشىنى كۆتۇرەلمىسە، تىك تۇرۇش ياكى قەدەم ئېلىش ئىپادىسى بولمىسا، 5~4 ئايلىق بولغاندىمۇ تىك تۇرغۇزغاندا يەنىلا بېشىنى ئىرغاڭلىتىپ مۇقىم تۇتۇپ تۇرالمىسا؛

5) 4 ئايلىق بولغاندىمۇ مۇسكىلى يۇمشاق بولسا، مەلۇم بىر خىل بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ تۇرالمىسا، ئۆزى ئۆرۇلىيەلمىسە؛ ئۆزلىگىدىن ھەرىكەت قىلىشى ئاز بولسا ياكى ھەركىتىنى بىنورمال بولسا، ياكى تۇلۇقتەك يۇملاڭشىپ تۇيۇقسىز بەدىنىنى ئۆرۇسە؛ پۇت قولى قاتتىق، قولتىقىدىن يۆلەپ تۇرغاندا پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن يەرگە دەسسەپ تۇرسا؛ چوڭ - كىچىك تەرىتىنى پەرۋىش قىلىش قىيىن بولسا (چوڭ كىچىك تەرەتتىن كىيىن تازلاپ يۇيىدىغاندا، زاكىنى ئالماشتۇرىدىغاندا چاتراقنى كېرىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان بولسا) قاتارلىقلار؛

6) 8~6 ئايلىق بولغاندىمۇ يەنىلا مۇستەققىل ئولتۇرالمىسا؛

7) 8 ئايلىق بولغاندىمۇ ئۆمىلەش ئىنكاسى ۋە ھەركىتى بولمىسا؛

8) بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ مۇستەققىل ھەرىكەت ئىپادىسى بولمىسا، پۇت قول ھەركىتىنى كونتىرول قىلالمىسا ياكى يۈزىنىڭ قىياپىتى غەيرى بولسا؛

دىققەت قىلىش كېرەككى بارلىق مىڭە پالەچلىكىگە گىرىپتار بولغان ھەر بىر بالىنىڭ ھەممىسىدىلا يۇقارقى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىۋەرمەيدۇ، پەقەت گۇمانلانغاندىلا تىزدىن بالدۇر تەكشۇرتۇپ بېقىش كېرەك.

14. نىمە ئۈچۈن بالدۇر ئارلاشقاندا مىڭە پالەچلىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە مىڭە پالەچلىكىنىڭ يۈز بېرىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ دەيمىز؟

چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا ياش قانچىكى كىچىك بولسا يېتىلىش سۈرئىتى شۇنچە تىز بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغاندا چوڭ مىڭىنىڭ ئېغىرلىقى 370 گىرام بولىدۇ، ئالتە ئايلىق بولغاندا ئېغىرلىقى بىر ھەسسە ئاشىدۇ، ئىككى ياشقا كىرگەندە مېڭىنىڭ ئېغىرلىقى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ئۇچ ھەسسە ئاشىدۇ. چوڭ مېڭىدە تەخمىنەن 100 مىليارد نىرۋا ھۈجەيرىسى بولىدۇ. مىڭە ھۈجەيرىسىنى خۇددى بىر كىچىك دەرەخكە ئوخشاتساق نىرۋا ھۈجەيرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زەنجىر خۇددى تۇيۇقسىز ئۆسۇپ چىققان شاخچىلارغا ئوخشايدۇ، ئالتە ئايلىق بولغاندا نىرۋا ھۈجەيرە ئۆسۇكچىسى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكىنىڭ 7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ياشلىق مەزگىلىدىكى يېتىلىش ئەھۋالى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەر بىر نىرۋا ھۈجەيرىسىدە 150 مىڭ دانە ئۆسۈكچە بولىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئىككى ياشقا كىرگۈچىلىك بولغان مەزگىل مېڭىنىڭ ئۆز ئۆزىنى يارىتىش، بەرپا قىلىش مەزگىلى بولىدۇ. مېڭە پالەچلىكىگە گىرىپتار بولىشتىكى يۇقىرى خەۋىپلىك بالىلارنىڭ مېڭىسى زەخمىلەنگەندىن كېيىن،  ئىدراكىي ھەرىكەت بىلەن غىدىقلاش، ئىلمى بولغان دەسلەپكى تەربىيە ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت مەشىقى قىلىش ئارقىلىق زەخمىلەنمىگەن نىرۋا ھۈجەيرىلىرىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زەخمىلەنگەن نىرۋا ھۇجەيلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى ۋە تولۇقلاش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق قوزغاتقىلى بولىدۇ.

15. كەسمە پالەچ دىگەن نىمە؟

كەسمە پالەچ دىگىنىمىز يۇلۇننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زەخمىلىنىشى سەۋەبىدىن، زەخمىلەنگەن يۈزىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى نېرۋىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىشى سەۋەبىدىن (ھەرىكەت، سىزىم، ئىنكاس) كېلىپ چىققان يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدۇر. ئۇ مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زەخمىلىنىش بولۇپ، بىمارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىشغا توسالغۇ بولىدۇ.

يۇلۇن زەخمىسى تولۇق توغرىسىغا كېسىلگەن ياكى تولۇق كېسىلمىگەنلىكى، زەخمىلىنىش يۈزىنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبىدىن، كىلىنكىلىق ئىپادىلىرىدىمۇ ئىنتايىن زور پەرق بولىدۇ. مەسىلەن: بويۇن بۆلىگىدىكى يۇلۇن پۇتۇنلەي زەخمىلەنگەندە پۇت قول پالەچلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆكرەك، بەل بۆلىكىگىدىكى يۇلۇن زەخمىلەنگەندە ئىككى پۇت پالەچلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قەدەر يۇقىرى بۆلەكتىكى كۆكرەك، بەل يۇلۇنى زەخمىلەنگەندە پەقەت چاقلىق ئورۇندۇققا تايىنىپلا ئاندىن ھەرىكەت قىلىش، يۆتكىلىش مۇمكىن، ئەكسىنچە بەل يۇلۇنى زەخمىلەنگەندە تىرىگۇچ  ۋە ھاسا قاتارلىقلارغا تايىنىپ پىيادە مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن.

16. ئومۇرتقا، يۇلۇننى زەخمىلەندۇرىدىغان سەۋەپلەر قايسىلار؟

ئومۇرتقا، يۇلۇننىڭ زەخمىلىنىشى سىرتقى زەخمىلىنىش تىپىدىكى ۋە  غەيرى سىرتقى زەخمە تىپىدىكى دەپ ئىككى تۇرگە بۆلىنىدۇ. سىرتقى زەخمە تىپىدىكىسى بولسا ئومۇرتقا، يۇلۇننىڭ مىخاينىك سىرتقى كۈچنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تەسىرىدە يۇلۇن قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. يۇلۇننىڭ زەخمىلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە قاتناش ھادىسلىرى، سانائەت كان ھادىسلىرى، ئىگىز بوشلۇقتىن چۈشۈپ كېتىش، تەنھەركەتتە زەخمىلىنىش شۇنداقلا زوراۋانلىق ھادىسلىرى (مەسىلەن: پىچاق زەخمىسى) قاتارلىقلار. غەيرى سىرتقى زەخمە تىپىدىكى يۇلۇن زەخمىلىنىشى بولسا يۇلۇن، ئۇمۇرتقىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى مەسىلەن: ئۆسمە، تۇبرىكۇلىيۇز، غەيرىلىك قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

17. كەسمە پالەچ بىمارلىرىدا دائىم قايسى خىل كېسەللىكلەر كۆرىلىدۇ؟

كۈتۈش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرى مۇۋاپىق بولماسلىق ياكى بىمار ئۆزى دىققەت قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن كەسمە پالەچ بىمارلىرىدا تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەر كۆپ كۆرىلىدۇ:

1) ياتاق يارىسى. كۆرپە يارىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىسمەن ئورۇندىكى توقۇلمىنىڭ بېسىلىشى سەۋەبىدىن قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كېلىپ چىقىدىغان توقۇلمىلارنىڭ ئۆلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ياكى ئولتۇرىدىغان بىمارلارنىڭ سۆڭەك بورىتىپ چىققان قىسمىدا كۆپ كۆرىلىدۇ.

2) كىچىك تەرەت قىلىش تەسلىشىش (سۇيدۇك قېيىپ قېلىش ياكى سۇيدۇك تۇتالماسلىق) ۋە سۇيدۇك ئاجرىتىش سىستىمىسى ياللۇغى. يۇلۇن زەخمىلەنگەندىن كېيىن سۇيدۇك چىقىرىشنى كونتىرول قىلغۇچى نىرۋىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3) يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك ھەركىتىنىڭ زىيادە ئاستىلىقى، كۆپ تەرلەش، چىرايى قىزىش ۋە باش ئاغرىش قاتارلىق ۋىگىتاتىۋ نىرۋىنىڭ رىفلىكىسىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىش ئۇنۋىرسال كېسەللىكى. يۇلۇن زەخمىلەنگەنلىكتىن بۇ يەردىكى ئۆتىدىغان ۋىگىتاتىۋ نىرۋىلارنىڭمۇ زەخمىلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىدارنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشىدىن ئىبارەت.

4) چوڭ تەرەت قىيىن بولۇش. يۇلۇن زەخمىلەنگەنلىكتىن ئۈچەي ۋە مەقەتكە تەقسىملەنگەن نىرۋىنىڭ خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراپ، توغرا ئۈچەي بوشىشىپ، بوغماق ئۈچەينىڭ ھەركىتى ئاجىزلىشىپ، مەقەت قورىغۇچى مۇسكۇلىنىڭ كۈچسىزلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5) تارتىشىپ قېلىش (سىپازمىلىنىش). كۆپۇنچە ھالدا بويۇن ئۇمۇرتقىسى ۋە يۇقارقى كۆكرەك بۆلىكى زەخمىلەنگەن بىمارلاردا پۇت قولنىڭ تارتىشىپ قېلىشى كۆرىلىدۇ، شۇنداقلا كۆكرەك، دۇمبە، قورساق قىسمىنىڭ سىپازمىلىنىشىمۇ كۆرىلىدۇ.  بۇنىڭ ئىپادىسى: پۇت قول قاتتىق قېتىۋېلىش، بوغۇم ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچراش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. يۇلۇن زەخمىلەنگەنلىكتىن، بۇ يەردىن ئۆتىدىغان ھەرىكەت نىرۋىلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئىقتىدارنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

18. كەسمە پالەچ بىمارلىرىدىكى ياتاق يارىسىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟

كەسمە پالەچ بىمارلىرى سەزگۈدىن مەھرۇم قىلىش ۋە پۇت قول پائالىيىتى توسالغۇسى سەۋەبىدىن ئۇزۇن مەزگىل يېتىپ قالىدۇ ياكى ئولتۇرۇش ھالىتىدە تەننىڭ ئېغىرلىقى چۇشكەن جاي ۋە بورتىپ چىققان سۆڭەك بار جايلاردا ياتاق يارىسى پەيدا بولىدۇ. ياتاق يارىسى ئېغىرلاشقاندا تىرە شەلۋەرەش، ياللۇغلىنىش كۆرىلىدۇ. ياتاق يارىسى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

1) قىسمەن ئورۇننىڭ سىجىل بېسىلىپ تۇرىشىنى ئازايتىش. چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان بىمارلار ھەر 30 مىنۇتتىن بىر سائەت ئىچىدە تايىنىش ئارقىلىق بېسىمنى ئازايتىش ھەركىتىنى ئىشلىشى، ھەر قېتىمدا 1-2 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بىمارلارنى ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئۆرۈش، ئۆرۈش يېنىك بولۇش، تېرىنى زەخمىلەندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش. ئۆرىگەندىن كېيىن تېرىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىش، كۆرپىنىڭ تۈز، پاكىزە بولىشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

2) ئىسسقلىق تارقىتىشى ياخشى، ھاۋا ئۆتكۇزۇشچانلىقى كۈچلۇك، 10 سانتېمىتىر قېلىنلىقتىكى كۆرپىچەك ياكى كارۋات سېلىنچىسى ئىشلىتىش، مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇش، تىرە، ئىچ كىيىم ۋە كارۋات سېلىنچىسىنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش.

3) ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىپ، قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، تەن ساپاسىنى ئۆستۇرۈش؛

4) بەدەننى ياخشى ئاسراش، توڭلاپ كېتىشتىن، ئىسسىق ئۆتكۇزۋېلىشتىن ساقلىنىش؛ قاتتىق نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش.

19. كەسمە پالەچ بىمارلىرىنىڭ بوغۇملىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟

كەسمە پالەچلەنگەن جايدىكى بوغۇملارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى ساقلاپ قېلىش، بوغۇملارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زەخمىلەنگەندىن باشلاپ كەسمە پالەچلەنگەن جايدىكى بوغۇملارنى كۆپ قېتىم مەجبۇرى ھەركەتلەندۈرۈپ بېرىش كېرەك. بوغۇم ئىقتىدارىنىڭ توغرا يۆلىنىشى بويىچە ھەر قېتىمدا 15~10 قېتىم ھەركەتلەندۈرۈش، ھەركەتلەندۇرگەندە يېنىك، ئاستا  بولۇش، بوغۇمنى ئوموميۇزلۇك ھەركەتلەندۇرۇش، ھەركەتلەندۇرۇشكە باشقىلار ياردەملەشسىمۇ ياكى بىمار ئۆزى ھەركەتلەندۇرسىمۇ بولىدۇ، چارچاش ھېس قىلمىغىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

20. قايسى خىل ئەھۋال پۇت قولنىڭ كېسىۋېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

تۇرلۈك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن پۇت قولنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئامال بولمىغاندا دوختۇرلار پۇت قولنى كېسىۋاتىدۇ. شۇڭىلاشقا پۇت قولنى كېسىۋېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۆۋەندىكى سەۋەبكە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئېغىر دەرىجىدىكى سىرتقى زەخمە. ئېغىر زەخمە، تەن قان ئايلىنىش سېستىمىسىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن بەدەن توقۇلمىسىنىڭ ئۆلىشى ياكى ئەسلىگە كەلمەسلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇلار كۆيۈك ۋە ئۇششۇك يارىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇت قولنىڭ نىركوزلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

دىئابىت. دىئابىت بىمارلىرىنىڭ مۈچەلىرىدە گانگىرىنا يۈز بەرگەندە مۈچە كېسىۋېتىلىدۇ. دىئابىت بىمارلىرىنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دىئابىت كەلتۈرۈپ چىقارغان مۈچەنى كېسىۋېتىش مىساللىرى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.

ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىش. ھاياتلىققا ئېغىر تەھدىد سالىدىغان مۈچەنىڭ جىددى خارەكتىرىلىك ياللۇغلىنىشى. مەسىلەن: گانگىرىنا، تىلما كېسىلى (توڭ دۇ)، قاتارلىقلار. مەلۇم سوزۇلما خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىش مەسىلەن: سوزۇلما خارەكتىرىلىك ئىلىك ياللۇغى ئۇزۇن مۇددەت تەكرار قوزغۇلىدىغان بولۇپ، داۋالاش تەس. بۇنىڭ بىلەن كەڭ دائىرىدىكى توقۇلمىنىڭ بۇزۇلىشى ۋە مۈچەنىڭ ئېغىر دەرىجىدە غەيرىلىكى، ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەتتە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئۆسمە. سۆڭەك توقۇلمىسىنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى.

تۇغما غەيرىلىك ۋە يېتىلىش بىنورماللىقى. مۈچەنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى غەيرىلىكى، ئىقتىدارىنى يوقىتىشى ھەم تۈزەش مۇمكىن بولمايدىغانلىرى.

باشقىلار. رىماتىزىم خارەكتىرىلىك يۈرەك كېسىلى، ماخاۋ كېسىلى، ئارتىرىيە توسالغۇسى خارەكتىرلىك كېسەللىك ياكى مەلۇم خىلدىكى نىرۋا سىستىمىسى كېسەللىكى.

21. سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكى دىگەن نىمە؟

سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكى يەنە سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى، ئۆسۈكچە خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغى، چېكىنىش خارەكتىرىدىكى بوغۇم ياللۇغى، بوغۇم شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش كېسەللىگى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بوغۇملارنىڭ چېكىنىشى، بوغۇم كۆمۈرچەكلىرىنىڭ بۇزۇلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سوزۇلما خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى داۋاملاشما تىپلىق بوغۇم كۆمۈرچەكلىرىنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشى ھەتتا مەھرۇم بولىشىنى پەيدا بولىدۇ. كۆپۇنچە ھاللاردا ئېغىر نەرسە كۆتۇرىدىغان بوغۇملاردا يەنى تىز بوغۇمى، داس بوغۇمى قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۇلىدۇ. سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ كۆرۇلۇش نىسبىتى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ، 60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ٪20 دە سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى ئالامىتى بار،  ئاياللارنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەرلەردىن يۇقىرى بولىدۇ.

22. قايسى سەۋەپلەر سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ياشانغانلاردىكى كۆمۈرچەك قېرىپ كېتىش، تىبابەتتىكى چېكىنىش تىپىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياشانغانلاردىكى سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوغۇمنىڭ زەخمىلىنىشى، بوغۇم كېسەللىكى، سوزۇلما خارەكتىرلىك زورۇقۇش، تەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشى، شۇنداقلا كېلىماتنىڭ نەم، سوغۇق بولۇشى قاتارلىق ئامىللارمۇ سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىستىمال قىلىنىدىغان دانلىق زىرائەت تەركىۋىدە ئورغاقسىمان زەمبۇرۇغ ئۇرۇقدىشىنىڭ بولىشى  ۋە باشقا ئېنىق بولمىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چوڭ سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ ياكى بولمىسا ئالاھىدە موھىت سەۋەبىدىنمۇ سۆڭەك بوغۇم كېسەللىگى كېلىپ چىقىدۇ.

23. سۆڭەك بوغۇم كېسىلى بىمارلىرىدا دائىم كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەر قايسىلار؟

كۆپ سانلىق سۆڭەك بوغۇم كېسىلى بىمارلىرى رىنتىگېن ئاپپاراتىدا تەكشۇرتكەندە سۆڭەك بوغۇم كېسەللىك ئىپادىسى بولسىمۇ، لېكىن پەقەت ٪5 ئەتراپىدىكى بىماردا كېسەللىك ئالامىتى بولىدۇ. 45 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنى كېسەل كىشىلەر دەپ ئاتايمىز. كېسەللىكنىڭ كۆرىلىشى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. كۆپۇنچە ھاللاردا كۆپ بوغۇملاردا كېسەللىك قوزغىلىدۇ، قىسمەن ئەھۋالدا تاق بوغۇمدىمۇ كېسەللىك قوزغىلىدۇ. كېسەللەنگەن بوغۇم ئۇدا دەرد قىلىدۇ، ھەرىكەتنى جىق قىلىپ كەتكەندە ئاغرىقمۇ كۈچىيىدۇ، ئارام ئالسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئاغرىققا بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ، ئاتموسفۇرا بېسىمى تۆۋەن بولغاندا كېسەللىك ئېغىرلايدۇ، يەنى ھاۋا كېلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەزى ھاللاردا ئاغرىق جىددى قوزغىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بوغۇملار قېتىۋالىدۇ، بوغۇملار سۇركەلگەندە ئاۋاز چىقىدۇ. ئۇزۇن ئولتۇرغاندا بوغۇمنىڭ قېتىۋىلىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، سەل - پەل ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ، بەزى كىشىلەر بۇنى ئوبرازلاشتۇرۇپ «ئارام ئېلىش كېسىلى» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە بوغۇملار كۆپۈپ، يوغىناپ ھەرىكەت قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، لېكىن قېتىپ قېلىشى ئىنتايىن ئاز ساندا كۆرىلىدۇ.

24. مۇۋاپىق غىزالىنىش ئارقىلىق سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

مۇۋاپىق غىزالانغاندا سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە كېچىكتۇرگىلى بولىدۇ. ياشانغانلار مۇۋاپىق مىقداردا كالتىسىي مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى مەسىلەن: كالا سۈتى، تۇخۇم، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، كوكتات ۋە مىۋە چىۋە ئىستىمال قىلىشى كېرەك. يىمەك ئىچمەكنى كونتىرول قىلىپ ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈپ، بوغۇملارغا چۇشىدىغان يۈكنى يېنىكلىتىش كېرەك. يىمەكلىك تەركىۋىدىكى ئارتۇقچە ئاقسىل بەدەندىكى كالتىسىينىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئاقسىلنى قوبۇل قىلىش مىقدارىغا چەكلىمە قويۇش كېرەك. ۋىتامىن كالتىسىينىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئايلىنىشىغا قاتنىشىدۇ، شۇڭىلاشقا كۆپ خىل ۋىتامىننى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D ئىنتايىن موھىم.

25. نىمە ئۈچۈن مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەيمىز؟

ھەرىكەت قىلىپ بېرىش سۆڭەكنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، سۆڭەك ماددىسىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكنىڭ ئىلاستىكىلىقى، ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرىدۇ دە، سۆڭەك سۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، سۆڭەكنىڭ قېرىلىشىپ كېتىشىنى كېچىكتۇرگىلى بولىدۇ. ھەرىكەت قىلىپ بېرىش بوغۇملارنىڭ چىدامچانلىقى ۋە جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، قېرىشتىن كېلىپ چىققان موسكۇللارنىڭ يىگىلىشى، پەينىڭ قېتىۋېلىشى، بوغۇملارنىڭ قېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەرىكەت قىلىش موسكۇلنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، موسكۇلنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، موسكۇلنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بوغۇم ھەركىتىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلالايدۇ. ھەر بىر كىشىنىڭ تەن ساپاسى، ياش قۇرامى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھەر كىم ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ھەرىكەت شەكلى، ھەرىكەت ۋاقتى ۋە ھەرىكەت مىقدارىنى تاللىشى كېرەك.

26. نىمە ئۈچۈن ئاپتاپقا قاقلىنىشنى سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى بار دەيمىز؟

چۇنكى ۋىتامىن D  كالتىسىينىڭ بەدەنگە  سۈمۈرلىشى ۋە ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق قاتناشقۇچى. ۋىتامىن D -- تېرە قۇياش نۇرىدىكى ئۇلتىرا بېنەپشە نۇرىنى سۈمۈرگەندىن كېيىن مۇرەككەپ بىئو خېمىيىلىك ئۆزگىرىش ئارقىلىق سىنتىزلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئاپتاپقا قاقلىنىپ بېرىشنىڭ سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى بار. ئەلۋەتتە ئاپتاپقا قاقلىنىشمۇ مۇۋاپىق بولىشى ھەرگىزمۇ بولىشىغا قاقلانماسلىق ۋە ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىگى لازىم.

27. سۆڭەك بوغۇم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ پېيىنىڭ تارتىشىپ غەيرى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

بوغۇمنىڭ تارتىشىپ قېلىشى سۆڭەك بوغۇم كېسەللىكلىرىدە دائىم كۆرىلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك، كېلىنكىلىق ئىپادىسى يەرلىك ئورۇننىڭ ھەركىتى توسالغۇغا ئۇچراش، مۈچە ئەگرىلىنىپ تارتىشىپ قېلىش بولۇپ ئىپادىلىندۇ ھەمدە داۋاملىق تۇردە ئېغىرلىشىپ بارىدۇ.

بوغۇم تارتىشىپ قالغاندا ئەگەر ۋاقتىدا تۇزەتمىسە ئۈگىنىش ۋە تۇرمۇشقا ئىنتايىن زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، مېيىپلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوغۇم يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاشنىڭ چارىسى تۆۋەندىكىچە:

1) ياخشى بولغان قىياپەتنى ساقلاش ھەمدە قەرەللىك تۇردە تەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش؛

2) ھەر كۈنى پۈتۈن بەدەندىكى بارلىق بوغۇملارنى ھەرىكەتلەندۇرۇپ مەشىقلەندۇرۇش، ھەرىكەت مىقدارىنى تەدىرىجى زورايتىش، ئاكتىپ ھەركەتلەندۈرۈش ۋە پاسسىپ ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىش، ئۇسۇلى يەڭگىل بولۇش، كۈچىنىشى مۇۋاپىق بولۇش، ھەرگىزمۇ جىددى، كۈچلۈك ھەركەت قىلماسلىق، زەخمىلەنمەسلىككە دىققەت قىلىش؛

3) ئۆزىنىڭ تەن ئېغىرلىقى ۋە مەجبۇرى قىلىنىدىغان ھەرىكەتنىڭ ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئاللىقاچان يۈز بەرگەن بوغۇم تارتىشىپ قېلىشىنى تۈزەش؛

28. سەكتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى نىمە؟

سەكتە مېڭە ئاتوپلىكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە شامالدارىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شامالدارىش ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېڭە توسۇلۇش (مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلىشىدىن قىسمەن مېڭە توقۇلمىسىغا قان يېتىشمەسلىك) ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش (مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىشىدىن قان چۈشۈش) بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. جىددى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىمۇ ئوخشاشلىق تەرىپىمۇ بار. يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت كېسىلى بار بىمارلاردا تۇيۇقسىز باش قېيىش، باش ئاغرىش ياكى ياندۇرۇش، ھوشىدىن كېتىش ئارقىدىنلا ئاغزى، كۆزى مايماق كېتىش، ئاغزىدىن شۆلگەي قۇيۇلۇش، گەپ سۆزى ئېنىق بولماسلىق، بىر تەرەپ پالەچلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەكتىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، تىزدىن تۆۋەندىكىدەك تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

1) بىمارنى ئىرغاتماسلىق، مۇمكىن قەدەر ئازراق يۆتكەش، تىزدىن جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى قىچقىرىش؛

2) بىمارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنى يېشىۋېتىش. ئەگەر بىمار سەگەك بولسا، بىمارنى  يېرىم ياتقۇزۇش ياكى پۇتۇنلەي ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش؛

3) ئەگەر بىمار ھوشىنى يوقىتىپ قويسا يانچە ياتقۇزۇش، بېشىنى سەل پەل ئارقىغا غادايتىپ نەپەسنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بىمارنىڭ يالغان چىشىنى ئېلىۋېتىپ، بىمارنىڭ قۇسۇقلىرىنى پاكىزە تازلىۋېتىش، چىقىرىندىلارنىڭ بىمارنىڭ ئۆپكىسىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش؛

4) بىمارنىڭ ئەس ھوشى، قان بېسىمى، نەپەس ئېلىش ۋە تومۇر سوقىشى قاتارلىقلارنى يېقىندىن كۈزىتىش، بىمارغا يىمەك ئىچمەك بەرمەسلىك؛

29. ئومۇرتقا زەخمىلەنگەندە توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قانداق؟

ئومۇرتقا زەخمىسى كۆپ ھاللاردا ۋاستىلىك سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن مەسىلەن: ئىگىز جايدىن يىقىلغاندا باش، مۈرە ياكى پۇت، ساغرا بىلەن يەرگە چۇشكەندە، ئومۇرتقا ئوق يۆلىنىشىدە قىسىلىپ بېسىمغا ئۇچرايدۇ ياكى بىۋاستە سوقۇلۇپ ئومۇرتقىنىڭ سۇنىشىنى، سۆڭەك بوغۇملىرىنىڭ چىقىپ كېتىشى ۋە مۇسكۇل، نىرىپلارنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا بەل، دۇمبە تۇيۇقسىز ئەگرى بولغاندا، قايرىلغاندا ياكى زىيادە كۈچەپ كەتكەندە ئوخشاشلا ئومۇرۇتقىنى تىرەپ تۇرغۇچى پەي، مۇسكۇل ياكى ئومۇرتقا ئارلىق تەخسىسىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇرتقا زەخمىلەنگەندىن كېيىن زەخمىلەنگەن جاينىڭ تۆۋەن قىسمىنى ھەركەتلەندۇرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر نىرىپلار بېسىلىپ قالغان بولسا، تېرىدە خۇددى يىڭنە سانجىلغاندەك سېزىم بولىدۇ، دۇمبە قىسمى قاتتىق ئاغرىيدۇ، خۇددى كېسىۋەتكەندەك سېزىم بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا بىمار ھۇشىدىن كېتىدۇ. ئومۇرتقا زەخمىلەنگەندە ياكى ئومۇرتقا زەخمىلەندى دەپ گۇمان قىلغاندا، توغرا  بىر تەرەپ قىلىش تەدبىر قوللىنىپ، ئاقىۋەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئاساسلىق ئۇسۇل تۆۋەندىكىچە:

1) يارلانغۇچىنى يۆتكىمەسلىك، تىزدىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىش. ناۋادا ئومۇرتقىسى زەخمىلەنگەن بولسا، ئۇ ھالدا يۇلۇن ئومۇرتقىنىڭ قوغدىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ، بۇ چاغدا مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ يۆتكىمىگەندە يۇلۇن نىرۋىلىرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇپ پالەچ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2) يارلانغۇچىنىڭ باش ۋە مۇرىسىنى ئىككى قول بىلەن چىڭ تۇتۇپ مىدراتماسلىق، كىيىم كېچەك، ئەدىيال قاتارلىق نەرسىلەرنى يارلانغۇچىنىڭ بويۇن، بەل، تىز، ئوشۇق قىسمىغا قويۇپ بېرىپ، بەدەننى مۇقۇملاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كېلىشىنى ساقلاش؛

3) ئەگەر ئەتراپتىكى موھىت خەتەرلىك بولۇپ، چوقۇم يۆتكىمىسە بولمايدىغان بولسا، كەسپىي خادىملارنىڭ قوماندانلىقىدا 4-3 كىشى بىرلىكتە بىمارنى تەكشى يۆتكەش (بىمارنىڭ باش، بويۇن ۋە تەن قىسمى بىر تۇز سىزىق ھالىتىدە بولۇش) تۈز تاختاينىڭ ئۇستىگە ئېلىش، تولۇق مۇقۇملاشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن خەتەرلىك موھىتتىن ئايرىلىش. ئەگەر ھادىسە مەيدانىدا كەسپى خادىملار بولمىسا، بىمارنى يۆتكىگەندە مۇمكىن قەدەر ئەسلىدىكى بەدەن ھالىتىنى ساقلىغان ئاساستا يۆتكەش؛

30. سۆڭەك سۇنغاندا قانداق قىلغاندا ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

سۆڭەكنىڭ ئەتراپىدا قان تومۇر، نىرۋا ۋە ئىچكى ئەزالار بولغانلىقتىن، سۆڭەك سۇنغاندا دائىم ئەتراپتىكى توقۇلما، ئەزالارمۇ زەخمىلىنىدۇ. سۆڭەك سۇنغاندا بىماردا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

1) زەخمىلەنگەن مۇچىدە قىسقىراش، تولغۇشۇش، ئەگرى بولۇپ قېلىش قاتارلىق غەيرىلىك كۆرىلىدۇ

2) بەدەننىڭ بوغۇم يوق بولغان جايىدا بىنورمال بولمىغان ھەرىكەت ئالامىتى كۆرىلىدۇ؛

3) سۆڭەك سۇنغان جايدا ئاغرىيدۇ، ئىششىيدۇ، قان توختاپ قالىدۇ. زەخمىلەنگەن گەۋدە ھەرىكەت قىلالمايدۇ؛

4) سۆڭەك ئېغىر دەرىجىدە سۇنغاندا كۆپ قان چىقىدۇ، ھەتتا ئادەم شۆك بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلمەسلىگى مۇمكىن، ھادىسە يۈز بەرگەن جاي بىمارغا ياكى قۇتقۇزغۇچى خادىملارغا ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كەلمىسىلا بىمارنى ياكى يارلانغان تەننى  تەۋەككۇل قىلىپ ئۆز جايىدىن قوزغىماسلىق كېرەك، قارغۇلارچە سۆڭەكنى ئۆز جايىغا چۈشۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. مۇمكىن قەدەر  ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا مۇۋاپىق مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش ئارقىلىق ئاغرىقنى پەسەيتىش ھەمدە زەخمىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاندىن تىزدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاش كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇددۇس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 05:07 PM  


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10848
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 09:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنى ئېلىش كېرەك،،،،،،،،،،  نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋەتتۇققۇ...........   

مەسىلەن:  يەر تەۋرەش ئىدارىسى يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئالدى، ئەمما يەر تەۋرىگەندە ھىچ نىمە قىلالمىدى..... شۇنىڭغا ئوخشاش ئاپەت يىتىپ كەلگەندە ھىچ ئامال قىلغىلى بولمايدىكەن..

شۇڭا ئالدىنى ئېپ تۇرۇش كېرەك........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14053
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 10:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنى ئىلىش ئاساس داۋالاش قوشۇمچە

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:27:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز... خىلى كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 04:53:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ ئەسەرنى ئۇقۇپ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.بۇ ئەسەرنى يوللىغۇچىغا كۆپ كۆپ رەھمەت،ئەگەر مۇمكىن بولسا بۇ ئەسەرنى يوللىغۇچىدىن باشقىچە ئۇسۇلدا كۈرۈشۈپ سورايدىغان مەسلىھەتىم بار ئىدى.كۈرۈشكىلى بۇلارمۇ؟ئۇچۇرىنى بىرىۋەتسىڭىز.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101369
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2013-12-26
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 02:40:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
www.alnure.com  ئەلنۇرى مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54565
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3935
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1161 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 04:08:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە  بولىدۇ. مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز قولۇم كۆكسۇمدە. كوت كوت  1006725168

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش