ئاڭلاش، سۆزلەش مېيىپلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
1. ئىنسانلارنىڭ قۇلىقى قايسى قىسىملاردىن تۈزۈلگەن؟
ئىنسانلارنىڭ قۇلىقى تاشقى قۇلاق، ئوتتۇرا قۇلاق، ئىچكى قۇلاق دەپ ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. تاشقى قۇلاق ۋە ئوتتۇرا قۇلاقنىڭ ئاۋازنى يىغىش، ئاۋازنى يەتكۈزۈش، ئاۋازنى كۈچلەندۈرۈش رولى بار، ئىچكى قۇلاقنىڭ بولسا ئورۇن بەلگىلەش، تەڭپۇڭلۇق سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى قاتارلىق رولى بار.
2. ئاڭلاش سېزىمى قانداق شەكىللىنىدۇ؟
ئاۋاز تىتىرەشتىن ھاسىل بولىدۇ. ئىچكى قۇلاققا يېتىپ بېرىشىنىڭ ئىككى خىل يولى بار. بىرخىلى تاشقى قۇلاق، ئوتتۇرا قۇلاق ئارقىلىق ئىچكى قۇلاققا يەتكۇزۇلىدۇ. يەنە بىر خىلى بولسا باش سۆڭىكىنىڭ تىتىرىشى ئارقىلىق ئىچكى قۇلاققا يەتكۇزۈلۈشتىن ئىبارەت. ئىچكى قۇلاق ئاۋاز بېسىمىدىكى ئۆزگىرىشىنى سەزگەن ۋاقىتتا ئىچكى قۇلاقتا قۇلاق قۇلۇلىسى ئىچىدىكى سۇيۇقلىقنىڭ ئېقىشى يۈز بېرىپ، ئاستىنقى پەردىنىڭ تىتىرىشى تۈكلۈك ھۈجەيرە بىلەن ياپقۇچى پەردە ئوتتۇرىسىدا سۇركىلىش يۈز بېرىپ، تۈكلۈك ھۈجەيرىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن ئاڭلاش نىرۋىلىرى بىئو ئېلىكتىرى دولقۇنىنى مەركىزى نىرۋىغا يەتكۇزۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاڭلاش سېزىمى شەكىللىنىدۇ.
3. ئاۋاز چاستوتىسى دىگەن نىمە؟
ئاڭلاش سىزىمى ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە سەزگۈسى بولۇپ، ئاڭلانغان ئاۋازلار ئەملىي بويۇمنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان ئاۋاز دولقۇنىدىن ئىبارەت. ئوخشىمىغان جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان ئاۋاز دولقۇنى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى موھىم ئامىل تەۋرىنىش چاستوتىسى ئوخشاش بولمايدۇ. چاستوتا دىگىنىمىز جىسىمنىڭ ھەر سىكونىتتىكى تەۋرىنىش قېتىم سانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىرلىگى گىرتىس (Hz) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: دۇمباقنىڭ ئاساسلىق چاستوتىسى Hz500 – 200 (يەنى ھەر سىكنوتتا 500- 200 قېتىمغىچە تەۋرىنىدۇ دىگەنلىك) بولۇپ تۆۋەن چاستوتىغا تەۋە. قوش دەستىلىك كامىراتوننىڭ ئاساسلىق چاستوتىسى Hz 2000-1000 بولۇپ، ئوتتۇرا چاستوتىغا تەۋە؛ پۇشتەك ئاۋازىنىڭ چاستوتىسى Hz 4000-3000 بولۇپ، يۇقىرى چاستوتىغا تەۋە؛
4. ئاۋازنىڭ كۈچلۈك دەرىجىسى دىگەن نىمە؟
ئاۋازنىڭ كۈچلۈك دەرىجىسى ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تىتىرەش ئامپىلتوداسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىگى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. تىتىرەش قانچىكى چوڭ بولسا كۇچلۈك دەرىجىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، ئەكسىنچە كىچىك بولىدۇ. ئاۋازنىڭ كۈچلۈكلۇك دەرىجىسى ئادەتتە دېستىبىل (dB) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: تېپتېنىچ كېچىدە دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى، ھايۋانلارنىڭ نەپەس ئېلىشىدىن چىققان ئاۋاز تەخمىنەن dB 20 ئەتراپىدا بولىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ نورمال پاراڭلىشىش ئاۋازنىڭ كۈچلۈكلۇك دەرىجىسى dB 70؛ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىغان ئاۋازنىڭ بېسىمى dB 85 ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ئاپتوموبىللارنىڭ گۈدۈك سىگىنالى، پويىز ماڭغان چاغدا چىقارغان ئاۋازنىڭ كۇچلۇك دەرىجىسى dB 100 بولىدۇ. ئايروپىلان ئۇچقان ۋاقىتتا چىقارغان شاۋقۇننىڭ كۈچلۈكلۇك دەرىجىسى dB 120 بولىدۇ.
5. ئاڭلاش دائىرىسى دىگەن نىمە؟
كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش نىرۋىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىيالايدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك ئاڭلاش دائىرىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر خىل چاستوتىنىڭ ئاڭلاش دائىرىسى ئۈزۈك سىزىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ ئاڭلاش دائىرىسى سىنوس ئەگرى سىزىقىنى ھاسىل قىلىدۇ. Hz 500، Hz1000، Hz 2000، Hz 4000 دولقۇننىڭ ئاڭلاش دائىرىسى يىغىندىسىنى 4 كە بۆلگەندە چىققان ئاۋازنىڭ كۈچلۈك دەرىجىسى ئارقىلىق ئاڭلاش سىزىمىنى يوقىتىش دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. dB25 دىن كىچىك بولسا ئاڭلاش سىزىمى نورمال بولىدۇ.
6. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاڭلاش سىزىمىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى قانچە دەرىجىگە ئايرىغان؟
1997- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاڭلاش سىزىمى توسقۇنلۇققا ئۈچرىغان بىمارلارنىڭ ئاڭلاش سىزىمىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش دەرىجىسىنى توت دەرىجىگە ئايرىغان؛
Db HL 40—26 يېنىك دەرىجە؛
Db HL 60—41 ئوتتۇرا دەرىجە؛
Db HL 80—61 ئېغىر دەرىجە؛
Db HL 40—26 زىيادە ئېغىر دەرىجە؛
7. ئاتا – ئانىلار ئۈچ ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلىرىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى قانداق كۈزىتىشى كېرەك؟
ئۈچ ئايلىقتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئاۋازغا بولغان ئىنكاسىغا ئاساسەن ئاڭلاش سىزىمىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارىنى سىناشتا ئادەتتە ياغاچ تاك-تاك، كامراتون (ئوتتۇرا چاستوتىلىق)، پۇشتەك (يۇقىرى چاستوتىلىق) ۋە كىچىك دۇمباق (تۆۋەن چاستوتا) قاتارلىق ئاۋاز چىقىرىدىغان ئويۇنچۇق ئارقىلىق سىنىسا بولىدۇ. ئىنسانلار ئوتتۇرا ئاۋاز دولقۇنىغا ئەڭ سەزگۈر بولغانلىقتىن ياغاچ تاك – تاك ياكى كامراتون ئەڭ ياخشى تاللاش ھېساپلىنىدۇ.
سىناش ئۆيى نىسبەتەن تېنىچ بولىشى كېرەك. سىنىلىدىغان چاغدا بوۋاق خىرە – شىرە ئۇخلاۋاتقان ھالەتتە بولسا ئەڭ ياخشى، قۇلاقتىن 30 سانتېمىتىر يىراقلىقتا تۇيۇقسىز dB 60 ئاۋاز چىقارغاندا، سىنالغۇچى بوۋاق 2.5 سىكونىت ئىچىدە ئاڭلاش سىزىمى ئىنكاسى كۆرۇلسە نورمال بولغان بولىدۇ. ئىنكاسنىڭ ئىپادىسى: ئىككى بېلىكىنى تۇيۇقسىز ئىچىگە ئىگىۋېلىش، يەنى چۆچۇش رىفلىكىسى؛ تۇيۇقسىز كۆزىنى چىمچىقلىتىش، ئۇيقۇسى ئېچىلغانلىق رىفلىكىسى؛ تۇيۇقسىز يىغلاش، يىغلاش رىفلىكىسى؛ سىناشتىن ئىلگىرى بوۋاقنىڭ كۆزى ئوچۇق بولسا، ئاۋاز چىققاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كۆزىنى يۇمىۋېلىشى، بۇ كۆزىنى يۇمۇش رىفلىكىسى؛ ئۇنىڭدىن سىرت يەنە شوراش (ئىمىش) رىفلىكىسى، نەپەس ئېلىش رىفلىكىسى قاتارلىقلار بار. كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان رىفلىكىس چۆچۈشتىن ئىبارەت.
8. ئىرسىيەت خارەكتىرلىك گاسلىقنىڭ كېلىنكىلىق ئالاھىدىلىگى نىمە؟
ئىرسىيەت خارەكتىرلىك گاسلىق كۆپۈنچە ھاللاردا نوقۇل ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇسى ھالەتتە كۆرۇلىدۇ، بىر قىسىملىرىدا ئۇنۋىرسال ئالامەت بولىدۇ. CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈگەندە نوقۇل ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرغان بىمارلارنىڭ ئىچكى قۇلاق قۇرۇلمىسىنىڭ يېتىلىشىنىڭ بىنورماللىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. گاسلىقنىڭ ئۇنۋىرسال ئالامەتلىرى يالغۇز ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرىشى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە 20 دىن كۆپرەك تۇغما كەمتۈكلۈكتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: پىگىمىنتلىق كۆرۈش تور پەردىسى، كۆز ئالمىسى ياكى پىشانە پولتۇيۇپ چىقىش؛ ئۇستۇنكى جاغ ياكى ئاستىنقى جاغ سۆڭىكىنىڭ يېتىلىش بىنورماللىقى؛ تۇتاش بارماق، توخۇ تۆش، سوقا باش، تاڭلاي يېرىقى، ئىلمەك بۇرۇن، قوشۇما قاش، پىشانە چاچلىرى ئاقىرىش، باش سۆڭىكى غەيرىلىكى، بۆرەك كېسىلى، ھەرىكەت تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىش، دىئابىت، رەڭدار پەردە غەيرىلىكى قاتارلىقلار كۆرىلىدۇ.
9. دائىم كۆرىلىدىغان گاسلىق قانچە تۈرلۈك؟
1) كېسەللىك پەيدا بولۇش باسقۇچى بويىچە ئايرىغاندا گاسلىق تۇغما گاسلىق ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى گاسلىق دەپ ئىككى چوڭ تۇرگە ئايرىلىدۇ. تۇغما گاسلىق ھامىلە ۋاقتىدا كېسەللىك قوزغاتقۇچى تەرىپىدىن يۇقۇملىنىپ، تۇغما پەيدا بولغان گاسلىقنى كۆرسىتىدۇ؛ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى گاسلىق دىگىنىمىز بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تۈرلۈك كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان گاسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
2) كېسەللىك سەۋەبىدىن قارىغاندا ئىرسىيە خارەكتىرلىك گاسلىق، يۇقۇملىنىش خارەكتىرلىك گاسلىق، دورىدىن كېلىپ چىققان گاسلىق ۋە سىرتقى زەخمىدىن كېلىپ چىققان گاسلىق قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
3) كېسەللىك قوزغاتقۇچىنىڭ ئورنىغا ئاساسەن يەتكۈزۈش تىپىدىكى گاسلىق، سەزگۈ نىرۋا تىپلىق گاسلىق (ئاڭلاش سىزىم نىرۋا تىپىدىكى گاسلىق) ۋە ئارلاشما گاسلىق دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
10. يەتكۈزۈش تىپىدىكى گاسلىق دىگەن نىمە؟
يەتكۈزۈش تىپىدىكى گاسلىق دىگىنىمىز ئاۋازنىڭ قۇلاققا يەتكۈزۈلۈش يولىدىكى توسالغۇدىن كېلىپ چىققان گاسلىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان جاي ئاساسلىقى تاشقى قۇلاق، ئوتتۇرا قۇلاق ۋە دەلىزە دەرىزىسى، قۇلىلە دەرىزىسى قاتارلىقلاردا بولۇپ، قۇلاق بۆلىمىدە دائىم كۆرىلىدىغان كېسەللىكلىرىدىن ئىبارەت. دائىم كۆرىلىدىغىنى ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە تاشقى قۇلاق يولى توسۇلۇپ قېلىش خارەكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى تۆۋەندىكىچە:
1) تاشقى قۇلاق يولىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، تاشقى قۇلاق يولىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش، سەرەڭگە تېلى، چىش كوچىلىغۇچ، چاچ قىسقۇچ قاتارلىق پاكىزە بولمىغان نەرسىلەر بىلەن قۇلاقنى كولاپ يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
2) زۇكامداپ قالغاندا بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىپ نەپەس ئالغىلى بولماي قالىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ كۈچەپ بۇرۇننى كۈچەپ قاقماسلىق، بۇرۇن بوشلىقىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرا قۇلاققا ئېقىپ كىرىپ ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش؛ بۇرۇننى قاققاندا (مىشقارغاندا) بىر بۇرۇن تۆشۇكىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاستا مىشقىرىش، ئىفدىرىن (ما خۇاڭسۇ) تۈرىدىكى بۇرۇن تېمىتمىسىنى تېمىتىپ شىللىق پەردىدىكى ئىششىقنى ياندۇرۇپ ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈپ، ئاجراتما ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىغا قولايلىق يارىتىش؛
3) كىچىك ئايلىق بوۋاقلارغا قارىتا ئانا سۈتىنىڭ بۇرنىغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛
4) سۇ ئۇزۇشتىن ئىلگىرى ۋازلىنغا چىلانغان پاختا بىلەن تاشقى قۇلاق يولىنى ئېتىپ قۇلاققا پاسكىنا سۇ كىرىپ كېتىپ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
5) تاشقى زەخمە، پارتىلاش ئاۋازى سەۋەبىدىن قۇلاق ناغرا پەردىسى تېشىلىپ كەتكەندە تىزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرىنىش، ئاستا خارەكتىرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
6) ئەگەر جىددى خارەكتىرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بولۇپ قالغاندا چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا بېرىپ داۋالىنىپ ئۇزۇل كېسىل ساقايتىش؛ ۋاقىتنى ئۇزارتىۋاتقاندا كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ سوزۇلما خارەكتىرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدۇ.